A-A+

خېرىدارغا سەمىمىيلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارنى سۈپەتلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

2015-يىل 8-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 372 قېتىم

مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى

48cb3cfd-6653-4408-ab50-887c34a234ec

10-دەرس 9-پارىگىراپ

خېرىدارغا سەمىمىيلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارنى

سۈپەتلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

ماقال-تەمسىللەردە «سودا يولى-ئادەم بولۇش يولىدۇر» دەپ ئېيتىلغان. ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش-قازىنالماسلىقى زور دەرىجىدە ئۇنىڭ ئادەم بولۇش ۋە ئىش قىلىش پىرىنسىپى بىلەن باغلىق. بىر قىسىم ئادىمىيلىك سۈپەتلەر، بولۇپمۇ سەمىمىيلىك قاتارلىقلار ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىگىلىك تىكلىگۈچىگە نىسبەتەن، سەمىمىيلىك ۋە ئىناۋەت خېرىدارغا ئېرىشىشتىكى زۆرۈر يول.

2001-يىلى، جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەن. خەلقئارا بازارنى تېخىمۇ كېڭەيتىش مەخسىتىدە، ئالى بابا «جۇڭگو تەمىنلىگۈچى سودىگىرى» مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، جۇڭگونىڭ سۈپەتلىك كارخانا ۋە تاۋارلىرىنى يەر شارى مىقياسىدا كېڭەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە «ئالى بابا تەۋسىيە سودىگىرى» مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، خەلقئارادىكى سېتىۋېلىش گۇرۇھلىرىدىن ۋورما، GM ئېلېكتىر گۇرۇھى، Markant ۋە SOBOND قاتارلىق شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، تور ئارقىلىق دۆلەت ھالقىپ مال سېتىۋېلىش تۈرىنى يولغا قويغان.

ھالبۇكى بۇ خىل مۇلازىمەت بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى ھەل قىلغان بولسىمۇ، بىراق نۇرغۇنلىغان كىشىلەر تور سودىسىدىكى سەمىمىيەت كاپالىتىدىن گۇمانلانغان.

«ھازىرقى زامان باشقۇرۇش ئاتىسى» بىت دىرۇك مۇنداق دېگەن: «ئىنتېرنېت زور دەرىجىدە كومپيۇتېر قىلالايدىغان ئىشلارغا بېقىنىدۇ، بىراق ئۇ ھەرگىزمۇ بىز ئەزەلدىن قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەنە بىر قىسىم ئىشلارنى قىلالمايدۇ. ئۆتكەن ھەپتە مەندىن مەسلىھەت سورىغان بىر كارخانا ياۋروپادىكى ئەڭ ئاۋال كومپيۇتېر ئىشلەتكەن ئاز ساندىكى كارخانىلارنىڭ بىرى بولۇپ، بىز ئەينى ۋاقىتتا تەمىنلىگۈچى سودىگەرنى قانداق تاللاش ھەققىدە سۆھبەتلەشتۇق. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى مۇنداق دېدى: مەن ئىستىراتېگىيە تۈزگەندە ئويلىنىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئامىل-مەن بۇ ئادەمگە ئىشىنەلەمدىم-يوق؟ دىگەن مەسىلىدىن ئىبارەت. مەن ئۇنىڭدىن بۇ نوقتىنىڭ نېمىشقا بۇنچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى سورىدۇم، ئۇ ماڭا: چۈنكى سىز مەلۇم قىيىنچىلىقلارغا پېتىپ قالغان ۋاقىتتا، تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر سىزگە ياردەملىشىدۇ. پۇلنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر بىلەن خېرىدارنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر ئوتتۇرىسىدا پەرق ناھايىتى چوڭ بولىدۇ، شۇڭا بۇلارغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ھۆكۈم قىلىش كۈچى دەل كومپيۇتېر قىلالمايدىغان ئىش.» شۇ سەۋەبتىن، ئېلېكترونلۇق سودا كارخانىلىرى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش جەريانىدىكى سەمىمىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى كېرەك.

مايۈن يەككە ئىگىلىك تەرەققىي قىلغان جېجياڭدا چوڭ بولغان، ئۇ ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە ئېھتىياجىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان. ئالى بابا خېرىدارلار بىلەن پىكىرلىشىش ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق شۇنى بايقىغانكى، نۇرغۇنلىغان كارخانىلار سەمىمىيەت مەسىلىسى سەۋەبلىك توردا سودا قىلىشنى خالىمايىتتى. ئۆتكەن نەچچە مىڭ يىل جەريانىدا، جۇڭگولۇقلار ئىزچىل ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە تايىنىپ سەمىمىيەتكە كاپالەتلىك قىلىپ كەلگەن. ئەمما توردا ئادەملەر ئوتتۇرىسىدكى ئارلىقنى بىر قەۋەت پەردە توسۇپ تۇرىدۇ، سىز قارىشى تەرەپنىڭ چىرايىنىمۇ كۆرەلمەيسىز، بۇنداقتا سەمىمىيلىكتىن قانداقمۇ گەپ ئاچقىلى بولسۇن؟

ئالى بابا يەنە ئۆزىنىڭ ئەزالىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ «19-سىنتەبىر سەمىمىيەت كۈنى» نى قوللاش نىسبىتى %99 كە يەتكەن ، بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى. ئالى بابانىڭ سودىگەر ئەزالىرى ئىناۋەتكە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرەتتى، چۈنكى ئۇلار ھەر كۈنى ئالى بابا تور بېكىتىدە سودا پائالىيەتلىرى ۋە ئالاقە ئېلىپ باراتتى.

مايۈن مۇنداق دېگەن: «ئىناۋەتكە ئېرىشىش-ئېرىشەلمەسلىك سودا پائالىيىتىدىكى مۇھىم ئامىل. ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ئىناۋەتنى چۈشەنگەندە تەننەرخى كۆپ، ئۈنۈمى تۆۋەن بولىدۇ. ئەگەر بىر پاختا يىپ ساتىدىغان شىنجاڭلىق سودىگەر بىلەن پاختا يىپ سېتىۋالىدىغان شەرقىي شىماللىق سودىگەر ئۇچرىشىپ قالسا، ئىككەيلەن قانداق قىلىپ ئۆز-ئارا چۈشەنچە ھاسىل قىلالايدۇ؟ قانداق قىلىپ رىقابەتچىنىڭ مال سېتىۋالغۇچى قىياپىتىدە باھا تەكشۈرگىلى كەلگەنلىكىنى بىلەلەيمىز؟ ئوخشاشلا، سېتىۋالغۇچى قارىشى تەرەپنىڭ ۋەدىسىگە ۋە مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە قانداق ئىشىنەلەيدۇ؟ بۇنىڭدا چوقۇم نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ. بۇ تور سودىسىدا ناھايىتى ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلىدىغان مەسىلە. دۆلەت ئىچىدىكى توردا پۇل تۆلەش سىستېمىسىنىڭ تەرەققىي قىلماسلىقى، پوچتا تورىنىڭ قالاقلىقى، سەمىمىيەت مۇھىتىنىڭ قويۇق بولماسلىقى، شەخسىي كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەر سانىنىڭ ئاز بولۇشى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى قاتارلىقلار بىخەتەر ھەق تۆلەش مەسىلىسىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرگەن.

شۇنداق قىلىپ، خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىلىكلىك دەرىجىسى ۋە پايدا ئېلىش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئالى بابا ھەر خىل شەكىلدىكى تەربىيەلەشلەرنى يولغا قويغان. ئۆزلىرىنىڭ خېرىدار سەمىمىيەت سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، ئالى بابا ئىلگىرى-كېيىن كارخانا سەمىمىيىتىنى تەستىقلاش شەكلىدىكى «سەمىمىيەت ئۆتكىلى» ۋە ئالىپاي كاپالەت سودا شەكلىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ھەمدە «پەقەت سەمىمىي سودىگەرلەرلا باي بولالايدۇ» دېگەن شۇئارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش جەريانىدىكى سەمىمىيلىككە ۋە توردا مۇكەممەللەشكەن مەۋھۇم بازار قۇرۇشقا كۈچىگەن.

ئالى بابا «سەمىمىيەت ئۆتكىلى» ۋە تاۋباۋ تور بېكىتى ئالىپاي پۇل تۆلەش سىستېمىسىنىڭ مەيدانغا چىقىشى ئالى بابا ۋە تاۋباۋ تور بېكىتىنىڭ ئۆز خېرىدارلىرىنىڭ سەمىمىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماستىن، يەنە كارخانا بىلەن كارخانا ئوتتۇرىسىدىكى سەمىمىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلغان.

ھالبۇكى، سەمىمىيلىك يالغۇز مايۈننىڭ تىجارەت يولى بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە كۆپ قىسىم ئەئەنىۋى كارخانىلارنىڭ ھاياتلىق ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى. ئۇنداقتا، ئەنئەنىۋى شەكلدە تىجارەت قىلىدىغان كارخانىلار قانداق قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ سەمىمىيەت ئوبرازىنى ساقلىيالايدۇ ۋە خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ؟ بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق كارخانىلار سەمىمىيەت ئوبرازىنى تەكلەشتە تۆۋەندىكى بىر نەچچە نوقتىغا دېققەت قىلىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىرىنچى، كارخانا مالىيە ئىناۋىتى

كارخانا مالىيە جەھەتتە چوقۇم مالىيە ئىناۋىتى تۈزۈمىگە رېئايە قىلىشى كېرەك. مەسىلەن: پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، تەمىنلىگۈچى سودىگەر، خېرىدارلار بىلەن بولغان بېرىش-كېلىش قاتارلىقلاردا توختامدا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۆلەشكە تېگىشلىك ھەقلەرنى تۆلەش كېرەك، بۇ كارخانىنىڭ مالىيە ئىناۋىتىنىڭ تۈپكى كاپالىتى.

ئىككىنچى، مەھسۇلات ئىناۋىتى

كارخانا تەمىنلىگەن ھەر بىر مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى چوقۇم بەلگىلەنگەن سۈپەت ئۆلچىمىگە يېتىشى كېرەك. مەسىلەن: ساختا مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارماسلىق؛ بەلگىلەنگەن ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىگە رېئايە قىلغان ئاساستا ئىشلەپچىقىرىش، مەھسۇلاتنىڭ بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ بازارغا سېلىنغان مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتىنى قاتتىق كونترول قىلىش، مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش سۈرۈكى ئىچىدە سېتىپ چىقىرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ مەسىلە بايقالغان مەھسۇلاتلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئالماشتۇرۇش، خېرىدارلار سېتىۋالغان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچى، تەشۋىقات ئىناۋىتى

كارخانا مەھسۇلاتنى تەشۋىق قىلىش جەريانىدا، كارخانىنىڭ تەشۋىقات ھەرىكىتى چوقۇم ئۇنىڭ مەھسۇلاتى بىلەن ماسلىشىشى، كارخانا تەشۋىقاتى بىلەن مەھسۇلات بىردەك بولۇشى كېرەك. مەسىلەن: ساختىلىق ئىشلەتمەسلىك، ئېلان سۆزىنى كۆپتۈرۋەتمەسلىك؛ ساختا، يامان نىيەتلىك تەشۋىقات ۋاستىلىرىنى قوللىنىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك.

تۆتىنچى، مۇلازىمەت ئىناۋىتى

كارخانا چوقۇم ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتىغا ماس كەلگەن مۇلازىمەتنى تەمىنلىشى كېرەك. مەسىلەن: بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەش؛ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا مەھسۇلاتنىڭ سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتىنى قىلىش؛ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا مەھسۇلاتنى ئالماشتۇرۇش ۋە قايتۇرۇش؛ بەلگىلمىگە ئۇيغۇن كەلگەن مۇلازىمەت پوزىتسىيەسى بويىچە مۇلازىمەت قىلىش قاتارلقىلار كارخانىنىڭ مۇلازىمەت ئىناۋىتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ھالقىلار ھېسابلىنىدۇ.

بىر كارخانا يۇقارقىلارنى ياخشى قىلالىسا، ئاندىن شىركەت ئۈچۈن ياخشى ئوبراز تىكلىيەلەيدۇ-دە، خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. بۇنداق دائىم خېرىدار ئۈچۈن ئويلايدىغان، سەمىمىيەتنى ئاساس

قىلغان كارخانا خېرىدارلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئوبيېكىت بولالايدۇ.

***************

مەنبە : چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى

<< مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى >> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى– ئۇيغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ