نامراتلارنىڭ نىشانى ھاللىق سەۋىيە،بايلارنىڭ نىشانى باياشات ياشاش
نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ
بىرىنچى كىتاپ
ئۈچىنچى باپ ئون بىرىنچى پارىگىراپ
نامراتلارنىڭ نىشانى ھاللىق سەۋىيە، بايلارنىڭ نىشانى
باياشات ياشاش
نامراتلاردا ھەمىشە «ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەندە قانائەتلىنىش» پىسخىكىسى مەۋجۇت، شۇڭا ئۇلارنىڭ قوغلىشىدىغىنى پەقەتلا ھاللىق سەۋىيە، ئازراق نەرسىلەرگە ئېرىشىپ تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلسىلا قانائەت ھاسىل قىلىپ ئىلگىرىلەشنى ئويلىمايدۇ،شۇڭلاشقا ئۇلار ھەرگىزمۇ چوڭ ئىشلارنى قىلىپ كۆپلىگەن بايلىققا ئېرىشەلمەيدۇ.
ئەكسىچە بايلارنىڭ قوغلىشىدىغىنى باياشات ياشاش، ئۇلاردا ئوزۇن مەزگىللىك بايلىق نىشانى ۋە نىشانغا يەتمىگۈچە توختىمايدىغان قەتئىي ئىرادە ھەم تىرىشچانلىق بار. دەل مۇشۇنداق شىجائەت بولغاچقا، بايلار چوڭ ئىشلارنى قىلىپ كۆپ پۇل تاپالايدۇ.
قەدىمدىن –ھازىرغىچە ئۆتكەن جۇڭگو ۋە چەتئەللەردىكى بايلارنىڭ ھېچقايسىسى ھاللىق سەۋىيەدە قانائەتلىنىپ قالمىغان، ئۇلارنىڭ قوغلىشىدىغىنى بولسا باياشات ياشاشتەك بايلىق نىشانى. «يەرشارى سۇ تىرانسپورت گورۇھى» نىڭ قۇرغۇچىسى، پۈتۈن دۇنيا ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان دۇنيا «كېمە پادىشاھى»، جۇڭگولۇق مۇھاجىر باۋ يۈگاڭ باياشات ياشاشنى قوغلىشىدىغان بايلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى.
باۋيۈگاڭ 1918 – يىلى جېجىياڭنىڭ نىڭبودىكى بىر سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۇنىڭ دادىسى باۋياۋلوڭ يىل بويى خەنكۇدا سودا قىلاتتى. نىڭبو دوڭخەي دېڭىزىنىڭ بويىغا جايلاشقان بولغاچقا، باۋيۈگاڭ تۇرۋاتقان كەنت دېڭىزغا يىراق ئەمەس ئىدى، باۋيۈگاڭ بالىلىق چاغلىرىدا دائىم دېڭىز بويىغا بېرىپ ئوينىغاچ كېمە كۆرەتتى.
13 ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا، دادىسى باۋيۈگاڭنى شاڭخەيگە ئوقۇشقا ئەۋەتىدۇ، ئوزۇن ئۆتمەستىن باۋيۈگاڭ ۋۇسۇڭ كېمىچىلىك مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىدۇ. ياپونغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى پارتىلىغاندىن كىيىن، باۋيۈگاڭ چۇڭچىڭغا بېرىپ بىر بانكىدىن خىزمەت تاپىدۇ.
1938 –يىلى، باۋيۈگاڭ شاڭخەيگە بېرىپ مەركەز ھاۋالە ئىدارىسىنىڭ سۇغۇرتا بۆلۈمىدە خىزمەت تاپىدۇ. خىزمەت پوزىتسىيىسى ئەستايىدىل ۋە بانكىدا ئىشلىگەن خىزمەت تەجىرىبىسى بولغاچقا، باۋيۈگاڭ ناھايىتى تىزلا ئۆسۈپ مائاشى كۆپىيىدۇ. قىسقىغىنە يەتتە يىل ۋاقىتتا ئۇ بىر ئاددى خىزمەتچىدىن خۇيياڭ بانكىسى ۋە چۇڭچىڭ تارماق بانكىسىنىڭ لېدىرلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. 1945 – يىلى، باۋيۈگاڭ شاڭخەي بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باش لېدىرلىقىغا تەيىنلىنىپ نامى چىقىدۇ.
ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە باۋيۈگاڭ ئاللىقاچان مۇۋەپپەقەيەت قازانغان، خىزمىتى مۇقىم، مائاش تەمىناتىمۇ ياخشى ئىدى. ھالبۇكى ئىزچىل بايلىق نىشانىنى قوغلىشىۋاتقان باۋيۈگاڭ بۇنداق ھاللىق تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالىمايدۇ. ئۇ قەتئىيلىك بىلەن باشقىلار ھەۋەس قىلىدىغان بانكا خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، دادىسى بىلەن بىرلىكتە بارلىق پۇللىرىنى ئېلىپ شاڭگاڭغا كېلىدۇ.
شاڭگاڭغا كەلگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە باۋيۈگاڭ ئىمپورت تىجارىتىدە كىچىك سودىلارنى قىلىپ ئازغىنە بايلىققا ئېرىشىدۇ. ھەم بۇ جەرياندا تەكرار ئويلىنىش ئارقىلىق، سۇ تىرانسىپورتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى قارار قىلىدۇ . ئاتا - ئانىسى بۇنى بىلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ قارارىغا قارشى تۇرىدۇ. چۈنكى ، ئانىسى سۇ تىرانسىپورتى كەسپىنى خەتىرى چوڭ،ئازراقلا بىخەستەلىك قىلىنسا ۋەيران بولۇش خەۋپى بار دەپ قارىسا، دادىسى شاڭگاڭنىڭ سۇ تىرانسىپورت كەسپىدە رىقابەت كەسكىن، سىرتتىن كەلگەن كىشىلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن داۋاملىق تىجارەت قىلالىشىمىز مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارىغان.شۇڭا ئۇلار ئوغلىغا ئۆي – مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش تەكلىپى بېرىدۇ.
ھالبۇكى چوڭ نىشاننى قوغلىشىۋاتقان باۋيۈگاڭنىڭ ئىشەنچى چوڭ بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىمپورت –ئېكىسپورت سودىسى قىلغان ۋاقىتتىكى ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن، دېڭىز – ئوكيان تىرانسىپورت كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا چوڭقۇر ئىشەنچ ھاسىل قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شاڭگاڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا يۆلىنىپ تۇرۇپ پۈتۈن دۇنيا سۇ تىرانسىپورتىنى تۇتاشتۇرىدىغان سودا ئوبوروتىنىڭ جۇغلىنىش – تارقىلىش مەركىزى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەۋزەل يەر شارائىتى سۇ تىرانسىپورتىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق ئىدى.
دېگىنىنى قىلىدىغان باۋيۈگاڭ تۆت تەرەپكە قاتراپ كېمىچىلىك ۋە سۇ تىرانسىپورتىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىپ، سۇ تىرانسىپورتى ۋە كېمىچىلىك بىلىملىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىدۇ. ھەم 37 ياش ۋاقتىدا يەر شارى كېمىچىلىك چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ دېڭىزچىلىق ئىشلىرىنى باشلايدۇ. دەسلەپتە باۋيۈگاڭ تەرەپ – تەرەپتىن پۇل قەرز سورىغان بولسىمۇ، بىراق رەت قىلىنىدۇ. نەچچە قېتىملىق رەت قىلىنىشتىن كىيىن ئۇ ئاخىرى بىردوستىنىڭ ياردىمىدە قەرز ئېلىپ، كۆمۈرنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق ھەركەتلىنىدىغان،ئىشلىتىلگىنىگە 28 يىل بولغان كونا مال كېمىسىدىن بىرنى سېتىۋالىدۇ. گەرچە بۇ كېمە ناھايىتى كونا بولسىمۇ، بىراق باۋيۈگاڭ ئۇنى ناھايىتى قەدىرلەپ ئادەم تەكلىپ قىلىپ قايتىدىن سىرلىتىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ، باۋيۈگاڭ «جىنئەن» ناملىق بۇ كونا كېمىگە تايىنىپ سۇ تىرانسىپورتى كەسپىدە ئۆزىگە تەۋە بولغان بوشلۇقنى يارىتىپ،چەتئەللىكلەرنىڭ خەلقئارا سۇ تىرانسىپورتى يولىنى ئىگەللىۋېلىشىدەك تارىخىغاخاتىمە بېرىدۇ، ھەمدە دۇنيا «كېمە پادىشاھى» دىگەن نامنى ئېلىپ كاتتا بايغا ئايلىنىدۇ. باۋيۈگاڭ باشقۇرۋاتقان گورۇھنىڭ قارمىقىدا 20 دىن ئارتۇق تارماق شىركەت بولۇپ، ئومۇمىي مال – مۈلكى 50 مىليارىد دوللارغا يىتىپ شاڭگاڭدىكى ئون چوڭ گورۇھنىڭ ئىچىدە ئۈچىنچى ئورۇنغا ئۆتىدۇ.
دېڭىزچىلىق ئىشلىرىدا ئۆزىگە خاس نەتىجە قازانغاندىن كىيىن، ئوزۇن مەزگىللىك بايلىق نىشانىنى قوغلىشىۋاتقان باۋيۈگاڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتىپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ بىر قىسىم مەبلىغىنى ئۆي –مۈلۈكچىلىك، مېھمانخانا، قاتناش قاتارلىق كەسىپلەرگە سالغان، ھەمدە تىجارىتىمۇ ناھايىتى ياخشى بولغان.
1986 – يىلى باۋيۈگاڭنىڭ دېڭىزچىلىق ئىشلىرى ۋە قۇرۇقلۇقتىكى كەسىپلىرىمۇ تەرەققىياتنىڭ يۈكسەك پەللىسىگە چىققان، ئۇنىڭ مال – مۈلكى بىر دۆلەتنى سېتىۋېلىشقا يېتىدىغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىمۇ چاقچاق قىلىپ: «مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك مال – مۈلكۈم بارلىقىنى بىلگۈم يوق،چۈنكى بۇنى بىلسەم قانداق قىلىشنى بىلمەي يۈرىكىم سوقۇشتىن توختاپ قېلىشتىن قورقىمەن.» دىگەن.
بىزباۋيۈگاڭنىڭ قانچىلىك مال – مۈلكى بارلىقىنى بىلمەيمىز، بىراق بىز شۇنى جەزملەشتۈرەلەيمىزكى، ئۇ ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ باياشات ياشاش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. دەل شۇنداق بىر خىل نىشان بولغاچقا، باۋيۈگاڭ باشقىلار ھەۋەس قىلدىغان خىزمىتى ۋە ھاللىق تۇرمۇشىنى تاشلاپ ئۆزى چۈشەنمەيدىغان دېڭىزچىلىق ئىشلىرىغا يۈرۈش قىلغان؛ باياشات ياشاش ئىستىكى بولغاچقا، باۋيۈگاڭ دېڭىزچىلىق كەسپىنىڭ پارلاق مۇۋاپپىقىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، دۇنيادىكى ئون چوڭ كېمە پادىشاھىنىڭ بىرى بولغان؛ دەل مۇشۇنداق بىر خىل نىشان بولغاچقا، باۋيۈگاڭ دېڭىزچىلىق ئىشلىرىدا بىر شانلىق سەھپە ياراتقاندىن كىيىن نەزىرىنى قۇرۇقلۇققا تىكىپ، قۇرۇقلۇقتىمۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.
ئەگەر باۋيۈگاڭ پەقەت ھاللىق تۇرمۇشنىلا قوغلاشقان بولسا،ئۇنىڭ تىنچ تۇرمۇشىدىن ۋاز كېچىپ خوجايىنغا ئايلىنالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى؛ يەنە ئۆزى تونۇشلۇق بولغان ئىمپورت – ئېكىسپورت كەسپىنى تاشلاپ، ئۆزىگە تونۇشلۇق بولمىغان دېڭىزچىلىق ئىشلىرىنى قىلمىغان بولاتتى؛ يەنە دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتا ئايرىم – ئايرىم سودا گورۇھلىرىنى قۇرۇپ پارلاق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
باۋ يۈگاڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان بايلارمۇ ئوخشاشلا ھاللىق تۇرمۇشقا قانائەتلىنىپ قالمايدۇ. بىز بۇ يەردە تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇش تارىخىغىلا ئىگە بولغان كروكنىڭ قانداق قىلىپ مەكدونالد تىز تاماقخانىسىنى قۇرۇپ چىققانلىقىغا قاراپ باقايلى.
ئائىلە شارائىتى ناچار بولغاچقا، كروك تولۇق ئوتتۇرا بىرىنچى يىللىققا چىققاندا مەكتەپتىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كىيىن، كروك مۇزىكا ئەترىتىدە پىئانىنو چېلىپ باققان، چىكاگو رادىئو – تېلېۋېزىيە قانىلىدا رېژىسسور بولغان،يەنە يىمەكلىك ئەسلىھەلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇپ ساتقۇچىسى بولغان.
1937 – يىلى كروك ئۆزىنىڭ يىغقان پۇللىرىغا تايىنىپ بىر كىچىك دۇكان ئېچىپ، مەخسۇس سۈت ئارلاشتۇرۇش ماشىنىسى تىجارىتى قىلغان. گەرچە ئۆزى خوجايىن بولغان بولسىمۇ،كروكنىڭ كىرىمى يەنىلا ئاز بولۇپ، ئارانلا ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدىيالايىتتى.باياشات ياشاشنى ئويلايدىغان كروك ئىزچىل باي بولۇش پۇرسىتىنى ئىزدەيدۇ.
1954 –يىلىنىڭ بىر كۈنى، سانبېرناردىندا تىز تاماقخانا ئاچىدىغان مەيىش ئاكا –ئۇكىلار بىر قېتىمدىلا سەككىز دانە سۈت ئارلاشتۇرۇش ماشىنىسى زاكاس قىلىدۇ. ئىلگىرى ھېچقانداق خېرىدار بۇنچە كۆپ سۈت ئارلاشتۇرۇش ماشىنىسى زاكاس قىلمىغان بولۇپ، بۇ زاكاس كروكنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ، شۇنداق قىلىپ ئۇ سانبېرناردىنغا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەش نىيىتىگە كېلىدۇ.
ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا مەيىش ئاكا –ئۇكىلار ئاچقان بۇ مەكدونالد تىز تاماقخانىسى كروكقا ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ. گەرچە بۇ ئاشخانىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنىڭ ھامبورگ بولكا دۇكانلىرى بىلەن ھېچقانداق پەرقى بولمىسىمۇ، بىراق سودىسى ناھايىتى ياخشى ئىدى. مەكدونالد تاماقخانىسىنىڭ ئالدىدا 100 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆچرەتتە تۇرغان بولۇپ، بۇنداق ئالدىراش ئەھۋالدىمۇ كۈتكۈچىلەرنىڭ ئىش ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى، ئۇلار 15سېكونت ئىچىدە خېرىدارلار ئېھتىياجلىق يىمەكلىكلەرنى ئېلىپ بېرەلەيىتتى، بۇنداق تېز سۈرئەت كروكنى ناھايىتى ھەيران قالدۇرغان.
خېرىدارلار ئۆچرەتتە تۇرغاچ بۇ ئاشخانىنىڭ يىمەكلىك باھاسىنىڭ تۆۋەن، سۈپىتىنىڭ ياخشى،ئاشخانىنىڭ پاكىزە ۋە مۇلازىمەت پوزىتسىيىسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، ھەممىدىن مۇھىمى سۈرىتىنىڭ ناھايىتى تىز ئىكەنلىكىنى ماختاۋاتاتتى. خېرىدارلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن كروك دەرھال بۇنىڭدىكى سودا پۇرسىتىنى بايقاپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ دەرھال مەيىش ئاكا – ئۇكىلارنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئامېرىكىدا تېخىمۇ كۆپلىگەن مەكدونالد تىز تاماقخانىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئىستىكىنى ئىپادىلەپتۇ.
ھالبۇكى مەيىش ئاكا – ئۇكىلار كروكنىڭ تەكلىپىگە ئانچە قىزىقماپتۇ، چۈنكى ئۇلار مۇشۇ دۇكىنىغا تايىنىپلا يىلدا 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تاپالايدىغان بولۇپ، بۇ ئۇلارغا نىسبەتەن ناھايىتى يىتەرلىك ئىدى. مۇشەققەتلىك سۆھبەت ئارقىلىق، مەيىش ئاكا – ئۇكىلار ئاندىن كروكقا پۈتكۈل ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا مەكدونالد زەنجىرسىمان تىز تاماقخانىلىرىنى قۇرۇش ۋەكالەتچىلىك ھوقۇقىنى بېرىپتۇ.
تونۇشتۇرۇپ سېتىش جەريانىدا مەكدونالد تىز تاماقخانىسىدىكى چەكسىز سودا پۇرسىتىنى بايقىغان كروك 1961 – يىلى ئىككى مىليون 700 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق يۇقىرى باھا بىلەن مەكدونالدنىڭ تىجارەت ھوقۇقىنى سېتىۋاپتۇ. كروكنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تىجارەت قىلىشى ئارقىسىدا قىسقىغىنە 10 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، مەكدونالدنىڭ پۈتۈن ئامېرىكىدىكى زەنجىرسىمان تىز تاماقخانىلىرى 700 گە يىتىپتۇ، ھەمدە ناھايىتى تىزلا پۈتكۈل دۇنياغا كېڭىيىپ ئىسمى – جىسمىغا لايىق «تىز تاماقخانا پادىشاھلىقى»غا ئايلىنىپتۇ.
نامراتلارغا لازىمى ھاللىق تۇرمۇش، بايلارنىڭ قوغلىشىدىغىنى بولسا باياشات تۇرمۇش. مەيىش ئاكا –ئۇكىلار پەقەت ھاللىق تۇرمۇشقىلا قانائەتلىنىپ قالغاچقا بىر ئىزدا توختاپ قالغان،گەرچە 25 يىل تىجارەت قىلغان بولسىمۇ مەكدونالد پەقەتلا بىر كىچىك دۇكاندىن تەرەققىي قىلالماي، ئاخىرىدا بۇ «پۇل تېپىش ماشىنىسى» خوجايىنى تەرىپىدىن كروكقا سېتىۋىتىلگەن، بۇنى ناھايتى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش دېمەي بولمايدۇ. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، مەيىش ئاكا – ئۇكىلار ئۆزلىرى قۇرۇپ چىققان مەكدونالد تىز تاماقخانىسىنىڭ كروكنىڭ قولىدىكى «تىللا تۈكۈلىدىغان دەرەخ» گە ئايلانغانلىقىنى كۆرگەندە، ئۇلار چوقۇم ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەخمىقانە قارارىدىن قاتتىق پۇشايمان قىلغان.
ئېنىقكى ، كىروك بۇ بايلىق ئويۇنىنىڭ غالبىيەتچىسى. ئۇ باياشات ياشاشتىن ئىبارەت بايلىق نىشانىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا تىرىشىپ باي بولىدىغان پۇرسەتنى ئىزدىگەن، ھەمدە «بىرقېتىمدىلا سەككىز دانە سۈت ئارلاشتۇرۇش ماشىنىسى بۇيرۇتۇش» تەك كىچىك ئىشتىن غايەت زور تەرەققىيات پۇرسىتى يوشۇرۇنغان تىز تاماقخانا كەسپىنى بايقىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ بوشاشماس تىرىشچانلىقى ئارقىلىق مەكدونالدنى ئىسمى – جىسمىغا لايىق «تىز تاماقخانا پادىشاھلىقى» غا ئايلاندۇرغان، كروك ئۆزىمۇ بىرلا دومىلاپ مەكدونالدنىڭ «پادىشاھى»غا ئايلىنىپ بايلىق بەس – بەستە ئۇنىڭ قۇلىغا كەلگەن.
باۋيۈگاڭ ۋە كروكنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىدىن بىز شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، «ھاللىق ياشاش» ۋە «باياشات ياشاش» پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل ھالەت. بۇ ئىككى خىل ھالەت كىشىلەرنىڭ بايلىق يولىدا نامراتلىققا قاراپ مېڭىشى ياكى باي بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ.ئۇنداقتا، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولۇشنى ئويلىشىۋاتقان دوستۇم، سىزگە لازىمى«ھاللىق ياشاش» مۇ ياكى «باياشات ياشاش» مۇ؟
بايلىقنىڭ بايانى:
خۇددى «تاغ تورغىيى يۈكسەك ئىرادىنى قانداقمۇ بىلسۇن؟!» دىگەندەك، بايلارنىڭ باياشات ياشاشنى قوغلىشىشىنى پەقەت ھاللىق تۇرمۇشقىلا قانائەتلىنىپ قالىدىغان نامراتلار چۈشەنمەيدۇ.نامراتلار كىچىك بالىدەك ھاللىق ياشاشنى قوغلىشىدۇ، نەتىجىدە پەقەت ئازغىنە بايلىققا ئېرىشىدۇ. ھالبۇكى بايلارنىڭ نەزىرىدە بۇ كىچىك بايلىقلار ھېچنىمىگە تەڭ ئەمەس، چۈنكى بايلارنىڭ قوغلىشىدىغىنى تېخىمۇ يۈكسەك نىشان بولۇپ، ئۇلارغا لازىمى باياشات ياشاش. بايلىقنىڭ يۈكسەك چوققىسىغا چىقىش ئۈچۈن، بايلار تاكى باياشات ياشاشتىن ئىبارەت غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىچە توختىماستىن بايلىق نىشانىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرلەيدۇ.
خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان
نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك ناملىق كىتاب
2014-يىلى ئەقىدە شىركىتى تەرجىمە قىلدى
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام