سودىدا باشقىلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇپ، يوقنى بار قىلىش كېرەك
جېجىياڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى
يىگىرمە بىرىنچى باب
پۇل، كۈچ، لازىملىق نەرسە -كېرەكلەرنى قەرز ئېلىش، قەرز ئېلىشقا
بولىدىغان ھەممەنەرسىنى قەرز ئېلىش كېرەك
*باشقىلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇپ، يوقنى بار قىلىش كېرەك
داڭلىق ئىقتىسادشۇناس يۈ گۇاڭيۈن مۇنداق دىگەن: ئادەم ئۈچ خىل بولىدۇ، بىرى تۇغما ئىقتىدارلىق ئادەم، ئىككىنچىسى تالانتلىق ئادەم، ئۈچىنچىسى بولسا ھاماقەتلەر. كۆپ پۇل خەجلەپ ئاز ئىش قىلغانلار ھاماقەت؛ ئاز پۇل خەجلەپ كۆپ ئىش قىلغانلار تالانت ئىگىسى؛ پۇل خەجلىمەي چوڭ ئىشلارنى قىلغانلار تۇغما تالانتلىقلاردۇر. جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى ھېچنىمىسى يوق ھالەتتىن تەرەققىي قىلغان. ئۆزىنىڭ بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىش، باشقىلارنىڭ بايلىقىدىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇش، بۈگۈنكى بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىش، ئەتىدىكى بايلىقنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش كېرەك.
بۇ خىل قاراشنىڭ يىتەكچىلىكى ئاستىدا، نۇرغۇنلىغان جېجىياڭ سودىگەرلىرى ھىچقانداق مەبلىغى يوق شارائىتتىمۇ تەرەققىي قىلالىغان. ئۇلار ئاز پۇل خەجلەپ كۆپ ئىشقىلىدۇ، پۇل خەجلىمەيمۇ ئىش قىلىدۇ، باشقىلارنىڭ پۇلىنى خەجلەپ ئۆزىنىڭ ئىشنى بېجىرىدۇ، شۇ ئارقىلىق نامراتلىىقتىن بايلىققا ئۆتۈشتەك ھالقىشنى، «يوقنى بار»قىلىشتەك بايلىق رىۋايىتىنى ياراتقان.
ۋۇ چۈنتىڭ خانىم بولسا جېجىياڭ ۋېنجۇلۇق. شاڭخەي چۈنتىڭ كىيىمچىلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئۇ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلىگەن، بەلگىلىك تېخنىكا ئىگەللىگەندىن كىيىن ئۆز ئالدىغا ئىش باشلىغان.
ئىگىلىك يارىتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئۇ ئۆزىنىڭ شىركىتىنى تىزىمغا ئالدۇرمىغان، پەقەت باشقىلارنىڭ شىركىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سودىسىنى قىلغان. بۇ ئۇنى ناھايىتى ھاردۇرۋەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ ھەممىگە بەرداشلىق بەرگەن. كىيىن ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ شىركىتى بولغان، ھەمدە شاڭخەيدىن نەچچە ئون مو يەر سېتىۋېلىپ، خىزمەتچىلىرىمۇ بارغانسىرى كۆپىيىشكە باشلىغان.
جېجىياڭدىكى نۇرغۇن كارخانىلار ئىشنى يېڭى باشلىغان ۋاقىتلىرىدا باشقىلارغا ياردەملىشىپ مەسھۇلات ئىشلەپ بىرىش بىلەن شۇغۇللانغان ياكى ئۆزىنىڭ ماركىسىنى چاپلاپ باشقىلارغا ئىشلەپ چىقارغۇزغان.باشقىلارنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، بەلگىلىك مەبلەغ توپلىغاندىن كىيىن، ئۇلار ئۆزىنىڭ ماركىسىنى يارىتىپ، ئاستا – ئاستا چوڭايغان، كۈچەيگەن.
ئىقتىسادىي كرىزىس مەزگىلىدىمۇ ججىياڭلىق سودىگەرلەر قەرز پۇلغا تايىنىپ داۋاملىق تەرەققىي قىلغان. ئۇلار ھەتتا ھاۋالە، رەنە، شەخسى فوند ۋە قەرز ۋاستىچىلىكى قاتارلىق ھەرخىل يېڭى ئىقتىسادىي تىپتىكى پۇل – مۇئامىلە ئۇسۇللىرىدىن پايدىلانغان.
«باشقىلارنىڭ پۇلىنى خەجلەپ ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىش» بولسا جېجىياڭ سودىگەرلىرى ئارىسىدا بارغانسىرى ئېقىۋاتقان ئۇسۇل. مەبلەغ ناھايىتى جىددى ئەھۋال ئاستىدا، جانلىق، قولايلىق بولغان خەلق ئارىسىدىكى قەرز ئوتتۇرا – كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ مەسىلىسىنى مۇئەييەن دەرىجىدە ھەل قىلدى.
ۋاڭخەينىڭ مۇنداق بىر كەچۈرمىشى بولغان.بىر كۈنى ئۇنىڭغا بىر تېلفۇن كەپتۇ. قارىشى تەرەپ ئۇنىڭغا: « ئون مىنۇت ۋاقتىڭىزنى چىقارسىڭىز، بىز پاراڭلاشقان بولساق» ،دىگەندىن كىيىن ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى ئېيتىپتۇ. ئەسلىدە قارىشى تەرەپنىڭ ئىسمى ۋاڭ جىنشىياڭ بولۇپ، شۇاڭشىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تەپسىلىي تەتقىق قىلغاندىن كىيىن ۋاڭخەي بىلەن ھەمكارلاشماقچى بولغان ئىكەن. شۇنداق قىلىپ ۋاڭخەي ئۇنىڭ بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلىشىشكە كېلىشتى.
ئىككىيلەن كۆرۈشكەندىن كىيىن، ۋاڭ جىنشىياڭ ۋاڭخەيگە: «‹شۇاڭشىڭ› ماركىسى كاۋچۇك ئاياغ، ساياھەت ئايىغى قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى داڭلىق، بىراق خۇرۇم ئاياغ جەھەتتە ئۇنىڭ ئەۋزەللىكى ناھايىتى ئاز. نۆۋەتتە ‹شۇاڭشىڭ›خۇرۇم ئاياغلىرىنىڭ بازار ئىگەللەش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، ‹شۇاڭشىڭ›نىڭ كەلگۈسىنى توسۇپ قويىۋاتىدۇ.» دىدى.
بۇ ۋاقىتتا ۋاڭ جىنشىياڭ دەۋاتقان ئاتالمىش «شىركەت» تە پەقەت ئۆزى يالغۇزلا بولۇپ،زاۋۇت، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسى، خىزمەتچى ۋە سېخ دىگەنلەرنىڭ ھېچقايسىسى يوق ئىدى،ئۇنىڭدا بارى پەقەت «يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيىسى» ئىدى.
كارخانا تىجارىتىدىكى بۇ خىل تەپەككۇر شەكلى ۋاڭخەينى تەسىرلەندۈرگەن. شۇنداق قىلىپ ۋاڭخەي ئۇنى ئىگىلىك يارىتىشتىكى تالانت ئىگىسى، كەلگۈسىدە چوقۇم نەتىجە قازىنالايدۇ دەپ قارىغان.كىيىن ئۇ ۋاڭ جىنشىياڭنىڭ «شۇاڭشىڭ» تاۋار ماركىسىنىڭ تىجارەت ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشىغا قوشۇلغان.
ۋاڭخەي ۋاڭ جىنشىياڭغا : «‹شۇاڭشىڭ› ئازغىنا پۇلغا قاراپ ئولتۇرمايدۇ، ئەگەر بىز خۇرۇم ئاياغ ماركىسىنى ساتساق، پەقەت بىر رايوننىڭ تىجارەت ھوقۇقىلا نەچچە ئون مىليونغا بارىدۇ. ‹شۇاڭشىڭ›نىڭ كۆڭۈل بۆلىدىىغىنى سىزنىڭ ئالتە يىلدىن كىيىن ‹شۇاڭشىڭ›ماركىسىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇش – ئاشۇرالماسلىقىڭىز.» دىگەن.
قىسقىغىنە تۆت ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، ۋاڭ جىنشىياڭ بۇ خىلدىكى تەقلىدىي تىجارەت ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللانغان: ئاۋۋال ئۇ ۋېنجۇغا قايتىپ شىركەت تىزىمغا ئالدۇرغان، كىيىن «شۇاڭشىڭ» خۇرۇم ئاياغلىرىنىڭ سېتىش تورىنى قۇرۇپ چىققان. ھەمدە ئۆزىنىڭ زاۋۇت ئۆيىنى باشقىلارغا ئىجارىگە بېرىۋېتىپ، ئوخشىمىغان خۇرۇم ئاياغ تىپىغا ئاساسەن 20 دىن كۆپ خۇرۇم ئاياغ زاۋۇتىنىڭ ۋاكالىتەن ئىشلەپ بەرگەن ئاياقلىرىغا <شۇئاڭشىڭ >ماركىسىنى چاپلاپ بازارغا سالغان.
قىسقىغىنە تۆت يىلدا ئۇ ئۆزىنىڭ تىجارەت رايونى ئىچىدە 20 دىن كۆپرەك ۋەكالەتچى سودىگەر ۋە 16 تارماق ئورگانغا ئىگە بولغان، ھەمدە مەزكۇر جايدىكى بىر خۇرۇم ئاياغ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىنى سېتىۋېلىپ، نەچچە ئون مىڭ جۈپ خۇرۇم ئاياغ سېتىپ چىقارغان. ئۆزىمۇ ۋېنجۇ خۇرۇم ئاياغ بازىرىدىكى مەشھۇرلاردىن بولۇپ قالغان.
ئىقتىسادىي ساھەدىكى گگانىت شەخىس مورگان ئىلگىرى: «جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغىنى سىياسەت ياكى قانۇن ئەمەس، بەلكى پۇل!» دىگەن.
جېجىياڭ ئىقتىسادىنىڭ شۇنچە تەرەققىي قىلىشى دەل جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ پۇل ۋە ئىقتىسادتىن پايدىلىنىشقا ماھىرلىقى، باشقىلارنىڭ كۈچى ۋە نەرسىسىنى قەرز ئېلىش روھى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بۇ جېجىياڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ھەممىلا ساھەدە زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرگەن.
جېجىياڭ سودىگەرلىرى «قورال، توپ ئوقى بولمىسا،دۈشمەن بىزگە ياساپ بېرىدۇ.» دىگەن كونا قاراشنى ئۆزگەرتتى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا <<پۇل، بايلىق بولمىسا، بىز بازاردىكىنى ئىشلەتسەك بولىدۇ>> دەيدىغان يېڭى قاراشنى ئالماشتۇردى. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەقىل – پاراسىتىگە تايىنىپ قەرز ئالغان «توخۇ» دىن پايدىلىنىپ نۇرغۇنلىغان «ئالتۇن تۇخۇم» لارنى ھاسىل قىلغان، شۇ ئارقىلىق «يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش» تەك ھالقىشنى، «يوقنى بارقىلىش» تەك بايلىق رىۋايىتىنى ياراتقان.
**قايتا قەرز ئېلىشقا ئاسان بولۇشى ئۈچۈن، قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرۇش كېرەك
جېجىياڭ خاڭجۇ ۋاخاخا گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى زوڭ چىڭخۇ ئىلگىرى: «سودا قىلىشتا قەرز ئالغان پۇلنى ھامان قايتۇرۇش كېرەك، قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرغاندا قايتا قەرز ئېلىش ئاسان بولىدۇ. قەرز ئالغان پۇل بىر تىيىن بولسىمۇ، مەن قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرۇشقا ئالدىرايمەن. چۈنكى باشقىلار ئۇنى جىددى ئىشلىتىپ قېلىشى مۇمكىن، بۇمۇ ئادەم بولۇشنىڭ بىر پىرىنسىپى» دىگەن.
جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ تىجارىتىدە بىر ئالاھىدىلىك بار، يەنى ئۇلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك. ئىلگىرى بەزىلەر جېجىياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ نېمىشقا شۇنچە كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىپ مۇنداق بىر ئالاھىدىلىكنى بايقىغان.بۇ ئالاھىدىلىك- ئۇلارنىڭ مەبلىغىنىڭ زور كۆپ قىسىمى خەلق ئارىسىدىن، يەنى ئورۇغ –تۇغقان دوست بۇرادەرلىرىنىڭ قوللىشىدىن كەلگەن ئىكەن.
نۇرغۇنلىغان سودىگەرلەر خەلق ئىچىدىكى مەبلەغنى ئىشلىتىپ، سودا مەبلىغىنى يۈرۈشتۈرۈپ پۇل تاپقاندىن كىيىن،ئاۋۋال ئويلايدىغىنى بولسا قەرزنى قايتۇرۇش، يەنى «قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرغاندا،قايتا ئېلىش ئاسان بولىدۇ.» ئۇلار سودىدا زىيان تارتىپ كەتسىمۇ، «پۇل بولمىسا، جاننىڭ كېرىكى يوق» دىگەندەك ئىشنى ھەرگىز قىلمايدۇ.
جېجىياڭ سودىگەرلىرى قەرزنى ۋاقتىدا ئېلىپ ۋاقتىدا قايتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەبلىغىنى يۈرۈشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ مەبلەغ ئەمەلىي كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماستىن،يەنە ئۆزىنىڭ نەقچوت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق رىقابەتچىلىرىنى ئازايىتقان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كارخانىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئىناۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ،مەھسۇلاتنىڭ سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، بازار ئىگەللەش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن.
جېڭتەي گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى نەن سۈنخۇي: «قەرز ئېلىشتىكى ئىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بىلىم،تالانت ئىگىسى، ئەقىل – پاراسەت ۋە مەبلەغ قەرز ئېلىش مېنىڭچە ھەقىقەتەن ياخشى ئۇسۇل.» دىگەن.
جوۋجاڭ بولسا جېجىياڭ جىنخۇادىكى بىر كارخانىچى. جوۋجاڭ بالىلىق ۋاقىتلىرىدا، ئۇنىڭ ئائىلىسى نامرات بولغاچقا ئوقۇيالمىغان. ئۇ 20 ياشتىن ئاشقاندا ۋېنجۇ بىلەن فۇجۇنىڭ ئارلىقىدا بېرىپ – كېلىپ سودا قىلغان.
بىر قېتىم،جوۋجاڭ نەچچە تۈمەن نەق پۇلنى ئېلىپ فۇجۇغا مال يۆتكىگىلى بارىدۇ. ماشىنىدا بىر ھازا قاقمىغا چۈشۈپ نىشانغا يىتىپ بارغاندىن كىيىن، ئۇلار مال ئېلىشنى باشلاپتۇ. ھەممە ئىش ئادەتتىكىگە ئوخشاش نورمال ئېلىپ بېرىلىۋاتقان شارائىتتا ئويلىمىغان يەردىن مال ئالىدىغان پۇل ئۇشتۇمتۇت غايىپ بولۇپ كېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىكى پىلان بۇيىچە مال تاللاشقا ئامال بولماپتۇ. بۇ ۋاقىتتا كۆپچىلىك ناھايىتى جىددىيلىشىپ كېتىپتۇ، ئۇلار يوقىغان پۇل ئاز بولسىمۇ، بىراق بۇ قېتىمقى مالنىڭ ناھايىتى جىددى ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەن. چۈنكى خېرىدارلار بىلەن ئاللىقاچان توختام ئىمزالانغان بولۇپ،بەلگىلەنگەن ۋاقىتقا تەسىر يەتسە توختامغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن.
كۆپچىلىك نېمە قىلارىنى بىلمەيۋاتقان چاغدا، جوۋجاڭ ئېغىر – بېسىقلىق بىلەن: «بۇ جايدا يۇرتداشلار بارمۇ – يوق قاراپ باقايلى، ئەگەر بولسا ئۇلاردىن قەرز سوراپ تۇرۇپ،ئۆيگە قايتىپ پۇل توپلىغاندىن كىيىن قايتۇرىۋىتەيلى.» دەپتۇ.
بەختكە يارىشا بۇ جايدىن يىراق بولمىغان ئورۇنغا بىر ۋېنجۇنىڭ نومۇرى ئېسىلغان يۈك ماشىنىسى توختىتىلغان بولۇپ، جوۋجاڭ بېرىپ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇلارغا ئېيتىپ،ياردەم قىلىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. ئىككى تەرەپ سۆزلىشىش ئارقىلىق، جوۋجاڭ ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش سودا قىلىدىغانلىقىنى، بىراق ئۇلارنىڭ پەقەت مال ساتىغانلىقىنى ،ئىشلەپچىقارمايدىغانلىقىنى بىلىپتۇ.
جوۋجاڭنىڭ سەمىمىي پوزىتسىيىسىنى كۆرۈپ، قارشى تەرەپ ئۇنىڭغا پۇل قەرز بېرىشكە ماقۇل بوپتۇ،ھەمدە پۇلنى ئۇنىڭغا بېرىپتۇ، بۇ ۋاقىتتا جوۋجاڭ ناھايىتى ھاياجانلىنىپتۇ. شۇنداق قىلىپ جوۋجاڭ مالنى ناھايىتى تېزلا يۆتكەپ بوپتۇ.
ئىككىنچى كۈنى جوۋجاڭ ئائىلىسىدىكى پۇللارنى جۇغلىغاندا ئازراق كېلىشمەسلىك بولۇپ، پەقەت بىر قىسىم پۇلنى ھەل قىپتۇ. ئۇ تۆنۈگۈن پۇلنى چۇقۇم ۋاقتىدا قايتۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن، بىراق بۈگۈن پۇلنى ۋاقتىدا قايتۇرۇشقا ئامالى بولماپتۇ.
ئويلاپ بۇ جايغا كەلگەندە، جوۋجاڭ دەرھال بۇيرۇق چۈشۈرۈپ تۆنۈگۈن قاچىلىنىپ بولغان مالنى چۈشۈرۈشنى ئېيتىپتۇ، ئۇ :< بۇ مالنى ساتمىساق ساتمايلى، توختامغا خىلاپلىق قىلغان پۇلنى خېرىدارلارغا بەرسەك بېرەيلىكى، خەقتىن قەرز ئالغان پۇلنى چوقۇم ۋاقتىدا قايتۇرايلى> دەپتۇ.بۇ ۋاقىتتا كۆپچىلىك ھېچنىمىنى چۈشىنەلمەپتۇ.
جوۋجاڭغا قەرز بەرگەن ئادەم بۇ ئىشنى ئاڭلاپ ناھايىتى تەسىرلىنىپتۇ. ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن جوۋجاڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ، مەبلەغ جەھەتتىكى قىيىنچىلىقنى ئۆز – ئارا ياردەملىشىپ ھەل قىلىدىغان بوپتۇ. ئوخشىمايدىغان يېرى، مەيلى پۇلنى قارىشى تەرەپكە ياكى باشقىلارغا قەرز بەرسۇن، ئۇلار چوقۇم ۋاقتىدا قايتۇرىدىكەن.
خۇددى جوۋجاڭ ئېيىتقاندەك: «تىجارەت قىلىدىغانلارنىڭ مەلىغىنىڭ يۈرۈشىشى دەل پايدىدۇر.ھەركىم مەبلەغ يۈرۈشمەيدىغان ۋاقىتلارغا دۇچ كېلىپ قالىدۇ، بۇ چاغدا باشقىلاردىن ياردەم سورىساق چوقۇم ۋاقتىدا قايتۇرۇش كېرەك، چۈنكى بۇنداقتا ياخشى بولغان ئوبراز تىكلىگىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە شەكىلسىز مەبلەغقە ئېرىشكىلى بولىدۇ، بۇ دەل كارخانا تەرەققىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە. تىجارەتتە قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرۇش بىر سودىنى پۈتتۈرگەنگە قارىغاندا ئادەمگە تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىپ بېرىدۇ.»
تىجارەتتە ساختىلىق ئىشلىتىش، «ساماننىڭ تەكتىدىن سۇ يۈگۈرتۈش»، قەرزنى ئارقىغا سۆرەش پەقەتلا ۋاقىتلىق نەيرەڭۋازلىق خالاس. ئوزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتنى كۆزلىگەندە،كۆز ئالدىمىزدىكى مەنپەئەتنىڭ ئېزىقتۇرۇشىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك، سەمىمىيلىك بولغاندىلا بازارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ۋېنجۇلۇق كارخانىچى رېن ئەپەندىم: «سەمىمىيلىك كارخانىنىڭ كارخانىغا بەرگەن مەسئۇليىتى. رىقابەت جەريانىدا ھەمىشە سەمىمىيلىككە ئېتىبار بەرمەيدىغان شىركەتلەر ۋاقىتنچە بازارنى ئىگەللەش ئۈچۈن، ھەددىدىن زىيادا ۋەدىلەرنى بېرىپ، ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.» دىگەن.
جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ بازاردا پۇت دەسسەپ تۇرىشى ھەم تەرەققىي قىلالىشىدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن كارخانا ئۈچۈن ئىناۋەت تىكلەش ۋە بازارغا ئېرىشىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغانلىقىدا.
*** قەرز ئېلىپ ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش كېرەك، ئۆز – ئارا تولۇقلاپ، مەنپەئەت
يەتكۈزۈش بولسا ئەڭ ياخشى چارە
جېجىياڭ ۋېنجۇدىكى كىيىم – كىچەك توپ تارقىتىش سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىركارخانىچى: «تىجارەتتە بىر ئادەمنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە ئىقتىدارى چەكلىك بولىدۇ،ئەگەر كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنى ئۆزىنىڭ ھەمراھلىرىغا ئايلاندۇرغاندا، ئۆز –ئارا مەنپەئەتلىنىشنى، مەبلەغتىن ئورتاق پايدىلىنىشنى، تېخنىكىدا بىر – بىرىنى تولۇقلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندا بىر قۇدرەتلىك كۈچ ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ – دە،ھەربىر ئادەمنى توختىماستىن تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ.» دىگەن.
كۆپچىلىك ھەممەيلەن جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ «ئۆز – ئارا تولۇقلاش» ئېڭىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇلار ئۆز – ئارا تولۇقلاش، مەنپەئەت بېرىشتەك تىجارەت شەكلىنى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىشلىرىدا شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
جېڭ يۈەنجوڭ بولسا جۇاڭجى گورۇھىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ۋېنجۇنىڭ داڭلىق «ئېلېكتىر ئەسۋابلار پادىشاھى» شەرىپىگە ئېرىشكەندىن كىيىن ، كىيىم –كىچەك كەسپىنى تاللاپ، بىر كىيىمچىلىك شىركىتى قۇرغان، بىراق ئىزچىل تەرەققىي قىلىپ كۈچلىنەلمىگەن.
بىرقېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە جېڭ يۈەنجوڭ ئوخشاشلا كىيىم – كىچەك سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چېنمىڭ بىلەن تونۇشقان. ئىككىيلەن بىر ئاز پاراڭلاشقاندىن كىيىن،ئىككىسىنىڭ بالدۇرراق تونۇشۇشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلغان. شۇنداق قىلىپ ئىككىيلەن مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ۋېنجۇ جۇاڭجى كىيىمچىلىك چەكلىك شىركىتىنى قۇرغان.
ئوزۇن ئۆتمەي ۋۇباڭدوڭمۇ ئۇلارنىڭ سىپىگە قوشۇلغان. ئۈچەيلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىركەتنى ئورتاق باشقۇرغاچقا، كەسىپداشلىرى تەرىپىدىن «ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك»دەپ تەرىپلەنگەن.
ئەينى ۋاقىتتا كىمنىڭ باش مۇدىر بولۇش مەسىلىسىگە نىسبەتەن، ئۈچەيلەن ناھايىتى ئاقىلانىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلغان. پاي نىسبىتى بۇيىچە قارىغاندا، جېڭ يۈەنجوڭ باش مۇدىر بولۇشقا مۇناسىپ. بىراق ئۇ چېنمىڭنىڭ باش مۇدىر بولۇشىدا چىڭ تۇرغان.
چۈنكى، جېڭ يۈەنجوڭ ئېيىتقاندەك: «كىيىمچىلىكنى كىيىم كىچەكنى چۈشىنىدىغان ئادەم كېلىپ قىلىشى كېرەك. چېنمىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ۋېنجۇ كىيىمچىلىك ساھەسىدە بارماق بىلەن سانىغىدەك تالانت ئىگىسى، ھەمدە كىيىمچىلىك سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۇيۇشما باشلىقى،ئۈچىمىزنىڭ ئارىسىدا ئۇ ھەممىدىن بەك ماس كېلىدۇ، ھەم ياش.»
ئۈچەيلەن باشلىنىشتا مۇشۇنداق ئۇيۇشقان. ھەمكارلىق جەريانىدا ئۇلار ئۆز – ئارا تەجىرىبىلەردىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئۆز – ئارا تولۇقلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار بىر – بىرىنىڭ تىجارەت قارىشى، باشقۇرۇش شەكىللىرىنى ئىگەللەشكە ماھىر بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ئاخىرىدا ئىشلىرىنى تېخىمۇ زورايىتقان.
ھەمكارلىشىپ ئۆز – ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش جەريانىدا، جېجىياڭ سودىگەرلىرى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەت ۋە ھېسىيات تەلپىنى قاندۇرۇشنى بىلىدۇ، ھەمدە ھەمكارلىشىپ بېقىشنى خالايدۇ.
ۋېنجۇلۇق بىر سودىگەر: «ئەگەر ئىككى دوست ھەمكارلىشىپ سودا قىلسا، ھەر قېتىمدا 1000 يۈەنلىك پايدا تاپقىلى بولسا، ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنى ئوخشاش بولغان دەپ پەرەز قىلساق. ئۇلار چوقۇم تەڭدىن بۆلۈشىشى كېرەك. بىراق بىر تەرەپ 600 يۈەن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ پۇلنى ئېلىپ كەتتى، بىرەر – ئىككى قېتىم شۇنداق بولسا ھېچقىسى يوق. ئەگەر بۇنداق ئىش تەكرارلىنىۋەرسە چوقۇم يەنە بىر تەرەپنىڭ رازى بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،ھەمدە ئاخىرىدا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىمۇ بۇزۇلۇشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ، بۇ ئەلۋەتتەئىككى تەرەپكە پايدىلىق بولغان نەتىجە ئەمەس.» دىگەن.
ئەينى ۋاقىتتا، 21 ياشلىق سۇجىيەنخۇا نەچچە مىڭ يۈەننى ئېلىپ ۋېنجۇدىن جىنخۇاغا كىلىپ كۆزئەينەك سودىسىنى باشلىغان. ئۇ ئاۋۋال ئىككى مال تەكچىسىنى ئىجارىگە ئېلىپ كۆزئەينەك ساتقان، بىراق سودىسى ئىزچىل ئادەتتىكىچە بولغان.
دۆلەت ئىگىلىكىدىكى دۇكانلارنىڭ رىقابىتىگە نىسبەتەن، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا جىنخۇادا ئەڭ ئىلغار بولغان كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى كومپيۇتېردا تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى كىرگۈزگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ 80 مىڭدىن كۆپرەك قەرز ئالغان بولۇپ، ھەرئايلىق ئۆسۈمىمۇ ئۇنى ھالسىرىتىپ قوياتتى.
بىر قېتىم ئۆي ئىجارىسى تاپشۇرىدىغان پۇلى بولمىغاچقا، كۆز ئەينەك دۇكىنىنىڭ توك مەنبەسى مەجبۇرىي ئۈزۈۋىتىلگەن.
مەبلەغنىڭ بېسىمى ئاستىدا سۇ جىيەنخۇا چېكىنمىگەن، ئەكسىچە بېشىنى كۆتۈرۈپ ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن. تىجارەتنىڭ ئەڭ قىيىنچىلىق ۋاقىتلىرىدا،ئۇ يۇرتدېشىنىىڭ ياردىمىدە يەنە پۇل قەرز ئېلىپ ئېلان تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ئوزۇن مەزگىل بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغاچقا، ئوخشاش كەسىپتىكى نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن تونۇشۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دۇكان ئورنى بولسىمۇ، بىراق تېخنىكىسى بولمىغاچقا، سودىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا قاراپمۇ قويمايدىغانلىقىنى بايقاپتۇ.
سۇجىيەنخۇا ئۆزىدە كەم بولۇۋاتقىنىنىڭ دۇكان ئورنى، ئۇلاردا كەمچىل بولۇۋاتقىنىنىڭ قاتتىق سىناقلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان تېخنىكا ئىكەنلىكىنى ھېس قىپتۇ. ئەگەر بىر نەچچەيلەن ھەمكارلىشىپ تىجارەت كۆلىمىنى كېڭەيىتسە، «بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوققان» دەك ئىش بولاتتى. بۇلارنى ئويلىغاندىن كىيىن ئۇ ئاكتىپلىق بىلەن بۇ ئىشنىڭ پىيىگە چۈشتى.
شۇنداق قىلىپ ئۇ بىر يىللىق يۇقىرى سوممىدىكى قەرزنىڭ پالاكىتىدىن قۇتۇلغاندىن كىيىن،كۆز ئەينەك دۇكىنىنىڭ جىنخۇادا خېلى داڭقى چىقىپ، سودىسىمۇ بارغانسىرى قىزىشقا باشلىدى.
جېجىياڭلىقلار ئۆزىنىڭ ئەقىل – پاراسىتىگە تايىنىپ، ئۆز – ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ياردەم قىلىدىغان تىجارەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن، ھەمدە كەسىپتىكى زور غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن.
*****************************
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى:رەيھانگۈل نىزام
مەنبە:بېيجىڭ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋىرستىتى2013-يىلى 6-ئايدا نەشىر قىلغان خەنچە ‹‹ جېجاڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى››ناملىق كىتاب
2015-يىلى 4-ئاي