A-A+

تاشچىلارغا(خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى 86)

2015-يىل 28-ئاپرېل ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 1,946 قېتىم

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى

خوتەن قاشلىرىنى ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ئارزۇلاپ ،ئەتىۋالاپ ئىشلىتىپ كەلدى؟ئۇنىڭدىكى قانداق سېھرى كۈچ ئۇنى تارىم ۋادىسىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاتتى؟نېمە ئۈچۈن خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى يىلدىن يىلغا ئۆرلەپ ،ئىستىمالچىلار توپى توختاۋسىز كۆپۈيۈپ مېڭىۋاتىدۇ؟كىشىلەر خوتەن قاشلىرىنى نېمە مەخسەت-مۇدىئالار بىلەن سېتىۋالىدۇ؟ئۇنىڭ ئىنسان ماددىيىتى ۋە مەنىۋىيىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى نېمە؟؟؟...

يۇقارقىدەك نۇرغۇن سۇئاللارغا خوتەن قاشتېشىنىڭ ئۆزىدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تېپىش مۈمكىنچىلىكى يوق.چۈنكى ئۇ گۈھەر تاشلارغا خاس ئاددىي بىر قېزىلما بايلىق،خالاس...

يۇقارقى سۇئاللارغا توغرا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن چۇقۇم ئۇزاق تارىخ جەريانىدا شەكىللەنگەن كۆپ قاتلاملىق ،كۆپ مەنبەلىك خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى ئەتراپلىق چۈشۈنۈشكە توغرا كېلىدۇ.

ئەقىدە قاشگەرلىكىمىز <<خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى >>سەھىپىمىز ئارقىلىق خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى رەتلەپ ،توپلاپ ،تەرجىمە قىلىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

W020150901451434608568

تاشچىلارغا 

ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن رەيھانگۈل نىزام يازمىسى

مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەقىقىي قاشتېشى سودىسى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ،خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى دۇنيا جامائىتىگە تۇنۇشتۇرۇش يولىدا جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرىۋاتقان تاشچى

كەسىپداشلارغا بېغىشلايمىز

2012020209570447

بالىلىق چېغىمدا تۈگمەن بويىدا،

توختاۋسىز چۈگلىگەن تاشلارغا قاراپ،

مومامنى چۆچەككە باشلىغان ئىدىم،

قۇم- كېپەك مىسالى سۇئاللار سوراپ.

**********

چوڭ-كىچىك ھەممىنى يىغىپ يېنىغا،

ھىكايە سۆزلىگەن مومام بەك ئۇزۇن.

ئىسىمدە قالغىنى مۇنداق بىر جۈملە؛

‹‹ قاشتېشى تىلسىمدۇر، قاشتېشى ئۇدۇم.››

***********

چوڭ بولۇپ ئەقلىمنى تاپقان چېغىمدا،

تاشلارغا زوقلۇنۇپ باققان چېغىمدا،

مومامنىڭ سۆزلىرى كەلدى ئىسىمگە،

تاشلارنىڭ ‹‹ سىر ›› ىنى ئاچقان چېغىمدا.

***************

بارچە ئەل مەھلىيا ئىكەن تاشلارغا،

بولغاچقا ئۇنىڭدا ئىزگۈ-خاسىيەت.

بىلسەڭ گەر تاشلارنىڭ تىلسىم- سىرىنى،

ياناركەن قەلبىڭدە سۆيگۈ- مۇھەببەت.

***********

شۇ سۆيگۈ - مۇھەببەت باشلىدى ئەلنى،

ئەجدادىم مىراسى-تاشنىڭ يولىغا.

جەم بولدۇق ھەر نىيەت، ھەر مەقسەت بىلەن،

قۇرۇم تاغ، يۇرۇڭقاش..... دەريا بويىغا....

************

دېڭىزدىن يىڭنىنى ئىزدىگەن كەبى،

ئىزدىدۇق جەزىرە، تاغۇ-دەريانى.

ۋە- لىكىن تاپمىدۇق ئەقلىمىز بىلەن،

بوۋىلار قالدۇرغان بۈيۈك ئىزلارنى.

***************

تاش ئۈچۈن بوغۇشۇپ چېپىشىپ كەتتۇق،

باش-كۆزنى نەچچە رەت يېرىشىپ كەتتۇق.

تويمىدى دۇنياغا ھارام نەپسىمىز،

كەتكەندە دۇنيادىن قۇرۇق قول كەتتۇق.

**************

 ‹‹ تاشچىلىق ئۆمۈرلۈك كەسىپمۇ ئەمەس،

تاش سېتىپ خاتىرجەم ياشىماقمۇ تەس.

بىر تال تاش سېتىپلا مىليونىر بولسام،

ئەتىلا كىچىمەن بۇ كەسىپتىن بەس! ››

*************

شۇ خىيال ، ئاڭقاۋلىق بولغاچقا بىزدە،

كانلاردا ئىگىسىز ياتماقتا تاشلار.

شوخ-نەپىس ئويمىلار تېخى بىزدە يوق،

سەزمىدۇق تاشتىكى ‹‹ سىر ›› لارنى ئەسلا.

*************

بولمىغاچ بىزلەردە ئويمىچى-نەققاش،

قاپلىدى بازارنى ماركىلىق قاشتاش.

بولمىغاچ شىركەتلەر ئاقمىدى ئىشلار،

ھەمكارلىق ئورنىدا بولغاچقا قاخشاش.

*************

تاش تۇتۇپ يۈرەكلەر تاشتەك قاتمىسۇن،

تاش سېتىپ پۇل تاپقان شىلتىڭ ئاتمىسۇن.

قېرىنداش، ۋەتەنداش،ئەزىزلەردۇرمىز،

قېيداشتىن يۈرەككە داغلار يەتمىسۇن.

************

ساتمايلى ئۇيغۇرنى،خوتەننى يەنە،

كىملىكنى كۆرسۈتۈپ ساختا تاش بىلەن.

دەپ قۇيۇپ يالغاندىن‹‹ئاللاھ خالىسا...››،

ئۆتمسۈن كۈنىمىز دەتالاش بىلەن.

*************

ئۇچۇرھەم رىقابەت دەۋرىمىز كەلدى،

ماسلىشىپ ياشايلى يېڭى زامانغا،

سودىدا ئىناۋەت پۇلدىن مۇھىمدۇر،

قالمايلى‹‹ئالدامچى››دىگەن بەتنامغا.

*************

بەك ئاددى بولمىسۇن باسقان ئىزىمىز،

قۇم كەبى بولمىسۇن كەسىپ يولىمىز.

ئەقىل ھەم كۈچ بىلەن ياسايلى ‹‹گۈل باغ ›› .

ئۆملۈكتىن ئېچىلسۇن  ئۈمۈد گۈلىمىز.

************

قول تۇتۇپ بىرلىكتە كانلار ئاچايلى.

ئۆملۈكتە مەڭگۈلۈك بازار ئاچايلى.

خەلقىمىز چۈشەنسۇن تاشچىنى، تاشنى،

ئەل ئامان ، بەخىتلىك خوشال ياشايلى.

*************

2013-يىلى 8- ئاينىڭ 26-كۈنى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ