A-A+

كارخانىغا ئەڭ قابىل رەھبەرنى تېپىش كېرەك

2015-يىل 24-ئاۋغۇست تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 429 قېتىم

ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى

 5 - باب 11 - پارگىراف 

w0200707133487108540484

بېيىش تەپەككۇرى:

   نامراتلار: جاپا تارتىپ قۇرغان كارخانىنى بالىلىرىمىزغا قالدۇرمىساق كىمگە قالدۇرىمىز؟ كارخانىنىڭ بالىلىرىمىزغا قالغىنى باشقىلارغا قالغىنىدىن ياخشى.

   ۋېنجۇلۇقلار: كارخانا بىر خىل ئىجتىمائىي بايلىق، بالىلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئويلىغانلىرى بولىدۇ، ئەگەر ئۇلاردا كارخانىنى باشقۇرۇش ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارى بولسا ياخشى، ئەمما كارخانىنى قولىغا ئېلىشنى خالىمىسا ياكى باشقۇرۇشقا ئىقتىدارى يەتمىسە، كارخانىنى ھالاكەتكە يۈزلەندۈرگەندىن كۆرە باشقىلارنىڭ باشقۇرۇشىغا بېرىش كېرەك.


   «جۇڭگو ئىقتىساد گېزىتى» دە ئىلگىرى مۇنداق كۆرسىتىلگەن: «جەمەت خاراكتېرلىك كارخانىلار ۋېنجۇغا ئىنتايىن ئومۇملاشقان. بىراق رىقابەت بېسىمى ئاستىدا، بۇ خىل كارخانىلار يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلىشنىڭ قىيىنلىقىنى ۋە كارخانا يۈرۈشتۈرۈشتىكى مەسىلىلەرنى تونۇپ يەتكەن. دەسلەپكى ۋاقتتا، كارخانا رەھبەرلىرى دائىم كارخانىدىكى ئورگانلارنىڭ مۇقىم بولماسلىقى، كادىرلار ساپاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ۋە باشقۇرۇش ئىلمى بولماسلىق قاتارلىقلاردىن ئاغرىنغان. ئەمما ئۇلار سەۋەبنىڭ جەمەت خاراكتېرىنىڭ كارخانىنىڭ ئىلگىرىلەش يولىنى توسۇپ قويغانلىقىنى بىلمىگەن. گۇرۇھ كارخانىسى ۋە ئەزا كارخانا، گۇرۇھ بىلەن سېتىش شىركەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قانداق قىلىپ چىڭىتىش مەسىلىسى ئېغىر مەسىلىگە ئايلانغان.»

   تىڭيۈ گۇرۇھىنىڭ باش لىدېرى فەن پېيسۇڭ مۇنداق دېگەن: «كارخانىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ جەمەتنىڭ كۈچى بارغانسېرى ئاجىزلايدۇ، ئاجىزلىشىش بىلەن بىر ۋاقتتا سىز يەنە سىرتقى كۈچ ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولىسىز.»

   بۈگۈنكى كۈندە بارغانسېرى كۆپلىگەن ۋېنجۇلۇقلار كارخانا ۋارسلىرىنىڭ بالىلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ

قالسا بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. ۋېنجۇدا ئاتا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى ۋارسلىق توغرىسىدا ئېقىپ يۈرگەن بىر تەمسىل بار: «ئەگەر سىزنىڭ بالىلىرىڭىز سىزدىن كۈچلۈك بولسا، سىزنىڭ ئۇلارغا كارخانىنى قالدۇرۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق؛ ئەگەر سىزنىڭ بالىلىرىڭىز سىزگە يەتمىسە، ئۇنداقتا يەنىلا كارخانىنى ئۇلارغا قالدۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق؛ ئەگەر بالىلىرىڭىز سىز بىلەن ئوخشاش بولسا، ئۇنداقتا ئۇلارنى ئىشلىرىڭىزغا ۋارسلىق قلدۇرۇشىڭىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.»

   ۋارسلار مەسىلىسىدە نەن سۈنخۇي كۆڭلىگە ئېنىق سان پۈككەن.

   2004-يىللىق جېجياڭ پۇقراۋى كارخانا باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ باش قوشۇش يىغىنىدا، نەن سۈنخۇي ئۆزىنىڭ ۋارسلىق مەسىلىسىگە بولغان كۆز-قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «جېڭتەيدە 100 دىن ئارتۇق پايچىك بار، بۇنىڭ ئىچىدىكى توققۇزى يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى. بىز بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن جېڭتەيگە كىرمەستىن، باشقا جايلارغا بېرىپ تىرىشىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ھەمدە ئۇلارنى ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا كۈزىتىمىز ۋە سىنايمىز. ئەگەر پىشىپ-يېتىلگەنلىرى بولسا مۇدىرىيەت ئۇلارنى جېڭتەيگە كېلىشكە تەكلىپ قىلىدۇ؛ ئەگەر مەغلۇب بولسا، بىز ئەسلىدىكى پايچىكلار ھەيئىتى بىر فوند تەشكىللەپ، مەزكۇر فوند ئارقىلىق مەغلۇب بولغان شۇ پەرزەنتلەرنى باقىمىز، فوندنى مۇتەخەسسلەر  ۋاكالىتەن باشقۇرىدۇ.»

   مەغلۇب بولغانلار فوندى قارىماققا غەلىتە ئاڭلىنىدۇ، ئەمما نەن سۈنخۇي بۇ مەسىلىنى ئۇزۇن ئويلانغان.

بۇنداق قىلىشنىڭ سەۋەبى، جېڭتەي گۇرۇھىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ بالىلىرى بىر يەرگە يىغىلغاندا دائىم ئاتا-ئانىسىنىڭ جېڭتەيدىكى پاي ئۈلۈشىگە ئاساسەن رەتكە تىزىلىپ ، كىمنىڭ دادىسىنىڭ شىركەتتىكى بىرىنچى قول، كىمنىڭ ئىككىنچى قول ئىكەنلىكىنى تالىشاتتى. قارىماققا بالىلارنىڭ ئويۇنىغا ئوخشايدىغان بۇ ئىش نەن سۈنخۇينى سەگىتكەن.

   ئۇ شۇنى ھېس قىلەپ يەتتىكى، ئەگەر بۇ بالىلار چوڭلارنىڭ ئورنىدا جېڭتەيدە ئىشلىسە، يەنە پايچەك ئۈلۈشىگە ئاساسەن جېڭتەيدە ئورۇن تالىشىپ، ئىقتىدارلىقلار بىر چەتتە تۇرۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى.

   شۇنداق قىلىپ نەن سۈنخۇي ۋارسلار مەسىلىسىنى بالدۇرراق ئويلىنىپ، «مەغلۇب بولغانلار فوندى» تەسىس قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ۋارسلارغا بولغان كۆز-قارىشىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن.

   نەن سۈنخۇي مۇنداق دېگەن: «مەن كىچىك بالىلارغا ئۇلارغا قالدۇرىغىدەك كۆپ بايلىقىمنىىڭ يوق بولۇشىنى ئېيتىمەن. ئۇلارغا بېرەلەيدىغان ئەڭ كۆپ نەرسەم مېنىڭ ئىگىلىك تىكلەش روھىم ۋە كۈرەش قىلىش روھىمدۇر. مەن ئۇلارغا يەنە < ئەگەر سىلەردە ئۆگىنىش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە قۇرۇش ئىقتىدارى بولمىسا، پۇل بەرگەن تەغدىردىمۇ يۈك ھېسابلىنىدۇ > دەيمەن .مېنىڭ ئۇلارغا كۆپلەپ بايلىق قالدۇرۇشۇم ناتايىن. بۇ بايلىقلار ئېھتىمال فوندقا ئايلىنىپ جەمئىيەتكە ئىئانە قىلىنىشى مۇمكىن، مېنىڭ ھازىر ئۇلارنىڭ مائارىپىغا سالغان مەبلىغىم دەل ئۇلارنى ئۆگىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.

   مېنىڭچە كەسپى مەسئۇللار ئۆز جەمەتىدىن بولسىمۇ ياكى بولمىسىمۇ بولىدۇ، مەن بۇ ئورۇنغا ئاساسەن ئىقتىدارلىقلارنى بەلگىلەيمەن، ئەگەر سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىز بولسا قىلىڭ بولمىسا چۈشۈپ كېتىڭ.»

   نەن سۈنخۇي مۇنداق دەيدۇ: «ئوغلۇم ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىقتىدارى نەگە يەتسە شۇ يەردە ئىشلەيدۇ. بىراق چوقۇم باشقا خىزمەتچىلەرگە ئوخشاشئىشنى نۆلدىن  باشلىشى، قاتتىق سىناقلارنى

باشتىن كەچۈرىشى كېرەك.»

   ۋېنجۇ ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش جەمئىيىتىنىڭ  رەئىسى جۇ دېۋېن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇۇ :<<جەمەت خاراكتېرلىك كارخانىلارنىڭ ئەزالىرى كارخانىنىڭ بارلىق ياكى بىر قىسىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە، ھەمدە شىركەتتىكى ئەڭ مۇھىم باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قولىدا تۇتۇپ، ئائىلە باشلىقى شەكلىدىكى باشقۇرۇشنى يۈرگۈزىدۇ.شۇنداق بولغاچقا جەمەت مەدەنىيىتى ھېسىياتقا

بېقىنىپ، ئادەمنىڭ باشقۇرۇشى قانۇننىڭ باشقۇرۇشىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. بىراق ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تەپەككۇر شەكلىدە  ئوخشاشلىقلار ناھايتى كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە  بىرمۇ بۆسۈش نۇقتىسى يوق بولغاچقا، ئاسانلا سودا پۇرسىتىگە دەخلى قىلىدۇ.شۇڭا كەسپلەشكەن باشقۇرۇش ناھايىتى

زۆرۈردۇر.»

   ۋېنجۇدىكى يەرلىك تاراتقۇلار ۋېنجۇدىكى 30 كارخانىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا بۇنىڭ نەتىجىسى مۇنداق بولغان :پەقەت %20 كارخانىچى دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن كارخانىنى بالىلىرىغا قالدۇرۇشنى ئويلاشقان، %60 كە يېقىن كارخانىچى بالىلىرىنى ۋارسلار تىزىملىكىگە كىرگۈزمىگەن، قالغان كارخانىچىلار ۋارس

لار مەسىلىسىنى تېخى ئويلاشمىغانلىقىنى ئېيىتقان.

   «مەن ئەزەلدىن ئىككى قىزىمنى كارخانا ۋارىسى قىلىشنى ئويلىشىپ باقمىدىم، مەن ئۇلارنىڭ كېيىن ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان مۇقىم خىزمەت تېپىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» دېدى ۋېنجۇ جۇڭباڭ مېتال سوۋغاتلىق بۇيۇملار قېپى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدېرى ساۋ جيەنجۇڭ.

   ساۋ جيەنجۇڭ ئەسلىدە ۋېنجۇدىكى بىر كوللىكتىپ كارخانىنىڭ سېخ مەسئۇلى ئىدى. 1986-يىلى ئۆز

ئالدىغا خوجايىن بولۇشنى ئويلىغان ساۋ جيەنجۇڭ ئۆزىگە تەۋە شىركەتنى قۇرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ساۋ

جيەنجۇڭنىڭ شىركىتى ۋېنجۇدا  داڭق چىقاردى. ئۇنىڭ گېپى بويىچە ئېيىتقاندا،شىركەت يېڭى قۇرۇلغان چاغدىكى مەخسەت-<جاننى ساقلاش قېلىش > ئىدى .كۆپ يىللىق تىرىشىش ئارقىلىق ئۇنىڭ كارخانىسى زورايغان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان بولدى.

   ساۋ جيەنجۇڭ ئىككى قىزىنىڭ ئۆزى ماڭغان يولدا مېڭىشىنى خالىمايدۇ، ئەكسىچە قىزلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن كەسپ تاللىشىنى ئۈمىد قلىدۇ.

   كارخانا ۋارسلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا نىسبەتەن، ساۋ جيەنجۇڭ شىركەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىپادىسىگە ئاساسەن تاللاپ چىقىدىغانلىقى ۋە مۇۋاپىق مىقداردىكى پاي بۆلۈپ بېرىپ، ئۇنى كارخانىنىڭ رەھبىرىگە ئايلاندۇردىغانلىقىنى ئېيىتقان.

   ۋېنجۇ تيەنجېڭ شىركىتى ۋېنجۇ تۆۋەن بېسىملىق ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ساھەسىدىكى ئۈلگىلىك كارخانا بولۇپ، 1990-يىلى قۇرۇلغان. شىركەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، شىركەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى گاۋ تيەنلې ۋە گاۋ تيەنفاڭ ئاكا-ئۇكا ئىدى. گاۋ تيەنلې ئاستا-ئاستا كارخانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا شەخس ۋە جەمەتنىڭ كۈچىگە تايىنىشقىلا بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. شۇنداق قىلىپ 1996-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تيەنجېڭ گۇرۇھى شىركىتى «ۋېنجۇ گېزىتى» ئارقىلىق 300 مىڭ يۈەنلىك يىللىق مائاش بېرىش شەرتى بىلەن باش لىدېر تەكلىپ قىلىپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەردىن تاللاش ئارقىلىق ئاخىرى ئەسلىدە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى پاي چەكلىك شىركىتىدە باش لىدېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن خۇ جۇڭشېڭنى تاللىغان. كېيىن تيەنجېڭ شىركىتى بىر قانچە قېتىملىق باشقۇرغۇچى، تېخنىك خادىم ۋە ئادەتتىكى خادىملار ئىچىدىن پايچىك تاللاش  ئارقىلىق، نەچچە 10 مىليون يۈەن مەبلەغ توپلايدۇ، بۇ ئارقىلىق كارخانىدىكى مەركەزلىشىپ قالغان ھوقۇقنى پارچىلايدۇ. گاۋ تيەنلې مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر نۇرغۇنلىغان كىشىلەر مال-مۈلۈكىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا تاپشۇرمايدۇ. مېنىڭ كارخانىنى بالامغا بېرىشىمنىڭ ھاجىتى يوق، جۇڭگولۇقلارنىڭ بۇ ئىشقا نىسبەتەن كاللىسى چوقۇم ئېچىلىدۇ.»

   ۋېنجۇدىكى نۇرغۇنلىغان كارخانىچىلارنىڭ قارىشىچە، كارخانا تەرەققىي قىلىپ مۇئەييەن باسقۇچقا كەلگەندە ئاللىقاچان شەخسنىڭ مۈلكى بولماي قالىدۇ، ئۇ ۋاقتتا كارخانا جەمئىيەتنىڭ بايلىقىغا ئايلىنىدۇ، ئۆزىمىز كارخانا ئۈچۈن ئىز باسار تاللىغاندا جەمەتىمىزدىن تاللاشقا بولمايدۇ، پەرزەنتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بولىدۇ، ئەگەر پەرزەنتلەرنىڭ كارخانا باشقۇرۇشقا شىجائىتى ۋە ئىقتىدارى بولسا تېخى ياخشى، ئەگەر ئۇ كارخانىنى باشقۇرۇشنى خالىمىسا ياكى باشقۇرۇشقا ئىقتىدارى بولمىسا، كارخانىنى ھالاكەتكە يۈزلەندۈرگەندىن كۆرە باشقىلارغا باشقۇرۇشقا بەرگەن ياخشى. بۇ خىل ئىدىيە ۋېنجۇ كارخانىچىلىرىنىڭ پىشىپ-يېتىلگەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. يەنە ۋېنجۇ كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات يۆلىنىشىنىڭ ئاستا-ئاستا جەمەت سايىسىدىن قۇتۇلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:

  دولقۇندىن كېيىن دولقۇن كېلىدۇ، مېنىڭ چېكىنىشىم ناھايىتى تەبئىي ئىش. ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت ھەمىشە بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن تەرەققىي قىلىدۇ، مەن كېيىنكىلەر ئۈچۈن يول ئاچقانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشال.

-جىنشياڭ ئوراپ-قاچىلاش ماتېرىياللىرى زاۋۇتىنىڭ قۇرغۇچىسى يې ۋېنگۈي

   مېنىڭچە كەسپى مەسئۇللار ئۆز جەمەتىدىن بولسىمۇ ياكى بولمىسىمۇ بولىدۇ، مەن بۇ ئورۇنغا ئاساسەن ئىقتىدارلىقلارنى بەلگىلەيمەن، ئەگەر سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىز بولسا قېلىڭ بولمىسا چۈشۈپ كېتىڭ.

-جېڭتەي گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى نەن سۈنخۇي

   بالام ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا كىرىپ دۆلەت مەمۇرى بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن، ئۇ ئەستايىدىللىق بىلەن جەمئىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ياخشى كۈن كۆرۈشىگە ياردەم قىلىشى كېرەك.

-يالۇڭ مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ ۋېنرۇڭ


مەنبە: 时事出版社   نەشىر قىلغان

<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب

2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى 8-ئاينىڭ  24-كۈنى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ