ئۇنۋان ھېچنىمىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ھەقىقىي ئىلىملا ئەسقاتىدۇ
مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى
9-دەرس 3-پارىگىراپ
ئۇنۋان ھېچنىمىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ھەقىقىي
ئىلىملا ئەسقاتىدۇ
نۇرغۇنلىغان كارخانىلارنىڭ خوجايىنلىرى ئوقۇش تارىخى ئۇزۇن خادىملارنى ياختۇرىدۇ، ئۇلار ئۇنۋان بىلەن ئىقتىدار ئوڭ تاناسىپ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەت ھەرگىزمۇ بۇنداق بولمايدۇ. ئۇنۋانى يۇقىرى بىر قىسىم كىشىلەر قارىماققا ناھايىتى ئالىيجاناب، ئىقتىدارلىق كۆرۈنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل كىشىلەر نەزەرىيىۋى بىلىملەرگە ئۇستا بولغاچقا، باشقىلارغا ئەقىللىق، بىلىمى مول تۇيغۇ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق كىشىلەر پەقەت قۇرۇق تېرە تاراقشىتىشنى بىلىدۇ، ھەقىقىي ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان ۋاقىتتا، ئۇلار ھېچنىمىگە كارغا كەلمەيدۇ.
مايۈننىڭ ئالى بابانى قۇرۇپ چىقىش سەرگۈزەشتىسىنى مىسالغا ئالساق، گولدمان گۇرۇھىنىڭ 5 مىليون دوللار مەبلىغىغە ئېرىشكەن ھامان، ئۇ دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردىن كۆپ مىقداردىكى ئىختىساسلىق خادىملارنى تەكلىپ قىلغان. ھالبۇكى بىر مەزگىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مايۈن ئۇنۋانى ناھايىتى يۇقىرى بولغان بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى خىزمەتچىلىرىگىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى بايقىغان. ئارقىدىنلا مايۈن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان يەنە بىر ئىشنى قىلغان: ئۇ ئەينى ۋاقىتتا تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەن ئىختىساسلىق خادىملاردىن پەقەت %5 ىنى قالدۇرۇپ، قالغانلىرىنى ئىشتىن بوشىتىۋەتكەن.
ئۇنۋان بىر ئادەمنىڭ بىلىم ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ كۆرسەتكۈچى، ئۇنۋان بولمىسا بىر قىسىم ئىشلارنى قىلىشقا خېلى كۆپ كۈچ كېتىدۇ. بىراق يەنە بىر نوقتىدىن قارىغاندا، ئۇنۋان پەقەتلا بىر شەكىل بولۇپ، ھەقىقىي ئىقتىدارلا ئادەمگە ئەسقاتىدۇ. كارخانا رەھبىرى بىر تەرەپلىمە ھالدا ئۇنۋاننى تەكىتلەپ، شەخسنىڭ ھەقىقىي ئىقتىدارىغا سەل قارىسا بولمايدۇ.
شۇ سەۋەبتىن، بۇ نوقتىنى چۈشىنىدىغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئۇنۋان ۋە كەسپكە ھەددىدىن زىيادە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار دەرھال ئەسقاتىدىغان تالانت ئىگىسىگە موھتاج. كىمنىڭ «ئات» ياكى «قېچىر» ئىكەنلىكى يۈگۈرتۈپ باقسىلا ئېنىقلىنىدۇ. ئىگىلىك تىكلىگۈچىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئەڭ مۇھىمى تېز سۈرئەتتە خىزمەت قىلىش ھالىتىگە ئۆتەلەيدىغان تالانت ئىگىسىدۇر. شۇ سەۋەبتىن، كارخانا رەھبىرى ئادەم قوبۇل قىلىش جەريانىدا ھەرگىزمۇ بىر تەرەپلىمە ھالدا ئۇنۋانغا قارىماسلىقى، بەلكى ھەقىقىي ئىقتىدارىغا قاراش كېرەك. باشقىچە ئېيىتقاندا، ئۇنۋاننى تەستىقلاش سەۋىيەسىنى تەكشۈرۈپ باققانغا يەتمەيدۇ، كەسپى ئۇنۋانىنى تەستىقلاش ئۇنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنى سىناپ باققانغا يەتمەيدۇ. بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئېيىتقاندا، «مەرتنى مەيداندا سىنا،» ئىختىساسلىق خادىمنىڭ ئەسقېتىش-ئەسقاتماسلىقىلا بىردىنبىر ئۆلچەم.
يېقىندىن بۇيان بەزى كارخانىلار بۇ نوقتىنى تونۇپ يېتىپ، ئىختىساسلىق خادىملارنى قوبۇل قىلغاندا ئۇنۋاننى ئۆلچەم قىلمايدىغان بولدى. تەبرىكلەشكە ئەرزىيدىغىنى، بىر قىسىم كارخانىلاردىكى %20 خىزمەت ئورنى مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا ئېچىۋېتىلدى. مەسىلەن: لېجىن گۇرۇھى قوبۇل قىلغان يۇمشاق دېتال ئېنژىنىرى، سىستېما ئاسىراش ئىنژېنىرى، يۇمشاق دېتال ئېچىش ئىنژېنىرى؛ داجىن (جۇڭگو) مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى قوبۇل قىلغان بازار ئېچىش خادىمى، رەسىم بىر تەرەپ قىلىش ۋە كارخانا تەشۋىقاتىنى قىلىشقا مەسئۇل خادىملار؛ بولني گۇرۇھى قوبۇل قىلغان مەھسۇلات ئىجادىيەتچىسى، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار ئىجادىيەتچىسى، ئىجادىيەت بۆلۈمىنىڭ باش نازارەتچى ياردەمچىسى، ماتېرىيال ئىنژېنىرى، سېتىۋېلىش خادىمى، مېخانىكا ئىنژېنىرى قاتارلىق خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسى مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىشنى باشلىغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، تېخنىكسى يۇقىرى بولغان كەسپى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭمۇ كارخانىلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقىغا دائىر مىساللار ئاز ئەمەس. 2006-يىلى، سوڭشيا گۇرۇھى، گۇەنچۈن (جۇڭگو) گۇرۇھى، جۇڭرۇەن بايلىق گۇرۇھى، ۋېنسى گۇرۇھى قاتارلىق دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى 30 نەچچە داڭلىق كارخانىلار بىلەن كۆپلىگەن ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرى ئادەم ئىشلىتىش كېلىشىمى تۈزگەن.
ئەمەلىيەتتە، ئالاھىدە تېخنىكىلارنى ئىگىلىگەن ئىختىساس ئىگىلىرى بارغانسېرى كۆپلىگەن كارخانىلار تالىشىدىغان قىزىق نوقتىغا ئايلانماقتا؛ بۇنىڭ بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغىنى، تېخنىكا جەھەتتە ئارتۇقچىلىقى بولمىغان ئىختىساس ئىگىلىرىگە نىسبەتەن، گەرچە ئۇنۋانى ناھايىتى يۇقىرى بولسىمۇ، كارخانىلارنىڭ ئۇنداقلارغا بولغان مۇئامىلىسى بارغانسېرى «سوغۇق» بولماقتا.
ئەلۋەتتە، بىز ھەرگىزمۇ ئۇنۋانى يۇقىرى ئىختىساس ئىگىلىرىنى ئىنكار قىلمايمىز، ئەگەر ئۇنۋانىغا چۇشلۇق ئىقتىدارىمۇ يۇقىرى بولسا، ئۇنۋانى يۇقىرى بولغانسېرى تەرەققىي قىلىش بوشلۇقىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ؛ ئىقتىدارى قانچە يۇقىرى بولسا، ئىپادىلەپ چىققان ئۇنۋان قىممىتىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. بۇ خىلدىكى تالانت ئىگىلىرىنى ھەر قانداق كارخانىچى تالىشىدۇ.
ئەگەر كارخانا ئادەم ئىشلەتكەندە پەقەت ئۇنۋانغا، يەنە بىر قىسىم ئاتالمىش «قۇرۇق غايە» لەرگە ھەددىدىن زىيادە كۆڭۈل بۆلسە، ئەمەلىي قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ھامانلا بۇنداق ئىختىساس ئىگىلىرى نېمە ئىش قىلىشىنى بىلەلمەيلا قالىدۇ-دە، كارخانىغا زىيان سالىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، كارخانا ئىختىساس ئىگىلىرىنى تاللىغاندا چوقۇم دېققەت قىلىشى، ئەمەلىي مەسىلىلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى سىنىشى لازىم. ئەمدىلا قۇرۇلغان كارخانىلارنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىغا نىسبەتەن، ئىختىساسلىق خادىملارنى قوبۇل قىلغاندا چوقۇم بەزى سۇبيېكتىپ ئامىللارنىڭ توسقۇنلۇقىغا خاتىمە بېرىش كېرەك.
بىرىنچى، كارخانىچى ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ بىر تەرەپلىمە قارىشى ۋە ھېسىياتىغا تايىنىپ ئىختىساسلىق خادىم قوبۇل قىلسا بولمايدۇ.
كارخانىچى ئىختىساسلىق خادىملارنى قوبۇل قىلغاندا چوقۇم بۇ نوقتىغا خاتىمە بېرىشى كېرەك. كارخانىچى ئىختىساسلىق خادىم قوبۇل قىلغاندا مۇنداق بىر مەسىلىگە دېققەت قىلىشى كېرەك: سىز دوست ئەمەس، بەلكى تالانت ئىگىسىنى تاللاۋاتىسىز، شۇڭا سىز چوقۇم قوبۇل قىلىنغۇچىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى ئۆلچەم قىلىشىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ شەخسىي ھېسىياتىنى ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمى قىلماسلىقىڭىز كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن، تۇنجى تەسىرى ياخشى بولمىغان، ئەمما ھەقىقىي ئىقتىدارى بولغان كىشىلەرمۇ شاللىنىپ كېتىشى مۇمكىن، ئەكسىچە تۇنجى تەسىرى ياخشى بولغان، ئەمما ئىقتىدارسىز كىشىلەر تاللىنىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ كارخانىنىڭ ھايات قېلىشى ۋە تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئىنتايىن پايدىسىز.
ئىككىنچى، كارخانىچى خىزمەتچىلەرنى قوبۇل قىلغاندا، قارىشى تەرەپنى خىزمەت ئىستاژى، سالاھىيىتى، ئۇنۋانى ۋە ئەمەلىي ساقلانغان مەسىلىسى قاتارلىقلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىتىپ تاللاشقا بولمايدۇ.
بەزى كارخانىچىلار قوبۇل قىلىنغۇچىنىڭ ئۇنۋانىغا ناھايىتى ئېتىبار بېرىپ، ئۇنۋانى يۇقىرى، كەسپى خىزمەت ئىستاژى يۇقىرى كىشىلەرگە «ئوڭ كۆزى» بىلەن قارايدۇ. بىراق ھازىرقى كەسپى ئۇنۋان ۋە ئوقۇش تارىخى پاخاللىشىپ كەتكەن جەمئىيىتىمىزدە، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئۇنۋانى، خىزمەت ئىستاژى ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. ئەگەر بۇ يۈزەكى نەرسىلەرگە ھەددىدىن زىيادە ئېتىبار بەرگەندە، نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ بىر توپ كارغا كەلمەسلەرنى تېپىپ كېلىشىمىز مۇمكىن. شۇ سەۋەبتىن، ئىگىلىك تىكلىگۈچى چوقۇم بۇنىڭغا يۈكسەك ئېتىبار بېرىشى كېرەك.
ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى كەسپى قابىلىيەتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل چېن ئەپەندىمنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىندىن بۇيان كەسپى تېخنىكىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈش دەۋرىيلىكى بارغانسېرى قىسقىراۋاتقان بولغاچقا، ئىختىساس ئىگىلىرىمۇ ئىزچىل تېخنىكىسىنى يېڭىلاش ھالىتىدە تۇرۇشى لازىم ئىكەن. ئەسلىدىكى «كەسپى ئۇنۋاىنى يۇقىرى، خىزمەت ئىستاژى يۇقىرى كىشىلەرلا ھەقىقىي تالانت ئىگىسى ھېسابلىنىدۇ» دېگەن قاراش «ئىقتىدارى بارلارلا ھەقىقىي تالانت ئىگىسى» دېگەن يېڭىچە قاراشقا ئورۇن بوشاتماقتا ئىكەن.
بىر ئادەمنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنىڭ ئۇنۋان بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولۇشى ناتايىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، كارخانىچى تالانت ئىگىسىنى تاللىغاندا ھەرگىزمۇ ئۇنۋاننى بىردىنبىر ئۆلچەم قىلىشقا بولمايدۇ. يۇقىرى ئوقۇش تارىخى بىر ئادەمنىڭ ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك بولىدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ئوقۇش تارىخىنىڭ تۆۋەن بولۇشى بىر ئادەمنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئۇنۋاننىڭ ئۆزىمۇ تالانت ئىگىسىگە تەڭداش ئەمەس. بىر ئادەمنىڭ تالانت ئىگىسى ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا، ئۇنىڭ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان-چىقالمايدىغانلىقىغا ۋە قىممەت يارىتالايدىغان-يارىتالمايدىغانلىقىغا قاراش كېرەك.
*****************
مەنبە : چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى
<< مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى >> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى– ئۇيغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى