بىر مىليارد يۈەنلىك غەلىتە تاش
ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى
سۈرەتتىكى بۇ تاشنىڭ ئۇزۇنلىقى 50 سانتېمىتىر ، ئىگىزلىكى 35 سانتېمېتىر ، ئېغىرلىقى 50 كىلودىن كۆپرەك بولۇپ ، تاشنىڭ ئۈستىدە تەبىئىي شەكىللەنگەن << 聚金楼 >> دىگەن خەت بار. بۇ تاش ئالتە يىل بۇرۇن خۇاڭخى دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىمىدىن تېپىلغان بولۇپ ،تاش يۈزىدىكى تەبىئىي شەكىللەنگەن خەتلەر كۆرگۈچىلەرنى ناھايىتى ھەيران قالدۇرغان.
جۇڭگۇ دۆلەتلىك موزىينىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باھالاپ بېكىتىش مۇتەخەسىسى ما شىيۇۋيىڭ بۇ تاشقا ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىپ : << بۇ تەبىئىي يارالغان ئىنتايىن كەم تېپىلىدىغان بىباھا گۆھەر >> دېدى . بۇ تاشنىڭ سەنئەتلىك قىممىتى << جۇڭگۇدىكى يۈز مىليۇنلۇق دۆلەت گۆھىرى غەلىتە تاشلار >> غا نىسپەتەن تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ ، ئۇنىڭ سەنئەتلىك قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى ناھايىتى زور ئىكەن .
ئەقىدە قاشگەرلىكىمىزنىڭ تەۋسىيەسى:
بىزنىڭ كۈرىۋاتقىنىمىز قىممەت باھالىق خوتەن قاش ئەمەس بەلكى ئادەتتىكى بىر تاش.بۇ تاشنىڭ قىممىتىنىڭ چەكسىز بولۇشى دەل ئۇنىڭ ئۈستىدىكى تەبىئى شەكىللەنگەن يېزىقتىن ئىبارەت.شۇڭا بىز كەسىپداشلارنىڭ قولىدىكى بىباھا خوتەن قاشلىرىنىڭ قەدىرىگە يېتىشىنى؛شۇنداقلا قولىدىكى قاش بولسۇن ياكى تاش بولسۇن ئۇنىڭ شەكلىگە سىنچى كۆزلىرى بىلەن ئەستايىدىل قارىشىنى ؛بىرەر شەكىل ياكى مەنزىرە ئىپادىلەنگەن بولسا ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئالدىراپ كەتمەي باھاسىغا چىقىرىپ سېتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
<< جۇڭگۇدىكى يۈز مىليۇنلۇق دۆلەت گۆھىرى غەلىتە تاشلار >>
مەنبە:中国石展网
2015-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى