A-A+

بايلار ئاخىرىغىچە ئۆز مەۋقەسىدە چىڭ تۇرىدۇ

2016-يىل 30-ئاپرېل مىليادىرلار باھا يوقكەن زىيارەت: 271 قېتىم

6832D6D2671DDEA133AA611B8DD62627

سۈرەتتە : شىياڭگاڭ شۈياڭ گوروھىنىڭ قۇرغۇچىسىى ، ئۇيۇنچۇق شاھى ، مىليادىر سەي جىمىڭ


ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى

مەيلى ئادەم بولۇش ياكى ئىش قىلىشتا بولسۇن، بىر ئىشنى ئاخىرغىچە قىلىش ئۈچۈن داۋاملاشتۇرۇشنى بىلىش لازىم.چۈنكى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرالايدىغان ئادەملا ئاندىن قاتمۇقات بوران - چاپقۇنلاردىن ئۆتۈپ ھەسەن - ھۈسەننى كۈتۈۋالالايدۇ. ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى ھەر بىر قىيىنچىلىق بىرسىناق. پەقەت ئاخىرغىچە چىڭ تۇرۇپ ۋاز كەچمىگەن ئادەملا سىناقتىن ئۆتەلەيدۇ ھەمدە تېخىمۇ مول بولغان تەجىرىبە -ساۋاق ۋە ئەقل - پاراسەتكە ئېرىشەلەيدۇ.

قىينچىلىققا ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىش بىر خىل ئاكتىپ پوزىتسىيە. بىر خىل ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان كۈچ. چۈنكى ئۇ بىر «يارىماس» نى مۇنەۋۋەر ئادەمگە ئايلاندۇرالايدۇ.ھازىرقى رىقابەت كەسكىن بولغان دەۋردە بىز ھەر ۋاقىت ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشىمىزمۇمكىن. ئەگەر بىزدە ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئىرادە بولمىسا، ئادەتتىكى ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. ھەتتا مەغلۇبىيەتچىگە ئايلىنىپ قالىمىز.شۇڭىلاشقا بەرداشلىق بېرىشنى ئۆگىنىشىمىز، قىينچىلىق ئىچىدە «ئېقىنغا قارشى ئۆرلەش» كە جۈرئەت قىلىش لازىم. بۇ بىزنى دەۋرنىڭ كۈچلۈكلىرىگە ئايلاندۇرىدۇ!

قەدىمكى گىرتسىيەنىڭ مەشھۇر پەيلاسوپلىرىدىن بىرى بولغان سوقراتنى كىشلەر «پەلسەپە پىرى»دەپ ئاتايدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، سوقراتنىڭ ئەپلاتوننى ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىسى قىلىپ تاللىشىدىكى سەۋەبى بىر ئاپلىسىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. چۈنكى سوقرات بىر ئاپلىسىن ئارقىلىق، ئەپلاتوننىڭ ئاخىرغىچە چىڭ تۇرالايدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەن. سوقراتنىڭ قارىشىچە ئىلىم تەھسىل قىلىدىغان ئادەم، ئەگەر ئاخىرغىچە چىڭ تۇرىدىغان روھى بولمىسا، كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئالىم بولالمايدىكەن.

قۇياش ئىللىق نۇر چاچقان بىر سەھەردە، ئۇستاز سوقرات بىر دانە ئاپلىسىننى ئېلىپ سىنپقا كىرىپتۇ. ئۇ بۇ سىنىپقا بىر ئاغرىپ قالغان دوستىنىڭ ئورنىغا بىر سائەت دەرس سۆزلەش ئۈچۈن كىرگەن ئىكەن. سوقرات ئاپلىسىننى ئېلىپ سىنپقا كىرگەن ۋاقىتتا، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ھەيران قاپتۇ. چۈنكى ئۇلار يېڭى مۇئەللىمنىڭ بىر دانە ئاپلىسىننى ئېلىپ سىنپقا كىرىپ نىمە ئىش قىلدىغانلىقىنى پەرەز قىلالماپتۇ.

سوقرات قولىدىكى ئاپلىسىن ھەققىدە چۈشەنچە بەرمەپتۇ. ئەكسىچە ئۇدۇل مۇنبەرگە چىقىپ دەرس سۆزلەپتۇ. سۆزلەپ يېرىمىغا كەلگەندە،سوقرات تۇيۇقسىز: «سىلەر ئاپلىسىننىڭ خۇشپۇرىقىنى پۇرىدىڭلارمۇ-يوق؟» دەپ سوراپتۇ.

سوقراتنىڭ سۇئالىغا ئۇقۇغۇچىلار يەنە بىر قېتىم ھەيران بوپتۇ. چۈنكى ئۇلار مۇئەللىمنىڭ نىمىشقا بۇنداق سۇئال سورايدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن. ئۇقۇغۇچىلار كۇسۇلداشقا باشلاپتۇ. ئۇلار مۇئەللىمنىڭ مەقسىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۋالغاندىن كىيىن جاۋاپ بېرىشنى ئويلىغان ئىكەن. لېكىن ئوقۇغۇچىلارمەسلىھەتلىشىپ ئورتاق بىر جاۋابنى چىقىرىپ بولالمايلا، سوقرات ئالدىنقى رەتتىن باشلاپ بىر - بىرلەپ سوراشقا باشلاپتۇ.

بىرىنچى بولۇپ سورىغان ئوقۇغۇچى ئىككىلەنگەن ھالدا : «مەن ئاپلىسىننىڭ پۇرقىنى پۇرىدۇم»دەپتۇ. ئىككىنچى ئوقۇغۇچى جاۋاب بەرگەندىمۇ ئىككىلىنپتۇ، ئەمما ئۇ بىرىنچى بۇلۇپ جاۋاپ بەرگەن ئادەم بىلەن ئارلىقىم  يېقىن بولغاندىكىن، ئۇ پۇرىسا ئەلۋەتتە مەنمۇ پۇرىشىم كېرەك، دەپ ئويلاپتۇ-دە: «شۇنداق مەنمۇ ئاپلىسىننىڭ پۇرىقىنى پۇرىدۇم» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. شۇنىڭدىن كىيىن كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئالدىنقى ئىككى ئوقۇغۇچىغا ئوخشاش جاۋاپ بېرىپتۇ. يەنى ئۇلارمۇ ئاپلىسىننىڭ پۇرىقىنى پۇراپتۇ.چۈنكى ئۇلار باشقىلار پۇرىغاننى بىزمۇ پۇرىشىمىز كېرەك دەپ ئويلاپتۇ. شۇڭا گەرچە ئۇلارنىڭ ئىچىدە  بىرەرسىمۇ ئاپلىسىن پۇرىقىنى پۇرىمىغان بولسىمۇ شۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ. ‹ ھەقىقەت دائىم ئاز ساندىكى كىشلەرنىڭ قولىدا بولىدۇ› دىگەندەك بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بەرگەن جاۋابى كۆپچىلىكنىڭكىگە تۈپتىن ئوخشىماپتۇ.ئۇ قەتئىيلىك بىلەن «ياق، مەن ئاپلىسىننىڭ پۇرىقىنى پۇرىمىدىم! » دەپتۇ،ئۇ ئەپلاتۇن ئىدى.

دەرسخانىنى بىر ئايلىنىپ سۇئال سوراپ چىققان سوقرات مۇنبەرگە قايتىپ كىلىپ، «بۇ بولسا مەن ئەتىگەن دەرەختىن ئۈزۈۋالغان ئاپلىسىن. مەن ئۈزگەن ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئۈستىدە تېخى شەبنەم بار ئىدى. مەن ئۇ چاچقان خۇشپۇراقنى پۇرىغان، ئۇنىڭ پۇرىقى گۇلنىڭكىدىنمۇ  كۈچلۈك ئىدى. لېكىن ھازىر بىر ئوقۇغۇچى ئۇنى پۇرىيالمىدى. بۇ نېمىدىگەن ئېچىنىشلىق ئىش-ھە! مەن  ساڭا خۇشپۇراق ھەدىيە قىلغان ئىدىم، لىكىن سەن پۇرىيالمىدىڭ!» دەپتۇ.

سوقرات گېپىنى دەپ بولۇپلا  ئەپلاتۇنغا نەزەر سېلىپتۇ. لىكىن ئۇ بېشىنى تۆۋەن سالمىغان بولۇپ، ئەكسىچە ئورنىدىن تۇرۇپ جەزملەشتۈرگەن ئاۋازدا: «مۇئەللىم، مەن ھەقىقەتەن ئاپلىسىننىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالمىدىم» دەپتۇ.

«سېنىڭ بۇرنۇڭدا  مەسىلە بارمۇ؟ نېمىشقا پۈتۈن سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار پۇراپ، سەنلا پۇرىيالمايسەن؟- مۇنبەرگە چىق،ئەستايىدىل پۇراپ باق. بۇ ئاپلىسىندا زادى پۇراق بارمۇ - يوق!» سوقرات ئازراق ئاچچىقلانغان ھالدا ۋارقىراپتۇ.

ئەپلاتۇن سوقراتنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ مۇنبەرگە چىقىپتۇ. ئۇ ئاپلىسىننى قايتا پۇرىغاندىن كىيىن، يەنە بىر قېتىم جەزملەشتۈرگەن ئاۋازدا «مەن راستىنلا ئاپلىسىننىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالمىدىم. بۇ ئاپلىسىندا مەسىلە بارمۇ - قانداق؟» دەپتۇ.

ئۇنىڭ گۇمانلانغان چىرايىغا قاراپ سوقرات كۈلۈمسىرىگەن ھالدا : «سېنىڭ جاۋابىڭ توغرا. سېنىڭ گۇمانلىنىشىڭنىڭمۇ ئاساسى بار، چۈنكى ئۈستەل ئۈستىدىكى بۇ ئاپلىسىن ئەسلىدىنلا ھەقىقى ئاپلىسىن ئەمەس، ئۇ ساختا ئاپلىسىن، مەن پەقەت كىمنىڭ توغرا پىكىردە ئاخىرغىچە چىڭ تۇرالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىشنى ئويلىغان! چۈنكى پەقەت ئاخىرغىچە چىڭ تۇرالايدىغان ۋە داۋاملاشتۇرالايدىغان ئادەملا ھەقىقى پەيلاسوپ بولالايدۇ!»،دەپتۇ.

سوقراتنىڭ ئۇقۇغۇچىلىرىنى تەربىيلىگەن ھېكايىسىدىن كۆرۈشكە بولىدۈكى، ئاخىرغىچە چىڭ تۇردىغان پەزىلەت بىزنىڭ غەلبە قىلىشىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. پەقەت بىز ئاخىرغىچە چىڭ تۇرساقلا ئوڭۇشسىزلىق ھالىتىدىن چىقىپ، تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتەلەيمىز. شۇنىڭ بىلەن ھەقىقى بىر بايغا ئايلىنالايمىز.

بايلىقنىڭ بايانى:

ئوڭۈشسىزلىققا ئۇچرىغاندا كىشلەر ئەقىل - ئىدراكىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك ھەمدە ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇردىغان ئىرادىسى بىلەن بۆسۈش ئېغىزىنى تېپىشى، ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن ئوڭۈشسىزلىققا يۈزلىنىشى كېرەك. بۇ بولسا ئوڭۈشسىزلىقنى يېڭىشنىڭ ھالقىسى،شۇنداقلا ھەقىقى بايغا ئايلىنىپ نامراتلىقنى چۆرۈپ تاشلاشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 2-قىسمىدىن ئېلىندى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ