A-A+

ئىختىساسلىق خادىملارنى «ئوغرىلىماسلىق»، ئىشلىگۈسى كەلمىگەنلەرنى تۇتۇپ قالماسلىق كېرەك

2015-يىل 8-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 267 قېتىم

مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى

48cb3cfd-6653-4408-ab50-887c34a234ec

9-دەرس 9-پارىگىراپ

ئىختىساسلىق خادىملارنى «ئوغرىلىماسلىق»، ئىشلىگۈسى

كەلمىگەنلەرنى تۇتۇپ قالماسلىق كېرەك

بۈگۈنكى سودا جەمئىيىتى ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ ئېقىشى ناھايىتى تېز بولۇۋاتقان جەمئىيەت، بولۇپمۇ يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسپلەردە خىزمەت ئالماشتۇرۇش، ئىختىساسلىق خادىملارنى ئوغرىلاش ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال بولۇپ قالدى. بەزىلەر يۇقىرى مائاش ئۈچۈن ئىلگىرى ئۆزىنى بىر قوللۇق تەربىيەلىگەن شىركەتلەردىن ۋاز كېچىدۇ، بەزى كارخانىلار ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق «ئىختىساس ئىگىلىرى» نى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، پۇل، ھەتتا پاي ھوقۇقى قاتارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ ئۇلارنى جەلپ قىلىدۇ. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر رىقابەتچىسىنىڭ «ئىختىساس ئىگىلىرى» نى تارتىۋېلىشتىن خۇشاللىق تاپىدۇ. بىراق، مايۈننىڭ بۇنىڭغا قارىتا باشقىچە قارىشى بار.

ئىشلىگۈسى كەلمىگەنلەرنى تۇتۇپ قېلىش ۋە ئىختىساس ئىگىلىرىنى ئوغرىلاش ئەزەلدىن ئالى بابانىڭ قىممەت قارىشىغا ماس كەلمەيدۇ. مايۈننىڭ قارىشىچە، ئىختىساسلىق خادىملارنى ئوغرىلاش ئۇلارنى ساداقەتسىز، بويسۇنمايدىغان، ئىنسابسىز قىلىپ قويىدۇ. مايۈن بۇنىڭغا مۇنداق چۈشەنچە بەرگەن: «رىقابەتچىنىڭ قولىدىن تارتىۋالغان ئىختىساسلىق خادىم ئەسلىدىكى شىركەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى دەپ قويسا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى خوجايىنىغا سادىق بولمىغانلىق؛ ئەگەر ئۇ دېمىسە، ھازىرقى يېڭى شىركەتكە بويسۇنمىغانلىق بولىدۇ؛ ئۇنىڭغا ئەسلىدىكى شىركەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى دېگۈزمىگەن تەغدىردىمۇ، ئۇ خىزمەت جەريانىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن بۇلاردىن پايدىلىنىپ قالسا، ئۇ ھالدا بۇ خىزمەتچى ئىنسابسىز ھسابلىنىدۇ.

ئەلۋەتتە، «ئىختىساسلىق خادىملارنى ئوغرىلىماسلىق» دىكى سەۋەب مايۈننىڭ ئۆزىگە ناھايىتى ئىشەنگەنلىكىدە، ئۇ ھەر قانداق رىقابەتچىدىن قورقمايدۇ، ئەزەلدىن ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ رىقابەتچىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئولتۇرمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرگىزمۇ رىقابەتچىلىرىنىڭ «ئىختىساس ئىگىلىرى» نى ئوغرىلىمايدۇ. مايۈن مۇنداق دېگەن: «مەن ئادەم ئۆزى بىلەنلا ھەقىقىي رىقابەتلەشسە بولىدۇ دەپ قارايمەن، شۇڭا بىز رىقابەتچىلىرىمىزنى تەتقىق قىلىپ ئولتۇرمايمىز. پەقەت ئەتىنى، ئۆزىنى ۋە خېرىدارنى تەتقىق قىلىشلا ئاساس ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقتىلا ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ. رىقابەتچىنى تەتقىق قىلىش سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە خاس كۈچلۈك تۈرىڭىزنى يوقىتىپ قويغاچقا، سىز ئۆزىڭىزگە زىيانكەشلىك قىلغان ھېسابلىنىسىز.»

مايۈن ئالى بابانىڭ ئىختىساس ئىگىلىرىنى ئوغرىلىشىغا يول قويمايلا قالماستىن، يەنە باشقىلارنىڭ ئالى بابادىكى ئىختىساسلىقلارنى ئوغرىلىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ. مايۈندە ئىختىساسلىق خادىملارنى ئوغرىلاش مەسىلىسىگە نىسبەتەن كۈچلۈك تۈردىكى قارشىلىق ۋە ئەيبلەشنىڭ بولۇشى ئاساسسىز ئەمەس.

2005-يىلى ئالى بابا ياخۇنى سېتىۋالغان ۋاقىتتا، مايۈن تېخى غەلبە مېۋىسىنىڭ شېرىن ئۇيقۇسىدىن ئويغىنالمىغان ئىدى، بۇ ۋاقىتتا ياخۇ (جۇڭگو) گۇرۇھىدىكى بارلىق خىزمەتچىلەر دېگۈدەك ئىختىساسلىق خادىملارنى «ئوغرىلاش» قا دائىر تېلېفونلارنى تاپشۇرىۋالغان. مايۈن ئىشنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىپ مۇنداق دېگەن: «خۇددى دۇنيادىكى بارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى شىركەتلەر ياخۇ (جۇڭگو) گۇرۇھىغا ئىختىساسلىق خادىملارنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن كەلگەندەك قىلاتتى.» گەرچە مايۈن ئاخىرىدا ئالى بابانىڭ قىممەت قارىشىغا تايىنىپ قوشۇنىنى مۇقىملاشتۇرغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئىش مايۈننىڭ خاتىرىسىگە شۇ پېتى ئورناپ قالغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، مايۈن باشقا شىركەتلەردىكى ئىختىساسلىق خادىملارنى ئوغرىلاش مەسىلىسىگە نىسبەتەن قارىشى مەيدانىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن.

ئىختىساسلىق خادىملارنى ئوغرىلىماسلىقتىن سىرت، مايۈن يەنە ئۆزىنىڭ قوشۇنىنى باشقۇرۇش جەھەتتە «ئىشلىگۈسى كەلمىگەنلەرنى تۇتۇپ قالماسلىق» پىرىنسىپىنى قوللىنىپ كەلگەن، يەنى ئىستېپا بەرگەن خىزمەتچىلەرنى ئەزەلدىن تۇتۇپ قالمىغان. مايۈن بىلىدۇكى، خىزمەتچىلەرنىڭ سىزنى ئىستېپا سوراش ئۈچۈن ئىزدىشى ئۇنىڭ ئاللىقاچان ئويلاپ بولغانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا تۇتۇپ قېلىش ئاقىلانىلىك ئەمەس.

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، شى يۈجۇاڭ ۋە مايۈننىڭ قارىشى بىردەك. شى يۈجۇاڭ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق بۇ نوقتىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن. شى يۈجۇاڭ مۇنداق دېگەن: «دەسلەپتە مەن ئىستېپا بەرگەن خىزمەتچىلەرنى تۇتۇپ قالاتتىم، بىراق كېيىن مەن يەنىلا ئۇلارنىڭ بىرىمۇ قالمىغانلىقىنى كۆردۈم. ئەلۋەتتە خىزمەتچىلەر ئىستېپا بېرىش ئۈچۈن سىزنى ئىزدەپ كەلگەندە، سىز چوقۇم ئىككى نوقتىنى ئويلىنىشىڭىز كېرەك: بىرىنچى، مەندە مەسىلە بارمۇ-يوق؟ مېنىڭ كارخانامدا مەسىلە بارمۇ-يوق؟ مەسىلە بولسا دەرھال تۈزىتىش كېرەك؛ ئىككىنچى، ئۇنىڭ شىركەتتىن ئايرىلىشىدىكى سەۋەبنى ئېنىقلاش كېرەك، ئۇ نېمىشقا كېتىپ قالىدۇ؟ مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەلەيمەن؟ بىراق بۇنىڭدىكى مەخسەت ئۇنى تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن بولماسلىقى كېرەك.»

مايۈن ۋە شى يۈجۇاڭ ئۆزلىرىنىڭ كۆپ يىللىق تەجرىبىسى ئارقىلىق بۇ مەسىلىگە بولغان كۆز-قارىشىنى خۇلاسىلەپ چىققان. بىراق يەنە بىر قىسىم كارخانىلار ئىختىساسلىق خادىملارنى ئوغرىلاشقا مايىل بولۇپ، ھەمىشە باشقا كارخانىلاردىكى خىزمەتچىلەرنى ئۆز خىزمەتچىلىرىدىن ياخشى دەپ قارايدۇ. ئىختىساسلىق خادىملارنى ئوغرىلاش شىركەتتە ئىختىساسلىق خادىملار كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ۋاقىتلىق ھەل قىلالىسىمۇ، بىراق باشقۇرۇش ئىلمى نوقتىسىدىن قارىغاندا، سودا ساھەسىدىكى ھەر قانداق ئىش مۇكەممەل بولمايدۇ، بىز ئاۋال ئىختىساسلىق خادىملارنى ئوغرىلاشنىڭ يېتەرسىز تەرەپلىرىگە قاراپ باقايلى: ئوغرىلاپ كەلگەن ئىختىساسلىق خادىم شىركەتنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى چۈشەنمەيدۇ، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئاساسى يوق، ماسلىشىشقا بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىدۇ؛ باشقۇرغۇچى ئىختىساسلىق خادىمنىڭ ئەھۋالىغا نىسبەتەن چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس؛ ئوغرىلاپ كەلگەن ئىختىساسلىق خادىملار ئاسانلا ئىچكى قىسىمدىكى خىزمەتچىلەرنى زەربىگە ئۇچرىتىدۇ. ئىككىىسى ئوتتۇرىسىدىكى پايدا-زىياننى تەڭشەپ كۆرسەك بايقيالايمىزكى، ئىختىساسلىق خادىملارنى ئوغرىلاپ كېلىشكە ئەرزىمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھېچكىم بىز بۈگۈن ئوغرىلاپ كەلگەن ئىختىساسلىق ئادەمنىڭ ئەتە باشقىلار تەرىپىدىن ئوغرىلاپ كېتىلمەيدىغانلىقىغا كېپىللىك قىلالمايدۇ، سىز ئوغرىلاپ كەلگەن ئىختىساسلىق خادىم چوقۇم باشقىلار تەرىپىدىن ئوغرىلىنىدۇ! ئۇ ۋاقىتتا سىز قانداق قىلىسىز؟

تالانتلىق كىشىلەرنى ھەممەيلەن ياخشى كۆرىدۇ. كارخانا قۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم نوقتا: سىز شىركەت ئىدىيەسى ۋە قىممەت قارىشى ئارقىلىق تالانت ئىگىلىرىنى جەلپ قىلىشىڭىز كېرەك، ھەرگىزمۇ باشقىچە ۋاستىلەرنى قوللىنىپ ئىختىساسلىق خادىملارنى «ئوغرىلىماسلىق» ىڭىز كېرەك. ئوغرىلاپ كەلگەن ئىختىساس ئىگىسى سىزنىڭ شىركىتىڭىز ئۈچۈن ۋاقتىنچە كېرەكلىك بولىدۇ، بىراق ئۇ شىركىتىڭىزنىڭ ئىدىيە، قىممەت-قاراش ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئېتىراپ قىلمىسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئوغرىلىنىشى مۇقەررەر ئىش.

ئەلۋەتتە، خىزمەتچىلەر شىركەتتىن ئايرىلماقچى بولسا، سىز چوقۇم ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈپ بېقىشىڭىز كېرەك، سىز ئۇنى تۇتۇپ قالغان تەغدىردىمۇ، بىراق ئۇنى ئايرىلىشقا ئۈندەۋاتقان مەسىلە ھەل بولمايدىكەن، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ.

شۇ سەۋەبتىن، ئىختىساسلىق خادىملارنى ئوغرىلاش ۋە تۇتۇپ قېلىش مەسىلىسىدە «ئويۇن ئويناش» نىڭ ھاجىتى يوق. چوقۇم ۋاقىت چىقىرىپ قوشۇن باشقۇرۇشتا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلىش لازىم. بۇ «ئىختىساسلىق خادىم» كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتىكى تۈپكى ئۇسۇل.

ئاۋال، ئىختىساسلىق خادىم زاپىسىنى تولۇقلاش كېرەك. ئەسلىدىكى قوشۇن قۇرۇلۇشىنى مۇقىملاشتۇرغان ئاساستا، ئالدىن كۆرەر تىپىدىكى ئىختىساسلىق خادىم تەكلىپ قىلىش، تەربىيەلەش ۋە قىسقا مەزگىللىك خىزمەت ئورنىدا مەشىقلەندۈرۈش ئارقىلىق، كوللىكتىپنىڭ ئىختىساسلىق خادىم زاپىسىنى كۆپەيتىش كېرەك، بۇنداقتا ھەر قانداق رىقابەتچىنىڭ كېلىپ ئىختىساسلىق خادىملارنى ئوغرىلىشىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.

ئاندىن، كوللىكتىپنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئالاقىلىشىش ئارقىلىق ئۇچۇرلارنى خادىملار ئارىسىدا ئۆز-ئارا يەتكۈزۈش، خىزمەتچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى، دوستلۇقنى ۋە ئىتىپاقلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۆز-ئارا ھېسسىياتى كۈچلۈك، كۆڭۈل بۆلىدىغان قوشۇننى پارچىلاش ناھايىتى تەس.

ئۇنىڭدىن باشقا، مۇۋاپىقلاشقان تەكلىپ-پىكىر بېرىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مۇۋاپىقلاشقان تەكلىپ-پىكىر تۈزۈلمىسى خىزمەتچىلەرنى كارخانا باشقۇرۇشقا بىۋاستە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، باشقۇرغۇچى ۋە خىزمەتچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى دائىملىق ئالاقىنى ساقلايدۇ، خىزمەتچىلەرنىڭ قىزغىنلىقى ۋە شەرەپ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ نەتىجە يارىتىش ھېسىياتىنى قاندۇرىدۇ، خىزمەتچىلەرنىڭ بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، كارخانىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، بۇ ئارقىلىق «ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ ئوغرىلىنىش» ھادىسىسى يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا، خىزمەتچىلەرنىڭ كەسپى تەرەققىيات پىلانىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. قانچىكى مۇنەۋۋەر خىزمەتچىنىڭ شۇنچە مۇكەممەل كەسپى تەرەققىيات پىلانى بولۇشى كېرەك، بۇ ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاستە. خىزمەتچىلەرنىڭ كەسپى تەرەققىيات پىلانى ۋە خىزمەت چەكلىمە يېشى، خىزمەت نەتىجىسى قاتارلىقلارنى زىچ بىرىكتۈرۈپ، خىزمەتچىلەرگە ئۆزلىرىنىڭ شىركەتتىن نېمىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى، شىركەتتە قانداق تەرەققىي قىلالايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈش كېرەك.

مايۈننىڭ باشقىلارنىڭ ئالى بابادىكى ئىختىساسلىق خادىملارنى ئوغرىلاپ كېتىشىدىن قورقماسلىقىدىكى سەۋەب، ئالى بابا گۇرۇھى يۇقىرىدىكى بىر نەچچە نوقتىنى ياخشى قىلىپلا قالماستىن، ئالى بابانىڭ ھەر بىر خىزمەتچىسىنى خاتىرجەم خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرگەن، شۇنداق قىلىپ مايۈننىڭ باشقا «سەركە» لەرنىڭ ئىختىساسلىق خادىملارنى ئوغرىلاپ كېتىشىدىن قورقۇشىنىڭ ھاجىتى قالمىغان.

***************

مەنبە : چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى

<< مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى >> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى  شىركىتى – ئۇيغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ