جوڭگۇدىكى ئەڭ چوڭ رەخت بازىرى(جۇڭگۇدىكى چوڭ بازارلار 7)
جوڭگۇدىكى ئەڭ چوڭ رەخت بازىرى-كېچىياۋ
ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم يازمىسى
ئايروپىلان ياكى پويىز بىلەن جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شەھىرى خاڭجۇغا شەھىرىگە كىلىپ،ئاپتۇبۇس بىلەن 50 كىلومىتىر ماڭغاندىن كېيىن شاۋشىڭ شەھىرىكېچىياۋ بازىرىغا كېلىمىز .
ئاپتۇبۇستا ئولتۇرۇشتا خاڭجۇ شەھىرى جەنۇبىي ئاپتۇبۇس بېكىتىدىن ماڭساق بولىدۇ.
杭州市汽车南站
پويىز ئىستانىسىدىن ئاپتۇبۇس بېكىتىگە 3.5 كىلومىتىر كېلىدۇ.تاكسىدا 13-15 يۈەنگىچە خەجلەيسىز،ئاپتۇبۇس ياكى يەر ئاستى پويىز(مىترو)دا ئولتۇرسىڭىز تېخىمۇ ئەرزان.
مانا بۇ بازار-كېچىياۋ جوڭگۇدىكى ئەڭ چوڭ رەخت،تۇقۇمچىلىق ماشىنىلىرى بازىرىدۇر.
بۇ يەردە دىيارىمىزدىن چىقىپ رەخت سودىسى قىلىۋاتقان،ئوبرۇت شىركىتى(تويۇنبۇ)،ئاشخانا ،تاللا بازىرى ئېچىۋاتقان،تەرجىمانلىق قىلىۋاتقان نەچچە مىڭ ئۇيغۇر تىجارەتچى بار.
<<رەختنى كىلولاپ ساتىدۇ>> دىگەن داڭلىق بازار مانا مۇشۇ!
بۇ بازاردا رەخت تۈرلىرىنىڭ ھەممە خىلىدىن باشقا تۇقۇمچىلىق ماشىنا-ئۈسكۈنىلىرى،شارپا،جەينىماز.....قاتارلىق تۇقۇمچىلىق كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ماللار تېپىلىدۇ.