تاڭسېڭ ئۇسلۇبىدىكى رەھبەرلىك
مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى
8-دەرس 8-پارىگىراپ
تاڭسېڭ ئۇسلۇبىدىكى رەھبەرلىك: ھەر بىر ئادەمنىڭ
ئارتۇقچىلىقىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك
مايۈن بىر قېتىملىق نۇتۇقىدا مۇنداق دېگەن: «جۇڭگولۇقلارنىڭ قارىشىچە، ئەڭ ياخشى قوشۇن «ليۇ بېي، گۇەن يۈ، جاڭ فېي» نىڭ قوشۇنى، يەنە جاۋ زېلۇڭ، جۇ گېلياڭدەك (مىڭ يىلدا بىر ئۇچرايدىغان) قوشۇنلارمۇ بار. بىراق بىزنىڭ قارىشىمىزچە، دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى قوشۇن تاڭسېڭنىڭ قوشۇنى.»
نۇرغۇنلىغان كىشىلەر تاڭسېڭنىڭ ئۈچ شاگرتىغا رەھبەرلىك قىلىش ئۇسۇلى ناھايىتى قالاق، ئۇ پەقەتلا «ھەقىقىي نومنى ئېلىپ كېلىش» نى بىلىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمما مايۈننىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، تاڭسېڭچە رەھبەرلىكتە يۆنىلىش ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، سىرتقى دۇنيادا نېمە ئىش يۈز بېرىشتىن قەتئىينەزەر، تاڭسېڭ ئۆزىنىڭ نوم ئېلىپ كېلىش يولىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. سۈن ۋۇكۇڭنىڭ ئاچچىقى يامان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەرشنى مالىمان قىلالايدىغان ھۈنىرى بار؛ جۇ باجى قورساققا. ئۇيقۇغا ئامراق بولسىمۇ، بىراق ھېسىياتقا دائىر ئىشلارنى چۈشىنىدۇ، يەنە كېلىپ بىر دىپلوماتىيە ئەمەلدارى بولۇشقا لايىق؛ شا سېڭ ھەددىدىن زىيادە «تەرىقەتچى» بولسىمۇ، بىراق ناھايىتى سادىق ھەمدە جاپادىن قورقمايدۇ، بۇنداق قوشۇن ئېنىقلا «بىر تاڭسېڭ+ئۈچ سۈن ۋۇكۇڭ» قوشۇنىغا قارىغاندا تېخىمۇ ھەمكارلىشالايدۇ، جاپا-مۇشەققەتتە بىرگە بولالايدۇ.
مايۈن مۇنداق دېگەن: «بۇ دەل بىر قوشۇننىڭ كوللىكتىپچانلىق روھى، جۇ باجىنىڭ بولۇشى خۇشاللىقتىن، شا سېڭنىڭ بولۇشى ئەپكەش كۆتۈرىدىغان ئادەمنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇنداق قوشۇندا ھېچكىم كەم بولسا بولمايدۇ، كۆپچىلىك ئۆز-ئارا تولۇقلايدۇ، ھالقىلىق پەيتلەردە سوقۇشۇپمۇ قالىدۇ، بىراق كۆپچىلىكنىڭ قىممەت قارىشى ئۆزگەرمەيدۇ. بىزنىڭ شىركەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىزدا بۇنداق قوشۇن ناھايىتى مۇھىم. ئالى بابا دەل مۇشۇنداق قوشۇن، ئىنتېرنېت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان ۋاقىتتا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر نىشانىنى ئۆزگەرتتى، پەقەت بىزلا نىشانىمىزدىن ۋاز كەچمىدۇق.»
ئىگىلىك تىكلەش باسقۇچىدىكى شىركەتكە نىسبەتەن، كەسپ تەرەققىياتى ناھايىتى تەس بولغان ئۆتكۈنچى باسقۇچتىن ئۆتۈپ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشتا، چوقۇم قوشۇننىڭ كۈچىگە تايىنىش لازىم، بۇ دەل مايۈننىڭ تاڭسېڭ رەھبەرلىكىدىكى قوشۇننى ياخشى دەپ قارىغانلىقىنىڭ سەۋەبى.
تېخىمۇ ياخشى «رەھبەرلىك يولى» نى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن، ئالى بابانىڭ قۇرغۇچىسى بولغان مايۈن ئىزچىل قارىماققا ھېچنىمىنى بىلمەيدىغان، ئەمما ئۈچ شاگىرتىغا رەھبەرلىك قىلىپ نوم ئېلىپ كەلگەن تاڭسېڭنى ئۆزىنىڭ ئۈلگىسى قىلىپ كەلگەن. مايۈن مۇنداق دېگەن: «تاڭسېڭ-بىر ياخشى رەھبەر، ئۇ سۈن ۋۇكۇڭنى قاتتىق باشقۇرۇش ئۈچۈن چەمبىرەك ئەپسۇنى ئوقۇشنى بىلىدۇ؛ جۇ باجىنىڭ «قىچىشىدىغان جايلىرى» كۆپ، ئەمما چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان بولغاچقا، تاسېڭ ئۇنى پەقەت تەنقىدلەپ قويسىلا بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ؛ شا سېڭنى ئانچە-مۇنچە ئىلھاملاندۇرۇپ قويسىلا بولىدۇ. شۇنداق قىلالىغاچقا، تاڭسېڭ بۇ كوللىكتىپنى ناھايىتى ئىلغار قىلىپ قۇرۇپ چىققان.»
ئادەم مۇكەممەل بولمايدۇ، بىر كوللىكتىپنىمۇ ئۆز-ئارا كەمچىلىكىنى تولۇقلايدىغان مۇكەممەل قوشۇن قىلىپ قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ. پەقەت ھەقىقىي رەھبەرلا ئۆز ئادەملىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىر مۇكەممەل قوشۇن قۇرۇپ چىقالايدۇ.
ئالى بابانى قۇرۇش جەريانىدا، مايۈن ئۆزىنىڭ قوشۇنىدا سۈن ۋۇكۇڭ بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، بۇ يەردىكى «سۈن ۋۇكۇڭ» كوللىكتىپ ئىچىدىكى تېخنىك خادىم، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىنى كۆرسىتىدۇ. مايۈن شۇنى بىلىدۇكى، بۇنداق كىشىلەر تەۋەككۈل قىلىشقا، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ. بىراق بۇلاردىن باشقا، ئىقتىدارى قانچىلىك كۈچلۈك بولغان ئادەمنىڭ مىجەزى شۇنچە قاغداللىشىپ، ئاسانلا ھېسىياتىغا بېرىلىپ كېتىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا مايۈن دائىم ئۇلارغا «چەمبىرەك ئەپسۇنى» ئوقۇپ، ئۇلارغا كوللىكتىپنىڭ ئورتاق نىشانىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.
ئەلۋەتتە، مايۈن يەنە شۇنى چۈشىنىدۇكى، قوشۇن ئىچىدە يەنە ئىشنى ناھايىتى ئەستايىدىل قىلىدىغان «شا سېڭ» لار كەم بولسا بولمايدۇ، بىراق شا سېڭنىڭ ماھارىتى يۇقىرى بولمىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ كوللىكتىپقا بولغان ئېتىراپ قىلىش ھېسىياتى كۈچلۈك، جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي تاڭ سېڭغا ئەگىشىپ ماڭىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، جۇ باجى گەرچە ھورۇن ۋە قەتئىي ئىرادىسى بولمىسىمۇ، بىراق ئۇ كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ھەل قىلىشقا ناھايىتى ماھىر. ئۇ كىشىلەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىشقا ناھايىتى ماھىر، جۇ باجى نوم ئېلىپ كېلىش جەريانىدا تاڭ سېڭغا ياردەملىشىپ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەن. بىر پىسخىكا تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەرلەر سۈن ۋۇكۇڭنى ياختۇرىدىكەن، بىراق ئاياللار جۇ باجىنى ياخشى كۆرىدىكەن. جۇ باجى ناھايىتى كۆرۈمسىز، ئەمما ناھايىتى سىلىق، مىجەزى ياخشى، كۆڭۈل ئېچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ ھەمىشە كوللىكتىپقا نۇرغۇن خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ. ئەگەر جۇ باجى بولمىسا، كوللىكتىپنىڭ ھاياتىي كۈچى تۆۋەنلەپ زېرىكىشلىك بولۇپ قالىدۇ.
مايۈن ئىزچىل تاڭسېڭنى ياخشى رەھبەر دەپ قارايدۇ، چۈنكى تاڭسېڭ كوللىكتىپ ئىچىدە سۈن ۋۇكۇڭ، جۇ باجى ۋە شا سېڭلارنىڭ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئورنى بارلىقىنى بىلىدۇ. ئەگەر شىركەتتىكى خادىملار پەقەت سۆزلەشنى بىلىپ قىلىشنى بىلمىسە، ئۇنداقتا بۇ ناھايىتى قورقۇنچلۇق ئىش بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تاڭ سېڭ ئۆزىنىڭ ھېچكىمدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشنىمۇ چۈشىنىدۇ، بۇ دەل بىر مۇنەۋۋەر رەھبەرنىڭ ئەڭ مۇھىم قابىلىيىتى.
شۇڭا مايۈن ئىزچىل تاڭ سېڭدىن ئۆگەنگەن، چۈنكى ئۇ بىر كوللىكتىپنىڭ غەلبە قىلىش ياكى قىلالماسلىقى رەھبەرنىڭ رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، مايۈن توغرىسىدا مۇنداق بىر ھېكايە كەڭ تارقالغان: ئەينى ۋاقىتتا مايۈنگە ئەگىشىپ بېيجىڭغا كەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يەنە خاڭجۇغا قايتىپ كەلگەن. نېمىشقا؟ چۈنكى مايۈن بۇ كوللىكتىپنىڭ رەھبىرى بولۇپلا قالماستىن، يەنە بۇ كوللىكتىپنىڭ يول باشلىغۇچىسى.
مايۈنگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، كوللىكتىپ ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق مەسىلە يەنىلا رەھبەرنىڭ مەسىلىسى. جاپادىمۇ-ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولۇش مايۈننىڭ خىزمەتچىلەرگە رەھبەرلىك قىلىشتىكى ئىزچىل ئىشەنگەن ئەقىدىسى. بېيجىڭدىكى ۋاقىتلاردا، مايۈن ئۆزىنىڭ ھەمراھلىرىغا ئوخشاشلا ئىجارىگە ئالغان ئوپچە ياتاقتا تۇرغان، ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن تارتىپ، تاشقى سودا بۆلۈملىرىگە بېرىپ خىزمەت قىلىپ يېرىم كېچىدە ئوپچە ياتاققا قايتىپ كەلگۈچە جەرياندا، مايۈن ئىزچىل ھەمراھلىرى بىلەن بىرگە بولغان.ھازىرغا قەدەر، ئالى بابا خىزمەتچىلەرگە مائاش تارقىتىشتا ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىملەش ئۇسۇلىنى قوللانماقتا. شۇ سەۋەبتىن، مەركىزىي تېلېۋېزىيە ئىستانىسسىدىكى بىر قېتىملىق سۆھبەت پىروگراممىسىدا مايۈن «ھېچكىم بىزنىڭ قوشۇنىمىزنى پارچىلىيالمايدۇ» دەپ ئېيىتقان. كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، مايۈن-بىر ياخشى رەھبەر، ئالى بابا ئەڭ مۇكەممەل قوشۇن.
*************
مەنبە : چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى
<< مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى >> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى– ئۇيغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى