A-A+

پۇل ۋە مەنپەئەت ئوخشاشلا مۇھىم

2015-يىل 1-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 224 قېتىم

جېجىياڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى

145701pe2u8dlwu6x7uzro

ئون بىرىنچى باب

پۇل ۋە مەنپەئەت ئوتتۇرىسىدىكى ئازراق چىقىمنى مۇھىم بىلمەي،

ھەر ئىككىسىنى زورايتىش كېرەك

*ئازراق چىقىمغا ئۆكۈنمەسلىك كېرەك

   گەرچە سوداقىلىشتا پۇل تېىش تەكىتلەنسىمۇ، بىراق پۇلنى قانداق تېپىشنىڭ قائىدىسى بار. ئەگەرھەمىشە پۇلغا بېرىلىپ، ئەڭ چوڭ پايدىنى ئىگەللەشكە بېرىلىپ كەتكەندە، ئاخىرىداخېرىدارغا ئازار بېرىپ، خېرىدار قولدىن كېتىپ قالىدۇ. بۇ سودىگەرنىڭ ئۆزىنىڭ يولىنى ئېتىپ، «كۈنجۈتنى دەپ قوغۇندىن ئايرىلىپ» قالغاندەك ئىش بولىدۇ.

   جېجىياڭلىق سودىگەرلەر ھەرگىز بۇنداق ئىشنى ئويلىمايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە سودا قىلىشتا يىراقنى كۆزلەش كېرەك، پۇلنى تېپىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، ياخشى بولغان ماركا ۋە ئىناۋەتلا مەڭگۈلۈك بايلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، تىجارەتنى ئۆزىنى ئىزدەپ كېلىدىغان قىلغان ۋاقىتتىلا، قىلىدىغان سودىنىڭ يوق بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.بۇ خىل ئىدىيىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇلار ئېنىقلا زىيان تارتىدىغان ئەھۋالغا يولۇقسىمۇ،ھەمىشە يىراقنى كۆرۈپ، زىياننى بىر خىل مەبلەغ ئورنىدا كۆرۈپ، ئۆزى ئۈچۈن كىيىنلىك يول قالدۇرۇپ قويىدۇ.

   بىر قېتىم،چېن جېڭگۇاڭ نىڭبوغا مال كىرگۈزۈشكە بېرىپتۇ، ئۇ پىلانلىغان نەرسىلىرىنى سېتىۋېلىپ قايتىدىغان ۋاقىتتا، تۇيۇقسىز بىر ئادەمگە يولۇقۇپ قاپتۇ. ئۇ ئۆزىدە قۇرۇتۇلغان كامبالا بېلىقىنىڭ بارلىقىنى، چېن جېڭگۇاڭنىڭ ئېھتىياجى بار – يوقلۇقىنى سوراپتۇ.چېن جېڭگۇاڭ مال كىرگۈزۈپ بولغاندىن كىيىن يەنە نەچچە تۈمەن ئېشىپ قالغان ئىكەن، ئۇبېرىپ ئۇ ئادەمنىڭ مال مەنبەسىنى كۆرۈپ بېقىشنى قارار قىپتۇ.

   ئۇنىڭدىن كىيىن، چېن جېڭگۇاڭ 4000 جىڭ ئەتراپىدىكى قۇرۇتۇلغان بېلىقلارنىڭ ھەممىنى سېتىۋاپتۇ. ئەينى ۋاقىتتا بىر ئاز جىددى بولغانلىق سەۋەبلىك، ئۇ مالنىڭ ئېغىرلىقىنى ئېنىق تەكشۈرمەستىنلا قايتىپ كېتىپتۇ.

   چېن جېڭگۇاڭ ئۆيگە قايىتقاندىن كىيىن، بۇ مالنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپتۇ – دە، مالنىڭ ئېغىرلىقىنى قايتا ئۆلچىتىپتۇ. نەتىجىدە مال  ئاز چىقىپتۇ.

   بىر سودىدىلا باشقىلار تەرىپىدىن ناھايىتى كۆپ پۇلغا ئالدىنىش نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئىش. بىراق چېن جېڭگۇاڭ ئىشنى ناھايىتى ئەتراپلىق ئويلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھەرقانداق ئىشنىڭ سەۋەبى بولاتتى. سودا قىلىشتا ئالدىنىپ قالسا ئۆزىنىڭ بىخەستەلىكىدىن كۆرۈش كېرەك، زىيان تارتىشمۇ نورمال ئىش، پەقەت تەجىرىبىلەرنى يەكۈنلەپ يىراقنى كۆزلىگەندە، ئازراق پۇل چىقىم قىلىپ ساۋاق ئېلىشمۇ ناھايىتى نورمال ئىش.

   چېنجېڭگۇاڭ: «مەن ھەقىقەتەن بەزى چىقىملارنى تارتتىم، نىڭبولۇقلارنىڭ گېپى بۇيىچە ئېيىتقاندا، زىيان تارتىشنىڭمۇ پايدىلىق تەرەپلىرى بار. بۇ نۇقتىدىن ئېيىتقاندا،بىز ئىلگىرى قىلغان نۇرغۇن ئىشلاردا نەتىجە قازىنايلى ياكى زىيان تارتايلى،مېنىڭچە ھەممىسى ئەرزىيدۇ.» دېگەن.

   جۇڭگو شېنلى گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى جېڭ شېڭتاۋ: «لىللالىق ۋە پايدىغا تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك.كارخانا قۇرۇشتا ياكى ئادەم بولۇشتا بولسۇن، چوڭ كارخانا ياكى كىچىك كارخانىلاردا بولسۇن خالس نىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. كارخانا ۋە ئادەم بىر – بىرى ئۈچۈن مۇھىم، بەدەل تۆلىگەندە ئاندىن ئېرىشكىلى بولىدۇ، مەن سەۋەب - نەتىجىلىك مۇناسىۋەتكە ئىشىنىمەن.» دېگەن.

   لۈ ۋېيگۇاڭ جېجىياڭ ۋېنجۇدىن. ھازىر ئەنشىن ۋېيگۇاڭ تاختاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە لېدىرى، شاڭخەي شەھىرى چىڭپۇ رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، خەلق باشقۇرۇشىدىكى شاڭخەي كارخانىچىلار ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى،شاڭخەي دۇنيا سودا مەركىزى كېڭىشىش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى، شاڭخەي خەلقئارا سودىگەرلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى. ئۇ زىيان تارتىشنى خالايدۇ، ئۇ ئۆزىگە خاس كۈزىتىش نۇقتىسىغا ئاساسلىنىپ، ئۆزىنىڭ پايدىسى بەدىلىگە بۈگۈنكى تەرەققىياتقا ئېرىشتى.

   لۈ ۋېيگۇاڭ ئىلگىرى بىرازىليەدە بىر قېتىملىق زىيان چىقىدىغان سودىنى قىلغان. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇنى ئويلاپمۇ يېتەلمەيدۇ، بىراق لۈ ۋېيگۇاڭ ھەرگىز بۇنداق قارىمىغان.

   «مەن ئامازون ئورمانلىقىدىن كەلگەن ئاۋازنى بالدۇرلا ئاڭلىدىم، ئۇ ياغاچلار ھاياتلىققا ئىگە ئىدى، نەپەسلىنەلەيدۇ ھەم سۆزلىيەلەيدۇ.» دېگەن لۈ ۋېيگۇاڭ. بۇ قېتىملىق سودا ئۈچۈن، ئۇ نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلىگەن.

   2001 – يىلى باھاردا، ياغاچ سودىسىنىڭ قىزىپ كېتىشى نۇرغۇنلىغان سودىگەرلەرنى مەبلەغ سېلىشقاجەلپ قىلغان.

   بىراق بۇۋاقىتتا، ھېندونىزىيەدە تاشقىن كۆتۈرۈلگەن. بۇ ۋاقىتتا نۇرغۇنلغان سودىگەرلەر بىرازىليەدىن ھېندونىزىيەگە مال ئېلىشقا كەتكەن.

   ئەينى ۋاقىتتىكى لۈ ۋېيگۇاڭمۇ ناھايىتى ئىككىلىنىپ: ئەگەر توختامدا بەلگىلەنگەن ئەسلىدىكى نىسبەت بۇيىچە بىرازىليەدىن مال زاكاس قىلسا، چوقۇم بىرازىليە تەرەپنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ ياكى كىيىنكى ھەمكارلىق جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ ئېتىباردىن بەھرىمان بولالايمىز. بىراق بىۋاستە زىيان نەچچە مىڭ تۈمەندىن ئاشقاندا، بۇنچە كۆپ مەبلەغنى ئۆزى بىر يىلدىمۇ تېپىپ بولالمايىتتى. ئەگەرھېندونىزىيەگە كەتسە ئۆزىنىڭ بىرازىليەدىكى ئىناۋىتى بىردەمدىلا يوقىلاتتى.

   بۇنداق قىيىن تاللاش ئالدىدا لۈ ۋېيگۇاڭ ھېس قىلىپ يەتتىكى، جۇڭگونىڭ كەگۈسىدىكى بىرنەچچە يىلدا ئۆي – مۈلۈكچىلىك كەسپىدە چوقۇم چوڭ تەرەققىياتلار بولىدۇ، ھەمدە زىيان تارتقان پۇللارنى قايتۇرۇپ ئەكېلىدىغان پۇرسەت چىقىدۇ. زور مىقداردىكى زىيانغا دۇچار بولغان بولسىمۇ، لۈ ۋېيگۇاڭ ئۆزى تارتقان زىياننى قانچىلىك ۋاقىتتا قايتۇرۇپ ئەكىلەلەيدىغانلىقىنى بىلمەيىتتى. بىراق ئاخىرىدا يەنىلا ئەسلىدىكى كېلىشىم بۇيىچە بىرازىليە تەرەپتىن مال ئالدى.

   بۇ قېتىملىق سودىدا لۈ ۋېيگۇاڭ جەمئىي 15 مىليون زىيان تارتتى. گەرچە زىيان تارتقان بولسىمۇ،لۈ ۋېيگۇاڭ بەزى زىيانلارنىڭ ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئەكىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى، مەسىلەن: دوستانىلىق ۋە سەمىمىيلىك. نۇرغۇنلىغان ھەرىدەلگەن ياغاچ ماتېرىياللىرى زاۋۇتلىرى ئۇنىڭ بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى،ئۇ ھەتتا مەزكۇر جايدىكى كىشىلەر بىلەنمۇ دوست بولۇپ قالدى.

   ئۇ ھەرقېتىم بۇ ئىشنى ئەسلىگەندە: «ھازىر ئەسلىسەم يەنىلا تەلەيلىككەنمەن، چۈنكى ئۇۋاقىتتا نۇرغۇنلىغان سودىگەرلەر توختامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تاللاپ، زىياندىن ساقلىنىپ قالدى. بىراق مەن تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرگە مەبلەغ ئاپىرىپلا قالماستىن،يەنە ئۆزۈمنىڭ بىرازىلىيەدىكى ئىناۋىتىنى تىكلىدىم، باشقا نۇرغۇنلىغان تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرمۇ مېنى مال بىلەن تەمىنلەشكە مايىل بولۇشقا باشلىدى.» دېگەن.

   بەزىدە سودا مەيدانلىرىدا زىيان تارتىشتىن ساقلىنىش تەس، ھەرگىزمۇ ئۇجۇر – بۇجۇرىگىچە ھېسابلاشقا بولمايدۇ. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ھەددىدىن زىيادە ئەقىللىق سودىگەرلەر بىلەن ھەمكارلىشىشتىن قورقىدۇ، چۈنكى ئۆزىنىڭ پايدىلىنىپ كېتىپ، زىيان تارتىپ قېلىشىدىن قورقىدۇ. ئەگەر جېجىياڭلىق سودىگەرلەرگە ئوخشاش، بىر كۆز ئالدىدىكى زىيان بىلەن كارى بولمايدىغان، ئوزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئادەم بىلەن نۇرغۇن ئادەم ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ.

   سودا –تىجارەت ئەمەلىيەتتە ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ئەقىل ۋە ئىستىراتىگىيە  سىنىشىشى. بۇ خىلدىكى زىيان ھەقىقىي مەنىسىدىن ئېيىتقاندا يىراقنى كۆزلەپ، ئىگىزدە تۇرۇپ يەكۈنلەنگەن تىجارەت ئۇسۇلىدۇر. جېجىياڭلىقلارنىڭ سودا چەمبىرىكى ئىچىدە مۇنداق بىر گەپ ئېقىپ يۈرمەكتە: «بېلىق تۇتۇشتا يىپنى ئوزۇن قويىۋېتىش كېرەك،بەدەل تۆلىگەندە ئاندىن ئېرىشىش بولىدۇ.» سودا سورۇنلىرىدىكى زىيانغا نىسبەتەن،چوقۇم ئىگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆزلەش كېرەك، ھەرگىز كۆز ئالدىدىكى كىچىككىنە مەنپەئەتنى دەپ، يىراق مەزگىللىك پايدىنى يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ.

**پايدىدىن ۋاز كېچىشمۇ پايدىغا ئېرىشىشتىكى ئۇسۇل

   چوڭ ئىشلارنى قىلىشتا، ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرىدىغان روھ بولمىسا بولمايدۇ، بىراق داۋاملاشتۇرۇش بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا، جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ جانلىق تىجارەت ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىش، بەزى نەرسىلەردىن ئەقلىيلىك بىلەن ۋاز كېچىش كېرەك.جېجىياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ قارىشىچە، ئىزچىللىق بىر ئىشتا نەتىجە قازىنىشنىڭ ئۇلى،بىراق ۋاز كېچىشمۇ پايدىغا ئېرىشىشنىڭ يولى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جېجىياڭلىقلار«يوقىتىش بولغاندا ئېرىشىش بولىدۇ» دەپ قارايدۇ. پۇل تېپىش ئۈچۈن، تىجارەتكە پايدىسىز ئاشۇ تەرەپلەردىن ۋاز كېچىش كېرەك.

   جېجىياڭ قىزىل يىڭناغۇچ گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى چىيەن جىنبو: «پايدىلىق زىياننى تەكىتلىپ،پايدىسىز غەلبىدىن ۋاز كېچىش، ئادەتتىكىچە غەلبىنى رەت قىلىش كېرەك.» دېگەن. غەلبە قازىنىشتا يۈكسەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، يۈكسەك غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتە يۈكسەك ئەقىل – پاراسەت بولۇشى كېرەك. كۆز ئالدىدىكى قىسقا ۋاقىتلىق مەنپەئەتتىن ۋاز كېچىشكە جۈرئەت قىلىش، ئوزۇن مەزگىللىك پايدىنى قوغلىشىش كېرەك. ئۆزىنى نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ئۆزىنىڭ غەلبىسى ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلاش كېرەك.

   سىرتتىن كەلگەن بىر سودىگەر شاڭخەيدە مەھسۇلاتلارنىڭ ئورالما خالتا سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپتۇ، كىم بىلسۇن، ئاخىرقى نەتىجە ئۇنى ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپتۇ.گەرچە مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى ناھايىتى ياخشى بولسىمۇ، بىراق شەرت ھەممە پۇلنى ئالدىن تۆلەش كېرەك ئىكەن. ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ بىرلىككە كېلەلمەپتۇ، چۈنكى ھېچقايسىسى بىر – بىرىگە يول قويماپتۇ. بۇ سودىگەر ئامالسىزلىقتىن قايتىشقا تەييارلىنىۋاتقان ۋاقىتتا، بىر ياشقا ئۇچراپ قاپتۇ.

   بۇ ياش يۈگۈرەپ كېلىپ ناھايىتى ئەدەپ بىلەن ئۆزىنىڭ ئىسىم كارتوچكىسىنى سۇنۇپ: «مالال كەلمىسە سوراپ باقاي، سىز سودىگەرمۇ؟ ئەگەر بۇ خىل خالتىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز،بىزدىمۇ بار!» دەپتۇ. ئەسلىدە بۇ سودىگەر قايتىشقا تەييارلىنىۋاتقان ۋاقىتتا،ئۇنىڭ قولىدىكى خالتىنىڭ ئەۋرىشكىسى بۇ ياشنىڭ دېققىتىنى تارتقان ئىكەن.

   سودىگەركارتوچكىنى ئېلىپ كۆرۈپ، بۇ ياشنىڭ ئەسلىدە جېجىياڭ ۋېنجۇدىكى بىر يالتىراق بويۇملارنى يىغىۋېلىش زاۋۇتىدىكى سۈن لېدىر ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ. شۇنداق قىلىپ،سودىگەر ئۆزىنىڭ مال يىغىش جەريانىنى سۈن لېدىرغا سۆزلەپ بېرىپتۇ. سۈن لېدىرئاڭلىغاندىن كىيىن قىزغىنلىق بىلەن: «ئەسلىدە كەسىپداشلار ئىكەنمىز، ئەگەر سىزخالىسىڭىز، بىزنىڭ شىركەتكە بېرىپ كۆرۈپ بېقىڭ، سۈپەت ۋە باھادا كېلىشىپ قالىمىز.»دەپتۇ.

   شۇنداق قىلىپ بۇ سودىگەر قوشۇلۇپتۇ. ئىككەيلەن تەپسىلىي مەسلىھەتلەشكەندىن كىيىن، سۈن لېدىر ئاندىن بۇ سودىگەرگە بۇ خىل ئورالما خالتىنىڭ ئۆزىنىڭ شىركىتىدە يوق ئىكەنلىكىنى، بىراق بىر دوستىنىڭ مالنى تەمىنلەپ بېرەلەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ دوستى بىلەن بىۋاستە كۆرۈشسە بولىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ھەرگىزمۇ ئارلىقتىن پايدا ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.

   سودىگەر بۇنى ئاڭلاپ چۈشىنەلمەيلا قاپتۇ، بۇ يەردىكى سودىگەرلەر باشقىلارغا ۋەكالتەنمۇ تىجارەت قىلىپ قويىدىكەن، ئۇنداقتا ئۆزىنىڭ پايدىسىنى قانداق قىلىدىغاندۇ!؟

   سودىگەرنىڭ چۈشەنمەيۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، سۈن لېدىر ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىپتۇ. ئەسلىدە سىرتلاردا سودا قىلىۋاتقان جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ بىر كېلىشىمى بار ئىكەن، كىم تىجارەت قىلىۋاتقان بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپلا قالماستىن، يەنە دوستلىرى، شېرىكلىرىگە مۇناسىۋەتلىك سودا ئۇچۇرلىرىنى ساقلاپ قويىدىكەن، ئەگەر ئۆزىنىڭ سودىنى قىلىدىغان ئامالى بولمىسا، پۇرسەتنى باشقىلارغائۆتۈنۈپ بېرىدىكەن. بۇنداقتا، ئۇمۇ ئوخشاشلا باشقىلار تېپىپ كەلگەن سودا پۇرسىتىگە ئېرىشىدىكەن.

   بۇنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ھېلىقى سودىگەر ئۈنچىقماستىن بېشىنى لىڭىشىتىپتۇ.

   ئىككەيلەن سۈن لېدىرنىڭ دوستىنىڭ شىركىتىگە كەلگەندىن كىيىن، مال ئالغۇچى سودىگەر مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ ناھايىتى ياخشىلىقىنى، باھاسىنىڭمۇ ناھايىتى ئۆلچەملىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپتۇ. ئۇ ئۆزى ئازراقلا زاكالەت ھەققى تاپشۇرسا مال ئالالايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىركەت مالنى بەلگىلەنگەن جايغا يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن. مال سېتىۋالغۇچى سودىگەر ئۇلار بىلەن توختام ئىمزالىغاندىن كىيىن، ئۇلار مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ھەمكارلىشىپتۇ.

   سودا مەيدانلىرىدىكى پايدىنى بىرلا ئادەم يۈتۈۋېلىشقا بولمايدۇ، باشقىلارغىمۇ پۇل تاپىدىغان پۇرسەت قالدۇرۇش كېرەك. جېجىياڭلىق سودىگەرلەرگە ئوخشاش ئۆز – ئارا مۇناسىۋەتنى ئىنچىكە قىلىش كېرەك. گەرچە بەزى جېجىياڭلىق سودىگەرلەر كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنى ئەلا بىلسىمۇ، بىراق ئوزۇن مەزگىللىك مەنپەئەتىگە پايدىسىز بولسىلا ۋاز كېچەلەيدۇ،ھەرگىز قوغلاشمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار ئۆزىگە تەئەللۇق مەنپەئەتنىمۇ باشقىلارغا ئۆتۈنۈشكە ماھىر كېلىدۇ؛ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى بولمىسا، كۆڭلىدە قىلچە تەمە قالدۇرمايدۇ. ئەگەر ھەممەيلەن جېجىياڭلىق سودىگەرلەرگە ئوخشاش بۇ خىل پوزىتسىيەدە بولغان بولسا، سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ قىممەت قارىشىدىن ھالقىپ، باشقىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولالايسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىزچىل تىجارەتتىكى ئەڭ مۇھىم بايلىق بولۇپ كەلمەكتە.

   باۋشىنىياۋ گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى ۋۇ جىزېنىڭ ئېيىتقىنىدەك: «كارخانىنى پۇل تېپىش ماشىنىسى قاتارىدا كۆرۈشكە بولمايدۇ. كارخانا چوڭ جەھەتتىن ئېيىتقاندا كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنىڭ ئىپادىسى، كىچىك جەھەتتىن ئېيىتقاندا، شەخسىي ئىستەكنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ ۋاستىسى. مېنىڭ غايەم بولسا ‹باۋشىنىياۋ›نى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق ماركىغا ئايلاندۇرۇش، شۇڭا بەك كۆپ پايدىنى تالاشمايمەن، ئادەمگە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىمى ‹قىلىدىغاننى قىلىش، قىلمايدىغاننى قىلماسلىق›.»

   20 –ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدا، شاۋ فۇنىڭ ۋە جوۋ داخۇنىڭ قويۇق سودا ئالاقىسى بار ئىدى.ئەينى ۋاقىتتا، شاۋ فۇنىڭ «خۇپەي» چاقماقلىرىنىڭ ئامېرىكىدا ناھايىتى بازار تاپقانلىقىنى كۆرۈپ، ئامېرىكىدا «خۇپەي» ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىپ تىزىملىتىدۇ.

   ئەينى ۋاقىتتا، سودا ماركىسىنى تالىشىپ تىزىملىتىدىغان كارخانىلار ناھايىتى كۆپ ئىدى،كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا بەزىدە ماركا سەۋەبلىك تالاش – تارتىش بولۇپ، ھەتتا بەزىدەئۆچمەنلىشىش كېلىپ چىقاتتى.

   بىراق،«دافۇ» شىركىتى ۋە شاۋ فۇنىڭ باشقىچە ئۇسۇل قوللانغان.

   «داخۇ»شىركىتىنىڭ توختىماستىن تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، مەھسۇلات ماركىسىمۇ بارغانسىرى ياختۇرۇشقا ئېرىشىپ، 2005 – يىلىغا كەلگەندە «خۇپەي» ماركىسى سودا مېنىستىرلىكى تەرىپىدىن نوقتىلىق يىتىشتۈرۈلۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئېكىسپورت ماركىسى قىلىپ بېكىتىلگەن.

   جوۋ داخۇنىڭ قارىشىچە، مەھسۇلاتنىڭ دۇنيا بازىرىغا كىرىشتە ئامېرىكا بازىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇلار ماركىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئىلتىماس قىلىنىپ بولغانلىقىنى بايقىغاندا، ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشتىكى ئاۋانگارت بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ چاغدا، ئۇ ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە قارىماستىن ئىلتىماس قىلىنىپ بولۇنغان ماركىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە بەل باغلايدۇ، ھەتتا قانۇنىي ۋاستىنى قوللىنىشتىنمۇ باش تارتمايدۇ.

   بىراق ئۇلار ئامېرىكىدىكى شاۋ فۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا، شاۋ فۇنىڭنىڭ سۆزلىرى جوۋ داخۇنى تەسىرلەندۈرگەن. شاۋ فۇنىڭ: «ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكىدا ‹خۇپەي›نى تىزىمغا ئالدۇرۇش بۇ ماركىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈندۇر. بۈگۈنكى كۈندە ‹خۇپەي›گە تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات بوشلۇقى بېرىش ئۈچۈن، دۇنياۋىي ماركا قىلىش ئۈچۈن، ماركىنى سىز ئېلىپ كېتىڭ.» دىگەن.

   بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، جوۋ داخۇ نەق مەيداندا ماركا تىزىملىتىش ۋە قوغداش ھەققىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى، شاۋ فۇنىڭنى ئامېرىكىدىكى باش ۋەكالەتچى قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتقان.

   شۇنداق قىلىپ، قارىماققا ناھايىتى خەتەرگە تولغان تالاش – تارتىش ئۈن – تىنسىز يوقالغان.جوۋ داخۇ ۋە شاۋ فۇنىڭ ئۆچمەنلەشمەيلا قالماستىن، يەنە ھەمكارلىشىدىغان شېرىكلەرگە ئايلانغان. ئەينى ۋاقىتتا، نەق مەيداندىكى بارلىق كىشىلەر ئۇلارغا قايىل بولغان.

   ۋېنجۇلۇق بىر ياش كارخانىچى: «پايدىدىن ۋاز كېچىش جەريانى دەل ئۆزىنى تونۇش جەريانى.ئۆزىنىڭ قۇربىتى يەتمەيدىغان ئاجىز تۈرلەردىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ كۈچى يېتىدىغان ئىشلارغا يۈرۈش قىلىش كېرەك. ئېرىشىشنى بىلىپ، ۋاز كېچىشنى بىلمەيدىغان ئادەمنىڭ مەڭگۈ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى مۇمكىن ئەمەس.» دېگەن. قىيىنچىلىققا يولۇقۇپ ئاندىن ئارقىغا چېكىنىش بولسا ئاقىلانىلىك ئەمەس، مۇۋاپىق ۋاقىتتا ۋاز كېچىش بولسا ئۆزىنىڭ تېخىمۇ يىراققا بارالىشى ئۈچۈندۇر، ئۇنداق بولمايدىكەن، چوقۇم تېخىمۇ چوڭ زىيانغا ئۇچراپ قېلىش مۇمكىن. خۇددى پايچەك ئوينايدىغان كىشىلەرگە ئوخشاش،نۇرغۇنلىغان پايچەك ئوينىغۇچىلارنىڭ مەغلۇب بولۇشىدىكى سەۋەب «ۋاز كېچىدىغان چاغدا ۋاز كەچمىگەنلىكىدە»، ھەمىشە كۆپرەك تېپىشنى ئويلاپ، نەتىجىدە چىقىم تارتىدۇ.

   ئىقتىساد ئىلىمدە ۋاز كېچىش «پۇرسەت سەرمايىسى» دەپ ئاتىلىدۇ، سودىگەرلەر چوقۇم «پۇرسەت سەرمايىسى» غا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. ۋاز كېچىشكە قىيالماسلىق، ياكى ۋاقتىدا ۋاز كەچمەسلىك ھەمىشە ئادەمنى بايلىق يولىدا راۋان ماڭغىلى قويمايدۇ.

   ھاياتلىق بىر خىل تاماشا، بايلىق دەل بۇ خىل تاماشانىڭ جاۋابى، شۇڭا «قىلدىغاننى قىلىش،قىلمايدىغانى قىلماسلىق» كېرەك. بەزىدە قىسقا ۋاقىتلىق مەنپەئەتتىن ۋاز كېچىشكە ماھىر بولۇش كېرەك. چۈنكى، ۋاز كېچىشكە جۈرئەت قىلىپ، ۋاز كېچىشكە ماھىر بولغاندا ئاندىن تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

***تەرەققىياتنىڭ غەلبىسى – پايدا ۋە تەرەققىياتنىڭ رىقابىتى

   جېجىياڭ سودا چەمبىرىكىدە مۇنداق بىر گەپ ئېقىپ يۈرمەكتە: «تەرەققىيات قاتتىق پىرىنسىپ،كۆز ئالدىدىكى پايدا مۇھىم ئەمەس، يىراق مەزگىللىك تەرەققىياتلا ئادەمنى خۇشال قىلىدۇ.»

   كارخانا ئەمدىلا تەرەققىي قىلىشنى باشلىغان ۋاقىتتا، تىز سۈرئەتتە پۇل تېپىش ياكى نەزىرىنى يىراقلارغا تىكىپ، ئوزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈش، بۇ زور كۆپ قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا بىر قىيىن تاللاش. كۆز ئالدىدىكى پايدىدىن ۋازكېچىپ ئېنىق بولمىغان تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈش، بۇ خۇددى قاملاشمىغاندەك كۆرۈنىدۇ. چۈنكى، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنى ناھايىتى ئاسان مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ،كىيىنكى تەرەققيات ئادەمنى خۇددى قارىغۇدەك ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ.

   كۆپ قىسىم سودىگەرلەر كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە ئاۋۋال ئېرىشىشنى ئويلايدۇ، دەل بۇ خىل ئىدىيە ئۇلارنىڭ سودىدىكى تەرەققىياتىنى بوغۇپ قويغان. جېجىياڭ سودىگەرلىرى ئەزەلدىن بۇنداق ئويلىمايدۇ. نۇرغۇنلىغان جېجىياڭ سودىگەرلىرى كىچىك شىركەتلەردىن تەرەققي قىلغان، ئۇلارنىڭ ئورتاق قارىشى بولسا تەرەققىيات قاتتىق پىرىنسىپ، كۆزئالدىدىكى مەنپەئەت قەدىرلەشكە ئەرزىمەيدۇ، ئوزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتلا ئۇلارنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنى.

   مايۈن دائىم: «ئەگەر بىر ئادەم كاللىسىدا خەلق پۇلىنى ئويلاپ، كۆز ئالدىدا كۆرگىنى ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئېغىزىدىن چىققىنى فوندېستىرلىڭ بولسا، بۇ خىل ئادەملەر مەڭگۈ خېرىدارنىڭ ئېھتىياجىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويالمايدۇ.» دەيدۇ.

   مايۈن «ئەلىبابا» نىڭ قۇرغۇچىسى، دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى تور سودىسى سۇپىسى قۇرۇش بولسا ئۇلارنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك نىشانى. مايۈن «ئەلى بابا» ئۈچۈن تۈزۈگەن ئىستىراتىگىيە يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن بۇ كەسىپنى ئىزچىل زىيان تارتقۇزۇپ، كىشىلەر مايۈندىن گۇمانلىنىشقا باشلىغان چاغدا، ئۇ ھېچنىمىگە پەرۋا قىلمىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، پۇل تېپىشنى ئويلىغان ۋاقىتىڭىز سىزنىڭ باشقىلارغا ياردەملىشىپ پۇلنى رەسمىي تاپقان ۋاقتىڭىز. ئۇ دائىم: «ئەلى بابا يولدا كىچىك تەڭگىلەرنى كۆرۈپ توختىماستىن تېرىۋالسا، يانچۇقلىرى توشقاندا ماڭالماي قالىدۇ – دە، مەڭگۈ ئالتۇن كانى جايلاشقان چوققىغا چىقالمايدۇ.» دەيدۇ.

   «تاۋباۋتورى» نىڭ باش لېدىرى سۈن توڭيۈ: «‹تاۋباۋ›نىڭ سودا سوممىسى ئەنئەنىۋىي سودا سەردارلىرى بولغان ۋورما، گومېي بىلەن تەڭ تۇرالايدىغان ھالەتكە كەلگەن ۋاقىتتا،ئاندىن شەخسىلەرنىڭ تور سودىسىنىڭ كەلگۈسى يارىتىلىدۇ.» دىگەن. كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدە «تاۋباۋ» قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۇنىڭ سودا سوممىسى ئىزچىل ئاشقان. بۇنداق نەتىجىگە نىسبەتەن سۈن توڭيۈ: «بىزنىڭ ھازىرقى كۆلىمىمىز بىزنىڭ بوۋاقلىق دەۋرىمىزمۇ ئەمەس.» دېگەن.

   «تاۋباۋ»ئىزچىل تىجارەتتە كىچىك مەنپەئەتلەردىن ۋاز كېچىشنى ئۆزىنىڭ تىجارەت قائدىسى قىلىپ كەلمەكتە. ئۇلار پۇل تېپىش ئۈچۈن كارخانا قۇرىدىغان بۇنداق مەنپەئەتپەرەسلىكنى تىلغا ئېلىشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ دەپ قارايدۇ. سودا قىلىش پۇل تېپىش ئۈچۈن، بۇ بارلىق ئادەملەرنىڭ يۈرەك ساداسى. بىراق پايدا كارخانىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلانماسلىقى كېرەك، پايدا كارخانا تەرەققىياتىنى  ئىلگىرى سۈرەلىسىمۇ، بىراق ئاسانلا كىشىلەرنىڭ نەزىرىنى تار قىلىپ قويىدۇ، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنى دەپ ئوزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتتىن ۋاز كېچىش ھەر قانداق كارخانىنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن پايدىسىزدۇر.

   مايۈن شۇنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇكى، ۋاقتىنچە كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتتىن ۋاز كېچىش، پايدا ۋەتەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ كارخانا ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن پايدىسى ۋە تەرەققىياتى چەكسىز بولىدۇ. «تاۋباۋ» ھەقسىز ئېتىبار قىلىش تەدبىرىگە تايىنىپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى جەلپ قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ بۇنداق ئۇسۇلنى قوللانغان ۋاقىتتا، باشقىلارنىڭ گۇمانلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىراق كۆپچىلىك ئاخىرى مايۈننىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشەنگەن، يەنى مايۈننىڭ كۆڭلىدە، تەرەققيات ۋەپايدىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى ھەققىدە بالدۇرلا سان پەيدا بولغان، ئۇنىڭچە پايدا ۋە شىركەتنىڭ تەرەققىياتنى سېلىشتۇرغاندا، ئوزۇن مەزگىللىك تەرەققىيات مۇھىم ئورۇندا تۇرغان. دەل بۇ خىل تەدبىر ئۇلارنىڭ زور نەتىجىلەرنى قازىنىشىغا تۈرتكە بولغان.

   نۇرغۇنلىغان سودىگەرلەر پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلىۋالىدۇ، قانداق قىلسىمۇ ئىشلىرىنى چوڭ قىلالمايدۇ. ھالبۇكى جېجىياڭلىقلارنىڭ قارىشىچە، پۇل تېپىش بىر كارخانىچىنىڭ ئاساسى ئىقتىدارى، ئەمما بارلىق ئىقتىدارىنىڭ جۇغلانمىسى ئەمەس. ئۇلارنىڭ قارىشىچە تاپقان پۇلنىڭ داۋاملىق پۇل تاپالىشى، قىممەت يارىتالىشى، جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتەلىشى قاتارلىقلار ناھايىتى تەس بولۇپ، دەل مۇشۇلار ئۇلارنىڭ جەڭ ئېلان قىلىدىغانلىرى.نۇرغۇنلىغان كىشىلەر پۇلنى قانداق تېپىشنى چۈشىنىدۇ، بىراق دۇنيادا باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىشنى، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇشنى بىلىدىغانلار كۆپ ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن مايۈننىڭ قارىشىچە، بىر ئۇلۇغ كارخانىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئاۋۋال بۇ تەييارلىقلارنى ياخشى قىلىش كېرەك.

   جېجياڭ سودىگەرلىرىنىڭ ئەقىلىقلىقى ئۇلارنىڭ يىراقنى كۆرەلەيدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ پايدىدىن ۋاز كېچەلەيدىغان ئۆزگىچە ئىدىيىسدە ئىپادىلىنىدۇ. پەقەت ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلىماستىن ئاۋۋال خېرىدارلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەندە، ئاندىن خېرىدارنى تۇتۇپ تۇرغىلى،ئۆزىمۇ پۇل تاپقىلى بولىدۇ. يەنى «ئۆزىنىڭ ئەزالىرىغا مەنپەئەت يەتكۈزگەندە، بۇھەرگىزمۇ خېرىدارنىڭ يانچۇقىدا بەش يۈەن بولسا بىز بىر يۈەننى ئېلىۋېلىش دېگەنلىك ئەمەس، ئەكسىچە خېرىدارلاغا ياردەملىشىپ ئۇلارنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلنى 500 يۈز ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك قىلىش دېگەنلىك، بۇ ۋاقىتتا خېرىدارلاغا سىزگە 50 يۈەن بېرىشنى ناھايىتى خالايدۇ.» بۇ دەل مايۈن قوللانغان «ھەقسىز» ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ئەزا تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئۇسۇل.

   كارخانىچىلار پۇلنىڭ قۇلى بولماسلىقى كېرەك، كارخانىچىلار جەزمەن مەسئۇلىيەتنىڭ، كوللىكتىپنىڭ قۇلى بولۇشى كېرەك. پۇل مۇنەۋۋەر كارخانىچىلارغا ئەگىشىپ ماڭىدۇ. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ پۇل تېپىشىگە ياردەملىشىش – بۇ «ئەلى بابا» جەمئىيەت ئۈچۈن ياراتقان ھەقىقىي قىممەت. مايۈننىڭ پۈتۈن دۇنياغا ئىسپاتلاپ بەرمەكچى بولغىنى بولسا،جۇڭگودا جۇڭگولۇقلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان، قىزغىنلىق ۋە غايىگە تولغان بىر دۇنياۋىي دەرىجىلىك شىركەت چوقۇم بارلىققا كېلىدۇ.

   بۇ خىل كىچىك مەنپەئەتلەردىن ۋاز كېچەلەيدىغان، ئىجتىمائىي قىممەت ھاسىل قىلىشنى تەكىتلەيدىغان ئىدىيە مايۈننىڭ ئېنتېرنىت تورىنىڭ جان تومۇرىنى تۇتۇۋېلىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن.دەل مۇشۇ خىلدىكى تور سودىسىغا بولغان مۇستەھكەم ئېتىقادنىڭ ئاساسىدا، مايۈن «ئەلىبابا» نى دۇنيادىكى ئون چوڭ تور بېتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا ئىرادە باغلاپ، شۇ ئارقىلق «سودىگەر بولسىلا ‹ئەلى بابا›دىن پايدىلىنىدىغان» سودا نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان.

   نۇرغۇن ۋاقىتلاردا، سىز سودا مەيدانلىرىدا زىياننىڭ دەستىدىن ئازابلىنىپ تۇرغان ۋاقتىڭىزدا، سىز چوقۇم ئۆزىڭىز توغرۇلۇق ئويلىنىپ بېقىشىڭىز كېرەك، يەنى سىز كۆزئالدىڭىزدىكى مەنپەئەتنى ھەددىدىن زىيادە قوغلىشىپ، كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتقا سەل قارىدىڭىزمۇ؟  ئەگەر بىر ئادەم كۆزئالدىدىكى مەنپەئەتنىلا كۆرۈپ، «توخۇنى ئۆلتۈرۈپ تۇخۇمىنى ئالسا»، ئۇنداقتا ئۇھەرگىزمۇ تەرەققىي قىلىپ كېڭىيىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئوزۇن مەزگىللىك تەرەققىيات نۇقتىسىدىن قارىغاندا،  پايدا ئارقىلىق تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈش بىر ياخشى ئىدىيە.

*************************

تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى

تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى:رەيھانگۈل نىزام

مەنبە:بېيجىڭ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋىرستىتى2013-يىلى 6-ئايدا نەشىر قىلغان  خەنچە ‹‹ جېجاڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى››ناملىق كىتاب

2015-يىلى 4-ئاي

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ