قىزىقارلىق 80% ۋە %20 قانۇنىيىتى
ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم يازمىسى
20 % ئادەم مۇۋەپپىقىيەت قازىنالايدۇ ، 80 % ئادەم مۇۋاپپىقىيەت قازىنالمايدۇ.
20 % ئادەم ئەقلىنى (بوينىنىڭ ئۈستى ) نى ئىشلىتىپ پۇل تاپىدۇ، 80 % ئادەم قارا كۈچى ( بوينىنىڭ ئاستى ) نى ئىشلىتىپ پۇل تاپىدۇ .
20 % ئادەم ئىشلارنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلايدۇ ، 80 % ئادەم ئىشلارنىڭ يامان تەرىپىنى ئويلايدۇ.
20 % ئادەم ۋاقىتنى سېتىۋالىدۇ ، 80 % ئادەم ۋاقتىنى سېتىۋېتىدۇ.
20 % ئادەم ياخشى خىزمەتچى ئىزدەيدۇ ، 80 % ئادەم ياخشى خىزمەت ئىزدەيدۇ.
20 % ئادەم باشقىلارنى باشقۇرىدۇ ، 80 % ئادەم باشقىلارنىڭ باشقۇرىشىدا بولىدۇ.
20 % ئادەم مۇقۇم بىر كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ، 80 % ئادەم ئۇدۇل كەلگەن ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
20 % ئادەم تەجرىبىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ ، 80 % ئادەم ئۇقۇش تارىخىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ.
20 % ئادەم ھەرىكەت قىلساق نەتىجىسى بولىدۇ دەپ قارايدۇ ، 80 % ئادەم بىلىم - كۈچ دەپ قارايدۇ.
20 % ئادەم ئىش قىلىپ پۇل تاپىمەن دەيدۇ ، 80 % ئادەم پۇل بولسا ئاندىن ئىش قىلىمەن دەيدۇ.
20 % ئادەم پۇل تاپسا مەبلەغ سالىدۇ ، 80 % ئادەم پۇل تاپسا خەجلىۋېتىدۇ.
20 % ئادەمنىڭ نىشانى بولىدۇ ، 80 % ئادەم خىيالپەرەس بولىدۇ.
20 % ئادەم قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىدۇ ، 80 % ئادەم قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ.
20 % ئادەم يىراققا نەزەر سالىدۇ ، 80 % ئادەم بۇرنىنىڭ ئۇچۇنىلا كۆرىدۇ.
20 % ئادەم پۇرسەتنى تۇتالايدۇ ، 80 % ئادەم پۇرسەتنى كەتكۈزىۋېتىدۇ.
20 % ئادەم ئەتە نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى پىلانلايدۇ ، 80 % ئادەم ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن نېمە ئىش قىلىشنى ئويلايدۇ .
20 % ئادەم مۇۋەپپىقىيەت تەجرىبىلىرى بويىچە ئىش قىلىدۇ ، 80 % ئادەم ھېسياتىغا تايىنىپ ئىش قىلىدۇ.
20 % ئادەم ئاددى ئىشلارنىمۇ قىلىدۇ ، 80 % ئادەم ئاددى ئىشلارنى ياراتمايدۇ.
20 % ئادەم ئەتىكى ئىشنى بۈگۈن قىلىدۇ ، 80 % ئادەم بۈگۈنكى ئىشنى ئەتە قىلىدۇ.
20 % ئادەم ئىشلارغا چارە ئىزدەيدۇ ، 80 % ئادەم ئىشلارغا باھانە ئىزدەيدۇ.
20 % ئادەم قىلغان ئىشلىرىدىن خاتىرە قالدۇرىدۇ، 80 % ئادەم ئۇنتۇلغاق كېلىدۇ.
20 % ئادەم غالىبلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ، 80 % ئادەم مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.
20 % ئادەم ئاكتىپ پوزىتسىيەدە ياشايدۇ، 80 % ئادەم پاسسىپ پوزىتسىيەدە ياشايدۇ.
20 % ئادەم ئۆزىنىڭ غەلبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ ، 80 % ئادەم ئۆزىنى ئۆزگەرتىشنى خالىمايدۇ.
20 % ئادەم دائىم باشقىلارنى ماختايدۇ ، ئىلھاملاندۇرىدۇ ، 80 % ئادەم دائىم باشقىلارنى تەنقىتلەيدۇ ، ئاغرىنىدۇ.
20 % ئادەم ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرىدۇ ، 80 % ئادەم ئوتتۇرا يولدا ۋاز كېچىدۇ.
مەنبە : 中国商会 سالۇنى