بايلار مەڭگۇ ۋاز كەچمەيدۇ
سۈرەتتە : دۇنيا مىليادىرلىرىنىڭ بىرى ، ئۇكرائىنا مىليادىرى رىنات ئەپەندىم
乌克兰首富:Rinat Akhmetov
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
قانداق قىلغاندا باي بولغىلى بولىدۇ؟ بۇ ھەر بىر بېيىشنى ئارزۇلايدىغان كىشلەر ھەل قىلىشنى ئويلايدىغان مەسىلە. باي بولۇش كىشلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئويلايدىغان نىشان. ئەگەر كىشلەردىن باي بولۇش ئۈچۈن قانداق شارائىتلار لازىم دەپ سورىسىڭىز، نۇرغۇن كىشلەرنىڭ ھەممىسى پۇرسەت، تەجرىبە، بىلىم، مەبلەغ قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللار زۆرۈر دېيىشى مۇقەررەر. ئەمەلىيەتتە كۆپ ساندىكى بايلارنىڭ ئۆزىنىڭ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئورتاق سىرى مەڭگۇ ۋاز كەچمەسلىك.
20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى، ئامېرىكىنىڭ مىچىگان شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىدىكى «بېيىشنىڭ مەخپىيىتى» ناملىق لېكسىيەدە ئەينى چاغدىكى دۇنياغا داڭلىق ھېنرى.فوت تەكلىپ بىلەن نۇتۇق سۆزلىگەن. بۇ قېتىمقى لېكسىيەگە ھەر ساھەدىكى كىشلەر ئالاھىدە ئىشتىراك قىلىپ، ئۆزى شەخسەن نەق مەيدانغا بېرىشنى ئارزۇ قىلغان. بۇنىڭ سەۋەبى، بىرىنچىدىن ھېنرى .فۇتنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈۋېلىش بولسا ، ئىككىنچىدىن بۇ قېتىمقى لىكسىيەدىن بايلىقنىڭ مەخپىيىتىنى بىلىۋېلىشنى مەخسەت قىلغان ئىدى.
نۇتۇق سۆزلەيدىغان بۇ كۈن ئاخىر يىتىپ كەلدى. مەيداننىڭ كىرىش ئېغىزى ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان بولۇپ،ناھايتى تەنتەنىلىك كۆرىنەتتى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇخبىرلارمۇ ئاللىقاچان كىلىپ بولغان ئىدى. ئۇلار بۇ قېتىممۇ دۇنياغا داڭلىق ئاجايىپ شەخىسنىڭ بېيىش مەخپىيىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى خاتىرلىۋېلىشقا تەييارلىق قىلۋاتاتتى.
ھېنرى.فوت سەھنىگە چىقىشى بىلەنلا تۆۋەندىكىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇ قول پۇلاڭلىتىپ ئالقىشنى توختاتقاندىن كىيىن نۇتۇقنى باشلىغان. ئۇ «مېنىڭ باي بولۇپ كېتىشىمنىڭ سىرى پەقەت ئۈچلا: بىرىنچىدىن ۋاز كەچمەسلىك، ئىككىنچىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەسلىك، ئۇچىنچىدىن قەتئىي ۋاز كەچمەسلىك. مېنىڭ نۇتۇقۇم ئاياغلاشتى» دەپتۇ-دە، سەھنىدىن چۈشۈپ كىتىپتۇ. مەيدان بىر پەس تىمتاسلىققا چۆكۈپتۇ. ئارقىدىنلا گۈلدۇرمامىدەك ئالقىش سادالىرى ياڭراپ ئۇزاققىچە توختىماپتۇ.
دۇنيادا ھەر قانداق مۇتلەق مەغلۇپ بولدىغان ئىش يوق. باي بولۇش - بولالماسلىق شۇ ئادەمنىڭ بايلىقنى ئىزدەش يولىدا ۋاز كەچمەي تۇرالىغان - تۇرالمىغانلىقىدا.
شى يۈجۇ بولسا ئاجايىپ ئۇسلۇبقا ئىگە ئىگلىك تىكلىگۈچى. ناۋبەيجىندىن تارتىپ خۇاڭ جىن تاداڭغىچە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى پېشۋاسىدىن ئويۇن ئۇستىسىغىچە بولغان جەرياندا، ئۇ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان قەتئىي ئىرادىسى ۋە قىينچىلىقتىن قورقماسلىقىغا تايىنىپ، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئالدىنقى ئون باينىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. بۇ مۇۋاپىقەيەتلەر ئۇنىڭ مەڭگۈ ۋاز كەچمەيدىغان روھى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 2009 - يىلنىڭ ئاخىرى گىگانت ئادەم تورى جەنۇبنى تەكشۈرۈش بازىسى جۇخەيدە ئۇل سېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مۇراسىمغا جۇخەي شەھرىنىڭ شەھەرلىك پارتىكوم سېكىرىتارى، شەھەر باشلىقى قاتارلىق مۇھىم ئەربابلار قاتناشتى. بۇ شى يۈجۇنىڭ 12 يىل بۇرۇن جۇخەيدە مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن يەنە جۇخەيگە رەسمى قايتىشى بولۇپ، ئۇ بۇ مۇراسىمدا مەردانىلىك بىلەن: «12 يىل بۇرۇن مۇراسىم ئۆتكۈزۈلمىگەن، مەن پەرىشان ھالدا جۇخەيدىن ئايرىلغان ئىدىم. 12 يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە گىگانىت ئادەم قايتىپ كەلدى» دىگەن.
ئەمەلىيەتتە، شى يۈجۇ 1997 - يىلىلا تولۇپ - تاشقان ئىشەنچ بىلەن جۇخەيدىكى بىرىنچى ئېگىز بىنا - «گىگانت ئادەم» بىناسىنى سالغان. لېكىن قۇرۇلۇش ۋاقتىدا تاماملانماي، ئۆي سېتىۋالغان خېرىدارلار بەس - بەستە پۇلنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. چاۋرېن گورۇھى ئىقتىسادى كىرزىس ئەھۋالىنى ئاشكارلاپ، گورۇھنىڭ بېسىمىنى بارغانسېرى ئاشۇرۋەتكەن. ئوزۇن ئۆتمەي پەقەت ئۈچىنچى قەۋەتكىچىلا سېلىنغان «گىگانىت ئادەم» بىناسى ئىش توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان. گىگانت ئادەم بىناسىنىڭ كىرزىسى ئاشكارلانغاندىن كىيىن، ئىلگىرى جۇخەي شەھرى تەرپىدىن «كۆرۈنەرلىك تۆھپىسى بار ئىختساس ئىگىسى» دەپ نام ئالغان شى يۈجۇ كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە جۇڭگودىكى بىرىنچى قەرزدارغا ئايلانغان، لېكىن شى يۈجۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بۇ سەۋەبلىك ۋاز كەچمىگەن. ئۇلار قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشنى، جاسارىتىنى نامايەن قىلىشنى قارار قىلغان. ئۇ 1998 - يىلى بىر مەزگىل دەم ئالغاندىن كىيىن، يېڭى تۈر - ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئېچىشقا تەييارلانغان. بۇ قېتىم ئۇ ئۆزى باش بولۇپ، ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئۇ جاڭسۇ ئۆلكىسىدىكى بىر كىچىك بازارغا بېرىپ، ئۆيمۇ - ئۆي زىيارەت قىلغان. بۇ يەردىكى ياشلار كۈندۈزى سىرتتا ئىشلىگەنلىكتىن ئۆيىدىكى ياشانغانلار مېھمان كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولغان، شى يۈجۇ ئۇلار بىلەن پاراڭلاشقان. سۆزلىشىش ئارقىلىق ئۇ ياشانغانلارغا نىمە لازىم ئىكەنلىكىنى، نىمىنى خالىمايدىغانلىقىنى، ھەقىقى ساغلاملىق مەھسۇلاتى نىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغانلىقى، يەنە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ياشانغانلارنىڭ ئۆزى سېتۋېلىشقا قىيمايدىغانلىقىنى، باللىرىغىمۇ ئېلىپ بېرىشنى ئېيتمايدىغانلىقىنى بىلگەن. شۇ سەۋەبتىن شى يۈجۇ ئەمەلىيەتكە يېقىن بولغان «بۇ يىل بايرامدا سوۋغا قوبۇل قىلنمايدۇ. قوبۇل قىلىش توغرا كەلسە، پەقەت ناۋ بەيجىنلا قوبۇل قىلىنىدۇ» دىيىلگەن بۇ جۈملىلەرنى مەھسۇلاتىنىڭ ئېلان تېكىستى قىلغان. ناۋبەيجىن بىلەن خۇاڭجىن تاداڭنىڭ غايەت زور مۇۋەپپەقىيىتى شى يۈجۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى تونۇتتى. ئۇ ئەسلىدە تور ئويۇنى ئويناشنى ياخشى كۆردىغان ئادەم بولۇپ، ئىلگىرى چاقچاق قىلىپ ئۆزىنى «جەسەت كۈلى ئويۇنى» دەپ ئاتايىتتى. ئۇ ئويناشنى شۇنداق ياخشى كۆرگەچكە ئۆزى بىر ئويۇن ئىجاد قىلىشنى ئويلىغان ھەم 2004 - يىلى گىگانت ئادەم گورۇھى تور ئويۇنلىرى ساھەسىگە قەدەم قويغان ھەمدە ئويۇن «ئوزۇن سەپەر» نى ئىجاد قىلغان. بۇ ئويۇن چىقىشى بىلەنلا زور داغدۇغا قوزغىغان.
ئۇل سېلىش مۇراسىمىدا شى يۈجۇ «جۇخەي بۇ قېتىم بىزنىڭ قايتىپ كېلىشىمىزنى قارشى ئالدى›› دېدى، ئۇ ‹‹گىگانت ئادەمنىڭ قايتىشى» شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «بىزمۇ ھۆكۈمەتنىڭ بىزنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز ھەمدە گىگانت ئادەمنى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ چوڭ قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز» دىدى. ئۇل سېلىش مۇراسىمىدا گىگانىت ئادەم جەنۇبنى ئېچىش بازىسىنى گوگۇل بىلەن تەڭلەشتۈردىغانلىقىنى، نۇرغۇن ئىرادىلىك كىشلەرنى ئەۋزەل ئىگلىك تىكلەش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى، پەقەت شىنجىندىلا ئەمەس، يەنە شاڭخەي، چىڭداۋدا تەتقىقات ئورنى قۇردىغانلىقىنى؛ جۇڭگۇنىڭ شىمالى، غەربى جەنۇبى ۋە جەنۇبنىڭ ھەممىسىدە گىگانىت ئادەم گوروھىنىڭ باش بولدىغانلىقىنى، بۇنداق مۇھىنىڭ نۇرغۇنلىغان تور ئىختىساسلىق خادىملىرىنى تەربىيلەپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كىشلەر ئۇنىڭغا مۇنداق باھا بەردى: ‹‹ شى يۈجۇ جۇڭگودىكى كارخانىچىلارنىڭ ۋاز كەچمەيدىغان، يىقىلسا ئورنىدىن تۇرالايدىغان روھىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇنىڭدا قەتئي ئىرادە، تولۇپ - تاشقان قىزغىنلىق ۋە بوشاشماي ئىزچىل تىرىشىش روھى بار››.
مەغلۇپ بولۇش قورقۇنچلۇق ئەمەس، خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇش ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولماسلىق ئەمەس، ئويلىنىپ خاتالىقنى تۈزەتكەندىن كىيىن، يۆلىنىشنى توغرا بېكىتىپ، توختىماي ئىلگىرلەش، ئىلگىرلەش داۋامىدىكى ھەر خىل توسالغۇلارنى يېڭىش، مانا بۇ باي بولۇش جەريانى.
فورد ئاپتۇمبىل شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى فورد ياكى «تور گىگانىت ئادىمى» شى يۈجۇ بولسۇن، ئۇلارنىڭ باي بولۇشى پۈتۇنلەي ئۇلاردا ھەركەتلىنىش تەپەككۇرى ۋە مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىكتەك روھ بولغانلىقىدا. چۈنكى نۇرغۇن ۋاقىتلاردا نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ ئەڭ روشەن پەرقى - نامراتلاردا قەتئىي ۋاز كەچمەيدىغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ، مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىك روھى يوق. ئۇلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئاۋال چېكىنىش ۋە ۋاز كىچىشنى ئويلايدۇ، بۇنداق ئادەم تەبئىيلا باي بولالمايدۇ.
دۇنياغا مەشھۇر پىلانلاش ئۇستىسى ئاللىن.ئابىل «دۇنيادا بايلار بىلەن نامراتلاردا پەرق مەۋجۇت، بۇ ھەرگىزمۇ تاساددىبىيلىق ئەمەس، ئاساسلىق سەۋەبى ئىككىسىنىڭ ھەركەت قىلىش ئۇسۇلىدا پەرق مەۋجۇت. كونكېرىت قىلىپ ئېيىتقاندا ھەركەتلىنىش ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلى جەھەتتىكى ئوخشاشماسلىق» دىگەن. ئۇنىڭچە نامراتلاردا ھەركەتنى پەيدا قىلىدىغان تەپەككۇر ناھايىتى ئاز ياكى قەتئى يوق؛ ئەكسىچە بايلار تەپەككۇرنى مەھكەم ئېسىدە ساقلايدۇ ۋە شۇ تەپەككۈرى بويىچە ھەركەت قىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئوخشاش ئىنساندا ئوخشاش بولمىغان قىسمەت - بايلىق
بىلەن نامراتلىق پەيدا بولىدۇ.
بايلىقنىڭ بايانى:
نامراتلار چەكتىن ئاشقان ھالدا بىر كېچىدىلا باي بولۇشنى تەلەپ قىلماسلىقى كېرەك. ئەڭ ئاددى، ئەڭ ئەمەلىي ئۇسۇل بولسا ھەركەتتە بايلار بىلەن ئوخشاش تەپەككۇرنى ساقلاش، مەڭگۇ ۋاز كەچمەسلىك، ھەرگىزمۇ كىچىككىنە ئۇڭۇشسىزلىققا ئۇچراپلا ۋاز كەچمەسلىك كېرەك. بۇنداق قىلالمىسىڭىز بۇ ئۆمرىڭىزدە باي بولالماسلىق پىشانىڭىزگە پۈتۈلگەن بولىدۇ. چۈنكى بايلىق مەڭگۇ ۋاز كەچمەي داۋاملاشتۇرالايدىغانلارنىڭ قولىدا.
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 2-قىسمىدىن ئېلىندى