A-A+

بايلار ئىش قىلغاندا ئۈنۈملۈك بولۇشنى قوغلىشىدۇ

2016-يىل 26-مارت مىليادىرلار باھا يوقكەن زىيارەت: 210 قېتىم

14455649187089o

سۈرەتتە : جۇڭگۇدىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كارخانىچىنىڭ بىرى ، يىڭتەي گوروھىنىڭ قۇرغۇچىسى شېن گوجۈن


ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى

نامراتلار ئىش قىلغاندا پەرققىلا ئەھمىيەت بېرىدۇ، بايلار

ئىش قىلغاندا ئۈنۈملۈك بولۇشنى قوغلىشىدۇ

ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئىشلارنى قىلىشتىكى پوزىتسىيىسى ئوخشاش بولمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىشلاردا ئوخشىمىغان نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيىتقاندا،نامراتلارنىڭ ئىش قىلىش پوزىتسىيىسى ناھايىتى پاسسىپ، ئۇلار ئىشنى بالدۇر تۈگىتىپ ئۆزىنىڭ كۈچىنى بالدۇرراق تىجەپ قېلىشنى، ئىشنى تۈگىتىپلا ئۆيگە قايتىشنى ئويلايدۇ. شۇڭا ئۇلار ئىش قىلغاندا ھەمىشە ئالمان – تالمان قىلىدۇ. پەقەت پەرققىلا ئەھمىيەت بېرىپ،ئەقەللىي تەلەپكىمۇ يىتەلمەسلىكتەك سەۋەنلىكلەرنىمۇ سادىر قىلىدۇ. نامراتلاردا ئۈنۈم قوغلىشىدىغان ئىپادىنىڭ بولۇشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

ئەكسىچە بايلارنىڭ ئىش قىلىشتىكى پوزىتسىيىسى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۈمىدۋارلىق پوزىتسىيىسىدە بولغاچقا، ھەمىشە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدۇ،ئىشنىڭ ئۈنۈمىنى قوغلىشىپ، ئەڭ كىچىك ھالقىلارغىچە ئەھمىيەت بېرىدۇ. چۈنكى ئۇلار پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئوزۇن مەزگىللىك ئىلگىرىلەش ۋە تەرەققىياتقا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

ھېكىمەتلىك ئىبارىلەردە مۇنداق يېزىلغان: «نېمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن.» ھەقىقەتەن شۇنداق،كاۋا تېرىساق كاۋا ئالىمىز، تەرخەمەك تېرىساق تەرخەمەككە ئېرىشىمىز. ئىش قىلغاندا پەقەت پەرقنىلا قوغلاشقاندا، ئېرىشىدىغان نەتىجىنىڭمۇ ۋاي دېگۈچىلىكى يوق بولۇپ قالىدۇ؛ ئەگەر ئىش قىلغاندا ئۈنۈمنى قوغلاشساق، ئۇنداقتا ئادەمنى پەخرلەندۈرىدىغان نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

جۇڭگو ۋەچەتئەللەردە قەدىمدىن – ھازىرغىچە ئۆتكەن بايلارغا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېچكىمنىڭ پەرق قوغلىشىپ قۇلىنىڭ ئۇچىدىلا ئىش قىلمىغانلىقىنى؛ئەكسىچە ئۈنۈمنى قوغلىشىپ، ھەربىرئىشنى ئەڭ ياخشى قىلىشقا تىرىشقانلىقىنى؛ ئىشلارغا نىسبەتەن ھەرگىزمۇ پاسسىپ پوزىتسىيىدە بولمىغانلىقىنى كۈرىمىز.

ئامېرىكا ۋورمات تاللا بازىرىنىڭ قۇرغۇچىسى سام. ۋوردۈن ئىشلارنى ئەڭ ياخشى قىلىشنى ئويلايدىغان، ئۈنۈم قوغلىشىدىغان بايلارنىڭ ۋەكىلى.

سام. ۋوردۈن1918 – يىلى ئامېرىكا ئاركانساس شىتاتىدىكى بىر كىچىك بازاردا دۇنياغا كەلگەن .ئائىلە ئەھۋالى ياخشى بولمىغاچقا، سام. ۋوردۈن 7 ياش ۋاقتىدىن باشلاپ پارچە –پۇرات ئىشلارنى قىلىشقا باشلايدۇ. سۈت يەتكۈزۈش ۋە گېزىت تارقىتىشقا تايىنىپ پارچە پۇللىرىنى تېپىپ خەجلەيدۇ، يەنە توشقان ۋە كەپتەر بېقىپ ساتىدۇ.

سام.ۋوردۈننىڭ ئانىسى  ئەمگەكچان، كىتاب ئوقۇشقا ئامراق،باشقىلارغا بولغان مۇئامىلىسى قىزغىن، ئىش قىلغاندا جاپاغا چىداملىق، ئاددى – ساددا ئايال بولۇپ، ئانىسىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى بۇ ئېسىل سۈپەتلەر سام. ۋوردۈننىڭ قەلبىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ كىيىنكى مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن ئاساس سالغان.

1936 –يىلى 18 ياشلىق سام. ۋوردۈن مىسسۇرى ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى بۇيىچە باكلاۋىرلىقتا ئوقۇيدۇ، ھەمدە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى ياخشى بولمىغاچقا، سام. ۋوردۈن دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەپ ئوقۇش پۇلىنى تېپىشى كېرەك ئىدى،شۇڭا ئۇ  بىر ئۆينىڭ ئىشىك – دېرىزىلىرىنى سىرلايدىغان خىزمەت تاپىدۇ.

سام. ۋوردۈن ئىشچانلىق بىلەن بىر نەچچە كۈن سىرچىلىق قىلىدۇ. سىرلايدىغان بۇ ئىش پۈتۈش ئالدىدا تۇراتتى،بىراق كېلىشمەسلىك يۈز بېرىپ ئەمدىلا سىرلاپ بولغان ئىشىك بىر تامغا ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ –دە، ئاپئاق تۇرغان تامغا سىرنىڭ ئىزلىرى چىقىپ قالىدۇ. سام. ۋوردۈن بۇنى كۆرۈپ دەرھال تامنىڭ سىر چىقىپ قالغان ئىزىنى سۇۋالغۇ بىلەن سۇۋاشقا باشلايدۇ.بىراق قانداقلا سۇۋىمىسۇن، تامنىڭ سىر ئىزى چىقىپ قالغان بۆلىكى بىلەن باشقا بۆلىكىنىڭ رەڭگىنى ئوخشاش قىلالمايدۇ. ئەگەر تامنىڭ بارلىق بۆلىكىنىڭ رەڭگىنى ئوخشاش قىلىشقا توغرا كەلسە، چوقۇم پۈتكۈل تامنى قايتىدىن سىرلاپ چىقىش كېرەك ئىدى.ئىش قىلغاندا ئۈنۈملۈك بولۇشنى ئويلايدىغان سام. ۋوردۈن تامنى قايتىدىن سىرلاپ چىقىشنى قارار قىپتۇ، بىراق سۇۋالغۇنى نەدىكى پۇلغا سېتىۋېلىش كېرەك؟

سام. ۋوردۈن ئامالسىزلىقتىن ئۆي ئېگىسىگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ،  ئىش ھەققىنى ئالدىن بېرىپ تۇرۇشنى، ئۆزىنىڭ بېرىپ سىرلاشقا ئىشلىتىدىغان سۇۋالغۇ سېتىۋالدىغانىقىنى ئېيتىپتۇ. ئۆي ئىگىسى ئۇنىڭ تەلپىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن چۈشىنەلمەي: «بۇنداق قىلساق سەن ئىشلەپ تاپقان پۇلدىن يەنە قانچىلىك ئاشىدۇ؟ سەن زىيان تارتىپ قالىسەن!» دەپتۇ.

سام. ۋوردۈن قەتئىي ئاھاڭدا: «مەن بۇنچە كۆپ ئويلاپ كەتمىدىم. مەن پەقەت قىلغان   ھەرقانداق ئىشىمدا نۇقساننىڭ بولۇشىنى خالىمايمەن!» دەپتۇ.

ئۆي ئىگىسى سام. ۋوردۈننىڭ بۇنداق ئۈنۈم قوغلىشىدىغان روھىدىن قاتتىق تەسىرلىىپ، ئالدىدىكى بۇياشنىڭ چوقۇم نەتىجە قازىنالايدىغانلىقىغا ئىشىنىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئىككىلەنمەستىن سام. ۋوردۈننىڭ ئالىي مەكتەپنى تاماملىشىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىپتۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ قىزىنى سام. ۋوردۈنغا نىكاھلاپ بېرىپتۇ.

سام.ۋوردۈننىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈشى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلانغان ۋاقتىغا توغرا كېلىپ، ئۇ ئارمىيەگە قاتنىشىپتۇ ھەمدە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئاخبارات ئەتىرىتىدە ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەپتۇ. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن سام. ۋوردۈن يۇرتىغا قايتىپ قېيىنئاتىسىدىن پۇل قەرز ئېلىپ بىر كىچىك دۇكان ئېچىپتۇ. دۇكان ئېچىش جەريانىدا، سام ۋوردۈن مال سېتىۋېلىش، باھا بېكىتىش، سېتىش قاتارلىق ئىشلارنى چۈشىىۋاپتۇ ھەمدە زەنجىرسىمان سېتىش، پارچە سېتىش قاتارلىقلارنىڭ پايدىلىق تەرىپى ۋە ئەمەلىي پايدىسىنى كۆرۈپتۇ. ئەينى ۋاقىتتا پارچە سېتىش بازىرىدا كەيمەت، جىبلىن قاتارلىق بىر قەدەر كۆلەملەشكەن شىركەتلەربولغان بولسىمۇ، بىراق بۇ شىركەتلەرنىڭ بازار نىشانى چوڭ شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، كىچىك يېزا – بازارلارغا نىسبەتەن سوغۇق مۇئامىلىدە ئىدى.

سام. ۋوردۈن بۇنىڭدىن سودا پۇرسىتىنى بايقاپتۇ. كىچىك بازارلاردىكى خېرىدارلارنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، سام. ۋوردۈن «تۆۋەن باھادا سېتىش، رازى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش» نى كارخانىنىڭ تىجارەت قىبىلنامىسى قىلىپ تىكلەپتۇ. بۇ قارارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، سام ۋودۈن ئۆزىنىڭ بارلىق زېھنى – قۇۋۋىتىنى سەرپ قىپتۇ.  ئىجارە ئالغان كونا ئامبارنى خىزمەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆزگەرتىپتۇ، تۆۋەن باھادا مال ساقلاشنى تەتقىق قىپتۇ، تەننەرخ ۋە چىقىمنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، تىجارىتىنىڭ راۋان بولۇشى ئۈچۈن ئاساس ساپتۇ.

گەرچە ئۇلارمەھسۇلاتنىڭ تەننەرخىنى چۈشۈرگەن بولسىمۇ، بىراق مەھسۇلات سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتى بۇنىڭغا ئەگىشىپ تۆۋەنلىمەپتۇ. ئۈنۈمنى قوغلىشىدىغان سام. ۋوردۈن تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەت ۋە بايلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن خېرىدارلارغا تۆۋەن باھالىق تاۋارلارنى تەمىنلەشتىن سىرت، يەنە خېرىدارلارنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىگە بولغان تەلپىنى تولۇق قاندۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلەتتى. كۆڭۈل قويۇپ تىجارەت قىلىش ئارقىلىق كىچىك دۇكاننىڭ كۆلىمى ناھايىتى تىزلا كېڭىيىپتۇ، نۇرغۇنلىغان خېرىدارلار بۇدۇكاننىڭ نامىنى ئاڭلاپ، تۆۋەن باھالىق يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن كېلىدىغان بوپتۇ.

1962 –يىلى، سام. ۋوردۈن تۇنجى ۋورمات تۈرلۈك ماللار تاللا بازىرىنى ئېچىپتۇ، يەتتە يىلدىن كىيىن ۋورمات تۈرلۈك ماللار شىركىتىنى قۇرۇپتۇ. ئۈنۈمنى قوغلىشىدىغان سام.ۋوردۈن بۇ نەتىجىلەردىن قانائەتلىنىپ قالماي، كارخانىغا نىسبەتەن توختاۋسىز ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ناھايىتى تىز سۈرئەتتە ئامېرىكىنىڭ پارچە سېتىش بازىرىدىكى يىتەكچى ئورۇنغا چىقىپتۇ. 20 – ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرىدىن 80 –يىللىرىغىچە ۋورمات كەڭ – كۆلەمدە كېڭىيىپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پارچە سېتىش كارخانىسىغا ئايلىنىپتۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، ۋورماتنىڭ ئامېرىكىدا ئاچقان زەنجىرسىمان دۇكىنى 1702، تاللا بازىرى 952بولۇپ، «سام كۇلۇبى» دا ساقلىنىۋاتقان تاللا بازارلىرى 479، «بازار رايونى تاللابازىرى» ئارلاشما ماللار بازىرى 20. ئۇنىڭدىن باشقا دۆلەت سىرتىدا 1088 جايدا زەنجىرسىمان سېتىش دۇكىنى بار بولۇپ، بۇ بازارلار بىرلىشىپ  چوڭ كۆلەمدىكى «ۋورمات سودا ئىمپىرىيىسى»نى شەكىللەندۈرگەن، ھەمدە ۋورمات جەمەتىمۇ دۇنيادىكى بىرىنچى باي جەمەتكە ئايلانغان.

بىرئادەتتىكى بالىدىن پۈتكۈل ئامېرىكا پارچە سېتىش بازىرىدىكى غايەت زور ماگناتقا ئايلانغان سام. ۋوردۈننىڭ بۇنداق پارلاق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشىدىكى سەۋەب،ئۇنىڭ ناھايىتى زور دەرىجىدە  ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشتەك روھىنىڭ بولغانلىقىدىن بولغان.

ئويلاپ باقايلى، ئەگەر سام ئىش قىلغاندا پەقەت پەرقنى قوغلىشىپ، ئەپلەپ – سەپلەپ ئىش قىلسا، ئۈنۈمنى قوغلاشمىسا، ئۇنداقتا ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئىشلەپ تاپقان پۇللىرىنى ئىشلىتىپ پۈتكۈل تامنى سۇۋاپ، تام رەڭگىنىڭ بىردەك بولۇشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولامتى؟ئۇ يەنە ئۆي ئىگىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە كىيىنكى ئىقتىسادىي ياردىمىگەئېرىشەلەمتى؟ ئۇ يەنە رىقابەت ناھايىتى كەسكىن بولغان پارچە سېتىش بازىرىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ بايلىق چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالامتى؟

جاۋاب ئەلۋەتتە «ياق». ئىش قىلغاندا پەقەت پەرقنى قوغلىشىدىغان، ئەپلەپ – سەپلەپ ئىش قىلىدىغان ئادەمنىڭ بايلىق يولىدا ھەيران قالدۇرارلىق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلىشى مۇمكىن ئەمەس، بايلىق ئىشىكىنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ ئېچىلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ئىش قىلغاندا ئۈنۈمنى قوغلىشىش كىشىلىك ھايات قىممىتىنىڭ مۇكەممەل ئىپادىسى. ئوخشاشلا ئىش قىلغاندا ئۈنۈمنى قوغلىشىش بىر كارخانا تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى. «جۇڭگو ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىدىكى بىرىنچى ماركا» خەيئېر شىركىتىنىڭ شىركەت مەدەنىيىتى «ئۈنۈمنى قوغلىشىش، ئېشىپ كېتىش» تىن ئىبارەتتۇر. دەل بۇ خىلدىكى ئېشىپ چۈشۈش،ئۈنۈمنى قوغلىشىشتەك روھ بولغاچقا خەيئېر ئادەتىكى بىر توڭلاتقۇ شىركىتىدىن دۆلەت ئىچى – سىرتىغا داڭلىق كارخانىغا ئايلىنالىغان.

شۇنىڭ ئۈچۈن، بايلىق يولىدىكى شەخىس ياكى كارخانا بولسۇن، چوقۇم ئىش قىلغاندا ئۈنۈمنى قوغلىشىش، ئىشلارنى تىرىشىپ مۇكەممەل قىلىش كېرەك. شۇندارق قىلغاندىلا چوقۇم بايلىق ئىلاھى بىزگە قاراپ قول سۇنىدۇ.

بايلىقنىڭ بايانى:

ئېشىپ كېتىش دىگەن نېمە؟ ئۇ ھەرقانداق ئىشتا ئالاھىدە بولۇپ ئادەتتىكىدىن ھالقىشنى كۆرسىتىدۇ. بايلار ئەزەلدىن ئادەتتىكىدەك بولۇشنى ئويلىمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىش قىلغاندا ئەڭ مۇكەممەل قىلىشنى، ئادەتتىكىدىن ھالقىپ كېتىشنى ئويلايدۇ. نىشانغا يەتمىگۈچە ھەرگىزمۇ توختىماي، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ بايلىق چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 1-قىىمىدىن ئېلىندى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ