بايلارنىڭ ئىشى تەرتىپلىك
سۈرەتتە : 聚美优品 نىڭ قۇرغۇچىسى ، ئاسىيادىكى ئون ياش باينىڭ بىرى ، مىليادىر چېن ئوۋ
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
نامراتلار تىز نەتىجە قازىنىشقا ئالدىرايدۇ، بايلار ئىشلارنى ناھايىتى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرىدۇ
كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى «مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش» دىگەن ھىكايىنى ئاڭلىغان:
سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بىر ئادەم ئۆزى تېرىغان زىرائەتلەرنىڭ ناھايىتى ئاستا ئۆسكەنلىكىدىن ئاغرىنىدىكەن، شۇنداق قىلىپ ئۇ مايسىلارنى بىر – بىرلەپ تارتىپ ئىگىزلىتىپتۇ. ئىش تۈگىگەندىن كىيىن، ئۇ ئۆيىگە قايتىپ خۇشاللىق بىلەن: «بۈگۈن مەن ناھايىتى ھېرىپ كەتكەن بولساممۇ ، بىراق زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەملەشتىم!» دەپتۇ. ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلىغان ئوغلى ئالدىرىغىنىچە ئېتىزلىققا بېرىپتۇ، ئەمما مايسىلارنىڭ ھەممىسى قۇرۇپ قالغان بولۇپ، ئۇ ناھايىتى كېچىككەن ئىدى.
سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بۇ ئادەمنىڭ ئەخمىقانە ھەرىكىتىنى مازاق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،بىز چوقۇم دىققىتىمىزنى رىئال تۇرمۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ ئەتراپىمىزدىكىلەرنى، ئۆزىمىزنى ئەستايىدىل كۈزىتىپ بېقىشىمىز لازىم، بۇنداق خاتالىقنى بىزمۇ سادىر قىلدۇقمۇ-قانداق؟
تېز سۈرئەتتە ئۈنۈمگە ئېرىشىمەن دەپ،شەيئىلەرنىڭ ئۆزىدىكى ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلماي، ئالدىراقسانلىق قىلغاندا، ئەكسىچە ئەھۋال بارغانسىرى ناچارلىشىپ كېتىدۇ.
بولۇپمۇ باي بولۇشنى قوغلىشىۋاتقان ۋاقىتتا، نۇرغۇن كىشىلەر بىر كېچىدىلا باي بولۇشنى ئويلايدۇ. ئۇلار غەلبىگە تىزراق يېقىنلىشىشنى، نامراتلىقتىن تېزراق قۇتۇلۇشنى ئويلايدۇ –دە، تەخىرسىزلىك بىلەن ئۆزىنىڭ ئازغىنە جۇغلانما پۇللىرىنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشقا، فوند ئېلىشقا سەرپ قىلىپ، پۈتۈن دىققىتىنى ،ئارزۇ-ئۈمۈدىنى مۇشۇ ئىشقا قارىتىدۇ ھەمدە بۇ ئىشلارنىڭ ھازىرقى ھالەتنى تېزراق ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنى بايلىق يولىغا باشلاپ مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ھالبۇكى خام خيال يەنىلا خام خىيال. بۇ خىلدىكى پۇرسەت پەرەسلىك قىلىپ باي بولۇشنى ئويلايدىغانلار يوق ئەمەس، ئەمما بۇنداق باي بولۇش خۇددى دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك ئىش بولۇپ،ئامىتى كېلىپ قالغان كىشىلەرلا يولۇقۇپ قالىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق كىشىلەر يەنىلا نامراتلارنىڭ قاتارىدا بىر ئىزىدا چۈگىلەيدۇ، داۋاملىق نامرات تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ھەتتا بەزى كىشىلەر ئۆزىنىڭ ناھايىتى تىز نەتىجە قازىنىشى ئۈچۈن ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەپ، پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدۇ.
لىيۇ فامىلىلىك بىرسى بولۇپ باي بولۇشقا ناھايىتى ئالدىرايدىكەن .ئۇ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ سودا قىلىپ بېيىغانلىقىنى كۆرۈپ زادىلا ئولتۇرالماي قاپتۇ. ھەم شۇ بايلىق ۋەس-ۋەسىسى بىلەن نەچچە ئون يىلدىن بېرى جۇغلىغان بارلىق پۇلىنى سودىغا دەسمىي قىپتۇ.
ئەينى ۋاقىتتا يەككە تىجارەت خاراكتېرىدىكى يولۇچى توشۇش ناھايىتى ئەۋج ئالغان ئىكەن، شۇڭا ئۇ بۇ تۈرگە مەبلەغ سېلىشنى قارار قىپتۇ، ھەم بىر بولكىۋاي ماشىنا سېتىۋېلىپ يولۇچى توشۇشقا باشلاپتۇ. ئەمما ئائىلىسىدىكىلەر شوپۇرلۇقنى بىلمىگەچكە، ئۇ قىسقا ۋاقىتتا كۆپ پايدىغا ئىرىشىش، چىقىمنى تىجەش ئۈچۈن، ئوغلىنى شوپۇرلۇقنى ئۆگۈنىشكە بېرىپتۇ. ئوغلى ئۆگىنىپ يېرىم يىل بۇلا-بولمايلا، ئۇ ئوغلىنى ماشىنا ھەيدەشكە دەۋەت قىپتۇ. ھالبۇكى ئالدىراقسانلىقتىن ياخشى نەتىجە چىقماپتۇ .ئوغلى شوپۇرلۇق تېخنىكىسىنى تولۇق ئىگەللىمىگەچكە، بىرىنچى كۈنىلا بەختكەقارشى قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپتۇ.
بولكىۋاي ماشىنا يولدا بىر ياشانغان كىشىنى سوقۇپ قويۇپتۇ، بەختكە يارىشا ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاچقا ئۇ كىشى ھايات قاپتۇ. بىراق بۇنىڭ بىلەن نەچچە تۈمەنلىك داۋالىنىش خىراجىتى سەرپ بولۇپ، ئەمدىلا تىجارەت باشلىغان لىيۇ ئەپەندىمنى كۆپلەپ چىقىمدار قىپتۇ. ئۇ ناھايىتى تىت-تىت بولۇپ ، تارتقان چىقىمنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى سېتىۋېلىپ، يۈك توشۇش ئارقىلىق ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەكچى بوپتۇ.
كۆپرەك پۇل تېپىپ تىزراق پايدا كۆرۈش ئۈچۈن، لىيۇ ئەپەندى كېچە- كۈندۈز يۈك تۇشۇپتۇ.ماشىنا كېچە- كۈندۈز ماڭغاچقا ھېچقانداق بىكار ۋاقتى يوق ئىكەن، ئانچە – مۇنچە كىچىك چاتاق چىقسىمۇ رېمونىتقا ئېلىپ بارمايدىكەن، نەتىجىدە بىر ئايغا يەتمەستىنلا يەنە بەختكە قارشى ماشىنا ھادىسىسى يۈز بېرىپتۇ.
تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولغىنى، لىيۇ ئەپەندىم ئەينى ۋاقىتتا ماشىنا سېتىۋالغاندا كۆڭلى ئارامىدا بولمىغاچقا، ماشنىغا سۇغۇرتىمۇ سېتىۋالمىغان ئىكەن. نەتىجىدە ماشىناھادىسىسى چىققاندا تېخىمۇ نەس بېسىپ 100 مىڭ يۈەنلىك تۆلەمنى ئۆزى ئۈستىگە ئاپتۇ.
بۇنداق ئىشلار بىلەن ئىككى يىل ئۆتۈپ، لىيۇ ئەپەندىم سودا قىلىش ئارقىلىق پۇل تاپالمايلا قالماستىن، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان جۇغلىغان پۇللىرىنى پاكپاكىز تۈگىتىپتۇ، ھەمدە بىر مۇنچە قەرزگە بوغۇلۇپ قاپتۇ.
لىيۇ ئەپەندىمنىڭ باي بولۇشتىن ئىبارەت خىيالىنىڭ ئەيىبلىگىدەك يېرى يوق، بىراق بايلىق توپلاش جەريانىدا، ئۇ نەتىجە قازىنىشقا ، پايدا ئېلىشقا ئالدىرىغان. (ئوغلىنى تىزراق ماشىنا ھەيدەشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش؛ يۈك ماشىنىسىداكېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ مال توشۇش، كاشىلا كۆرۈلسىمۇ ئوڭشاتماسلىق؛ ماشىنىنىڭ سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرۇشنى ئۇنتۇپ قېلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ نۇقتىنى ئەكىسئەتتۈرۈپ بېرىدۇ)، نەتىجىدە رىئاللىق بىلەن ئارزۇ توغرا كەلمەي، بايلىققا ئېرىشەلمەيلا قالماستىن، يەنە نۇرغۇن زىيان تارتقان، ھەتتا قەرزگە بوغۇلغان. ئاخىرىدا لىيۇ ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئالدىراقسانلىغى تۈپەيلى ئېچىنىشلىق بەدەل تۆلىگەن.
بىزدە «ئالدىرىغان ئاكام يولدا قالار.»دىگەن ھېكمەت بار. ئەگەر بىردەملىك ئالدىراقسانلىق سەۋەبىدىن قىزىق تاماقنى ئالدىراپ يىگەندە، تاماقنىڭ تەمىنى تېتىيالمايلا قالماستىن يەنە ئېغىزىنى كۆيدۈرۋېلىپ، داۋاملىق مەززىلىك تەملەردىن ھوزۇرلىنىش ئىشتىياقىغا تەسىر يېتىدۇ. بۇ ھال مۇنداق بىر قائىدىنى ئىپادىلەيدۇ: ئىش قىلغاندا تىز نەتىجە قازىنىشقا ئالدىرىغاندا چوقۇم بىھۇدە بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ.
بۇ نۇقتىدا بايلارنىڭ كۆز – قارشى تامامەن بىردەك. ئۇلار سەدىچىن سېپىلىنىڭ بىر كۈندىلا پۈتۈپ ھازىرقىدەك ھالەتكە كىلىپ قالمىغانلىقىنى بىلىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپلىگەن بايلىقنى بىر كېچىدىلا تېپىش مۇمكىن ئەمەس. پەقەت ئاز-ئازدىن ،قانۇنىيەتلىك ھالدا بايلىق جۇغلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشلارنى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرغاندا، بايلىق بارا – بارا جۇغلىنىپ، ئاندىن ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
گۇاڭدوڭ جۇڭشەندىكى شېڭيالۈن كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرىنى ياساش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لىياۋ بوچىياڭ 1982 – يىلىدىن باشلاپ ئىگىلىك تىكلەشنى باشلىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ھەيران قالارلىق تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ، سەۋرچانلىق بىلەن ئاز – ئازدىن بايلىق جۇغلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ ئۆز كەسپىنىڭ سەركىسىگە ئايلانغان. ئۇ چوڭ كارخانىلار قىلىشنى خالىمايدىغان، كىچىك كارخانىلار قىلالمايدىغان، ھۆكۈمەت ۋەخەلق ئاممىسىنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلىدىغان ،« پايدىنى ئاز تاپىدىغان» مەھسۇلات -تىرناق ئالغۇچتىن ئىش باشلاپ، جۇڭگودا «بىرىنچى» بولۇپ، دۇنيادىكى ئۈچىنچى «گگانىت» قا ئايلانغان، كارخانىنىڭ يىللىق سېتىش مىقدارى مىليارد يۈەندىن ئاشقان.
كارخانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا، لىياۋ بوچىياڭ ئىزچىل سوغۇققان، سەزگۈرلۈكىنى، بىر ئىشنى سىجىل داۋاملاشتۇرۇشتۇرۇپ ،تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرىدىغان پىسخىكىلىق ھالەتنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ، قەيەردە بوشلۇق بولسا شۇ يەرنى مۇستەھكەملەپ ئىش قىلغان. كۆپ يىللىق تىرىشىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ تىرناق ئالغۇچ بازىرىغا بولغان چۈشەنچىسى ناھايىتى چوڭقۇرلاشقان. ھەم قايسى دۆلەت ۋە قايسى رايوننىڭ بۇ جەھەتتىكى بازار ئەھۋالىدىن سۇئال سورالسا، ئۇ ناھايىتى ئەتراپلىق جاۋاپ بېرەلەيدىغان بولغان. بۇ ھال ئادەمگە باشقىلار تىرناق ئالغۇچ بازىرىنى ئۇنىڭدەك چۈشەنمەيدىغاندەك تەسىر بېرىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، شېڭيالۈن چەكلىك شىركىتىنىڭ %60 مەھسۇلاتى ئېكىسپورت قىلىنىدۇ، بىراق بۇنىڭ ئىچىدە %80 گە باشقىلارنىڭ ماركىسى چاپلانغان بولۇپ، لىياۋ بوچاڭنىڭ نەزىرىدە بۇ خۇددى باشقىلارغا مەدىكارچىلىق قىلغاندەك ئىش. پەقەت دۆلەت ئىچىدىكى %40 مەھسۇلاتلا ھەقىقىي شېڭيالۈن ماركىسىدىكى مەھسۇلات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى خەلقئارا بازاردا بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئىگە قىلىپ < باشقىلارغا مەدىكار بولماسلىق> لىياۋ بوچىياڭنىڭ ئارزۇسى، بىراق ئۇ بۇ ئىشتا ئالدىراشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئاستا – ئاستا زورىيىش كېرەكلىكىنى، بىر قەدەم – بىر قەدەمدىن بۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلىدۇ.
ئېنىقكى ،لىياۋ بوچىياڭ ناھايىتى ئاقىلانىلىك قىلغان. ئۇ ئىگىز بىنانىڭمۇ بىر خىش – بىرخىشتىن قوپۇرۇلغانلىقىنى بىلىدۇ . ھەم < بىردەمدىلا ئىگىز بىنالارنى بەرپا قىلىش- خام خىيال بولۇپ، ئىشىنىشكىمۇ ئەرزىمەيدۇ >دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەيلى قانداق قاپ يۈرەك ئادەم بولسۇن ئىشنى ئاساسىدىن باشلاش، بايلىقنى ئاز – ئازدىن جۇغلاش، بىر قەدەم – بىرقەدەمدىن زورىيىش كېرەك.
بۇنىڭدىن كۆرۋالغىلى بولىدۇكى، نامراتلارنىڭ بايلارغا ئايلىنىشى بىر قېتىملىق قېدىرىپ تەكشۈرۈش جەريانى، يەنە كىلىپ ناھايىتى تەرتىپلىك قىلىنىدىغان، توختاۋسىز جۇغلانما توپلاش جەريانى. ئەگەر تىز نەتىجە قازىنىشقا ئالدىراپ، بىردەمدىلا بايلىق مۇنارىنىڭ چوققىسىغا چىقىشنى ئويلىساق، جەزمەن ناھايىتى ئېچىنىشلىق يىقىلىمىز. پەقەت يىتەرلىك سەۋرچانلىق ۋە مۆتىدىل پىسىىكىغا ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن بايلىق مۇنارىنىڭ چوققىسىغا چىقىدىغان تاقەتكە ئىگە بولغىلى، ئاخىرىدا نىشانغا يىتىپ بارغىلى بولىدۇ.ھەم بۇ ئارقىلىق بايلىق سەپىرىنى تاماملىغىلى بولىدۇ.
بايلىقنىڭ بايانى :
بايلىق قوغلىشىش جەريانىدىكى «بىر موللاق ئېتىپ ئاسمانغاچىقىش»، «بىر كېچىدىلا كاتتا بايغا ئايلىنىش» كويىدا بولۇشنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان خىياللاردۇر. ئەگەر چىن كۆڭلىمىزدىن بايلارغا ئايلىنىشنى خالىساق تېز غەلبە قىلىشنىڭ شىرىن خىيالىدا بولماسلىقىمىز ۋە <كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە كېلىدىغان پايدا > غا تەقەززا بولماسلىقىمىز كېرەك.ئەكسىچە ئىشلارنى تەرتىپ بىلەن قىلىشقا ۋە ئاز – ئازدىن بايلىق جۇغلاشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز، ئۆز ئارزۇلىرىمىزنى بىر قەدەم – بىر قەدەمدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز لازىم.
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 1-قىىمىدىن ئېلىندى