A-A+

تاتلىق سۇ مەرۋايىتى ۋە دېڭىز مەرۋايىتى

مەرۋايىت ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىلەر ( 13 )

ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم يازمىسى

201505141014050433

مەرۋايىت - ئېسىل ھەم يارىشىملىق زىننەت بويۇمى بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقىمىزگە ناھايىتى تۇنۇشلۇق  ، ئۇ ئېسىل زىننەت بۇيۇمى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە قىممەتلىك دورا ماتىريالى ، تۈرلۈك ساغلاملىق يىمەكلىكلىرى ۋە گىرىم بۇيۇملىرىنىڭمۇ كەم تېپىلىدىغان خام ئەشياسى .

مەرۋايىت - تاتلىق سۇ مەرۋايىتى ۋە تۇزلۇق سۇ مەرۋايىتى ( دېڭىز مەرۋايىتى ) دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدىغان بولۇپ  زىننەت بويۇمى ئۈچۈن ھەر ئىككىلىسى ئىشلىتىلىدۇ .تىبابەت ، ساغلاملىق بۇيۇمى ۋە گىرىم  بۇيۇملىرى ئۈچۈن بولسا ئاساسلىقى تاتلىق سۇ مەرۋايىتى ئىشلىتىلىدۇ.

تۇزلۇق سۇ ( دېڭىز ) مەرۋايىتى يېغىۋېلىش قىيىن ، سانى ئاز بولغاچقا  سۈپەتلىك قىممەت بولىدۇ  ،
تاتلىق سۇ مەرۋايىتىنىڭ سانى كۆپراق ، بېقىش ۋە يىغىۋېلىش قولاي بولغاچقا ئەرزانراق بولىدۇ .
猎豹截图20170614141431
 تاتلىق سۇ مەرۋايىتى ۋە تۇزلۇق سۇ مەرۋايىتى ئوخشاشلا قۇلۇلىنىڭ بەدىنىدىن چىقىدۇ . ئادەتتە نورمال شارائىتتا  قۇلۇلە تېنىدا ئۈچ - يىلدىن بەش يىلغىچە يېتىلگەندىن كېيىن قۇلۇلە تېنىنى يېرىپ ئىچىدىن ئايرىۋېلىنىدۇ.
 تاتلىق سۇ مەرۋايىتى  ______  ئاساسلىقى جۇڭگۇ ، ئىران ، روسىيە ، شوتلاندىيە ، ۋېنىتسىيە ، ئېرلاندىيە ، فىرانسىيە ، ئەنگىلىيە ، ئامرىكا ..... قاتارلىق دۆلەتلەردىكى تاتلىق سۇ كۆللىرىدە بېقىپ ئۆستۈرىلىدۇ ياكى تەبىئىي ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە سۇدا ، قۇلۇلە تېنىدە يېتىلىدۇ .
تۇزلۇق سۇ ( دېڭىز مەرۋايىتى ) مەرۋايىتى ______  ئاساسلىقى ياپونىيە ، روسىيە، ۋىتنام ، تايلاند ، ھىندونوزىيە ، سىرلانكا ، پارس قولتىقى ، سۇدان قاتارلىق جايلاردا دېڭىزدا قۇلۇلە تېنىدا تەبىئىي يېتىلىدۇ .
 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى
خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ