پۇل دېگەن نېمە؟
ياپ ئارىلى تىنچ ئوكياندىكى بىر كىچىك ئارال . ئارالدا يەنە نۇرغۇن ئاھالىلەر تۇرىدۇ . غەلىتە يېرى شۇكى ، بۇ ئارالدىكى ئاھالىلەر ئۆز ئارا نەرسە ئالماشتۇرۇشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ . يەنى تاشنى سىلىقلاپ يۇمشاق شەكىلگە كەلتۇرۈپ ، شۇ تاش بىلەن نەرسە ئاملاشتۇرىدۇ .
ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئاھالىلەر بۇ يۇمشاق تاشقا << خىراجەت >> دەپ ئىسىم قۇيۇپتۇ . بىر كۈنى بىر توپ كىشى باشقا ئارالدىن چوڭ بىر << خىراجەت >> تېپىۋېلىپ ناھايىتى خۇشال بولۇپ ، بۇ << خىراجەت >> نى ياپ ئارىلىغا يۆتكەپ كېتىشنى ئويلاپتۇ . يامان بولغىنى شۇكى ، ئۇلار قايتىۋاتقاندا بوران-چاپقۇنغا يولۇقۇپ قېلىپ ، جېنىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئامالسىز << خىراجەت >> نى دېڭىزغا تاشلىۋېتىشكە مەجبۇر بوپتۇ .
ئۇلار ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن كېمىنى ھەيدەپ بىر نەچچە كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ناھايىتى تەستە ئۆز ئارىلىغا قايتىپ كەپتۇ . بىر كۈنى ، بىر نەچچە ئادەم بىرگە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ، ھېلىقى خىراجەتنىڭ گېپىنى قىلىپ چوڭقۇر ئەپسۇسلىنىپتۇ . بۇ چاغدا ئارىدىن بىرسى ئۇ خىراجەتنى سۈزۈپ چىقىپ تەكلىپىنى بېرىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچەيلەن سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ . بىراق << خىراجەت >> بۇرۇنلا دېڭىزغا چۆكۈپ كەتكەن بولغاچقا ئىز - دېرىكىنى قىلالماپتۇ . خىراجىتىنى سۈزەلمىگەچكە ئۇلار كەيپى ئۇچقان پېتى قايتىپ كەپتۇ . بۇ ئىشنى ئارالدىكى ھەممە ئادەم دېگۈدەك بىلىپ يېتىپ ئىختىيارسىزلا دېڭىز تەكتىدە ياتقان ئۇ << خىراجەت >> كە نىسپەتەن چەكسىز خىياللار پەيدا بوپتۇ . گەرچە بۇ پارچە خىراجەت تېپتىنچ ھالدا دېڭىز تېگىدە ياتسىمۇ ، بىراق ئارالدىكى ئاھالىلەر ئۇنى ئۇنتىيالماپتۇ . چۈنكى ئۇ ئاھالىلەرنىڭ ئۆز ئارا سودا قىلىشىدىكى ۋاستىگە ئايلانغان ئىدى .
<< خىراجەت >> نىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشىگە ئەگىشىپ يەنە بىر غەلىتە ئىش يۈز بېرىپتۇ ، ئارالدىكى ئاھالىلەر مەلۇم سودىنى مەلۇم سودىنى تاماملىغاندىن كېيىن تاشنى يۆتكەپ كەتمەي ، ئەسلى جايىغا قالدۇرۇپ قۇيۇپتۇ ھەم ئۆزىنىڭ بەلگىسىنى ئۇيۇپ قۇيۇپتۇ . كېيىن ئارالدىكى مەسئۇل كىشى ھەممەيلەننى يىغىپ ئۆزلىرى ماڭىدىغان يولنى رېمنۇت قىلماقچى بوپتۇ ، بىراق ئاھالىلەر زادى قىزىقماپتۇ . مەسئۇل كىشى قانداق نەسىھەت قىلىشىدىن قەتئىنەزەر ھېچكىم قۇشۇلمىغاچقا ، بۇ مەسئۇل كىشىنىڭ بېشى بەك قېتىپتۇ . بۇ چاغدا بىر ياردەمچىسى مەسئۇل كىشىگە ئەسكەرتىپ : << سىلى ھەر بىر < خىراجەت > نىڭ ئۈستىگە بىر قارا رەڭلىك بەلگە سىزىپ ، ئاندىن كېيىن ئاھالىلەرگە بەلگە سىزىلغانلىكى تاشنىڭ ھەممىسىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يىغىۋېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتسا ، مۇشۇنداق قىلساق ئاھالىلەر يول رېمنۇت قىلىشقا تۇتۇش قىپتۇ . يول رېمنۇت قىلىپ بۇلۇنغاندىن كېيىن ، مەسئۇل كىشى يەنە ئادەم ئەۋەتىپ << خىراجەت >> نىڭ ئۈستىدىكى بەلگىنى ئۆچۈرگۈزۋېتىپتۇ ھەم بەلگە ئۆچۈرۈلگەن ئاشۇ تاشلارنىڭ ھەممىسىنى ئاھالىلەرگە قايتۇرۇپ بېرىشكە ۋەدە قىپتۇ .
ھېكايىدىكى << خىراجەت >> دەپ ئاتالغان تاش ئەمىلىيەتتە ھازىرقى پۇلغا ئوخشايدۇ .
ئۇنداقتا پۇل دېگەن زادى نېمە ؟ بىز دەۋاتقان ئاتالمىش پۇل تاۋاردىن ئايرىلىپ چىققان ، مۇقىم ھالدا تەڭ قىممەتداش رولىنى ئۆتەيدىغان تاۋاردۇر . لېكىن پۇل ئەزەلدىن بار بولغان ئەمەس ، ئۇ تاۋار ئالماشتۇرۇشنىڭ تەرەققىي قىلىپ بەلگىلىك باسقۇچقا يەتكەنلىكنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلى .
تاۋار ئاملاشتۇرۇش ئەمدىلا پەيدا بولغاندا ، ئاملاشتۇرۇش ۋاستىسى بولىدىغىنى پۇل ئەمەس ئىدى . ئۇ چاغدىكى ئاملاشتۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ ھەممىسى ئاددى ھالدىكى بۇيۇمنى بۇيۇمغا ئاملاشتۇرۇش ئىدى . كېيىن ، ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتىنىڭ ئىنچىكىلىشىگە ئەگىشىپ ، كىشىلەر ئېھتىياجلىق بولغان بۇيۇملار بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى ، بۇيۇمنى بۇيۇمغا ئاملاشتۇرۇش كىشىلەرنىڭ تەكرار-تەكرار ھەم كۆپ مىقداردىكى ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە ماسلىشالماي قالدى ، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر كۆپچىلىك ئورتاق ئېتراپ قىلىدىغان بىر ئالماشتۇرۇش ۋاستىسى قىلىش ئۈچۈن بىر بۇيۇم ئىزدەشكە باشلىدى . يۇقىرىقى ھېكايىدىكى << خىراجەت >> دەل ئەڭ ئىپتىدائىي پۇل ئىدى .
تارىختا ناھايىتى كۆپ بۇيۇم پۇل ئورنىدا ئىشلىتىگەن . دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋىردىكى قۇلۇلە قېپى شۇلارنىڭ بىر خىلى . ئاندىن كېيىن قۇلۇلە قېپىغا ئوخشاش بۇيۇملارنىڭ ئورنىنى يەنە تەدرىجى ھالدا مېتال ئالدى . ئىقتىسادنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ مېتال پۇلنىڭ قۇلايسىزلىقى ئاستا-ئاستا ئاشكارلىنىپ چىقىشقا باشلىدى . بولۇپمۇ كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ سودىدا مېتال ئېغىر ھەم ھەجىمى چوڭ بولغاچقا ، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپسىز ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇپراش مەسىلىسىمۇ مەۋجۇت بولغانلىقى ئۈچۈن تەدرىجى ھالدا شاللىنىپ كەتتى . ئۇنىڭ ئورنىنى ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك قەغەز پۇل ئالدى .
قەغەز پۇلنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوق ، ئۇ پەقەت بىر پۇل بەلگىسى ، خالاس . دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇنقى قەغەز پۇل ئېلىمىزنىڭ سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ، سىچۈەن رايۇنىدا ئىشلىتىلگەن << جياۋزى >> پۇلى ئىدى . ھازىر دۇنيادا قەغەز پۇل 200 خىلدىن ئاشىدۇ . قەغەز پۇلنىڭ پەيدا بولۇشى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ناھايىتى چوڭ قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى .
ئۇنداقا پۇلنىڭ قانداق فۇنكىسىيەسى بار ؟
قىممەت ئۆلچىمى بولۇش پۇلنىڭ ئاساسلىق فۇنكىسىيەسىنىڭ بىرى . پۇلنىڭ قىممىتى ئۆلچەم بولسا مەلۇم تاۋارنىڭ قىممەت مىقدارىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بولۇپ ، بۇ خىل قىممەت مىقدارى ئەڭ ئاخىرىدا باھا بىلەن ئىپادىلىنىدۇ . پۇلنىڭ دەل قىممەت ئۆلچىمىلىك رولى بولغاچقا ، كىشىلەرنى ئوخشاش بولمىغان شەكىلدىكى تاۋارنى ئەڭ ئاۋۋال پۇلنىڭ باھا شەكلىگە ئايلاندۇرۇپ ، ئاندىن كېيىن يەنە باشقا تاۋارلار بىلەن ئالماشتۇرغۇزىدۇ .
ئوبرۇت ۋاستىسى بولۇش پۇلنىڭ قىممەت ئۆلچىمىلىكىنىڭ تەرەققىياتى . پەقەت پۇل ئوبرۇت ۋاستىسىلىق رولىنى ئىجرا قىلغاندا ئاندىن تاۋارنى ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتى بولىدۇ .
مانا بۇ بىزگە تۇنۇشلۇق بولغان پۇلنىڭ ئىككى خىل فۇنكىسىيەسىدىن ئىبارەت .
مەنبە : ئۇيغۇرچە ئىقتىساد ئىلمى ناملىق كىتاب 170-171-172-بەت