جۇڭگۇ ئۆي سەرەمجانلىرى بازىرى(جۇڭگۇدىكى چوڭ بازارلار 23)
جۇڭگۇدىكى ئەڭ چوڭ ئۆي سەرەمجانلىرى ، قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى بازىرى ______ يىفېڭ
中国最大的家居建材市场 ________ 亿丰家居建材城
ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم يازمىسى
جېجىياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھىرى يۇخاڭ رايۇنىغا جايلاشقان << يىفېڭ ئۆي سەرەمجانلىرى ، قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى بازىرى >> شاڭخەي يېفىڭ گوروھى ئالتە مىليارد مەبلەغ سېلىپ قۇرغان جۇڭگۇدىكى ئەڭ ئۆي سەرەمجانلىرى ، قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى بازىرى ھىساپلىنىدۇ.
بۇ بازارغا داڭلىق ماركىلىق ئۆي سەرەمجانلىرى ، قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى ، ساپال بۇيۇملار ، تازلىق ئەسلىھەلىرى ، بەش خىل مېتال ، توكلۇق ئۈسكۈنە زاپچاسلىرى ...... قاتارلىقلار جەم بولغان .
بۇ بازاردا ئۆي سەرەمجانلىرى ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلەيدىغان بولۇپ كارىۋات ، چىراق ، كىرىسلۇ ، ئىشكاپ ، ئورۇندۇق - شىرە ، ياۋرۇپا ئۇسلۇبىدىكى ئۆي سەرەمجانلىرى ، مۇنچا ، ساپال ، پول .....قاتارلىق ئۆي بېزەشكە كېتىدىغان ھەممىسى بار. بازارنىڭ يىللىق سودا سوممىسى مىلياردتىن ئاشىدۇ .
بۇ بازاردىكى نۇسخىسى سەرخىل بولغان بۇيۇملاردىن ئۆرنەك ئېلىشقا،دىيارىمىزنىڭ ئىستىمالىغا ماس كەلگەنلىرىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.
ئادرىسى : جېجىياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھىرى يۇخاڭ رايۇنى
地址:浙江省杭州市余杭区良渚镇
2015-يىلى 6-ئاينىڭ 28 - كۈنى