A-A+

بايلار ئالاقە ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ

2016-يىل 18-ماي مىليادىرلار باھا يوقكەن زىيارەت: 181 قېتىم

c995d143ad4bd113223518df58afa40f4afb0566

سۈرەتتە : ئۇكرائىنا مىليادىرى . ئۇكرائىنا تەبىئىي گاز ، نېفىت ماگىناتى

Юлія Володимирівна Тимошенко


ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى

نامراتلار كىشلىك ئالاقىدە بىپەرۋا، بايلار ئالاقە ئۇسۇلىغا

ئەھمىيەت بېرىدۇ

ھەر قانداق ئىش قىلىشتا مۇئەييەن بىر ئۇسۇل بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئۇسۇل ئىلمىي خولاسىلىنىپ ،پىششىقلانسا بىلىم بولىدۇ. يەككە شەخىسنىڭ خولاسىسى بولسا تەجىربە بولىدۇ. بىز كىچىكىمىزدىن باشلاپلا ھەر خىل ئۇسۇللارنى ئۆگۇنىمىز. بۇ ئۇسۇللار كىشلەرنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق خولاسىسىنىڭ نەتىنجىسى بولۇپ،ئۇ بىزنى تىز سۈرئەتتە زامانىۋى تەپەككۇرغا ئىگە ئادەمگە ئايلاندۇرىدۇ.

كىشلىك ئالاقە جەريانىدىمۇ تۈرلۈك ئۇسۇللار مەۋجۇت.ئەگەر بۇ ئۇسۇللارنى ياخشى ئىگىلىمىسىڭىز، ھەرقانچە تۈز،ئاقكوڭۈل بولسىڭىزمۇ باشقىلار تەرپىدىن خاتا چۈشىنىپ قېلىنىشىڭىز مۇمكىن.

بىر چارلاش ساقچىسى ئۆزىنىڭ تەۋەلىكىدە چوشقا ئۈچۆيىنىڭ رىشاتكىغا ئېسىپ قۇيۇلغانلىقىنى كۈرۈپ  ئۈنلۈك ۋاقىراپتۇ «بۇ كىمنىڭ ئۈچۆيى؟زادى كىمنىڭ ئۈچۆيى؟» بىر قىزچاق خىجىل بولغان ھالدا پەس ئاۋازدا جاۋاپ بىرىپتۇ:«ۋاقىرماڭ، ئۇ مېنىڭ نەرسەم» .بۇنى ئاڭلىغان ساقچى ئاۋازىنى  تېخىمۇ قۇيىۋېتىپ قىزچاقنى ئەيىپلەپلا كېتىپتۇ: «سىز نىمىشقا ئۇچۆيىڭىزنى بۇ يەرگە ئېسىپ قويىسىز؟ شەھەر گۇزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزگەنلىكىڭىز ئۈچۈن جازالىنىشىڭىز كېرەك...».ساقچىنىڭ قىزچاقنى ئەيىپلەپ كېتىشى كىشلەرنىڭ كۈلگىسىنى كەلتۈرۋېتىپتۇ. قىزچاق ئاخىرى چىداپ تۇرالماي دەپتۇ: «بۇ قانداق دىگەن گەپ ئەمدى ، سىزنىڭ قورسىقىڭىزدا چوشقا ئۈچۆيى ئۈسۈپ قالمىغاندۇ؟ بۇ مەدىنيەتسىز گەپلىرىڭىز ئۈچۈن مېنى ئەمەس ،سىزنى  جازالىسا بولىدۇ » .

ساقچىنىڭ ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، شەھەر قىياپىتىنى قوغدىغىنى ياخشى ئىش. لىكىن كونكىرىت خىزمەتلەردە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ باشقىلارنى ئوسال قىلىپلا قالماي ئۆزىمۇ ئوسال بولدى. مۇنداق كىشىلىك ئالاقىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ. ئوخشاش بىر ئىشنى قىلغاندا ئەدەپلىك ،مۇلايىم بولۇپ،ياخشى گەپ -سۆزلەرنى ئىشلىتىش  سىزنىڭ كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئوبرازىڭىزنى ياخشىلايدۇ.

تىل سېستىمىسىدا سۆز مەنىسىنىڭ ئىپادىلىنىشى سۆز ئۇرامى ،ئاھاڭى بىلەن ناھايىتى چوڭ باغلىنىشچانلىققا ئىگە. «سىز بۈگۈن بەك چىرايلىق بۇلۇپ كىتىپسىز» دىگەن جۈملىنى ئوخشاش بولمىغان ئاھاڭ بىلەن ئوخشاش بولمىغان تىل شارائىتىدا دىگەندە، ماختاش، مەسخىرە قىلىش، ئاغىرىنىش قاتارلىق كۆپ خىل مەنانى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا پاراڭلاشقاندا سەمىمى تەلەپپۇز بىلەن سۆزلەش، باشقىلاردا ياخشى تەسىر قالدۈرىدۇ. كۆپ ھاللاردا كۆپ مەنىلىك سۆزلەر سەۋەبىدىن ئۇقۇشماسلىق پەيدا بولىدۇ. گەرچە ئاخىرى توغرا چۈشەندۈرۈلسىمۇ، لىكىن ئۇقۇشماسلىقنىڭ ئېلىپ كەلگەن يامان تەسىرى قارشى تەرەپنىڭ يۈرىكىگە ئورناپ،سىز  بىلەن بولغان كىشلىك ئالاقىگە تەسىر يىتىدۇ.

پىسخولوگلارنىڭ تەتقىقات ئىسىتاتىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئالاقىدە كونكىرىت سۆز ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىپادىلىگەن مەنا %7 بۇلۇپ، ئاھاڭ %38، بەدەن تىلى %55 بولىدىكەن .شۇڭا يۈزمۇ يۈز تۇرۇپ پاراڭلاشقاندىمۇ ھەركەت ئىپادىسى ئىنتايىن مۇھىم .مەسلەن: ئىزچىل قارشى تەرەپكە دىققەت قىلىش، قارشى تەرەپكە ئۆزىنىڭ كوڭۈل بولىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدۇرۇش، قارشى تەرەپ سۆزلەپ بولغاندىن كىيىن، ئازغىنە توختاپ ئاندىن پىكىرىنى بايان قىلىش، قارشى تەرەپنىڭ سۆزىگە قارىتا ئەستايىدىل تەھلىل ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرۈش، قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاش، قارشى تەرەپنىڭ ھەر بىر ئويىنى توغرا چۈشىنىش كېرەك.

ھەر قانداق كىچىك ئىشنى چوڭايتىۋەتكىلى بولىدۇ. تۇرمۇشتىكى كىچىك ھالقىلار باشقىلارنىڭ سىزگە بولغان قارشىنى ئۆزگەرتىۋىتەلەيدۇ. مەسىلەن: باشقىلار بىلەن قول ئېلىشقاندا، بىر نەچچە سىكۇنىت ئۇزاق تۇتسىڭىز باشقىلارغا سەمىمى تەسىر بېرىدۇ. گەپ قىلغاندا «بىز» نى ئىشلەتسىڭىز باشقىلار بىلەن ئارلىقنى يېقىنلاتقىلى بولىدۇ.

ياڭرۈي قىزغىن، تۈز بولغانلىقى ئۈچۈن مەكتەپتە ئۇقۇتقۇچىلىرى، ساۋاغداشلىرىنىڭ ياقتۇرشىغا ئىرىشكەن. توت يىللىق ئادەم بايلىقىنى باشقۇرۇش كەسپىنى ئوگىنىش ئۇنى ئادەم باشقۇرۇشقا نىسبەتەن چوڭقۇر تۇنۇشقا ئىگە قىلغان. ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن، ئۇ بىر يىمەكلىك خۇرۇچلىرى تەتقىقات كارخانىسىغا كىرگەن. شىركەت بىر جەمەت كارخانىسى بۇلۇپ، ئادەم باشقۇرۇش قالايمىقان ھەمدە مۇھىم ئۇرۇلارنىڭ ھەممىسىگە شۇ جەمەتتىكىلەردىن باشقۇرغۇچى تەيىنلەنگەن ئىدى. ياڭ رۈي بۇ كارخانىنى ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇردىغان ئۇرۇن ئىكەن دەپ ھىس قىلغان.

كارخانا خوجايىنى پەقەت تەتقىق قىلىشنىلا بىلىدىغان ئادەم بۇلۇپ، ئادەم بايلىقىنى باشقۇرۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن قىيىن بىر ساھە ئىدى. ئۇ پەقەت يېڭى مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىپ چىقسا كارخانىغا پايدا يەتكۈزگىلى بولىدۇ دەپ قارايتى. ياڭ رۈي ئىشقا چۈشۈپ   بەشىنچى كۈنى باشلىقنىڭ ئىشخانىسىگە كىرىپ «مەن شىركەتكە كەلگىلى بەش كۈن بولدى،شىركەتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا نىسبەتەن ئويلىغانلىرىمنى دىسەم بولامدۇ؟» دەپتۇ.

«ئەلۋەتتە  بولىدۇ. مېنىڭمۇ سىزگە دەيدىغان گىپىم بار ئىدى»،دەپتۇ دىرىكتور قىزغىنلىق بىلەن.

«دېرىكتۇر بولغان كىشى بىر كارخانىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتنى ئويلايدىكەن چۇقۇم باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مېنىڭ شىركەتكە بولغان چۈشەنچەمگە ئاساسلانغاندا، شىركەتتىكى ئاساسلىق مەسىلە- ۋەزىپە چىگىرسى ئېنىق ئەمەس، خىزمەتچىلەرنىڭ مۇستەققىلىق ھۇقۇقى بەك ئاز،بۇ ھال خىزمەتچىلەرنى شىركەتنىڭ ئۇلارغا بولغان ئىشەنچىسى كەمچىلدەك تۇيغۇغا ئىگە قىلىپ قويىدۇ. خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققى خالىغانچە يۇقۇرى-تۆۋەن قىلىنسا بولمايدۇ.بولمىسا شۇ سەۋەبلىكلا ئىش ھەققىنىڭ ئادىللىقى ۋە قوزغۇتۇشچانلىقىنىڭ رۇلى بولمايدۇ ». ياڭ رۈي ئۆزىنىڭ پىكىرىنى ئىشتىن ئاۋال تۈزگەن تىزىسى بويىچە تەرتىپلىك ھالدا دېرىكتۇرغا بايان قىلىپتۇ.

-لىكىن شىركەت يەنىلا پايدا تېپىۋاتىدۇ. بۇ بىزنىڭ باشقۇرۇش تۇزۇلمىمىزنىڭ يەنىلا مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

-ھەر قانداق بىر كارخانا كەلگۈسى تەرەققىياتنى ئويلايدىكەن، ئىلمىي بولغان باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى قوللىنىشى زۆرۈردۇر. ئاز بولمىغان جەمەت كارخانلىرى مۇشۇ سەۋەبلىك ئەڭ ئاخىرىدا ۋەيران بولغان.

-ئۇنداقتا سىزنىڭ قانداق پىلانىڭىز بار؟

-ھازىر تېخى يوق. لىكىن مەن پەقەت سىزنىڭ قوللىشىڭىز بولسىلا، تىزدىن لاھىيە تۈزۈپ چىقالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن. قىزغىن ھەم كىشىلىك ئالاقىگە ماھىر ياڭ رۈي ئاخىر دېرىكتۇرنىڭ ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشىگە ئېرىشپتۇ.

ئالاقىلىششنىڭ مەقسىتى باشقىلارغا ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى بىلدۈرۈش. شۇڭا ئالاقىدىن بۇرۇن، ئالاقىلىششنىڭ مەقسىدىنى ئايدىڭلاشتۈرۋېلىش كېرەك. ياڭ رۈينىڭ مەقسىتى ئۆزىنىڭ ئىقتىدارلىقىنى ئىسپاتلاش، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىپ شىركەتكە تەكلىپ بېرىش. دېرىكتۇرنىڭ مەقسىتى ياڭ رۈيگە شىركەتنىڭ ھازىرقى تۈزىمىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش. ئەگەر ياڭ رۈي ئالاقىلىششتىن ئاۋال لاھىيە توزگەن بولسا، دېرىكتۇرنىڭ تېخىمۇ ئەتىۋارلىشىشغا ئېرىشكەن بولاتتى.

بايلار ئالاقىلىششتىن ئاۋال ياخشى ئويلىنىدۇ. ئۇلار < ئۇچۇرنى قانداق قىلغاندا قارشى تەرەپكە ئۈنۈملۈك يەتكۈزگىلى بولىدۇ، بۇ بىر قېتىملىق ئالاقە قايسى كىشلەرگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ، قايسى مەسلىنى ھەل قىلىدۇ،ئالاقە جەريانىدا قانداق مەسلە پەيدا بولىدۇ؟ ئۇچۇر مىقدارى بەك كۆپ بولغانلىقتىن قارشى تەرەپ ئاڭلاپ قۇبۇل قىلىپ بولالمايدىغان ياكى  كەيپىياتى تەۋرىنىپ قالىدىغان ئەھۋال يۈز بىرەمدۇ يوق؟  >  دىگەندەك بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ئويلاشقاندىن كىيىن ئۇلار ئامال بار ئالاقىدىكى توسقۇنلۇقتىن ساقلىنىپ، ئالاقىنى بىر قېتىملىق ئىجابى ئالماشۇرۇشقا ئايلاندۈرىدۇ.

ئالاقە ئالدىدىكى تەييارلىقنىڭ يېتەرلىك بۇلۇشى كىشلىك ئالاقىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. قارشى تەرەپنى يېتەرلىك چۈشەنگەندىلا ئاندىن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ تەپەككۇر قىلغىلى، قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىدىكى سۆھبەتتە قارشى تەرەپكە تېخىمۇ ئاسان تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدۇ. ئىجابى سوھبەت ياخشى لاھىيەگە مۇھتاج. شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن مەسىللىرىگە قارىتا توغرا،ئۈنۈملۈك پىكىر ئالماشتۇرۇشغىلى بولىدۇ.كىچىكىنە تالاش-تارتىش سەۋەبلىك ئاساسى مەسلىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

بايلىقنىڭ بايانى:

كىشىلىك ئالاقىدە مەقسەتكە تېخىمۇ ئاسان يىتىش ئۈچۈن ياخىشى لاھىيە تۈزۈش لازىم.مۇنداق  ئۇسۇل زۆرۈر بولمىغان ئاۋارىچىلىقلارنى ئازايتىپ، ھەمكارلىقنى تېخىمۇ قۇيۇقلاشتۇرىدۇ. كىشلىك ئالاقىنى تەرەققى قىلدۇرۇش مەقسىدىگە تېخىمۇ ياخشى يېتىش ئۈچۈن ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بايلار كىشىلىك ئالاقىدە تۈرلۈك ئۇسۇللارنى ئىشلىتىشكە ماھىر ئادەملەردۇر.

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 2-قىسمىدىن ئېلىندى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ