قاشتىشى زىننەت بويۇملىرىنى تاقاشنىڭ پايدىسىنى بىلەمسىز ؟ (خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى 43)
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى
خوتەن قاشلىرىنى ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ئارزۇلاپ ،ئەتىۋالاپ ئىشلىتىپ كەلدى؟ئۇنىڭدىكى قانداق سېھرى كۈچ ئۇنى تارىم ۋادىسىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاتتى؟نېمە ئۈچۈن خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى يىلدىن يىلغا ئۆرلەپ ،ئىستىمالچىلار توپى توختاۋسىز كۆپۈيۈپ مېڭىۋاتىدۇ؟كىشىلەر خوتەن قاشلىرىنى نېمە مەخسەت-مۇدىئالار بىلەن سېتىۋالىدۇ؟ئۇنىڭ ئىنسان ماددىيىتى ۋە مەنىۋىيىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى نېمە؟؟؟...
يۇقارقىدەك نۇرغۇن سۇئاللارغا خوتەن قاشتېشىنىڭ ئۆزىدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تېپىش مۈمكىنچىلىكى يوق.چۈنكى ئۇ گۈھەر تاشلارغا خاس ئاددىي بىر قېزىلما بايلىق،خالاس...
يۇقارقى سۇئاللارغا توغرا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن چۇقۇم ئۇزاق تارىخ جەريانىدا شەكىللەنگەن كۆپ قاتلاملىق ،كۆپ مەنبەلىك خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى ئەتراپلىق چۈشۈنۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ئەقىدە قاشگەرلىكىمىز <<خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى >>سەھىپىمىز ئارقىلىق خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى رەتلەپ ،توپلاپ ،تەرجىمە قىلىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.
قاشتىشى زىننەت بويۇملىرىنى تاقاشنىڭ
پايدىسىنى بىلەمسىز ؟
تەرجىمان:باشلان ئۈندىدار سالونىنىڭ باشلىقى ، قاشگەر ياقۇپجان
1.قاشتېشى زىننەت بۇيۇملارنى تاقىغاننىڭ بەدەنگە قانداق
پايدىسى بار؟
خىمىيەلىك ئانالىزغا ئاساسلانغاندا،قاشتىشى تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق بولغان مىكرو ئىلمىنىتلار بولۇپ ،گەرچە بۇ ئىلمىنىتلارنىڭ مىقدارى ناھايىتى ئاز بولسىمۇ قاشتېشىنى ئۇزۇن مەزگىل تاقىغاندا تىرە ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق تەسىرلەرنى ئىلىپ كىلىدۇ. يەنىقاشتېشى تەركىبىدىكى سىنىك ، ماگنىي ، مىس ، سېلېن ، خرۇم ، مانگان،كوبالت قاتارلىق مىكرو ئىلمىنىتلار تىرە ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە سۈمۈرىلىدۇ،بۇ ئىلمىنىتلار ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرە توقۇلمىلارنى تۈزىدىغان ،ئادەمنىڭ ئىمونت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان مۇھىم
ئىلمىنىتلاردۇر.
خەنزۇلار داۋاملىق دەيدىغان ‹ئادەم قاشتىشىنى ئەزىزلىسە،قاشتىشىمۇ ئىگىسىنى موھتاجلىققا دۇچار قىلمايدۇ› 人养玉,玉养人 دىگەن ئىبارە بەلكىم يۇقارقىدەك ئىلمى ئاساسقا ئىگە بۇلۇشى مۇمكىن. بۇرۇنقى دەۋىرلەردىن تارتىپ خەنزۇ تىۋىپلىرى‹ھىچقانداق دورا ساقايتالمىغان بىمارلار داۋاملىق قاشتىشى تاقىسا،ساقىيىدۇ›دىگەنىكەن .ئۇزۇن مەزگىل قاشتېشى بۇيۇملىرىنى تاقىغاندا ،ئادەم بەدىنى قاشتېشى بۇيۇملىرى تەرىپىدىن غىدىقلىنىپ ، نىرۋىلارنى ياخشىلايدۇ.
ھەمدە يۇقىرىدا ئىيىتقان ئىلىمىنىتلار ئادەم بەدىنىگە ئۆتۈپ ، ئورگانىزىملارنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ،
ئەلۋەتتە خوتەن قاشلىرىنى كىسەل داۋالاشقا ئىشلىتىش بىزنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتىمىزگىمۇ يات ئۇقۇم ئەمەس،ئۇيغۇر تىۋىپلىرىمۇ خوتەن قاشلىرى،مەرۋايىت،ئالتۇن ،كۈمۈشلەرنى كىسەل داۋالاشقا ئىشلەتكەن. جوڭگۇنىڭ قەدىمكى زامان سۇلالىرىنىڭ خان جەمەتىدىكىلەر خوتەن قاشلىرىنى بەكمۇ ئۇلۇغ بىلگەن،خوتەن قاشلىرى ئوردىلاردا شاھانە بۇيۇم بولۇپ قەدىرلەنگەن.
يۇقارقىلاردىن بىز خوتەن قاشلىرىنىڭ نەقەدەر قىممەتلىق گۆھەر ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. خەنلەرنىڭ ئەل ئىچى تەجرىبىلىرىگە ئاساسلانغاندا خوتەن قاشلىرى
تۆۋەندىكىدەك ئىقتىدارلارغا ئىگە ئىكەن:
خوتەن ئاق قاش 和田白玉 : نىرۋىنى تىنىچلاندۇرۇپ،بەدەننى ئارام ئالدۇرۇش
خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
خوتەن كۆك قاش 和田青玉 : بالائىي قازادىن ساقلاپ روھىنى ئۇرغۇتىدۇ.
كۆكتارغاق 翡翠 : نەپەسلىنىش يولى سېستىمىسىنى تازلاپ ئادەمنى خۇشخۇي قىلىدۇ.
شىيۇۋيۈ قاشتېشى 岫岩石 (شيۇ يەن شى ياكى شيۇ يەن قاشلىرى) :
ئەرلەر كىسەللىكىگە پايدا قىلىدۇ .
دۈشەن قاشتېشى 独山玉 : ئۆپكىنى سىلىقلاپ ، بەدەندىكى ئىسسىقنى ھەيدەپ كۆرنى
روشەنلەشتۈرىدۇ.
ھىقىق 玛瑙 : بەدەندىكى ئىسسىق ھارارەتنى ياندۇرىدۇ.
ئاسار-ئەتىقە تۈسىدىكى قاشلار 老玉 : زەھەر ياندۇرۇش،قاپارىتما ئىششىقلارنى ياندۇرۇش قاتارلىقخۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
2.قاشتېشى زىننەت بويۇملارنىڭ دەرىجىگە ئايرىلىشى
ئادەتتە قاشتېشىدىن ئويۇلغان بويۇملار A، B، C قاتارلىق ئۈچ دەرجىگە بۆلۈنىدۇ.
A
دەرىجىلىك زىننەت بۇيۇملار سۈپەت جەھەتتىن ئىلىپ ئىيىتقاندا سۈپىتى ئەڭ ياخشى ،ئىچكى قۇرۇلمىسى پاكىز،تەبىئى بولغان قاشتاشلاردىن ئويۇلغان زىننەت بۇيۇملىرىنى كۆرسىتىدۇ،بۇ خىل زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى ناھايىتى قىممەت بولىدۇ.
B
دەرىجىلىك زىننەت بويۇملار سۈپەت جەھەتتە ئادەتتىكىچە بولۇپ ، قاشتېشىدىكى تەبىئى نوقسانلار خىمىيەلىك ئۇسۇلدا يوقىتىۋېتىلگەن قاشتاشلاردىن ياسالغان بۇيۇملارنى كۆرسىتىدۇ.بۇنىڭ باھاسى تۆۋەنرەك بولىدۇ.
C
دەرىجىلىك زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ رەڭگى ياخشى ئەمەس،نوقسىنى پەۋقۇلادە كۆپ. بۇ زىننەت بۇيۇملىرى بىر يۈز ئون سىلىتسىيە گىرادۇسلۇق تىمپۇراتۇرىدا مانگان تۇز سۈيىگە بىر ئىككى كۈن چىلاپ قويساقلا ،نوقسانلىرى يوقاپ ،لازىملىق رەڭدىكى قاشتېشىغا ئىرىشكىلى بولىدىغا ن،بىر مەزگىل تاقىغاندىن كىيىن سۈنئىي ياسىغان رەڭگى ئۆڭۈپ كىتىدىغان قاشتاشلاردىن ياسىغان بويۇملارنى كۆرسىتىدۇ،بۇ ئانچە بۇلغا يارىمايدىغان بۇيۇم بولۇپ ، ساقلاش
قىممىتى يوق. نۆۋەتتە بازاردا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى كىيىنكى ئىككى دەرىجىدىكى
قاشتېشى بويۇملاردىن ئىبارەت.
3.قاشتېشى بويۇملارنى تاقاشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
ھەممە ئادەم ئۆزىنىنىڭكىنىلا تاقاش،ئۈچ ئايدىن ئارتۇق تاقىغان زىننەتلىرىنى باشقىلارغا سوۋغا قىلماسلىق ... بۇ ھەممە ئىتراپ قىلغان ئۇقۇم.ئۇندىن باشقا بەزى كىشىلەر بەك قەدىمى قاشتېشى بويۇملىرىنى تاقىماسلىق،قان يۇقى قاشتېشى بۇيۇملارنى تاقىماسلىق ،بىر نەچچە قاشتېشى بويۇملىرىنى تەڭلا تاقىۋالماسلىق كىرەك دەپ قارايدۇ.
مەزكۇر يازما خەنزۇچە سالۇندىن ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىندى ،
بەزى مەزمۇنلىرى قىسقارتىلدى، بەزى مەزمۇنلار ئەسلى يازمىدا
يوق بولۇپ تولۇقلاپ يىزىلدى.
2015-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى