نامراتلار«مۇمكىن ئەمەس»دىيىشنى ياختۇرىدۇ،بايلار«مەن قىلالايمەن» دىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ
نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ
بىرىنچى كىتاپ
ئۈچىنچى باپ بەشىنچى پارگىراپ
نامراتلار «مۇمكىن ئەمەس» دىيىشنى ياختۇرىدۇ، بايلار
«مەن قىلالايمەن» دىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ
ئامېرىكىلىق بىر مۇۋەپپەقىيەتشۇناس مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى قىلغان: «باي بولۇش سىز تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ ئاسان». ھالبۇكى بىز ياشاۋاتقان بۇ جەمئىيەتتە نامراتلارنىڭ سانى ھامان بايلارنىڭ سانىدىن كۆپ، بۇ زادى قانداق ئىش؟
جەمەتىنىڭ مال – مۈلكىگە ۋارسلىق قىلغان ئاشۇ ئىككىنچى، ئۈچىنچى ئەۋلاد بايلاردىن باشقا بايلارنىڭ ھەممىسى قۇرۇق قول ئۆزىنىڭ بايلىقلىرىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇلاردا ھېچقانداق ئالاھىدە ئىقتىدار يوق، ئۇلاردا بار بولغان ئەڭ قىممەتلىك بايلىق بولسا ئاكتىپ روھى ھالەت ۋە قەتئىي ئىرادە ،خالاس. ئۇلارنىڭ لۇغىتىدە «مۇمكىن ئەمەس» دىن ئىبارەت بۇ سۆزنىڭ بولۇشى مەڭگۈ مۇمكىن ئەمەس.
نامراتلارنىڭمۇ غايىسى بولىدۇ، بىراق ئۇلار ئۆزلىرىدە غايىنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرالايدىغان ئەمەلىي ئىقتىدارنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيدۇ، ھەمىشە ئۆزلىرىنى«ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاۋاتىمەن» دەپ ئويلايدۇ. ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا نامراتلارنىڭ بايلارغا ئايلىنىش پۇرسىتى ناھايىتى كۆپ ۋە ھەرخىل بولىدۇ،بىراق ئۇلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتالمىغاچقا ياخشى پەيتنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. بىر پەيلاسوپ مۇنداق دىگەن: «مۇۋەپپەقىيەت يولىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ باشقا نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۆزۈڭ.» بىر ئادەم ئۆزىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغان يوشۇرۇن ئىقتىدارنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمىگەندە، ئۇ ھەر قانچە چوڭ تەلەيگە «ئۈسۈۋالغان» تەغدىردىمۇ يەنىلا بېكار.
نامراتلار ئىش قىلغاندا ھەر قاچان ئىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغان تەرىپىنى كۆرىدۇ، بايلار بۇنىڭ ئەكسىچە بىر ئىشتا ناھايىتى كىچىك بولغان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتىنى كۆرسىمۇ قول سېلىشقا جۈرئەت قىلىدۇ. بۇ خۇددى ناھايىتى تار بولغان قىيادا مېڭىۋاتقان ماشىنىغا ئوخشايدۇ، ئەگەر شوپۇر ئۆزىنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى يولنىڭ يان تەرىپىدىكى تىك قىيالارغا قويسا، ئېھتىمال ھەقىقەتەن ماشىنا ئۆرۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن؛ ئەكسىچە شوپۇر ئۆزىنىڭ دىققىتىنى كەڭ كەتكەن يوللارغا قويسا، چوقۇم خەتەردىن ئۆتۈپ بىخەتەر جايلارغا كىلەلەيدۇ.
مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشىشىدۇ، ئەگەر سىز دائىم ئۆزىڭىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدىغانلىقىڭىزنى ئويلىسىڭىز، ئۇنداقتا مۇۋەپپەقىيەت ھەقىقەتەن سىزدىن يىراقلىشىپ كېتىدۇ – دە، بىر ئۆمۈر نامراتلىقنىڭ سايىسى ئىچىدە ياشايسىز. ئەگەر سىز مەيلى كىچىك ياكى چوڭ ئىشلارنى قىلىشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى يوشۇرۇن ئىلھاملاندۇرۇپ «مەن قىلالايمەن»دىسىڭىز، ئۇنداقتا ئوزۇنغا قالماي سىز ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلالايسىز، ھەمدە بايلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالالايسىز.
«ۋەنكې» نىڭ سابىق باش لېدىرى ۋاڭشى ئىلگىرى شىنجىندىكى بىر شىركەتنىڭ ئوبوروت بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان. بىر كۈنى ئۇ ماشىنىغا ئولتۇرۇپ يىلانسىمان يول بۆلىكىدىن ئۆتۈپ كېتىپ بارغاندا، يول بويىدىكى نۇرغۇنلىغان چوڭ كۆلەمدىكى يەم – خەشەك زاۋۇتلىرىنى كۆرۈپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ سەزگۈر بولغان سودا ئېڭىغا تايىنىپ بۇ جايدا پۇل تاپىدىغان پۇرسەتنىڭ بارلىقىنى بايقاپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ يەم – خەشەك زاۋۇتىغا كىرىپ باشقۇرغۇچى بىلەن پاراڭلىشىشقا باشلاپتۇ.ھەم پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇ بۇ جايدىكى كۆممىقوناقلارنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ ئامېرىكا ۋە تايلاندتىن كىرگۈزۈلگەنلىكىنى چۈشىنىپتۇ. ۋاڭشى باشقۇرغۇچىدىن: «سىلەر نېمىشقا بىۋاستە شەرقى شىمالنىڭ كۆممىقوناقلىرىنى سېتىۋالمايسىلەر؟ بۇنداقتا تېخىمۇ ئەرزان بولمامدۇ؟» دەپ سوراپتۇ.
باشقۇرغۇچى جاۋاب بېرىپ: «بىز توشۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايمىز.» دەپتۇ. ۋاڭشى شۇ زامان ئۆزىنىڭ توشۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ،شۇنداق قىلىپ ئۇ زاۋۇت بىلەن كۆممىقوناق بىلەن تەمىنلەش كېلىشىمى تۈزۈپتۇ.
ئەمەلىيەتتە ۋاڭشى شەرقى شىمالدىن شىنجىنغا بولغان قاتناش ھەققىدە ھېچنىمىنى بىلمەيدىكەن. ئۇ يەم – خەشەك زاۋۇتىدىن چىقىپ چىۋەن پىرىستانىغا بېرىپ شەرقى شىمالنىڭ قاتناش ئەھۋالىنى سوراپتۇ، ئۇ جايدىكى كىشىلەر ۋاڭشىغا شىنجىندىن شەرقى شىمالغا بولغان قاتناش يولىنىڭ تېخى ئېچىلمىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. ۋاڭشى بۇ سەۋەبلىك ئۈمۈدسىزلەنمەپتۇ. ئۇ يەنە گۇاڭجۇ يىراق ئوكيان شىركىتىگە كېلىپ، دالىيەندىن چىۋەنگە بارىدىغان سۇ يولى ئېچىش مۇمكىنچىلىكى بار – يوقلۇقىنى سۈرۈشتۈرۈپتۇ.يىراق ئوكيان شىركىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىم ئۇنىڭغا بۇ ئىشنى گۇاڭجۇ سۇ قاتنىشى ئىدارىسىدىن باشقۇردىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ۋاڭشى يەنە گۇاڭجۇ شۇ قاتنىشى ئىدارىسىگە كېلىپ بىر قاتار مۇناسىۋەتلەردىن كىيىن ئاخىرى بۇ مەسىلىنى ھەل قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋاڭشىنىڭ كۆممىقوناق سودىسى رەسمىي باشلىنىپ ئاز بولمىغان پۇلغا ئېرىشىپتۇ.
ۋاڭشىنىڭ زاۋۇت بىلەن ناھايىتى «يىنىكلىك بىلەن» توختام تۈزۈشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ كاللىسىدا مەسىلە بارلىقى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ قەتئىيلىك بىلەن «دۇنيادا ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلە يوق » دەپ قارىغانلىقىدا.
دەل مۇشۇنداق «مەن قىلالايمەن»دەيدىغان قەتئىي ئىرادە بولغاچقا، ۋاڭشى مۆجىزە يارىتالىغان. ناپالىئوننىڭ مۇنداق بىر ھېكىمەتلىك سۆزى بار: «غەلبە ھەمىشە ئەقىللىق بولغان تەرەپتە ئەمەس، بەلكى ئۆزىگە ئىشەنگەن تەرەپتە بولىدۇ» .باي بولۇش جەريانى خۇددى ئوزۇن مەزگىللىك جەڭگە ئوخشايدۇ، قەتئىي ئىرادە ۋە ئىشەنچ ئەقىللىق بولۇشقا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم بولىدۇ. قارىماققا ئەقىللىق كۆرۈنگەن ئاشۇ ئادەملەر ھەرگىزمۇ ۋاڭشىغا ئوخشاش «مۇمكىن ئەمەس» ئىشلارغا جەڭ ئېلان قىلالايدىغان جاسارەتكە ئىگە ئەمەس،ئۇلار سۇ قاتنىشى ئىدارىسى ھەرگىزمۇ كۆممىقوناق توشۇش ئۈچۈن سۇ يولى ئېچىپ بەرمەيدۇ دەپ قارايدۇ.
«ئۆتكۈر بولۇش» ھەمىشە ئادەمگە ئىشنى ناھايىتى ئەتراپلىق ئويلاندۇرۇپ، نۇرغۇنلىغان قىيىن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ قىيىن مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلار ئۆزلىرى تەسەۋۋۇر قىلىپ چىققان، بۇ ئارقىلىق ئۆز – ئۆزىگە قورقاق سالغان .ئەمەلىيەتتە بۇلار ھەرگىز يەشكىلى بولمايدىغان مەسىلىلەر ئەمەس. ئۇلار ھەددىدىن زىيادە ئېھتىياتچان بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا باي بولىدىغان پۇرسەتنىمۇ كەتكۈزۈپ قويغان.
نۇرغۇنلىغان نامراتلار ئەسلىدە ناھايىتى ئاددى بولغان ئىشلارنى ناھايىتى مۇرەككەپ ئويلاپ،ئۆزىگە نۇرغۇنلىغان توسالغۇلارنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ – دە، ئاخىرىدا نامراتلىق پاتقىقىغا چوڭقۇرلاپ كىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىلمىگەن ئىشلارغا نىسبەتەن ھەر بىر ئادەمدە بىر خىل قورقۇنچ ھېسىياتى بولىدۇ، بىراق بايلار بۇ خىل قورقۇنچنى يىڭەلەيدۇ،ئۇلار ئۆزلىرىگە دائىم «مەن قىلالايمەن، مەن چوقۇم قىلالايمەن» دەيدۇ. نامراتلار بۇ خىل قورقۇنچ سەۋەبلىك مەغلۇب بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ مەلۇم نەرسىلەرنى يوقىتىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار يوقىتىپ قويىدىغان نەرسىلەر ئاللىقاچان ئاز قالغان، بۇ ۋاقىتتا يەنە ئۆزىگە ئىشەنمەي ھەممىدىن ۋاز كېچىش كېرەكمۇ؟ بايلىق يولى ھەرگىزمۇ قۇرۇق خىيالدىن بارلىققا كەلگەن ئەمەس، ئەكسىچە جاسارەت بىلەن مېڭىشتىن ھاسىل بولغان!
1975 –يىللىرى، تىراپ 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق يۇقىرى باھا بىلەن نىيويورك پويىز ئىستانىسىسىغا يېقىن جايلاشقان بىر كونا مېھمانخانىنى سېتىۋالىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا بۇ كوچا رايونىنىڭ ئاۋاتلىقىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان بولۇپ، ھەممە جاي چۆلدەرەپ قالغان ئىدى. باشقا ئۆي – مۈلۈك سودىگەرلىرى تىراپنى ئېزىپ قاپتۇ، بۇ «چۆلدەرەپ قالغان» جايدا چوڭ بىنا قۇرۇش ساراڭنىڭ ئىشى دەپ قارىغان.
گەرچە تىراپنىڭ ئەتراپىنى گۇمانلىنىش ۋە قارشى تۇرۇش سادالىرى قورشاپ ئالغان بولسىمۇ،بىراق ئۇ يەنە ئۆزىگە بولغان كۈچلۈك ئىشەنچىسىنى بوشاشتۇرماي، ئۆزىنىڭ تەۋرەنمەس ئىرادىسىدە چىڭ تۇرۇپتۇ. ئۇ ئاۋۋال كېيىن گورۇھىنى ئۆزى بىلەن بىرلىكتە بۇ تۈرنى ئېچىشقا ماقۇل كەلتۈرۈپتۇ، ئاندىن ھۆكۈمەتكە 40 يىللىق باجنى ئازايتىش ئېتىبار قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولۇشنى ئىلتىماس قىلىپ قەرز بېجىرىپتۇ. تىراپ بەش يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ ئىككى ئىشنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ سودىسى راۋانلىشىشقا باشلاپتۇ. تىراپنىڭ نەزەر – دائىرىسى ئۆزگىچە ئىدى، ئۇ سېتىۋالغان بۇ بىر پارچە يەر كىيىن نىيويورك شەھىرىدىكى ئەڭ پۇلغا يارايدىغان جايلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپتۇ، تىراپنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئۇنىڭغا پارلاق نەتىجە يارىتىپ بېرىپتۇ.
تىراپ ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ بىر تاشلاندۇق جاينى گۈللەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان چاغدا،نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇنى ئۆز – ئۆزىگە ئاۋارىچىلىق تاپقانلىق دەپ قارىغان.ھالبۇكى تارىخ ئۇلارغا ئاخىرقى غەلبىنىڭ ئۆزىگە قەتئىي ئىشىنىدىغان كىشىلەرگە مەنسۇب ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن. تىراپ دەل مۇشۇ خىل روھ ۋە ئىشەنچ ئاساسىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. تىراپ پەقەت ئىككى ئىشنى ھەل قىلىش ئۈچۈنلا بەش يىل ۋاقىت سەرپ قىلغان، بۇنچىلىك كۈچلۈك ئىرادىسى بار ئادەم قانداقمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىسۇن؟
نامراتلار پەقەت جاسارەت بىلەن باشقىلار «مۇمكىن ئەمەس» دىگەن ئىشلارنى سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالىغاندىلا، ئاندىن باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ باي بولىدىغان پۇرسەتكە ئېرىشەلەيدۇ – دە، بايلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالالايدۇ.
20 –ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرىدا، پىركاداڭ ئۆزىنىڭ كەسپىنى تايلاندقا كېڭەيىتمەكچى بولغان. ئەينى ۋاقىتتا تايلاندلىقلارنىڭ ئىدىيىسى بىر قەدەر بېكىنمە بولۇپ، پەقەت ئۆزىنىڭ مىللىي كىيمىنىلا كىيەتتى، ئىلگىرى بىر قانچە كىيىم سودىگىرى تايلاندقا بېرىپ كىيىم ساتماقچى بولۇپ، ئاخىرىدا يەنىلا قۇرۇق قول قايتىپ كەتكەن ئىدى. بىراق پىركاداڭ ئۆزىنىڭ چوقۇم تايلاندلىقلارنى زامانىۋى كىيىم – كىچەكلەرنى كىيىشكە كۆندۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن، ئۇ ھەمىشە ئۆز – ئۆزىگە يوشۇرۇنچە: «مەن قىلالايمەن، مەن چوقۇم قىلالايمەن.» دىگەن.
پىركاداڭ باشلىنىشتىلا تايلاندتا چوڭ تىپتىكى كىيىم – كىچەك كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزگەن، بىراق زىيارەتكە كەلگەنلەرنىڭ سانى ناھايىتى ئاز بولۇپ، چوپچوڭ كۆرگەزمە زالى قۇرۇق قالغان. بۇ قېتىمقى ئوڭۇشسىزلىق پىركاداڭنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى سۇسلاشتۇرالمىغان، ئۇ قاپ يۈرەكلىك بىلەن ئەسلىدىكى كىيىم – كىچەكلەرگە قارىتا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا تايلاندلىقلارغا ماس كېلىدىغان كىيىم –كىچەكلەرنى لايىھەلەپ چىققان. ئۇ ئۆزى لايىھەلەپ چىققان يېڭى كىيىم – كىچەكلەرنى ئېلىپ تايلاند كىيىم – كىچەك بىرلەشمە جەمئىيىتىگە كەلگەندە، ئۇ بۇ جايدىكى بىرەرمۇ خىزمەتچىنىڭ زامانىۋىي كىيىم كىيىپ خىزمەتكە چىققانلىقىنى بايقىمىغان.پىركاداڭ بىلەن بىللە كەلگەن خىزمەتدېشى ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا: «كىيىم – كىچەك بىرلەشمىسىدىكى خىزمەتچىلەرمۇ زامانىۋىي كىيىملەرنى كىيمىسە، ئۇنداقتا ئاددى –ساددا تايلاند خەلقىدىن ئاغرىنمىساقمۇ بولغىدەك! بىز يەنىلا قايتىپ كىتەيلى.»دەپتۇ. پىركاداڭ يەنىلا ئىشەنچىسىنى يوقاتمىغان ھالدا: «ماڭا ئىشەن، ئىنىم!تايلاندلىقلار چوقۇم زامانىۋىي كىيىملەرنى كىيىدىغان بولىدۇ.» دەپتۇ.
پىركاداڭ غەلبىلىك ھالدا كىيىم – كىچەك بىرلەشمىسىدىكى بىر چىرايلىق خانقىزنى ئۆزى لاھىيىلىگەن زامانىۋىي كىيىمنى كىيىپ سىناپ بېقىشقا ماقۇل كەلتۈرۈپتۇ. بۇ خانقىز ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىمىنىڭ ئورنىغا پىركاداڭنىڭ زامانىۋىي كىيىملىرىنى كىيىپ خىزمەتداشلىرىنىڭ ئالدىدا پەيدا بولغاندا، خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭ گۈزەل تۇرقىغا مەھلىيا بولۇپ، ئۇنىڭغا كۈندە مۇشۇنداق چىرايلىق كىيىم بىلەن خىزمەتكە چىقىش تەكلىپىنى بېرىپتۇ. پىركاداڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بىللە كەلگەن سۈرەتچىگە خانقىزنىڭ سۈرىتىنى تارتقۇزۋاپتۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن پىركاداڭ تايلاندتىكى بىر قانچە داڭلىق كىيىم – كىچەك سودىگەرلىرى بىلەن ئەتراپلىق پىكىرلىشىش ۋە ھېلىقى رەسىمنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى قايىل قىلىپ، ئۇلارغا زامانىۋىي كىيىملەرنىڭ تايلاندتىكى گۈزەل كەلگۈسىنى كۆرسىتىپ بېرىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، پىركاداڭنىڭ زامانىۋىي كىيىم –كىچەكلىرى تايلاندتا تىز سۈرئەتتە تارقىلىشقا باشلاپتۇ.
ئۇ ۋاقىتتا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر تايلاندلىقلارغا زامانىۋىي كىيىم – كىچەك سېتىش ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ تەس، مۇمكىن بولمايدىغان ئىش دەپ قارىغان.ھالبۇكى پىركاداڭ بۇنى قىلالىغان، چۈنكى ئۇ شۇنى چۈشىنىدۇكى، پۇرسەت دەل «مۇمكىن ئەمەس» نىڭ ئىچىدە بولىدۇ، ئادەتتىكى كىشىلەر مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىغان ئىشلاردا زور سودا پۇرسىتى يوشۇرۇنغان بولىدۇ.
سىز ئۆزىڭىزنىڭ نامرات ھالىتىدىن ئاغرىنغان ۋاقتىڭىزدا ئۆزىڭىزدىن شۇنداق سوراپ بېقىڭ:مەندە بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتەلەيدىغان جاسارەت بارمۇ – يوق؟ مەن شىجائەت بىلەن «مەن قىلالايمەن» دەپ ئۆزۈمكە بولغان ئىشەنچ ساداسىنى ياڭرىتالايمەنمۇ؟
بايلىققا ئېلىپ بارىدىغان يول پۇتىمىزنىڭ ئاستىدىلا، ئەگەر ئىزچىل قىيىنچىلىقنى تەكىتلىسەك،ئۇنداقتا ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزنى يوقىتىپ قويىمىز.
ئۆزىڭىز توغرا دەپ قارىغان يولدا تەۋرەنمەي مېڭىڭ. شۇنداق قىلسىڭىزلا سىز ھاياتىڭىزدىكى شانلىق مۆجىزىلەرنى يارىتالايسىز!
بايلىقنىڭ بايانى:
بايلار تەۋرەنمەس ئىشەنچكە ئىگە بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھەرقانداق ئىشنى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ؛ بىراق نامراتلار ئۆزىنىڭ قىلالايدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ، ھەر قانداق ئىشنى قىيىن چاغلايدۇ. ئەمەلىيەتتە پەقەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بىرىنچى قەدەمنى ئالالىساقلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا مۈمكىنچىلىك بولىدۇ. ئەگەر بىزدىمۇ بايلارنىڭ پىسخىك ھالىتى بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ جاسارىتى ۋە قەتئىي ئىشەنچىسى ئارقىلىق «مۇمكىن ئەمەس» نى «مۇمكىن» گە ئايلاندۇرالىساق، ئۇنداقتا بۇ دۇنيا چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولۇپ، بايلار بارغانسىرى كۆپىيىدۇ.
خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان
نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك ناملىق كىتاب
2014-يىلى ئەقىدە شىركىتى تەرجىمە قىلدى
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام