ئوخشاش كەسپتىكىلەر ھەرگىزمۇ دۈشمەن ئەمەس
ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى
5 - باب 3 - پارگىراف
بېيىش تەپەككۇرى:
نامراتلار: بازار ئىقتىسادىي بولسا رىقابەتنىڭ مەھسۇلى، رىقابەت بولغان ئىكەن چوقۇم رەقبلەر بولىدۇ، ئوخشاش كەسپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆر-ئارا رىقابەتچى، ھەرگىزمۇ رىقابەتچىسىگە قارىتا ھوشىيارلىقنى بوشاشتۇرۇپ قويماسلىق كېرەك.
ۋېنجۇلۇقلار: ئوخشاش كەسپتىكىلەر ھەرگىزمۇ دۈشمەن ئەمەس، تىجارەتتە رىقابەت بولىدۇ، ئەمما رىقابەتتە چوقۇم سۈپەتنى تەكىتلەش كېرەك، مۇۋاپىق رىقابەت چوقۇم ئوخشاش كەسپتىكىلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش بولۇشى، كۆپچىلىك بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئۆز-ئارا ياردەم بېرىشى كېرەك،شۇنداق بولغاندىلا تىجارەتتە ئاندىن تېخىمۇ زورايغىلى بولىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ «دۇنيا گېزىتى» دە ئىلگىرى مۇنداق خەۋەر بېرىلگەن، نيويورك فلاشېن رايونىغا ناھايىتى ئاۋات تاللا بازارلىرى جايلاشقان بولۇپ، بۇ تاللا بازارلىرىنىڭ خوجايىنلىرى ئاساسەن ۋېنجۇلۇقلار. بۇ تاللا بازار خوجايىنلىرى ئىچىدىكى بەزىلىرى 4-3 يىل ئىلگىرى تېخى يول بويىدا كىچىك يايما ئاچىدىغانلار ئىدى، ئۇلار ئۆزىنىڭ بوشاشماس تىرىشچانلىقى ۋە سودا پۇرسىتىگە بولغان سەزگۈرلۈكى بىلەن پۇرسەتنى تۇتۇپ غەلبە قازانغان.
خېرىدارلارنى ئۆزىگە ئەڭ جەلپ قىلىدىغان كانېل كوچىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دۇكانلارنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكى ۋېنجۇلۇقلارنىڭ. كانېل كوچىسىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرساق ھەر قايسى بۇلۇڭلاردا نۇرغۇنلىغان قىزلارنىڭ پەلەي، شارپا ياكى ئەمدىلا نەشىردىن چىققان ئۈنتەخسە، سىنتەخسە قاتارلىقلارنى سېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز، ئامېرىكىغا كەلگىلى 5 يىل بولغان ۋۇ خانقىز مۇنداق دەيدۇ: «بىز ۋېنجۇدىن كەلگەن، گەرچە كۆپچىلىكنىڭ يايما ئارلىقى يېقىن بولسىمۇ، ئەزەلدىن ئۆز-ئارا سودىمىزغا تەسىر يەتكۈزۈشتىن ئەنسىرىمەيمىز. كۆپچىلىك ئۆز-ئارا ياردەم قىلىشنى ياخشى كۆرىمىز.»
ۋېنجۇلۇقلار دەل مۇشۇنداق ئوخشاش كەسپتىكىلەر ئۆز-ئارا ھەمكارلاشقان ئاساستا تەرەققىي قىلىپ زورايغان. ۋېنجۇ كىيىم-كېچەك سودا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى چېن مىڭ مۇنداق دەيدۇ: «جۇڭگونىڭ كىيىم-كېچەك كارخانىلىرى يېڭىچە ئىقتىساد قارىشى تىكلىشى كېرەك: يەنى رىقابەتچىلىرى بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورنىتىشى، ئورتاق رىقابەتلىشىپ تەرەققىي قىلىشى، رىقابەتنى ھەمكارلىققا ئايلاندۇرۇشى كېرەك، ھەمكارلىق ئارقىلىق ئۆزلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.»
بازار ئىگىلىكى دەۋرىدە رىقابەتتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئەگەر سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىز ۋە مۇلازىمىتىڭىز بازار تاپسا، باشقىلار چوقۇم تالىشىدۇ. رىقابەتچىسى بولۇش ياخشى ئىش، رىقابەت كارخانىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى قوزغاتقۇچ ئامىل، رىقابەت كارخانىچىدىن ھەر ۋاقت تەييارلىق ھالىتىدە تۇرۇشنى، تىجارەت ۋە باشقۇرۇشنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈشنى، بۇ ئارقىلىق تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇنىڭدىن پەقەت رىقابەت بولغاندىلا سىجىل تەرەققىيات بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
بەزىدە رىقابەتچىسى بولمىغان ۋاقت ئەڭ قورقۇنچلۇق ۋاقتتۇر. بۇ بازارنىڭ تېخى پىشىپ يېتىلمىگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەگەر سىز پەقەتلا ئۆزىڭىزنىڭ كۈچىگە تايىنىپ بازارنى ئوڭشىماقچى بولسىڭىز، بۇنىڭغا كېتىدىغان ۋاقت ۋە مەبلەغ ناھايىتى زور بولىدۇ. پەقەت باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلغاندىلا ئاندىن بازاردا پۇت دەسسەپ تۇرغىلى بولىدۇ.
بېيجىڭ ۋۇفۇ چاي سەنئىتى سارىيىنىڭ باش دىرېكتورى، بېيجىڭ فۇلېتې جۇڭگو چاي شەھەرچىسىنىڭ باش مەسئۇلى دۇەن يۈنسۇڭ چاي سەنئىتى سارىيىنىڭ تىجارىتىنى ئەمدىلا باشلىغاندا، ھەمىشە باشقىلارنىڭ چاي سەنئىتى سارىيى ئېچىشىغا ياردەم قىلاتتى. باشقىلار دۇەن يۈنسۇڭنى ناھايىتى ئەخمەق دەپ قارايىتتى، بىراق ئۇ ئۆزىنى ئۇنداق قارىمايىتتى. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن ئوخشاش كەسپتىكىلەر دۈشمەن ئەمەس، بەلكى دوست دەپ قارايمەن. بەزىلەر چاي سەنئىتى سارىيىغا كەلسىلا ئۇ يەر بۇ يەردىن سورايدۇ، مەن بىرلا قاراپ بىلىۋالالايمەن. مەن ئۇلاردىن چايخانا ئاچقۇسى بار-يوقلۇقىنى سورايمەن، ئەگەر ئاچقۇسى بولسا نەدىن سۇ، چاي قاتارلىقلارنى كىرگۈزدىغاننى دەپ بېرىمەن. ئۇلار دائىم چۈشەنمەستىن، بازار ناھايىتى رەھىمسىز بولىدۇ، سىز ماڭا دەپ بەرسىڭىز بازاردىن قۇرۇق قالمامسىز دەپ سورىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، چاي سەنئىتى سارىيى خۇددى ئاشخانىغا ئوخشاش ئومۇملىشىشى كېرەك، ئەگەر پۈتكۈل كەسپتە سىزلا بولسىڭىز بۇ خەتەرلىك. بىر تاللا گۈلگە تايىنىپ ھەرگىز گۈلزارلىق ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ، يالغۇز ئۆزۈمگە تايانغان بولسام ھەرگىزمۇ بۈگۈنگە كېلەلمىگەن بولاتتىم. بىز ئىككىنچى سارىيىمىزنى ئاچقاندىن كېيىن، بېيجىڭدا ئارقا-ئارقىدىن نۇرغۇنلىغان چايخانىلار ئېچىلدى، مەن شۇ ۋاقتتىلا تىرىشچانلىقىمىزنىڭ بېكار كەتمىگەنلىكىنى ھېس قىلدىم.»
ئىسپانىيە ئېرسى شەھىرى ئاياغچىلىق سودا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئانتونى ئەپەندىم مەخسۇس ۋېنجۇغا كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ، ھەمدە ۋېنجۇ شەھەرلىك ئاياغچىلىق جەمئىيىتى بىلەن «رىقابەتلىشىپ ھەمكارلىشىش» تېمىسىدىكى «ۋېنجۇ باياناتى» نى ئىمزالاپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ ھەم رىقابەتلىشىپ ھەم ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى، ئۆز-ئارا ئورتاقلىقتىن پايدىلىنىپ، كەمچىلىكىنى تولۇقلاپ، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ۋېنجۇلۇقلارنىڭ تىنچ رىقابەتلىشىش قارىشى ئاللىقاچان خەلقئارالىشىش يولىغا قاراپ ماڭغان ئىدى.
ئۇنىڭدىن بۇرۇن، ۋېنجۇ ۋە ئېرسى شەھىرىنىڭ ئاياغچىلىق كەسپىدە «سەن ئۆل، مەن تىرىلەي» دەيدىغان رىقابەت مەۋجۇت ئىدى.
2004-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئېرسى شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ۋېنجۇلۇقلارنىڭ 8 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى ئايىغىنى كۆيدۈرۋېتىدۇ، يەنە ۋېنجۇلۇقلارنىڭ ئېرسى شەھىرىدىكى ئوبرازىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ۋېنجۇ ئاياغلىرى ناھايىتى ئەرزان بولۇپ، گەرچە سۈپىتى ياخشى بولسىمۇ، ھەددىدىن زىيادە ئەرزان باھا ئېرسى شەھىرىدىكى بىر قىسىم يەرلىك كارخانىلارنىڭ جان ساقلاش بوشلۇقىنى تارايتىۋەتكەن ئىدى، رىقابەت سەۋەبلىك ماڭىدىغان يول تاپالمىغان ئېرسى شەھىرىدىكى كارخانىلار «ئاياغ كۆيدۈرۈش» ئارقىلىق ھاياتىنى ساقلىماقچى ئىدى.
ۋېنجۇلۇقلار قايتا-قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق تونۇپ يەتتىكى، ئەمگەك تەننەرخى ئەرزان، تېخنىكىسى ئىلغار بولغاچقا، ۋېنجۇنىڭ ئاياغلىرى دۇنيادا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ئىدى. ۋېنجۇ ئاياغچىلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى جۇ فېڭ مۇخبىرغا مۇنداق دەيدۇ: «ئىلگىرى ۋېنجۇلۇقلار ئىسپانىيەدە ۋېنجۇ ئاياغلىرىنى بىۋاستە ساتاتتى، دۆلەت ئىچىدىن مال يەتكۈزۈپ، دۆلەت سىرتىدىن زاكاس قوبۇل قىلاتتى، توپ ۋە پارچە سېتىش قاتارلىقلارنى پۈتۈنلەي كونترول قىلغان، ئىمپورت سودىگىرى، ئېكىسپورت سودىگىرى، ساتقۇچى، تىجارەتچى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ۋېنجۇلۇقلار بولۇپ، بارلىق ھالقىلاردىكى پايدىنى ۋېنجۇلۇقلار يۇتۇۋالغان ئىدى. بىراق بۇ خىل پۈتۈن كۈچى بىلەن بازار تالىشىدىغان رىقابەت ئۇسۇلى ئۇلارنى بارغانلا يېرىدە دۈشمەنلىك قىلىپ قوياتتى. بۇنىڭغا نىسبەتەن، ۋېنجۇ شەھەرلىك باراۋەر سودا ئىدارىسى ۋە ۋېنجۇ ئاياغچىلىق جەمئىيىتى قاتارلىقلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ئېرسى شەھىرى بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىش باش تېما قىلىنغان سۆھبەت 2005-يىلى 7-ئايدا باشلاندى. ئاخىرىدا ۋېنجۇ ئاياغچىلىقى بىلەن ئېرسى ئاياغچىلىقى يەنە قايتا «يارىشىپ»، ھەمكارلاشقان ئاساستىكى رىقابەتكە قاراپ يۈزلەندى.
رىقابەتنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى باھا، پاسون، فۇنكىسىيە، ئىقتىدار، مۇلازىمەت قاتارلىقتەرەپلەردە بولىدۇ، ئەمما رىقابەتنىڭ ماھىيىتى سۈپەت ۋە باشقۇرۇش جەھەتتە كۆرۈلىدۇ.
ئامېرىكا GM ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ باش لىدىرى لۇك سېمىس مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سىز ئۇلارنى يېڭەلمىسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇلارغا قوشۇلۇڭ.» رىقابەتكە يولۇققاندا چوقۇم ئاكتىپلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇش، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچى، سۈپەت، مۇلازىمەت ۋە ئۈنۈم قاتارلىقلارغا ئاساسەن رىقابەتلىشىش كېرەك. بۇنداقتا سىز يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرالايسىز. ئەلۋەتتە، سودا رىقابىتىدە مەڭگۈلۈك رىقابەتچى يوقلۇقىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇشىمىز، بۈگۈنكى رىقابەتچىمىزنىڭ ئەتىدىكى دوستىمىزغا ئايلىنىش مۇمكىنچىلىكىنى چەتكە قاقماسلىقىمىز كېرەك. تىجارەتتە چوقۇم پۇرسەتكە ماسلىشىپ مېڭىش، رىقابەتچى ۋە ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى چىڭ تۇتۇش، بۇ ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:
رىقابەت تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ، رىقابەت بولمىسا تەرەققىياتمۇ بولمايدۇ. ئوخشاش كەسپتىكىلەر دۈشمەن ئەمەس، بەلكى دوست. رىقابەتچى خۇددى ئەينەككە ئوخشايدۇ، دائىم بۇ ئەينەككە قارىغاندا ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىسى بار.
-مېيتىس.باڭۋېي گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى قوشۇمچە باش لىدىر جۇ چېڭجيەن
بىزنىڭ چەتئەل شىركەتلىرى بىلەن بولغان رىقابىتىمىز جەريانىدا، چوقۇم ئۇلارنىڭ ئەۋزەل تەرەپلىرىنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك، ئەمما ھەر بىر شىركەتنىڭ ئۆزىگە خاس يېتەرسىز تەرەپلىرى بولىدۇ. ئەگەر بىز ئۆزىمىزنىڭ يېتەرسىزلىكىنى باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئەۋزەللىكى ئارقىلىق تولۇقلىساق، ئۇ چاغدا بىزنىڭ رىقابەت كۈچىمىز داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، بىزنىڭ ئىستىقبالىمىزمۇ پارلاق بولىدۇ.
-جېڭتەي گۇرۇھى باش لىدىرى نەن سۈنخۇي
مەنبە: 时事出版社 نەشىر قىلغان
<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب
2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى 7-ئاينىڭ 24 -كۈنى