قاش-تاش ناملىرى بىلەن ئاتالغان جايلار(خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى 45)
خوتەن قاشلىرىنى ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ئارزۇلاپ ،ئەتىۋالاپ ئىشلىتىپ كەلدى؟ئۇنىڭدىكى قانداق سېھرى كۈچ ئۇنى تارىم ۋادىسىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاتتى؟نېمە ئۈچۈن خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى يىلدىن يىلغا ئۆرلەپ ،ئىستىمالچىلار توپى توختاۋسىز كۆپۈيۈپ مېڭىۋاتىدۇ؟كىشىلەر خوتەن قاشلىرىنى نېمە مەخسەت-مۇدىئالار بىلەن سېتىۋالىدۇ؟ئۇنىڭ ئىنسان ماددىيىتى ۋە مەنىۋىيىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى نېمە؟؟؟...
يۇقارقىدەك نۇرغۇن سۇئاللارغا خوتەن قاشتېشىنىڭ ئۆزىدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تېپىش مۈمكىنچىلىكى يوق.چۈنكى ئۇ گۈھەر تاشلارغا خاس ئاددىي بىر قېزىلما بايلىق،خالاس...
يۇقارقى سۇئاللارغا توغرا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن چۇقۇم ئۇزاق تارىخ جەريانىدا شەكىللەنگەن كۆپ قاتلاملىق ،كۆپ مەنبەلىك خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى ئەتراپلىق چۈشۈنۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ئەقىدە قاشگەرلىكىمىز <<خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى >>سەھىپىمىز ئارقىلىق خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى رەتلەپ ،توپلاپ ،تەرجىمە قىلىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.
دىيارىمىزدىكى قاش-تاش ناملىرى بىلەن ئاتالغان جايلار
ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم رەتلەپ توپلىدى
1 . ئۆڭكۈر تاش كەنتى ( پوسكام ناھىيەسىدە )
2 . قارىقاش ناھىيەسى
3 . قارىقاش بازىرى ( قارىقاش ناھىيەسىدە )
4 . قارىقاش دەرياسى ( خوتەندە )
5 . يۈرۈڭقاش دەرياسى ( خوتەندە )
6 . قاش دەرياسى ( غۇلجىدا )
7 . قۇرۇم قاش شەھىرى ( خوتەندە يېڭىدىن قۇرۇلغان شەھەر )
8 . تاشكۆۋرۈك يېزىسى ( غۇلجا شەھىرىدە )
9 . قاش يېزىسى ( غۇلجا ناھىيەسىدە )
10.تاش تۆپە يېزىسى ( توققۇز تارا ناھىيەسىدە )
11.ئاق قاش يېزىسى (قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىدە )
12.تاشقورغان ناھىيەسى
13.تاشقورغان بازىرى
14.تاشقورغان يېزىسى
15.تاش پەلەمپەي قازاق يېزىسى ( قۇتۇبى ناھىيەسىدە )
16.قاشتېشى يېزىسى ( خوتەن ناھىيەسىدە )
17.يۇرۇڭقاش بازىرى ( لوپ ناھىيەسىدە )
18.ئاق تاش يېزىسى ( قۇمۇلدا )
19.قاش دەرياسى جىلغىسى ( نىلقا ناھىيەسىدە )
.........
داۋامى توپلىنىۋاتىدۇ ،ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز
2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى