A-A+

خېرىداردىن كېيىنكى مۇھىم نۇقتا-خىزمەتچى

2015-يىل 16-ئاۋغۇست تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 246 قېتىم

ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى

5 - باب 6 - پارگىراف 

w0200707133487108540484

بېيىش تەپەككۇرى:

   نامراتلار: مەن خىزمەتچىلەرنى ياخشى خىزمەت پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدىم، شۇڭا ئۇلار ماڭا رەھمەت ئېيىتسا توغرا بولىدۇ.

   ۋېنجۇلۇقلار: خىزمەتچىلەر ماڭا بايلىق يارىتىپ بېرىدۇ، شۇڭا مەن ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىشىم كېرەك، شىركەتكە نىسپەتەن ئۇلار مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.


   بىر قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارنى تەربىيەلەش يىغىنىدا، نەن سۈنخۇي تۇيۇقسىز مۇنداق سۇئال سورىغان: «كارخانىدىكى 企 خېتى قانداق يېزىلىدۇ؟» كۆپچىلىك بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەي تۇرۇپلا قالىدۇ. ئارقىدىن كىشىلەر مۇھاكىمە قىلىشىپ «人» ۋە «止» خېتىدىن تۈزۈلىدۇ دېيىشىدۇ. ئارقىدىن نەن سۈنخۇي داۋاملىق سورايدۇ: «كارخانىدىكى 人 خېتىنى ئېلىۋەتسەك قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ؟»

   كىشىلەر يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرايدۇ: توختاش! (止 نىڭ مەنىسى)

 «توغرا، كارخانا دېگەن سۆز ئادەم ۋە توختاش دېگەن مەنادىكى ئىككى خەتتىن تۈزۈلگەن، شۇڭا بۇ خەتنىڭ مەنىسى < ئەگەر ئادەم يوق بولسا كارخانا توختايدۇ > دېگەنلىك بولىدۇ. كارخانىنىڭ تەرەققىياتىدا ئادەم ئامىلى ناھايىتى مۇھىم، ئادەم بولمىسا ياكى كارخانا خىزمەتچىلىرى تىرىشمىسا، كارخانا ئالغا ئىلگىرىليەلمەيدۇ. شۇڭا بىز چوقۇم خىزمەتچىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىق خادىملارنى تەربىيەلەشكە كۈچىشىمىز كېرەك، ئۇلارنى ھۆرمەتلىشىمىز، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلار ئۈچۈن ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان سەھنە تەمىنلەپ بېرىشىمىز، ھەمدە ئۇلارنى كارخانىدىكى ئەڭ مۇھىم بايلىق قاتارىغا قويۇشىمىز كېرەك!» نەن سۈنخۇي ناھايىتى ئۇرغۇلۇق تەرزدە سۆزلەيدۇ.

   نەن سۈنخۇينىڭ قارىشىچە، كارخانىدىكى مۇھىم ئىشلارنى پۈتكۈل خىزمەتچىلەر بىرلىكتە ئۈستىگە ئالاتتى، ماركا ئوبرازى پۈتكۈل خىزمەتچىلەرنىڭ تىرىشىشى ئارقىلىق قولغا كېلەتتى، كارخانا روھىنى پۈتكۈل خىزمەتچىلەر بىرلىكتە ئىپادىلەپ چىقاتتى. شۇ سەۋەبتىن نەن سۈنخۇي دائىم مۇنداق دەيدۇ:«خىزمەتچىلەرنى ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ چاكىرى ياكى قۇلى ئورنىدا كۆرمەسلىكىڭىز كېرەك، سىز ئۇلارنى دوستىڭىز ئورنىدا كۆرۈپلا قالماستىن، يەنە ئۇلارنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشىڭىز كېرەك. بىرىنچى مۇھىم نۇقتا خېرىدار، ئىككىنچى مۇھىم نۇقتا خىزمەتچى. چۈنكى بىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىمىزنى خىزمەتچىلەر ئىشلەپچىقىرىدۇ، ئەگەر سىز ئۇلارغا قوپاللىق قىلىپ، خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلمىسىڭىز، ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە قارىمىسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇنىڭ كەيپىياتى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ  بۇ كەيپىياتى خىزمەت سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، خىزمەت سۈپىتىگە تەسىر يەتكەن ھامان مەھسۇلات سۈپىتى زىيانغا ئۇچرايدۇ.»

   نەن سۈنخۇينىڭ قارىشىچە، كارخانا ئادەمنى ئاساس قىلىشى كېرەك بولۇپ، بارلىق خىزمەتچىلەرنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش كارخانىنىڭ مۇھىم تەدبىرى بولۇشى كېرەك ئىدى، كارخانا يەنە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، دۆلەتنىڭ تەغدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشى، كىشىلەرگە پايدا يەتكۈزۈپ كارخانا تەرەققىياتى ئېھتىياجلىق مۇھىت بەرپا قىلىشى كېرەك ئىدى. شۇنداق قىلىپ، 2001-يىلىنىڭ ئاخىرىدا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى يىغىش چارىسى»، «جېجياڭ ئۆلكىسى خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى» چارىسى قاتارلىق ھۆججەتلەرگە ئاساسەن، خەلق ئىگىلىكىدىكى كارخانا بولغان جېڭتەي گۇرۇھى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرۇشقا باشلايدۇ. كىشىلەر جېڭتەي گۇرۇھىنى تەرىپلەپ بۇ خىزمەتنى «ئىللىقلىق قۇرۇلۇشى» دەپ ئاتايدۇ. چۈنكى، نەن سۈنخۇينىڭ قارىشىچە، خىزمەتچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرىنى ياخشى قىلىش ئۇلارنى جەلپ قىلىدىغان، ئۇيۇشتۇرىدىغان، ئىلھاملاندۇرىدىغان ۋە تۇتۇپ تۇرىدىغان مۇھىم چارە ئىدى.

   نەن سۈنخۇينىڭ قارىشى توغرا ئىدى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى كارخانىنىڭ كۆيۈمچانلىقىنى ئىپادىلەپلا قالماستىن، خىزمەتچىلەرنىڭ كۆڭلىنى توختىتىدۇ، ھەمدە كۆپچىلىكنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغىتىپ، كارخانا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

   بۇ خىل مۇھىت ئاستىدا، جېڭتەينىڭ خىزمەتچىلىرى كارخانىنى ئائىلىسىدەك كۆرىدۇ، رەھبەرلىرىنى دوست تۇتىدۇ، جېڭتەي ھاياتىي كۈچ، ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىگە تولىدۇ. نەن سۈنخۇي مۇنداق دەيدۇ: «كارخانا تەرەققىياتى جەريانىدا، ئەگەر سىز خىزمەتچىلەرنى چاكار ئورنىدا كۆرسىڭىز، ئۇنىڭ سىز بىلەن كارى بولمايدۇ، ئەگەر سىز ئۇنى ئادەم ئورنىدا كۆرسىڭىز، ئۇ سىزنى ناھايىتى ھۆرمەت قىلىدۇ. سىز ئۇنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز،  ئاۋال ئۇنى ھۆرمەتلىشىڭىز كېرەك. سىز خىزمەتچىلەرنى ئاسىرىسىڭىز، ئۇلار جەزمەن سىزنى ئاسىرايدۇ. شۇڭا خىزمەتچىلەرگە چوقۇم ئۇلارنىڭ دوستىدەك مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك.ئەگەر شۇنداق بولسا، سىزنىڭ كارخانىڭىز چوقۇم ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، رىقابەت كۈچى ئاشىدۇ.»

 كارخانىچى چوقۇم خىزمەتچىلەرنىڭ ئۈمىدىنى بىلىشى كېرەك. خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا قاراشتىن باشقا، چوقۇم ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك؛ بارلىق ئىشلاردا خىزمەتچىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، بولۇپمۇ خىزمەتچىلەر قېرىپ كەتكەندە، شىركەت چوقۇم ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك، بۇ ئارقىلىق خىزمەتچىلەرنىڭ كارخانغا بولغان مۇھەببىتىنى كۈچەيتىپ، كارخانىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

   ئاۋكاڭ گۇرۇھىدا مۇنداق گەپ بار: «كارخانىغا نىسپەتەن  ماركا ھاياتلىق، خىزمەتچى ئاساس ،سۈپەت مۇھىم ھالقىدۇر.»

   ۋاڭ جېنداۋنىڭ قارىشىچە، يۇقىرى ئوقۇش تارىخى، ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكىلارنى ئىگىلىگەنلەرلا تالانتلىق ھېسابلىنىپ قالماستىن، يەنە ئادەتتىكى خىزمەتچىلەرمۇ تالانتلىق ھېسابلىنىدۇ. ۋاڭ جېنداۋنىڭ قارىشىغا ئاساسلانغاندا، پەقەت ئادەتتىكى خىزمەتچىلەر تىرىشىپ خىزمەت قىلغاندىلا ئاندىن سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ، ھەمدە مەھسۇلاتنى بازارغا سېلىپ ئىستېمالچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ، شۇڭا خىزمەتچىلەر كارخانىنىڭ ئاساسى گەۋدىسى. شۇ سەۋەبتىن، ۋاڭ جېنداۋ خىزمەتچىلەرنىڭ تەمىناتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ.

   ۋاڭ جېنداۋ گۇرۇھنىڭ مەمۇرىي خىزمەت بىناسىنى سېلىشتىن بۇرۇن، خىزمەتچىلەر ئۈچۈن بەش كورپۇس ياتاق بىناسى سالىدۇ، بىر كورپۇس كادىرلار ياتىقى سالىدۇ، ھەمدە ئۈچ يۇلتۇز ئۆلچىمى بويىچە زامانۋىلاشقانخىزمەتچىلەر تۇرمۇش رايونى قۇرۇپ چىقىدۇ.بۇ ئاشخانا، مال سېتىۋېلىش مەركىزى، كۆڭۈل ئېچىش مەركىزى، توپ مەيدانى ۋە يۇيۇنۇش كۆلچىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، 3000 نەپەر خىزمەتچى تۇرالايدۇ.

   خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئاۋكاڭ داڭلىق ئاشپەزلەرنى تەكلىپ قىلدى، ھەمدە ھەر خىل مەدەنىي پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى. شىركەتتە ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئەتىگەنلىك مەشىق بولۇپ، خىزمەتچىلەر سۈپەت قەسەمنامىسى ئوقۇيدۇ؛ دائىم ھەربىي مەشىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، تېخنىكا مەشىقى ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ دائىم «ئاۋكاڭ مۇنبىرى» لىكسىيەسى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، سودا ئىنىستىتۇتىدا «ئاۋكاڭ سىنىپى» بولۇپ ئۆگىنىش قىلىدۇ. ئاۋكاڭ يەنە ھەر يىلى 200 مىڭ يۈەن چىقىرىپ ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش، لايىھەلەش ۋە تەشۋىقات خىزمەتلىرىگە قارىتا يېڭى ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان خىزمەتچىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.

   2006-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى، 30 نەپەر خىزمەتچى «ئاۋكاڭ 2005-يىللىق مۇنەۋۋەر خىزمەتچى» بولۇپ باھالىنىپ، ئاۋكاڭنىڭ خىزمەتچىلەرنى مۇكاپاتلاشتىكى يېڭى سىياسىتىدىن بەھرىمان بولۇپ، ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بەش كۈنلۈك شياڭگاڭ-ئاۋمىن ساياھىتىگە ئاتلاندى. ئۇلار شياڭگاڭ شەھەر رايونى، دېڭىز-ئوكيان باغچىسى ۋە ئاۋمىندىكى ئۈچ چوڭ خاتىرە راۋىقىنى ساياھەت قىلىدۇ، ھەمدە شياڭگاڭدىكى مېيلىباۋ، ئاۋمىندىكى  لىشىن قاتارلىق شىركەتلەرنى زىيارەت قىلىدۇ.

   ۋاڭ جېنداۋنىڭ قارىشىچە، ئىلغارلىقنى تەكىتلەپ، ئىلغارلىققا كۆڭۈل بۆلۈپ، خىزمەتچىلەرگە روھىي جەھەتتىن شان-شەرەپ تۇيغۇسى بېرىپلا قالماستىن، يەنە ئۇلارنى ماددى جەھەتتىن ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. كارخانىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، گۇرۇھ خىزمەتچىلەرنى تەشكىللەپ شياڭگاڭ-ئاۋمىنلارغا ساياھەتكە ئاپىرىپ، ئىلغار خىزمەتچىلەرنىڭ كارخانىغا قوشقان تۆھپىسىنى مۇكاپاتلىسا، يەنە كۆپچىلىك ئۈچۈن كاللىسىنى ئېچىش، نەزەر-دائىرىسىنى كېڭەيتىش يولى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ھەر قايسى جەھەتلەردىن خىزمەتچىلەرنىڭ، بولۇپمۇ مۇنەۋۋەر خىزمەتچىلەرنىڭ تەمىناتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ناھايتى مۇھىم.

   ۋاڭ جېنداۋنىڭ بۇ خىل تەدبىرى خىزمەتچىلەرنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىپلا قالماستىن، يەنە خىزمەتچىلەرنىڭ شىركەتكە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە خوجايىنلىق ھېسىياتىنى كۈچەيتىدۇ.

   نۇرغۇنلىغان كىشىلەر <جەمئىيەتتە خىزمەتچىلەر ناھايىتى كۆپ، سىز قىلىشنى خالىمىسىڭىز باشقىلار قىلىدۇ. > دەيدۇ.ئەمما ئەگەر سىز خىزمەتچىلەرنىڭ تۆلىگەن بەدىلىنى كۆرەلمىسىڭىز، ئۇنداقتا خىزمەتچىلەرمۇ شىركەت ۋە سىزگە بولغان بولغان ساداقىتىنى ساقلاپ قالالمايدۇ، نەتىجىدە خىزمەتچىلەر تۈركۈملەپ ئالمىشىپ كارخانا ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتقا ئېرىشەلمەيدۇ. نەتىجىدە ھەقىقىي زىيان تارتقىنى خىزمەتچى ئەمەس، بەلكى سىز ۋە كارخانىڭىز بولىدۇ. جۇ چېڭجيەن < شىركەت تالانتلىقلارنى قەدىرلىسە، تالانتلىقلار شىركەتنى قەدىرلەيدۇ > دېگەن. ئەمەلىيەتتە كارخانا بىلەن خىزمەتچى ئۆز-ئارا بىر بىرىنى تولۇقلايدۇ.سۇ بولسا قولۋاق ئاندىن ماڭالايدۇ، شۇڭا پەقەت خىزمەتچىلەرنى مۇھىم ئورۇنغا قويغاندا، ئۇلارنى ھۆرمەتلىگەندە، خىزمەتچىلەر ئۈچۈن ئويلىغاندا خىزمەتچىلەر ئاندىن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كارخانا ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، كارخانا ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قىممەت يارىتىدۇ.

ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:

   ئىككى نەرسە جېڭتەينىڭ جېنى.ئۇنىڭ بىرى خېرىدار، يەنە بىرى خىزمەتچى، بۇلارغا چوقۇم كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.

-جېڭتەي گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى نەن سۈنخۇي

   شىركەت تالانتلىقلارنى ئاسىرىسا، تالانتلىقلار شىركەتنى ئاسىرايدۇ.

-مېيتىس.باڭۋېي گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى قوشۇمچە باش لىدېرى جۇڭ چېڭجيەن


مەنبە: 时事出版社   نەشىر قىلغان

<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب

2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى 

 ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى 8-ئاينىڭ  16-كۈنى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ