ئاۋۋال خېرىدارلار پۇل تېپىشى كېرەك
مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى
9-دەرس 2-پارىگىراپ
ئاۋۋال خېرىدارلار پۇل تېپىشى كېرەك
ئالى بابا تور بېكىتىدە ئىلگىرى مۇنداق بىر فىلىم بولۇپ ، ئۇنىڭدا ئالى بابا ئىنتېرنېت سودىگەرلىرىنىڭ تۈرلۈك-تۈمەن ئۆزگىرىش ھادىسىلىرى ۋە «ئالى بابانىڭ زاكاس قوبۇل قىلىش، بەش باسقۇچ ئارقىلىقلا سودىنى پۈتتۈرۈش» ھەققىدىكى بايانلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. مەزكۇر فىلىمدە يەنە «شىركەت پۇل تېپىشى ئۈچۈن ئاۋال چوقۇم سودىگەرلەرگە پۇل تېپىش پۇرسىتى بېرىش كېرەك» دېگەن تىجارەت ئىدىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.
بۇ جۈملىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىدىغان بولساق ئۇنىڭدىكى قائىدىنىڭ ناھايىتى روشەن ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. ئەگەر سودىگەرلەر سىز تەمىنلىگەن سەھنە ئارقىلىق پۇل تاپالمىسا، ئۇنداقتا سىز نېمىگە تايىنىپ سودىگەرلەرنى شىركەتكە كېلىپ توپ مال تارقىتىشقا قىزىقتۇرالايسىز؟ ھەمدە قانداق قىلىپ سودىگەرلەرنى شىركەتنىڭ مەھسۇلاتىنى تەشۋىق قىلىشقا يېتەكلىيەلەيسىز؟ بازاردا مەڭگۈ مەھسۇلات كەمچىل بولمايدۇ، پەقەت مەھسۇلاتقا بازار كەمچىل بولىدۇ. سودىگەرلەر پۇل تاپالىغاندىلا ئاندىن سىزنىڭ كارخانىڭىزغا سادىق بولىدۇ، پۇل تاپالمىغاندا سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىز ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ سادىق بولۇشى ناتايىن.
ئالى بابا ئىزچىل «شىركەت پۇل تېپىش ئۈچۈن ئاۋال سودىگەرلەر پۇل تېپىشى كېرەك» دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرغان. مايۈن تاۋباۋ تور بېكىتىنى قۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئۇ تاۋباۋنى يۈرۈشتۈرۈش ئىشلىرىغا مەسئۇل سۈن دەنيۈگە مۇنداق دېگەن: «بىزدە ئۈچ يىلغىچە پايدا ئېلىش تەييارلىقى بولماسلىق كېرەك.» بۇ گەپنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك ھەيران قالغان. ھەر بىر سودىگەر شۇنى بىلىدۇكى، كارخانىغا نىسبەتەن پايدا ئالالماسلىق چىقىش يولىنىڭ يوقلۇقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بولۇپمۇ ئىنتېرنېتتىن ئىبارەت بۇ سودا ئۇرۇشىدا كارخانىچىلار بەس-بەستە پايدا ئېلىش بوشلۇقى ۋە پايدا ئېلىش ئەندىزىسىنى ئىزدەيدۇ، ئەمما مايۈن نېمىشقا بۇنىڭغا قارىشى يول تۇتىدۇ؟
ئالى بابانىڭ ئالدىنقى ئۈچ يىللىق بارلىق مۇلازىمەتلىرى ھەقسىز بولۇپ، تاۋباۋ تور بېكىتىمۇ دەل شۇندا ئىدى، بۇ بىر كارخانىنىڭ تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسى، بىر ماركىنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانى ئىدى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، جۇڭگونىڭ شەخسلەر ئارا تور سودىسى تېخى دەسلەپكى باسقۇچتا بولۇپ، پەقەت ئومۇميۈزلۈك ھەقسىز مۇلازىمەتنى يولغا قويغاندىلا، ئاندىن تېخىمۇ كۆپ «تور خېرىدارلىرى» نى يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولاتتى. ئويلىغاندەك «تاۋباۋ تور بېكىتى داۋاملىق ھەقسىز مۇلازىمەت يولغا قويۇپ، ئۈچ يىل ئىچىدە پايدا ئېلىشقا تەييارلىق قىلمايدۇ» دېگەن خەۋەر ئاۋامغا تازا خۇشياققان.
بىراق نۇرغۇنلىغان كەسپ ئەھلىلىرى مايۈننىڭ بۇنداق تەلۋىلەرچە ئۇسۇلىنى چۈشەنمىگەن، ھەتتا مۇتلەق كۆپ قىسىمى مايۈننى زىيان تارتىدۇ دەپ قارىغان. سىرتتىكى كىشىلەرنىڭ تاۋباۋ تور بېكىتىنىڭ پايدا يارىتىش ئىقتىدارىغا بولغان گۇمانىغا نىسبەتەن مايۈن مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «چوڭ كۆلەمدە ھەق يىغىدىغان ۋاقىت تېخى كەلمىدى، نۆۋەتتىكى شەخسلەر ئارا تور سودىسى تور بېكەتلىرى قوللىنىۋاتقان ھەق يىغىش ئۇسۇلى جۇڭگونىڭ ئەھۋالىغا ماس كەلمەيدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئېيىتقاندا، بىزدە يېتەرلىك ئىشەنچ ۋە جاسارەت بار، ئالى بابانىڭ نۆۋەتتىكى پەيدا يارىتىش ئىقتىدارى ۋە نەق پۇل زاپىسىدىن قارىغاندا، بىز تاۋباۋ تور بېكىتىگە ئوخشاش تور بېكەتتىن ئۈچنى قۇرۇپ چىقالايمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالى بابا ئۈچ يىل ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىشنى يولغا قويغان.»
مايۈن دائىم مۇنداق دەيدۇ: «بىز پۇل خەجلەش بىلەن پۇل كۆيدۈرۈشنىڭ پەرقىنى بىلىمىز، بىز پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ كىچىك پۇل تېپىش بىلەن كەلگۈسىدە چوڭ كۆلەمدە پايدا يارىتىش ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى چۈشىنىمىز. ئەگەر بىر ئادەم كاللىسىدا خەلق پۇلىنى ئويلسا، كۆزىگە پەقەت دوللار كۆرۈنسە، ئېغىزىدا توختىماستىن (فوندسىتېرلىڭ) دەپ دۇرۇت ئوقۇسا، بۇنداق ئادەم ھەرگىزمۇ خېرىدارنىڭ ئېھتىياجىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويالمايدۇ.» پەقەت ئۆزىنىڭ پايدىسنىلا ئويلىماستىن، ئاۋال خېرىدارغا پۇل تېپىش پۇرسىتى بەرگەندە، ئاندىن خېرىدارنى ئۇزۇن ۋاقىت تۇتۇپ تۇرغىلى بولىدۇ، ئۆزىمۇ چوڭ پۇللارنى تاپالايدۇ. باشقىچە ئېيىتقاندا «خېرىدارلارنى پۇل تاپقۇزۇش دېگەنلىك ھەرگىزمۇ خېرىدارنىڭ يانچۇقىدا بەش يۈەن بولسا بىز ئۇنىڭدىن بىر يۈەننى ئېلىۋالىمىز دېگەنلىك ئەمەس، ئەكسىچە خېرىدارغا ياردەملىشىپ ئۇلارنىڭ يانچۇقىدىكى بەش يۈەننى 500 يۈەنگە، ھەتتا تېخىمۇ كۆپ پۇلغا ئايلاندۇرۇش، بۇ ۋاقىتتا خېرىدارلار ئاندىن سىزگە 50 يۈەن بېرىشكە رازى بولىدۇ.» بۇ دەل مايۈننىڭ «ھەقسىز مۇلازىمەت» دىن پايدىلىنىپ خېرىدارلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش نوقتىسى.
بۇنىڭدىن باشقا، مايۈن يەنە بىر تەرەپتىن ئويلاشقان. ئۇنىڭ قارىشىچە، «ھەقسىز مۇلازىمەت» ھەر بىر بۆلۈمگە پايدا يارىتىش بېسىمى ئېلىپ كەلمىگەن. تور بېكەتنى يۈرۈشتۈرۈش بۆلۈمىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى تور بېكەتنى تېخىمۇ ئاددى، ئىشلىتىشكە قولايلىق قىلىش ۋە خېرىدارلارغا يېقىنلىق تۇيغۇسى بېرىشتىن ئىبارەت؛ تېخنىكا بۆلۈمىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئۇلار تور بېكەتنى تېخىمۇ مۇقىم، تېخىمۇ بىخەتەر بولغان تور سودىسى سەھنىسىگە ئايلاندۇرۇشى لازىم؛ بازار بۆلۈمىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەزىپىسى زور كۈچ بىلەن توردىن مال سېتىۋېلىش قارىشىنى ئومۇملاشتۇرۇش، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى توردىن مال سېتىۋېلىشتىن ئىبارەت بۇ جەريانىغا قاتناشتۇرۇشتىن ئىبارەت.
مايۈننىڭ يىراقنى كۆرەرلىكىدىن ئۇنىڭ ئەقل-پاراسىتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مايۈن شۇنى بىلىدۇكى، «ھەقسىز مۇلازىمەت» تاۋباۋ تور بېكىتىنىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىپ كېلەلەيدۇ. ئۈچ يىللىق ھەقسىز مۇلازىمەت سىياسىتى تاۋباۋ تور بېكىتىنى ئالى باباغا ئوخشاشلا ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار كېلىشنى ناھايىتى خالايدىغان تور سودا سۇپىسىغا ئايلاندۇرغان. بۇ ۋاقىتتا ئىلگىرى مايۈننىڭ تەدبىرىدىن گۇمانلانغان كىشىلەر مايۈننىڭ ھەقىقىي مەخسىتىنى ھېس قىلىپ يەتكەن: ئەسلىدە مايۈن ئاللىقاچان ئۆز كۆڭلىدە چوت سوقۇپ بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەقسىز مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشتىكى مەخسىتى خېرىدار يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى.
ئەمەلىيەتتە مايۈننىڭ ئويىدىن ئۇنىڭ تاۋباۋ تور بېكىتىنى ھەقسىز قىلىشتىكى مەخسىتىنىڭ ئۆزى ئۈچۈنلا ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئەگەر بىر ئادەمنىڭ كارخانا قۇرۇشتىكى ئاخىرقى مەخسىتى پايدا ئېلىش دېيىلسە، مايۈنمۇ دەل شۇنداق. مايۈننىڭ ئىزچىل ھەقسىز مۇلازىمەتنى يولغا قويۇشىدىكى سەۋەب، خېرىدارلارنىڭ كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ ئىشەنچلىك سودىگەر ئوبرازىنى تىكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە «ئۇزۇن يولدىن پايدىلىنىپ دۆلەتنى قۇتقۇزۇش» ئۈچۈندۇر. مايۈن مۇنداق دېگەن: «بۇنچىلىك كۆپ پۇلنى جۇغلاشتىكى مەخسىتىمىز بىر مەيدان سودا جڭى ئۈچۈندۇر.» مايۈننىڭ گەپ-سۆزلىرىدىن بىز شۇنى بىلەلەيمىزكى، ئۇنىڭ نىشانى بالدۇرلا جۇڭگو بازىرىدا ئۇزۇن يىل تۇرغان، ھەق يىغىش جەھەتتە ئەمدىلا «كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرۈۋاتقان» eBay ئىدى.
تاۋباۋ قوزغىغان ھەقسىز مۇلازىمەت سىياسىتى ئەمەلىيەتتە eBay غا قارىتىلغان: ئەگەر eBay ھەقسىز مۇلازىمەتنى يولغا قويمىسا، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ زور مىقداردىكى ئىشلەتكۈچىلىرى تاۋباۋ تور بېكىتىگە ئېقىپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، دۆلەت ئىچىدىكى شەخسلەر ئارا تور سودىسى بازىرىدا، ھەقسىز مۇلازىمەت يولغا قويغان تاۋباۋ تور بېكىتى خېرىدار يېتىشتۈرۈشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەق يىغىشنى باشلىغان eBay تور بېكىتىگە جەڭ ئېلان قىلغان ئىدى.
«شىركەت پۇل تېپىش ئۈچۈن ئاۋال خېرىدارلار پۇل تېپىشى كېرەك.» دەيدىغان تىجارەت ئىدىيەسى -كارخانا تىجارەت ئىدىيەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە تىجارەت ئىدىيەسىدىكى بىر قېتىملىق ئىسلاھات! خېرىدار نوقتىسىدا تۇرۇپ تىجارەت قىلىش، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن خېرىدارلار ئۈچۈن پۇل تېجەش كېرەك، خېرىدارلار پۇل تاپقاندىلا ئاندىن بىزمۇ پۇل تاپالايمىز. ھازىرقى جەمئىيەتتە زور مىقداردا پايدا ئېلىش ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، رىقابەت ناھايىتى كەسكىن بولۇۋاتقان بۇ دەۋردە، بىز پايدا ئېلىشتا يول قويساق بولىدۇ، ئەمما ھەرگىز بازارنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ. خېرىدارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ مەسىلىلەرنى ئويلاش، تەننەرخنى ئازايتىش كېرەك، خېرىدار پۇل تاپسا، بازار ئېچىلسا، ئاندىن شىركەتمۇ تەبئىيلا پۇل تاپالايدۇ.
****************
مەنبە : چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى
<< مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى >> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى– ئۇيغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى