A-A+

نامراتلار مەغلۇبىيەتتىن قورقىدۇ، بايلار خىيىم – خەتەرنى كونترول قىلالايدۇ

2015-يىل 4-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 235 قېتىم

نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ

( بىرىنچى كىتاپ )

29781515515736

5-باپ 6-پارىگىراپ  

نامراتلار مەغلۇبىيەتتىن قورقىدۇ، بايلار خىيىم – خەتەرنى كونترول قىلالايدۇ

نامراتلاربىلەن بايلاردا زادى قانداق پەرقلەر مەۋجۇت؟ پەرق بانكىدىكى ئامانىتى ياكى دېڭىزبويىدىكى داچىسىدىمۇ؟ ياكى يېڭى تىپتىكى «بېنىز» ماشىنا ۋە تاماق ئۈستىلىدىكى مول نازۇ – نىمەتلەردىمۇ؟ ئەمەلىيەتتە ھېچقايسىسى ئەمەس، نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى پەزىلەت ۋە ئىرادە جەھەتتىكى پەرقتۇر.

   تۇرمۇش ھەربىرئادەمگە نىسبەتەن ئادىل، مەيلى نامراتلار ياكى بايلار بولسۇن، تۇرمۇش ئەزەلدىن مەڭگۈ راۋان بولمايدۇ. كىشىلىك ھاياتنىڭ دوقاللىرىغا دۇچ كەلگەندە، بايلار ئادەتتە ھالقىپ ئۆتۈشنى تاللايدۇ، بىراق نامراتلار كۆپىنچە ھاللاردا «ئېقىمغا ئەگىشىدۇ.»نۇرغۇنلىغان بايلارنىڭ قاتمۇ – قات خەتەر بولغان ئىگىلىك يارىتىش يولىغا قاراپ مېڭىشىدىكى سەۋەب دەل ئۇلارنىڭ ھاياتىدا تۇيۇقسىز بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈزبەرگەنلىكىدە. بۇ خىل ئۆزگىرىشلەرنىڭ كۆپىنچىسى پاسسىپ ئۆزگىرىش بولۇپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ھاياتىنى چوڭقۇر ھاڭلارغا پاتقۇزۋېتىدۇ. بۇ خىلدىكى ئۆزگىرىشلەرگە دۇچ كەلگەن ۋاقىتتا، بايلار خۇددى پۇرژىنىغا ئوخشايدۇ، رېئاللىقنىڭ بېسىمى قانچە چوڭ بولسا «ئېلاستىك قارشىلىق» ىمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. ئەمما نامراتلاردا بۇنداق«پۇرژىنىلىق» پەزىلەت كەمچىل، بىر مۇقىم كىرىمدىكى زىيانسىز بولغان تۈرگە يولۇقسىمۇ ئۇلا يەنىلا قورقىدۇ، مەغلۇب بولۇشتىن قورققانلىقى ئۈچۈن باي بولۇش پۇرسىتىنىمۇ ئۆتكۈزۋېتىدۇ.

   باففېت ئىلگىرى مۇنداق سۆزلەرنى قىلغان: «مۇۋەپپەقىيەتكە سېلىنغان مەبلەغ ھەرگىزمۇ بەك كۆپ پاراسەتكە مۇھتاج ئەمەس.» نامراتلار ئىش قىلىشتىن بۇرۇن ھەمىشە خەتەرنىلا كۆرىدۇ، بىراق خەتەرنىڭ ئارقىسىدىكى بايلىقنى كۆرەلمەيدۇ. بايلار شۇنى بىلىدۇكى،ئەڭ چوڭ پايدىغا ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم بەلگىلىك خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش كېرەك.

   مۇنداق بىرئېبىرەتلىك ھېكايەت بار:

   پادىشاھ يىراققا سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن ئۈچ چاكىرىنىڭ ھەربىرىگە بىر نۆكچىدىن كۈمۈش بېرىپتۇ، ھەمدە ئۇلارنى كۈمۈشتىن پايدىلىنىپ سودا قىلىشقا بۇيرۇپتۇ. پادىشاھ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، ئۇلارنى بىر يەرگە يىغىپ «مەبلەغ سېلىش» ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپتۇ. بىرىنچى چاكار كۈمۈشنى ئىشلىتىپ يېزىدىكى دېھقانلاردىن بىر سېۋەت ئالما سېتىۋاپتۇ، ھەمدە ئالمىلارنى شەھەرگە ئاپىرىپ سېتىپ 10 نۆكچە كۈمۈش تېپىپتۇ؛ئىككىنچى چاكار شاھمات ئويناشقا ئۇستا ئىكەن، ئۇ كۈمۈشنى ئىشلىتىپ بىر شاھمات تاۋكاسى قۇرۇپتۇ، نەتىجىدە بەش نۆكچە كۈمۈش ئۇتۇپتۇ؛ ئۈچىنچى چاكار سودا قىلىپ زىيان تارتىشتىن قورققاچقا، پادىشاھ قايتىپ كەلگەندە ئەينى ۋاقىتتىكى بىر نۆكچەكۈمۈشنى قايتۇرۇپ بېرىپتۇ.

   ئەھۋالنى چۈشەنگەندىن كىيىن، پادىشاھ بىرىنچى چاكارنى 10  شەھەر بىلەن تارتۇقلاپتۇ، ئىككىنچى چاكارغا بەش  شەھەر ئىنئام قىپتۇ. ئۈچىنچى چاكار پادىشاھ ماڭا بىر سېپىل شەھەر بېرىدىغان بولدى دەپ ئويلاۋاتقاندا، ئويلىمىغان يەردىن پادىشاھ ئۇنىڭغا ھېچنىمە بەرمەيلا قالماستىن، ئۇنىڭدىكى بىر تىللانى قايتۇرۋاپتۇ. پادىشاھ مۇنداق دەپتۇ: «كۆپنى تېخىمۇ كۆپەيتىش، ئازنى تېخىمۇ ئازايتىش كېرەك» .بۇ قائىدە دەل ئىقتىساد ئىلمىدىكى «مەت تەسىرى» ئىدى.

   نامراتلارمەغلۇب بولۇشتىن قورققاچقا تېخىمۇ نامراتلىشىدۇ، بايلار خىيىم – خەتەرنى كونترول قىلىشقا ماھىر بولغاچقا تېخىمۇ باي بولىدۇ. نامراتلار دائىم مۇنداق ئەپسۇسلىنىدۇ:«تۇرمۇشتا خەتەر ھەممىلا جايدا مەۋجۇتكەن ئەمەسمۇ، يەنىلا سۇغۇرتىلانغان ياخشىكەن،پۇل تاپقان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ چوقۇم ئامىتى ئوڭكەن.» ئەمەلىيەتتە نامراتلارنىڭ «تەتۈر پىشانىلىكى» قورقۇشتىن كەلگەن، چۈنكى ئۇلار «ئوڭ ئامەت» نىڭ توختىماستىن تىرىشىش ئارقىلىق قولغا كېلىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ.

   بايلاردا ھەرگىزمۇ سۈنۋۇكۇڭنىڭ «يەتمىش ئىككى خىل ھۈنىرى ›› يوق. ئۇلار بىر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ چوقۇم غەلبە قىلدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلمەيدۇ، بىراق ئۇلار سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلىدۇ، ھەمدە خىيىم – خەتەرنى مەلۇم بىر دائىرىدە تىزگىنلەيدۇ.لۇيىس.بىرەندىس ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: «دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئىشلار قىلىشتىن بۇرۇن ھەمىشە باشقىلار تەرىپىدىن مۇمكىن ئەمەس دەپ قارالغان.»

   «مۇھاكىمەۋە بايان» دا مۇنداق بىر جۈملە بار: «قىلالمىسىمۇ قىلىش كېرەك.» نۇرغۇنلىغان بايلار خىيىم – خەتەرگە يولۇققان ۋاقىتتا، بۇ خىلدىكى «قاتتىق بىلەن قاتتىققا تاقابىل تۇرۇش» پوزىتسىيىسىدە بولىدۇ.

   سۇمۇرغ قانىلى شاڭگاڭدا بارلىققا كەلگەن، ئەينى ۋاقىتتا شاڭگاڭدا ئەۋزەل ئورۇندا تۇردىغىنى ئاسىيا تېلېۋېزىيىسى بىلەن سىمسىز تېلېۋېزىيە بولۇپ، بۇ ئىككى قانال ھەقسىز قويۇلاتتى. سۇمۇرغ تېلېۋېزىيىسى بىر تەرەپتىن شاڭگاڭدىكى «ئاسىيا تېلېۋېزىيىسى»ۋە «سىمىز تېلېۋېزىيە» دىن ئىبارەت بۇ ئىككى «قېرى خوجايىن» لار بىلەن رىقابەتلىشەتتى، يەنە بىر تەرەپتىن جۇڭگونىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە كىرىپ كەڭ بازارئاچماقچى بولغان ئىدى. بۇ ئەينى ۋاقىتقا نىسبەتەن ناھايىتى تەس ئىدى. ھالبۇكى،سۇمۇرغ تېلېۋېزىيەسىنىڭ خوجايىنى لىيۇچاڭلې «ئورۇنلاش مۇمكىن بولمايدىغان بۇ ۋەزىپە» نى ئۇرۇنلاپ تۈگەتكەن.

   سۇمۇرغ تېلېۋېزىيەسىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى بولغان ئامېرىكا ئاخبارات گورۇھىدىكى ھېردوك ئىلگىرى سۇمۇرغ تېلېۋېزىيەسىگە مۇنداق ئېنىقلىما بەرگەن: «كۆڭۈل ئېچىش، كۆڭۈل ئېچىش يەنە كۆڭۈل ئېچىش››. ھالبۇكى، لىيۇچاڭلې پىششىق ئويلىنىش ئارقىلىق، خەتىرى چوڭبولغان ئېقىم مەسىلىلىرى لىنىيىسىگە قاراپ مېڭىشنى قارار قىلغان. ئەتراپلىق بازارتەكشۈرۈش ئارقىلىق، لىيۇچاڭلې بىر كەڭرى كۆرۈرمەنلەر توپىنى بايقىغان، بۇلار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، سودىگەرلەر، ھۆكۈمەت خادىملىرى، ئالىملار ۋە ئەتراپىدىكى خەۋەرلەرگە ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ تۇرىدىغان ئۇششاق شەھەر ئاھالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇ توپنىڭ سىياسىي ئېقىم مەسىلىلىرىگە بولغان قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا، ھەرقايسى تېلېۋېزىيە ئىستانىسسىلىرى تەيۋەن خەۋەرلىرى ۋەخەلقئارا خەۋەرلەرنى قويۇشنى چەكلىگەن بولۇپ، بۇ توپنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايىتتى، شۇنداق قىلىپ لىيۇچاڭلې بۇ ئىككى خىل ئالاھىدىلىكنى سۇمۇرغ تېلېۋېزىيەسىنىڭ «يول خېتى» قىلىشنى قارار قىلغان.

   1997 – يىلى سۇمۇرغ تېلېۋېزىيەسى خانىش دىئاننانىڭ ماتەم مۇراسىمىنى بىۋاستە قويغان؛ 2001 – يىلى 9 –ئايدا ئامېرىكىنىڭ «11 – سىنتەبىر ۋەقەسى» نى مۇۋاپىق ۋاقىتتا خەۋەر قىلغان؛ بۇلارسۇمۇرغ تېلېۋېزىيەسىنىڭ جۇڭگولۇقلار دۇنياسىدىكى ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن.

   لىيۇچاڭلې ئىگىلىك يارىتىشنى باشلىغان ۋاقىتتا، ماددى كۈچ ۋە ئادەم كۈچى ناھايىتى كەمچىل بولۇپ، قاتمۇ – قات توسقۇنلۇقلارغا ئۇچرىغان ئىدى. ھالبۇكى ئۇ بۇ خىيىم –خەتەرلەرنى كونترول قىلىش يولىدا مېڭىپ دۇنياغا «سۇمۇرغ» نى كۆرسىتىپ قويغان.

   لىيۇچاڭلې ئىگىلىك يارىتىشنىڭ دەسلىپىدە نۇرغۇن قېتىملىق مەغلۇبىيەتلەرگە دۇچ كەلگەن، بىراق ئۇ توختىماستىن سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلىپ جۇڭگولۇقلار دۇنياسىدىكى ئاخبارات سەركىسىگە ئايلانغان. بايلار ئەزەلدىن مەغلۇبىيەتنى ئېغىر ئالمايدۇ، ئۇلارئەستايىدىللىق بىلەن تەجىرىبە – ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ھەربىر قېتىملىق مەغلۇبىيەتنى ئۆزىنى يۈكسەلدۈردىغان پۇرسەت قىلىدۇ.

   بۈگۈنكى دۇنيادىكى ياشلار ھەقىقەتەن نەتىجە قازىنىپ، بايلىققا ئېرىشمەكچى بولسا، چوقۇم ھەممە ئىشتىن ئېھتىيات قىلىدىغان ئىش قىلىش ئۇسۇلىنى تاشلىشى، دۆلەت قانۇنى ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاققا رىئايە قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا تىرىشىپ سىناپ بېقىشى،ھەربىر قېتىملىق مەغلۇبىيەتنى ئالغا ئىلگىرىلەش پەلەمپىيىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.ئۇنداقتا ئوزۇنغا قالماي، بايلىق بىزگە يېقىنلاپ كېلىدۇ.

بايلىقنىڭ بايانى:

   كىچىك ئاققۇ شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جۇدېكۈن ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: «ھايات – ماماتلىق يولىغا ماڭغاندىلا ئاندىن چىقىش يولى تاپقىلى، خەتەرنى ئەمىنلىككە ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.» بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدىكى، بايلاردا ھەرگىزمۇ خەتەردىن ئۆزىنى قاچۇرالايدىغان «خىسلەتلىك گۆھەر» يوق، بىراق ئۇلاردا خەتەرنى كونترول قىلالايدىغان ئۇسۇل ۋە جاسارەت بار.ئېھتىمال مەغلۇبىيەت بايلارنىڭ ماددى بايلىقنى ئېلىپ كېتەلىشى مۇمكىن، بىراق ھەرگىزمۇ بايلارنىڭ ئىرادىسى ۋە جاسارىتىنى ئېلىپ كېتەلمەيدۇ، پەقەت ئازراقلا ئۈمىد بولسا، ئۇلار تىرىشىش ئارقىلىق تەغدىرنى ئۆزىگە باش ئەگدۈرىدۇ.

*********************************************

مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى-ئويغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام

2014-يىلى .جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ