نامراتلار باشقىلار ئىلتىپات قىلغان ھاسىغا تايىنىدۇ، بايلار ئۆزىگە تاينىدۇ
نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ
( بىرىنچى كىتاپ )
4-باپ 9-پارىگىراپ
نامراتلارباشقىلار ئىلتىپات قىلغان ھاسىغا تايىنىدۇ،
بايلار ئۆزىگە تاينىدۇ
نامراتلارباشقىلارنىڭ ياردىمىنى «تەڭرىنىڭ ھىممىتى» قاتارىدا كۆرۈپ، باشقىلار ئىلتىپات قىلغان «ھاسا» غا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئەمما بايلار ئۆزىگە تايىنىشنى ياختۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا چىقىش ئىشىكى، ماڭىدىغان يول قالمىغان تەغدىردىمۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق داغدام يوللارنى ئاچالايدۇ.
سوڭشىيا شىڭجىجۇ ئەسلىدە دافەن ئېلېكتىر چىرىغى شىركىتىنىڭ بىر ئاددى خىزمەتچىسى ئىدى، دافەن ئېلېكتىر چىرىغى شىركىتى ئەينى ۋاقىتتا دافەن ئائىلىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ناھايىتى ياخشى شىركەت بولۇپ، شوڭشىيا شىڭجىجۇغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا تايىنىدىغان ياخشى «ھاسا» ئىدى. ھالبۇكى سوڭشىيا شىڭجىجۇ بىر ئۆمۈر بۇ «ھاسا» غا تايىنىپ مېڭىشنى خالىمىغان، چۈنكى ئۇ ئۆزىگە تەۋە بولغان يولدا مېڭىشنى خالايىتتى.
1916 – يىلى6 – ئايدا، سوڭشىيا شىڭجىجۇ ئېلېكتىر چىرىغى شىركىتىدىن ئىستىپا بېرىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ62 يىن بانكا ئامانىتى ۋە قەرز ئالغان 100 يىن پۇلىغا تايىنىپ شەھەر ئەتراپى رايونىدىن 10 كۋادرات مېتىرغا يەتمەيدىغان ئائىلىۋى ئىسكىلاتنى ئىجارىگە ئالىدۇ،بۇ كىچىك ئىسكىلات دەل كىيىنكى دۇنياغا داڭلىق سوڭشىيا ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باشلىنىش نوقتىسى ئىدى.
ئەينى ۋاقىتتا بۇ جايدا سوڭشىيا شىڭجىجۇ ۋەئۇنىڭ ئايالى جىڭجىمېيېي، خوتۇنىنىڭ ئىنىسى جىڭجىسۈينەن ۋە سوڭشىيا شىڭجىجۇ بىلەن بىرلىكتە ئىستىپا بەرگەن ئىككى خىزمەتدېشى قوشۇلۇپ پەقەت بەشلا ئادەم بار بولۇپ، بۇ لارنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسى سوڭشىيا شىڭجىجۇ لايىھەلەپ چىققان يېڭى تىپتىكى چىراغ روزېتكىسى ئىشلەپ چىقىرىش ئىدى.
«ھاسا» سىنى يوقىتىپ قويغان سوڭشىيا شىڭجىجۇنىڭ ئۆزىگە تەۋە يولنى ئېچىشى ئۇنچە ئاسانغا توختىمىغان. ئۇلار روزېتكىنى ئىشلەپ چىقارغاندىن كىيىن سېتىلىشى ياخشى بولماي، ئون كۈندە ئارانلا 100 دانە ساتقان، بۇنداق سېتىلىش سۈرئىتى ئۇلارغا پايدا يەتكۈزەلمەيلا قالماستىن، يەنە ئۇلارغا بىر مۇنچە زىيان سالغان. ناھايىتى ئۈمىدسىز،قىيىن شارائىتتا، جىڭجىمېييې ئائىلىسىدىكى پۇلغا يارىغىدەك نەرسىلەرنى سېتىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن.
ئېچىنىشلىق رېئاللىق ئالدىدا، سوڭشىيا شىڭجىجۇ باشقىلارنىڭ «ھاسا» سىنى يوقاتقاننىڭ تەمىنى تېتىغان، بىراق ئۇ ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمىگەن. ئەستايىدىل ئويلىنىش ئارقىلىق سوڭشىيا شىڭجىجۇ ئاخىرى مەسىلىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى تېپىپ چىققان.
مەسىلىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى ئويلاپ تاپقان بولسىمۇ، بىراق سوڭشىيا شىڭجىجۇ دەماللىققا بۇنى ھەل قىلىدىغان ئۇسۇلنى ئويلاپ چىقالمىغان. ئىككى كونا خىزمەتدېشىنى چارچىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن، سوڭشىيا شىڭجىجۇ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ چىقىش يولىنى تېپىشقاماڭدۇرۋېتىپ، ئۆزى خوتۇنى ۋە ئىنىسى بىلەن داۋاملىق بۇ ساھەدە سىناشقا باشلىغان.
1917 –يىلىنىڭ بېشىدا، سوڭشىيا شىڭجىجۇ ئاخىرى ناھايىتى تەستە بىر پۇرسەتكە ئېرىشكەن.بېيچۈەن ئېلېكتىر شامالدۇرغۇچ زاۋۇتى سوڭشىيا شىڭجىجۇغا 1000 دانە شامالدۇرغۇچ تەگلىكىنى سىناق تەرىقىسىدە بۇيرۇتقان. بۇ سوڭشىيا شىڭجىجۇغا نىسبەتەن بىر پۇرسەت ھەمدە بىر رىقابەت ئىدى، چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا شامالدۇرغۇچ تەگلىكى ياساش تېخنىكىسى مەخپىي بولۇپ، سوڭشىيا شىركىتىدىمۇ بۇ تېخنىكا جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكلەر بار ئىدى.
سوڭشىيا شىڭجىجۇ بۇنىڭدىن يول تېپىشقا تۇتۇنغان، بىراق ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمىغان. ئامالسىزلىقتىن، سوڭشىيا شىڭجىجۇ تەگلىك ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلارنىڭ يېقىن ئەتراپىغا بېرىپ تاشلىۋىتىلگەن كونا نەرسىلەرنى ئىزدەپ، ئۇنىڭدىن بىرەر يىپ ئۇچىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلغان.
«قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە» دىگەندەك، سوڭشىيا شىڭجىجۇ كونا نەرسىلەرگە بولغان تەتقىقات ئارقىلىق تېخنىكا جەھەتتىكى قىيىنچىلىقنى ئاخىرى ھەل قىلغان.تېخنىكا مەسىلىسى ھەل بولغاندىن كىيىن، سوڭشىيا شىڭجىجۇ قاتارلىقلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەن، مالنى بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا تاپشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىگەن، جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق ئۇلار ئاخىرى مالنىڭ مىقدارى ۋە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ بولغان. بۇ سودىدا سوڭشىيا شىڭجىجۇ 80 يىن پۇل تاپقان، گەرچە كۆپ بولمىسىمۇ، بىراق سوڭشىيا شىڭجىجۇنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئاساس يارىتىلغان.
بىر مەزگىلدىن كىيىن، سوڭشىيا شىڭجىجۇ ئائىلىۋى ئىسكىلاتنى دافەن شەھىرىنىڭ شىمالى رايونىغا يۆتكەپ، ئىسمىنى «سوڭشىيا ئېلېكتىر ئەسۋابلىرى ياساش ئورنى» غا ئۆزگەرتكەن، ھەمدە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىك يارىتىش ھاياتىنى باشلىغان.
سوڭشىيا شىڭجىجۇنىڭ سودىسىنىڭ بارغانسىرى كېڭىيىشى بىر قىسىم ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنىڭ ھەسەت قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارسوڭشىيا شىڭجىجۇنى قىلتاققا چۈشۈرمەكچى بولغان. سوڭشىيا شىڭجىجۇنىڭ شىركىتى بۇنداق شارائىت ئاستىدىمۇ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىگەن، مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەۋزەللىكى كۆپ بولغاچقا، سېتىش سوممىسىمۇ ئىزچىل ئاشقان.
سوڭشىيا شىڭجىجۇ ئۆزىنىڭ يولىنى تېپىپلا قالماستىن، يەنە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئادەتتىكى خەلق ئاممىسىغا مۇۋاپىقلاشتۇرغان. ئەينى ۋاقىتتىكى ياپونىيەدە مۇنداق بىر قائىدە بار ئىدى: كەچتە ۋېلسىپىت مىنگەندە چوقۇم چىراغ ياندۇرۇش كېرەك بولۇپ، بولمىسا جەرىمانە تۆلەيىتتى.ئەينى ۋاقىتتىكى باتارىيەنىڭ باھاسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچقا، ئادەتتىكى كىشىلەر ھەرگىزمۇ سېتىۋالالمايىتتى. بۇ رېئاللىقتىن سوڭشىيا شىڭجىجۇ بىر چوڭ سودا پۇرسىتىنى كۆرۈۋالغان، ئۇ ياسىلىش تەننەرخى تۆۋەن، چىداملىق بولغان باتارىيە ئىشلەپچىقىرىشنى قارار قىلغان. بۇ ئوي پەيدا بولغاندىن كىيىن، سوڭشىيا شىڭجىجۇ دەرھال بۇنىڭغا تۇتۇش قىلغان. يېرىم يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا 100 نەچچە قېتىمدىن كۆپرەك مەغلۇبىيەتنى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق، ئۇ ئاخىرى 50 سائەتتىن كۆپرەك ئىشلەتكىلى بولىدىغان يۇمىلاق شەكىللىك ۋېلسىپىت چىرىغىنى تەتقىق قىلىپ چىققان.
سوڭشىيا شىڭجىجۇ ئۆزىنىڭ كەشپىياتىدىن خۇشال بولۇۋاتقان چاغدا يەنە بىرقىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلگەن، يەنى توپ ساتقۇچى سودىگەرلەر بۇ خىلدىكى چىراغقا قىزىقمىغان، سوڭشىيا شىڭجىجۇنىڭ شىركەت ئامبىرىدا ماللار بېسىلىپ قېلىپ شىركەت تاقىلىپ قېلىشقا يۈزلەنگەن. سوڭشىيا شىڭجىجۇ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ناھايىتى غەلىتە بولغان سېتىش تەدبىرىدىن بىرنى ئويلاپ چىققان، يەنى ئۇ نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنى ياللاپ، دافەن شەھىرىدىكى ھەربىر ۋېلسىپىت دۇكىنىغا ئۈچ دانىدىن چىراغ سوۋغا قىلغان. بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن سودىگەرلەر ناھايىتى تىزلا ئۇنىڭ شىركىتىگە مال ئالغىلى كەلگەن، بۇنىڭ بىلەن سوڭشىيا شىڭجىجۇمۇ خەتەر ئېغىزىدىن قۇتۇلۇپ ئۆزىنىڭ سودا ئىمپىرىيىسىنى قۇرۇپ چىققان.
سوڭشىيا شىڭجىجۇنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ئۇنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ئۆزىگە تەۋە بولغان شىركەتنى قۇرۇپ چىقىشى ئۇنىڭ ئۆزىگە ماسكېلىدىغان چىقىش يولىنى تېپىشقا ماھىرلىقى بىلەن، ھەمدە باشقىلار ئىلتىپات قىلغان«ھاسا» نى تاشلىۋەتكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئويلاپ باقايلى، ئەگەر سوڭشىيا شىڭجىجۇ دافەن شىركىتىدىكى نەتىجىسى بىلەن قانائەتلىنىپلا قالغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ كىيىنكى شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشى مۇمكىن بۇلارمىدى؟
نامراتلارنىڭ نامرات بولۇشىدىكى سەۋەب ئۇلاردا باشقىلار ئىلتىپات قىلغان«ھاسا» نى تاشلىۋەتكىدەك جاسارەت يوق. ئۇلار ھەمىشە باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىگە ياردەم قىلىپ ھەممىنى تەييار قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئالەمدە بېكارلىق نىمەت يوق،ر بار بولغان تەقدىردىمۇ ھېچقانداق تەمى يوق.شۇنىڭ ئۈچۈن نامراتلارنىڭ نامرات بولۇشى ناھايىتى تەبئىي ئەھۋال.
چىقىش يولى ھەممە جايدا بار، مەسىلە سىزنىڭ ئۇنى بايقىيالىشىڭىزدا. ھەربىر كەسىپتە چىقىش يولى بولىدۇ، ھامان مەلۇم بىر يول سىزگە ماس كېلىدۇ، باشقىلار ئىلتىپات قىلغان «ھاسا»نى ئېلىپ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تەمىتلەپ ماڭغاندىن كۆرە، ئۇنى چۆرۈپ تاشلاپ ئۆزىگە تەۋە بولغان يولنى ئىزدەپ تېپىش ئەۋزەلدۇر!
بايلىقنىڭ بايانى:
«ھاسا» ھەرگىزمۇ نامراتلارنىڭ ھەقىقىي قورالى ئەمەس، بايلارمۇ مۇستەقىل مېڭىشقا قادىر بولالمىغاندا «ھاسا» ئىشلىتىشنى تاللايدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ «ھاسا» ئىشلىتىشىدىكى سەۋەب تىزرەك يول مېڭىشنى ئۆگىنىش، ھەرگىزمۇ نامراتلارغا ئوخشاش «ھاسا» نى ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك قورالى قىلىۋېلىش ئەمەس. بايلار مۇستەقىل مېڭىشنى ئۆگەنگەن ۋاقىتتا،قانچىلىك ياخشى «ھاسا» بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ۋاز كېچىدۇ، چۈنكى ئۇلار «ھاسا» غا تايىنىپ ماڭغان كىشىلەرنىڭ ھەرگىزمۇ ئوزۇنغا يۈگۈرۈش چىمپىيونى بولالمايدىغانلىقىنى،كىشىلىك ھاياتنىڭ بىر ئوزۇنغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە ئوخشايدىغانلىقىنى، پەقەت باشقىلار ئىلتىپات قىلغان «ھاسا» نى تاشلاپ يۈگۈرگەن
دىلا چىمپىيون بولغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
نامراتلارھەمىشە «ھاسا» نى تاشلىۋەتكەندىن كىيىن ماڭىدىغان يول قالمايدىغاندەك ھېس قىلىدۇ، ئۇلار ماڭىدىغان يولىنى تاپالمىغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ماڭىدىغان يول ئۇلارنىڭ قەلبىدە مەۋجۇت. پەقەت جاسارەت بىلەن قارار قىلغاندىلا بۇ يولنى تېپىپ، چەكسىزكائىناتقا سەپەر قىل
غىلى بولىدۇ.
*****************************************
مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئويغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام
2014-يىلى .جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى