A-A+

جاپادىن قورقماسلىق روھى قەدىرلىنىشى كېرەك

2015-يىل 13-سېنتەبىر تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 299 قېتىم

ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى

 6 -باب 1 - پارگىراف 

w0200707133487108540484

بېيىش تەپەككۇرى:

   نامراتلار: ئىگىلىك تىكلەش بەك قىيىن، جاپا تارتىپ ئىگىلىك تىكلىگەندىن تىنچ-خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرگەن ياخشى.

  ۋېنجۇلۇقلار: جاپادىن قورقساق قانداقمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمىز؟ جاپا تارتىشتىن قورقمىساق ئاندىن قەدرىمىز بولىدۇ. << كۈندۈزى شىركەتتە مەن چوڭ خوجايىن ،كېچىسى داق يەردۇر ياتار ماكانىم >> دېگەن مانا مۇشۇ.


   بىر مۇتەخەسسىس ئىگىلىك تىكلەشتىكى زۆرۈر بولغان تۆت نۇقتىنى خۇلاسىلەپ چىققان: ئۇلار تېخنىكا، مەبلەغ، تەجرىبە ۋە ئىختىساسلىق خادىمدىن ئىبارەت. ئەمما دېھقانلاردىن كېلىپ چىققان ۋېنجۇلۇق كارخانىچىلار دەسلەپتە بۇ ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئەمەس بولۇپ، ئۇلاردا پەقەت تىرىشچانلىق، جاپا-مۇشەققەتكە چىدايدىغان روھلار بار ئىدى، ئۆزلىرىنى ئىختىساسلىق خادىم قاتارىدا كۆرەتتى.

   ۋېنجۇلۇقلارنىڭ جاپا-مۇشەققەتكە چىدامچانلىقى تىلغا ئېلىنسا، شىنخۇا ئاگنېتلىقى مۇخبىرى جۇ يۈدەينىڭ خاتىرىسىدە مۇنداق بىر ئەسلىمە ئەكس ئېتىدۇ:

 ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ نۇرغۇن يىللار ئىلگىرىكى ئىش. شىنجاڭنىڭ ئالتاي رايونىدىكى قارلىق تاغ قاپتىلىدا بىر كىچىك ناھىيە بولۇپ، مەن ئۇ جايدا يېرىم يۇرتداش ھېسابلىنىدىغان ۋېنجۇلۇق  موزدۇز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئۇ بىر ئەپكەشنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، بىر بېشىغا موزدۇزلۇق سايمانلىرى، يەنە بىر بېشىغا ئەينەك، چىش پاستىسى قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى قويۇۋالغان ئىدى. مەن ئۇ ئەپكەشنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىقىنى بايقىدىم. ئۇ ماڭا چاغاندىن بۇيان بۇ ئەپكەشنى كۆتۈرۈپ ئەمدىلا ئېرىگەن قار دۆۋىلىرىدىن ئۆتۈپ، يول بويى ئات بىلەن كۆچۈۋاتقان قازاق چارۋۇچىلارغا ئەگىشىۋاتقانلىقىنى ئېيىتتى. چارۋىچىلار كىيىدىغان ئۆتۈك كالا تېرىسىدىن تىكىلگەن بولغاچقا سۇ تېگىپ قالسىلا كاردىن چىقاتتى . بۇ پۇل تېپىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى ئىدى. بىراق ئېغىر يۈك بىلەن پىيادە يۈرىۋاتقان  ئادەم ئاتقا مىنىپ كۆچۈۋاتقان كىشىلەرگە قانداقمۇ يېتىشەلىسۇن؟

-مۇشۇنداق يۈرۈپ پۇل تاپالامدىكەنسىز؟ ، مەن ئۇنىڭدىن سورىدىم. بۇ يۇرتداش ئاياغ، پايپاقلىرىنى سېلىپ قاپىرىپ قاداق بېسىپ كەتكەن پۇتىنى كۆرسەتتى، ئاندىن ئۆز-ئۆزىگە< بىز قان-تەرىمىز بىلەن پۇل تاپىمىز، جاپا-مۇشاقەتكە  پىسەنت قىلمايمىز >دېدى. ئۇ ئۈچ يىلدىن بۇيان  ئۆيىگە قايتمىغان بولۇپ، مەندىن بېيجىڭغا قايتقاندىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەرگە خەت سېلىپ بېرىشىمنى ئۆتۈندى، مەن قوشۇلدۇم. بىراق ئىككىنچى كۈنى مەن بارغاندا ئۇ ئاللىقاچان كېتىپ قالغان ئىدى.»

   نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ۋېنجۇلۇقلارنىڭ جاپا-مۇشەققەتكە چىدايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇلار كۈندۈزى خوجايىن بولۇپ، كېچىسى داق يەردە ئۇخلىيالايدۇ. ئۇلار ھەر قانداق جاپاغا تەييار، ھەر قانداق جاپالىق ئىشنىمۇ قىلىدۇ. باشقىلار قىلىشنى خالىمايدىغان پاختا ئېتىش، ئاياغ ياماش، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى تەييارلاش، ئاچقۇچ ياساش  قاتارلىق ئىشلارنى ئۇلار تالىشىپ قىلىدۇ؛ باشقىلار تارتىشنى خالىمىغان جاپانى ئۇلار تارتىشنى خالايدۇ، تەرەپ-تەرەپكە چېپىپ يۈرۈپ قىلىدىغان، باشقىلارنىڭ يۇرتىغا بېرىپ قىلىدىغان ئىش بولسىمۇ قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار «جاپا تارتىشنى بىلمىگەنلەر سودا قىلالمايدۇ»، «جاھاندا بېكارلىق نەرسە يوق» دېگەن قائىدىلەرنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ، باي بولماقچى بولىدىكەنسىز چوقۇم جاپاغا چىدىشىڭىز كېرەك.

  چاڭشانىڭ كەسپىي بازارلارنى  باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىكى بىر مەسئۇل مۇنداق دېگەن: «ۋېنجۇلۇقلار سودىغا ئۇستا، چاڭشالىقلار ئۇلارغا يەتمەيدۇ، بۇنىڭدىكى سەۋەب ۋېنجۇلۇقلار جاپاغا چىدايدۇ.»

   نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ۋېنجۇلۇقلارغا شۇنداق باھا بېرىدۇ: «ئۇلار داق يەردىمۇ ئۇخلىيالايدۇ، يەنە خوجايىن بولالايدۇ.»

   يەنە مۇنداق باھالارمۇ بار: «ھەممەيلەن ۋېنجۇلۇقلارنىڭ سودىغا ئېپى بارلىقىنى بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ خىل تەرەققىيات روھى ۋە تەۋەككۈلچىلىك روھىنىڭ يىلتىزى -دەل ئۇلاردىكى جاپاغا چىداش روھىدۇر .»

   2005-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، ۋېن جياباۋ زۇڭلى ئىتالىيەنىڭ رىم شەھىرىدە جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى لى مېيشېڭ ۋە باشقا 40 دىن كۆپرەك ۋېنجۇ تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ بىلىشىمچە، بۈگۈن كۆرۈشۈشكە كەلگەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ۋېنجۇلۇق سودىگەرلەر. ۋېنجۇلۇقلار ياراملىق كېلىدۇ. ئىتالىيەلىكلەر ئۆزلىرىدە توققۇز ئادەمنىڭ ئىچىدە بىر كارخانا بارلىقىنى ئېيىتتى. مەن بىزنىڭ ۋېنجۇلۇقلارنىڭ ھەر  بىرى  بىردىن  كارخانىنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ دەپ پەخرلىنىمەن. ئەمەلىيەتتە ۋېنجۇلۇقلارنىڭ جاپاغا چىداشتىن ئىبارەت بۇ خىل روھى بىر خىل ئىگىلىك تىكلەش روھىدۇر. مەن ئەينى ۋاقتتا سىلەرنىڭ بۇ يەرگە چىققاندا قانچىلىك جاپادا ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن، بۈگۈن كۆپچىلىك ناھايىتى رەتلىك كىيىنىپتۇ، ئەمما ئەينى يىللىرى قانچىلىك جاپا چەككەنلىكىڭلار ماڭا ئايان، ياقا يۇرتتا بۈگۈنگىچە كەلمەك ئاسان ئەمەس. ۋېنجۇلۇقلار جاپاغا چىدايدۇ، ھەمدە ۋايسىمايدۇ، مانا بۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە روھىدۇر.»

   شەنشى تەييۈەن خۇابېي كىيىم-كېچەك شەھەرچىسىنىڭ باش دىرېكتورى سۇ دېشىڭ ۋېنجۇ لېچىڭدىن، ئۇ 15 ياش ۋاقتىدا شەنشىگە كەلگەن بولۇپ، دەسلەپتە ياغاچچىلىق قىلغان. كېيىن

ئۇ شەنشىدە كىيىم-كېچەك سودىسىنىڭ يۇشۇرۇن بازىرى بارلىقىنى كۆرۈپ كىيىم-كېچەك

سودىسى قىلىشنى باشلىغان. سودىسىنىڭ بارغانسېرى چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچىمۇ ئېشىپ بارغان.

   1994-يىلى ئۇ ئەسلىدىكى تەييۈەن شەھەرلىك قوراشتۇرۇش شىركىتىنىڭ ئورنىغا تەييۈەن شەھىرى بويىچە ئەڭ چوڭ خۇابېي كىيىم-كېچەك شەھەرچىسىنى سالغان. ھازىر بۇ سودا شەھەرچىسى تەييۈەندىكى ئەڭ چوڭ سودا شەھەرچىسى بولۇپ، 1000 دىن ئارتۇق سودىگەر تىجارەت قىلىدۇ.

  ئۇنىڭدىن «شەنشىلىكنىڭ پۇلىنى نېمىشقا باشقىلار تېپىپ كەتتى؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ مۇنداق دېگەن: «پۇرسەت ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر. بىز ۋېنجۇلۇقلارنىڭ باشقىلاردىن ياخشى قىلىشىمىزدىكى سەۋەب ھەرگىزمۇ بىزنىڭ باشقىلاردىن ئەقىللىق ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرمەيدۇ، ئاساسلىقى بىز جاپاغا چىدايمىز. تىجارەتتە بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن تىرىشىش كېرەك، مەنمۇ ياي

ما ئېچىشتىن باشلاپ تىجارىتىمنى يۈكسەلدۈرگەن.»

   ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ يۇرتىمىزدا بىر ئادەم ھەر كۈنى بېكار يېتىپ ئىش قىلمىسا، باشقىلار ئۇنى كۆزگە ئىلمايدۇ. مېنىڭ بىر يۇرتدېشىم تەييۈەندىكى ئازادلىق سارىيىنىڭ ئالدىدا باشقىلارنىڭ ئايىغىنى ياماپ يەتتە يىل جەريانىدا 400 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپتى. سىزنىڭچە ئاياغ ياماشقا قانچىلىك تېخنىكا كەتمەكچى ئىدى؟»

   جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەتقىقات ئورگىنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ چۈنگۇاڭ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ فىرانسىيەدە كۆرگەنلىرىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن.

   «بىر قېتىم فىرانسىيەگە كاماندىروپكىغا چىقتىم، بىر نەچچە فىرانسىيەلىك ماڭا ۋېنجۇلۇقلارنىڭ جاپاغا چىدايدىغان روھىغا قايىل ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. ۋېنجۇلۇقلار كەلگەندە ھېچنىمىنى بىلمەيىتتى، ھەتتا فىرانسۇز تىلىنىمۇ چۈشەنمەيىتتى. ئەمما ئۇلار جاپاغا چىدايدىغان

روھىغا تايىنىپ پۇل تېپىپ بايلىقىنى كۆپەيتكەن. ئۇلار دەسمايە توپلىۋالغاندىن كېيىن ئۆز ئالدىغا دۇكان ئېچىشقا باشلىغان. ئۇلار خوجايىن بولماقچى بولسا چوقۇم جاپاغا چىداپ ئەمگەك قىلىشى لازىملىقىنى بىلەتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار فىرانسىيەدە مىليونېر، مىليادىرلارغا ئايلانغان.»

   دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق ئىقتىسادشۇناسى فېي شياۋتۇڭ ئىلگىرى بىر پارچە ماقالىسىدە ياقا-يۇرتلاردا ۋېنجۇلۇقلارغا ئۇچراپ قالغان كەچۈرمىشىنى يازغان: «ئۇ 1937-يىلى ياز پەسلى ئىدى، مەن لوندوندىن بېرلىنغا بېرىپ ئاكام بىلەن تەتىل ئۆتكۈزمەكچىدىم. بىر كۈنى بىر ئادەم ئىشىكنى چەكتى، ئېچىپ قارىسام سومكا كۆتۈرۈۋالغان جۇڭگولۇق ئىدى. باشقىلارنىڭ دۆلىتىدە يۇرتدېشىمغا يولۇقۇپ قالغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم، ئەمما بىزنىڭ شېۋىمىز ئوخشىمىغاچقا پاراڭلىشالمىدۇق، ئۇ ئەدەب بىلەن ئىگىلىپ تازىم قىلغاندىن كېيىن سومكىسىنى ئېچىپ ئىچىدىكى كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى كۆرسەتتى، قارىماققا ئۇ بىزگە نەرسە ساتماقچىدەك قىلاتتى. ئۇ كەتكەندىن كېيىن، ئاكام ماڭا بېرلىن، پارىژ قاتارلىق شەھەرلەردە بۇنداق سودىگەرلەرنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنى ئېيىتتى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ۋېنجۇ، چىڭتيەن قاتارلىق جايلاردىن كېلەتتى. دەسلەپتە ئۇلار چىڭتيەننىڭ تاشلىرىنى يۈدۈپ ئوكياندىن ئۆتۈپ، ئىتالىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق جايلاردا تاش ئويمىچىلىقى قىلاتتى. تاشنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن، باشقا ئۇششاق سودىلارنى قىلاتتى. بۇلار ھەربىر ئائىلىگىچە بېرىپ ئەدەب بىلەن سودا قىلاتتى-دە، شۇ ئارقىلىق پۇل تاپاتتى.»

   ئۆز يۇرتى، ھەتتا دۆلىتىدىن ئايرىلىپ تاغ-داۋانلاردىن ھالقىپ باشقىلارنىڭ يۇرتىغا بېرىش پەقەتلا تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن ئىدى. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر چەتئەللەردە ئۇچرايدىغان

ئىشلارنى بىلمەيدۇ، تىل بىلمەسلىك، تۇرىدىغان جاي بولماسلىق، كەمسىتىشكە ئۇچراش قاتارلىقلار جىسمانى  جەھەتتىكى ئازابلا بولماستىن، يەنە روھى جەھەتتىمۇ چىدىماق تەس. ئەمما بۇ خىل جاپالارغا ۋېنجۇلۇقلار چىدايدۇ.

 فېي شياۋتۇڭ ئەپەندى ئۆزىگە ئۇچرىغان ۋېنجۇلۇق ئادەمنى ئەسلىگەندە ھاياجان بىلەن مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىك تۇرمۇشىنى چۈشەندىم، ئەمما ئۇلارنىڭ چىرايىدىن ۋايساش ئالامەتلىرى كۆرۈنمەيىتتى.»

   بىراق نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، ۋېنجۇلۇقلارنىڭ جاپاغا چىدايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى نامراتلىق، ئۇلار نامرات بولغاچقا مەجبۇرىي جاپا تارتىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خاتا قاراش.

   نۇرغۇنلىغان ۋېنجۇلۇقلار تۇرمۇشى ناھايىتى ياخشى بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئىستىلى ئۇلارنى راھەتلىك تۇرمۇشتىن كېچىپ توختىماستىن تىرىشىشقا،جاپا-

مۇشەققەت ئىچىدە تاۋلىنىشقا يىتەكلەيدۇ.

   1990-يىلى دۆلەت ئىچىدە بەلگىلىك غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن لى رۇلۇڭ 20 مىڭ دوللارنى ئېلىپ فىرانسىيەگە بېرىپ ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولىدۇ. گەرچە ئۇ ئۇچرايدىغان قىيىنچىلىقلىرىغا قارىتا تەييارلىق قىلىپ بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ قىيىنچىلىقلىرى ئويلىمىغان يەردىن چىققان.

   دەسلەپتە تىل بىلمىگەچكە نۇرغۇن جاپا تارتقان؛ ئارقىدىن ئۇنىڭ قانۇنسىز سالاھىيىتى ئۇنى سەرگەردانلىق تۇرمۇشىغا باشلىغان.

   فىرانسىيەگە دەسلەپ كەلگەندە، لى رۇلۇڭ خۇرۇم سومكا ئىشلەشكە تايىنىپ جاپادا يىغقان 200 مىڭ فىرانىكتىن كۆپرەك پۇلى بىر توپ ئالدامچىلارنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيەت بېجىرىمىز دەپ ئالدىشى بىلەن سورۇلۇپ كەتكەن. ئەينى ۋاقتتا لى رۇلۇڭنىڭ كىچىك ھاممىسى ۋە ئىككى ئوغلىمۇ فىرانسىيەگە كەلگەن، ئۇلار تۇرىدىغان ئۆي تاپالمىغاچقا تۆت ئادەم توققۇز كىۋادرات مېتر كېلىدىغان ئۆيدە قىستىلىشىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن، شۇ ۋاقتتىكى ھېسىياتنى ئۇ ئۆزىلا بىلىدۇ. چۈنكى دۆلەت ئىچىدە ئۇنىڭ دەسلەپكى كۆلەمدىكى كارخانا ۋە 400 كۋادرات مېترلىق ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسى بار ئىدى. بىراق ئۇ چەتئەللەردىكى ئەركىن سودا ۋە ئىلغار تىجارەت قاراشلىرىنى ئۆگىنىۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى.

   «ۋېنجۇلۇقلارنىڭ نىشانى ناھايىتى ئېنىق، جاپا تارتىشتىن قورقمايدۇ. كۈندۈزى خوجايىن بولسىمۇ كەچلىرى داق يەردە ئۇخلايدۇ. غەلبە قازىنىدىغانلا ئىش بولسا ھېچقانداق جاپادىن قورقمايدۇ. دەل بۇ خىل جاپاغا چىداش روھى لى رۇلۇڭنىڭ داۋاملاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولغان.

   كېيىن ئۇ ئىسپانىيەلىكلەر كېرەك قىلماي تاشلىۋەتكەن پارچە خۇرۇملارنى ئېلىپ كېلىپ بەل سومكسى ئىشلىگەن. ئويلىمىغان يەردىن ئۇ ياسىغان سومكىلار ئىستېمالچىلارنىڭ ياختۇرۇشىغا ئېرىشكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ئىشلىرى يەنە يۈرۈشۈشكە باشلىغان.

   بىراق ئۇ تىجارىتىنى كېڭەيتىشنى قارار قىلغان ۋاقتتا يەنە ئاۋارىچىلىققا ئۇچراپ بۇلاپ كېتىلگەن، توپلىغان 70 مىڭ فىرانىكىمۇ يوقىغان.

   ئەمما ئۇ بۇلاردىن قورقۇپ قالماي داۋاملىق تىرىشقان.

   بىر قېتىم ئۇ يېڭى پاسوندىكى سومكىنى كۆرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى قارار قىلىدۇ، ھەمدە شياڭگاڭدىن ئىشلەپچىقىرىش بازىسى تاپىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر قېتىم مال كەلگەندە، ئۇنىڭ كىچىك دۇكىنىغا خېرىدارلار پاتماي قالىدۇ. مۇشۇ تەرىقىدە ئۇ نەچچە ئون مىليون يۈەن مەبلەغ توپلايدۇ.

   «ھەربىر ئادەمگە پۇرسەت كېلىدۇ، مۇھىمى سىزنىڭ ئۇنى تۇتۇۋېلىش-تۇتالماسلىقىڭىزدا.» لى رۇلۇڭ ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش سەۋەبىنى يۇقارقىدەك چۈشەندۈرگەن. ئەمەلىيەتتە جاپاغا چىداش روھىمۇ لى رۇلۇڭنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. لى رۇلۇڭ مۇنداق

دېگەن: «ئادەم ھەرگىزمۇ ھازىرقى ھالىتىگە قانائەتلىنىپ قالسا بولمايدۇ، ئەڭ قىيىن ۋاقتلار بولسىمۇ مەن تاللىشىمنىڭ توغرىلىقىغا ئىشىنىمەن.»

   ئۆزىگە ئىشىنىش، بوشاشماستىن نىشانىنى قوغلىشىش كېرەك، قىيىنچىلىق ۋە جاپادىن

قورقماسلىق كېرەك، بۇ خىل روھ ئۆز قىممىتىمىزنى يارىتىدۇ.

   سى ماچيەن مۇنداق دېگەن: «تىرىشقاندا يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىدۇ، بوشاشمىغاندا چوڭ غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.» بۇ دېگەنلىك دەسمايىسى بولمىغان كىشى ئاۋال ئۆزىگە تايىنىپ مەبلەغ توپلىشى كېرەك دېگەنلىكتۇر، ئانچە-مۇنچە مەبلەغ توپلىغان كىشىمۇ ئەقل-پاراسىتىگە تايىنىپ بايلىق يولىنى كېڭەيتىشى، پۇل تاپقانلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تېخىمۇ تىرىشىشى كېرەك. بۇ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېلىپ بارىدىغان ئورتاق قائىدە.

  جۈنياۋ گۇرۇھىدىكى ۋاڭ جۈنياۋ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: «نۇرغۇنلىغان كىشىلەر مېنىڭ بۇ ھالەتكە كەلگەنلىكىمنى كۆرۈپ بارىكاللا ئېيتىشىدۇ، بىراق ھېچكىممۇ

بۇ بارىكاللانىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان 20 يىللىق جاپا-مۇشەققىتىمنى بىلمەيدۇ.»

  شۇنداق، بىر ئادەم مۇۋەپپەقىيەت قازانماقچى بولىدىكەن چوقۇم بەدەل تۆلىشى كېرەك، ئەگەر ئازراقمۇ جاپا تارتىشنى خالىمىغاندا بايلىقمۇ بۇ ئادەمگە قارىمايدۇ. نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، ۋېنجۇلۇقلارنىڭ باي بولۇشىدىكى سەۋەب ئۇلار جاسارەتلىك، ساختا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرالايدۇ، كاللسىى ئىشلەيدۇ، باشقىلار ئويلىمىغاننى ئويلىيالايدۇ. ئەمەلىيەتتە باي بولۇشتىكى تۈپكى يول جاپا-مۇشەققەتكە چىداشتىن ئىبارەت. جاپا-مۇشەققەت ئادەمنى تاۋلايدۇ، قەدىمىلەر بۇ سۆزنى ناھايىتى توغرا ئېيىتقان.

   ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:

  ئىگىلىك تىكلەش يولىدا نۇرغۇنلىغان ئىسسىق-سوغۇقنى باشتىن كەچۈردۈم، باشقىلار قىلىپ باقمىغاننى قىلدىم، باشقىلار تارتمىغان جاپانى تارتتىم.

-ئاۋكاڭ گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ جېنداۋ

 پۇرسەت ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر. سېلىشتۇرۇپ ئېيىتقاندا، ۋېنجۇلۇقلارنىڭ سودا مەيدان

لىرىدا غەلبە قىلىشىدىكى سەۋەب ئۇلارنىڭ باشقىلاردىن ئەقللىق بولغانلىقىدىن ئەمەس،

بەلكى جاپا-مۇشەققەتكە چىدىيالىغانلىقىدا.

-تەييۈەن خۇابېي كىيىم-كېچەك شەھەرچىسىنىڭ باش دىرېكتورى سۇ دېشىڭ


مەنبە: 时事出版社   نەشىر قىلغان

<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب

2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى

 ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ