A-A+

بايلار يېڭىلىق يارىتىدۇ

2016-يىل 21-مارت مىليادىرلار باھا يوقكەن زىيارەت: 343 قېتىم

t01761ad77f73dda878

سۈرەتتە : دۇنيادىكى 15-چوڭ مىليادىر ، روسىيە سودا ماگىناتى،چېلسى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ خوجايىنى رومان ئابراموۋىچ


ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى

نامراتلار كونا قائىدىلەرگە ئېسىلىۋالىدۇ، بايلار

يېڭىلىق يارىتىدۇ

كونا قائىدىلەرگە ئېسىلىۋېلىش دىگىنىمىز -كونا ئادەتلەرگە چوقۇنۇش، كونا ئادەتلەرنى دەۋر قىلىپ چۆرگىلەش، ئىسلاھ قىلماسلىق، يېڭىلىق يارىتىش روھى كەمچىل بولۇش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ قارىمۇ – قارشى سۆزى بولسا «كونىنى بۇزۇپ، يېڭىنى تىكلەش»، يەنى كونا قائىدىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى يىتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت. قارىماققا ئاددى بولغان بۇ ئىككى جۈملە بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.

بايلىقنى قوغلىشىش جەريانىدا، نامراتلار ھەمىشە بايلارنىڭ ئارقىدا قالىدۇ. چۈنكى ئۇلار كونا قائىدىلەرگە ئېسىلىۋالغاچقا، ھەمىشە ئۆزىنىڭ يولىنى ئۆزى توسۇپ قويىدۇ.ئۇلاردا يېڭىلىق يارىتىش روھى كەمچىل بولىدۇ، ئۇلار ماشىنا ئادەملەردەك  بۇرۇنقى تەجىرىبىلەرگە تايىنىپ مەسىلىلەرنى ئويلايدۇ ۋە شۇ بويىچە ئىش قىلىدۇ.

كۆپچىلىك تەجرىبە، قائىدىلەرنىڭ ئەسلىدىنلا مۇقىمسىزلىق ۋە چەكلىمىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئىلگىرى شەكىللەنگەن كونا قائىدىلەرگە ئېسىلىۋالغاندا، تەپەككۇرنىڭ چېكىنىشىنى، ئىزىدا تۇرۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ھال  دەل بايلىق يولىدىكى «يول توسار باتۇرلار>>، «يول توسقۇچى قورام تاشلار» دۇر.

ھاياتتا يوللار ناھايىتى كۆپ، ئەگەر ھەمىشە باشقىلارنىڭ ئاياغ ئىزىغا قاراپ ماڭسا، ھاياتتاچوڭ ئىلگىرىلەش بولمايدۇ. پەقەت كونا قائىدىلەرنى بۇزۇشقا جۈرئەت قىلىپ، باشقىلارمېڭىپ باقمىغان يوللاردىن ماڭغاندىلا ئاندىن بايلىق قەسىرىنىڭ كىرىش بېلىتىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ۋاڭ خۇڭخۇەي ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىككى مىليوندىن ئارتۇق يىغىۋالغۇچىلارغا ئوخشاش بالدۇر ئۆيدىن چىقىپ كەچ قايتاتتى. كۈندە كېرەكسىز قۇتا، خاشو بوتولكىلارنى تىرىپ تۇرمۇشىنى قامدايىتتى. گەرچە كېرەكسىز نەرسىلەرنى تىرىدىغان ئىش قىلسىمۇ،بىراق ئۇ كاللىسىدا ھازىرقى ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلايىتتى. ئۇ بىر كۈنى تۇيۇقسىز شۇنداق ئويلاپتۇ: بىر قۇتىنى تەرسەك نەچچە پۇڭغا ساتقىلى بولىدۇ، ئەگەرئۇنى ئىرىتىپ مېتال ماتېرىيال سۈپىتىدە ساتسا كۆپ پۇلغا ساتقىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ؟

شۇلارنى ئويلاپ، ۋاڭ خۇڭخۇەي بىر پاسىلداق قۇتىنى كىسىپ ئۇنى ۋېلسىپىتنىڭ قوڭغۇراق ياپمىسىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈپتۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇتا قوڭغۇراق ياپقۇچ چوڭلۇقىدىكى كۈمۈش رەڭلىك مىتالغا ئايلىنىپتۇ. ئۇ 600 يۈەن خەجلەپ ئۇنى شەھەردىكى رەڭلىك مېتال تەتقىقات ئورنىغا ئاپىرىپ خىمىيىلىك تەجرىبە قىلدۇرۇپتۇ. تەجرىبە نەتىجىسى چىققاندىن كىيىن، ۋاڭ خۇڭخۇەي خۇشاللىق بىلەن بايقاپتۇكى، بۇ ئەسلىدە قىممەت باھالىق ئاليۇمىن – ماگنىي ئارلاشمىسى ئىكەن!

بۇ خىلدىكى قېتىشما ئەينى ۋاقىتتا ناھايىتى بازارلىق بولۇپ، ھەر بىر توننىسىنى 14000دىن 18000يۈەنگىچە ئالاتتى. ۋاڭ خۇڭخۇەي ھېسابلاپ كۆرۈپ، ھەر بىر پاسىلداق قۇتىنىڭ 18.5گرام، بىر توننا بولسا 54 مىڭ دانە قۇتا بولىدىغانلىقىنى،  پاسىلداق قۇتىنى ئىرىتىپ ئاليۇمىن – ماگنىي بىرىكمىسىگە ئايلاندۇرۇپ ساتسا بىۋاستە ساتقانغا قارىغاندا بەش – ئالتە ھەسسە كۆپ پايدا ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقاپتۇ. ۋاڭ خۇڭخۇەي بۇنىڭدا ناھايىتى زور يوشۇرۇن پايدا بارلىقىنى ھېس قىلىپ، پاسىلداق قۇتىلارنى يىغىۋېلىپ ئىرىتىپ سېتىشنى قارار قىپتۇ.

پاسىلداق قۇتىلارنى تىزراق يىغىۋېلىش ئۈچۈن،ۋاڭ خۇڭخۇەي پاسىلداق قۇتىلارنىڭ يىغىۋېلىش باھاسىنى ئەسلىدىكى نەچچە پۇڭدىن بىرمو تۆت پۇڭغا ئۆستۈرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ پاسىلداق قۇتىلارنى يىغىۋېلىش باھاسى بىلەن يىغىۋېلىش ئورنىنى كىچىك كارتىغا بېسىپ، كېرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىدىغان ئوخشاش كەسىپتىكى كىشىلەرگە تارقىتىپتۇ.

بىرھەپتىدىن كىيىن ئۇ سېتىۋېلىش مەيدانىغا كەلگەندە، كۆز ئالدىدىكى مەنزىرە ئۇنى ناھايىتى ھەيران قالدۇرۇپتۇ. نۇرغۇن كىشىلەر پاسىلداق قۇتىلار لىق بېسىلغان ئۈچ چاقلىق موتوسىكىلىتلاردا ئۇنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن.بۇ قېتىم ۋاڭ خۇڭخۇەي130 مىڭ دانە پاسىلداق قۇتا يىغىۋالغان بولۇپ،  ئىككى يېرىم توننىدىن ئارتۇق ئىكەن.

ئۇنىڭدىن كىيىن، ۋاڭ خۇڭخۇەي دەرھاللا مېتاللارنى قايتا پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇپتۇ.بىر يىلنىڭ ئىچىدە بۇ زاۋۇت ئارقىلىق 240 توننىدىن ئارتۇق ئاليۇمىن بىرىكمىسى ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئۈچ يىل ئىچىدە 2 مىليون يەتتە يۈز مىڭ يۈەن كىرىم قىلىنىپتۇ.ۋاڭ خۇڭخۇەيمۇ بىر يىغىۋالغۇچىدىن بىر مىليونىرغا ئايلىنىپتۇ.

ۋاڭ خۇڭخۇەي نېمىشقا نۇرغۇنلىغان يىغىۋالغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ بايلارنىڭ قاتارىغا قوشۇلالايدۇ؟ كۆپ قىسىم يىغىۋالغۇچىلارنىڭ نەزىرىدە ئۆزىنىڭ خىزمىتى پەقەت كېرەكسىز مەھسۇلاتلارنى يىغىۋېلىش، ھەمدە ئۇنىڭدىكى باھا پەرقىدىن پايدىلىنىپ ئائىلىسىنى بېقىش بولۇپ، كېرەكسىز نەرسىلەرنى ئۆزگەرتىپ ياساش ئۇلار ئويلايدىغان ئىش ئەمەس.

ئەمما ۋاڭخۇڭخۇەي ئوخشىمايدۇ، ئۇ ھەمىشە كونا تەپەككۇرنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلۇشنى ئويلايدۇ.شۇڭا ئۇ  كېرەكسىز نەرسىلەرنى ئۆزگەرتىپلا قالماستىن، يەنە ئۆزگەرتىپ بولغاندىن كىيىن خىمىيىلىك تەكشۈرۈش ئورنىغا ئەۋەتىشنىمۇ بىلگەن، بۇلارنى «كونا قائىدىلەرگە ئېسىلىۋالغان» باشقا يىغىۋالغۇچىلار قىلالمايدۇ.

بۇ جايغا كەلگەندە، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىمۇ ئالدىمىزدىكى سۇئالغا جاۋاب تېپىلىپ بولدى. بۇ دەل نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق: نامراتلار كونا قائىدىلەرگەئېسىلىۋالىدۇ، بايلار يېڭىلىق يارىتىدۇ.

قەدىمكى ۋەھازىرقى جۇڭگو – چەتئەل بايلىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ھەممىسى يېڭىلىق ياراتقان، يول ئاچقان كىشىلەر.ئۇلار كونا قائىدىلەرگە جەڭ ئېلان قىلالايدىغان تەپەككۇر شەكلىگە ئىگە بولۇپ، دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان كونىلىقنى يېڭەلەيدىغان جاسارىتى بار، ئۇلار شۇ ئارقىلىق باي بولىدىغان پۇرسەتنى ئىگەللىيەلەيدۇ.

فرانسىيەلىك ھۆسىن تۈزەش بويۇملىرى سودىگىرى ئېۋان. لول دەل بۇنىڭ تىپىك ۋەكىلى.

دەسلەپتە گۈلنى ياخشى كۆرىدىغان ئېۋان ئۆزىنىڭ دۇكىنىدا تىجارەت قىلاتتى. 1958 – يىلى، بىرقېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە ئېۋان بىر ياش ئايال دوختۇردىن چىش پاستىسىنىڭ ئالاھىدە رېتسىپىغا ئېرىشىدۇ، ئېۋان بۇ رېتسىپقا ناھايىتى قىزىقىپ قالىدۇ. ئۇ كۆڭلىدە مۇنداق ئويلايدۇ: ئەگەر گۈلنىڭ خۇش پۇرىقىنى بۇ خىل چىش پاستىسىغا كىرگۈزەلىسەك، چوقۇم ناھايىتى قارشى ئېلىشقا ئېرىشىدۇ.

بۇ ئوي پەيدا بولغاندىن كىيىن، ئېۋان بۇ رېتسىپ ۋە ئۆزىنىڭ گۈلگە بولغان چۈشەنچىسىگە تايىنىپ، بىر خىل پۇرىقى ئۆزگىچە بولغان ئۆسۈملۈك مېيىنى ياساپ چىقىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ساتقىلى چىققاندا، نەچچە يۈز قۇتا مەھسۇلات بىر نەچچە كۈندىلا سېتىلىپ تۈگەيدۇ.

ئېۋان يەنەگۈل بەرگى ۋە ئۆسۈملۈكتىن پايدىلىنىپ گىرىم بويۇملىرى ياساشنى ئويلايدۇ. ئۇ گۈلبەرگىدىن پايدىلىنىپ گىرىم بويۇملىرى ياسىغاندا باشقىلارغا يېڭىچە زوق بەخش ئەتكىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە گۈل بەرگىنىڭ كېلىش مەنبەسى كۆپ، تۈرىمۇ مول بولغاچقا، بازار ناھايىتى ياخشى بولاتتى.

شۇنداق قىلىپ، ئېۋان گىرىم بويۇملىرى سودىگەرلىرىنى ئۇنىڭ تۈرىگە مەبلەغ سېلىشقا كۆندۈرۈشكە باشلايدۇ، ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەر گۈل ۋە ئۆسۈملۈكتىن پايدىلىنىپ گىرىم بويۇملىرى ياساشقا ئېتىبار بەرمەيدىغان بولۇپ، ھېچكىم بۇ تۈرگە مەبلەغ سېلىشنى خالىمايىتتى، ھەتتا ئېۋاننىڭ دوستىمۇ ئۇنى بۇ خىل ئومۇميۈزلۈك قائىدىگە خىلاپ بولغان  پىلاننى يۈرگۈزمەسلىككە ئاگاھلاندۇرىدۇ. بىراق ئېۋان ھەرگىز بەل قويۇۋەتمەيدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ تۈرىنىڭ چوقۇم غەلبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەچكە،بانكىدىن قەرز ئېلىپ، بۇ تۈرىگە مەبلەغ سالىدۇ.

1960 –يىلى، ئېۋاننىڭ بىرىنچى تۈركۈم گۈل بەرگىدىن ياسالغان گىرىم بويۇملىرى تەتقىقاتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، كىچىك كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىلشقا باشلايدۇ، نەتىجىدە بازاردا ناھايىتى زور تەسىر قوزغايدۇ.

سېتىشنى تىزلىتىپ، خېرىدارلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىش  ئۈچۈن، ئېۋان ئەنئەنىۋى سېتىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئەينى ۋاقىتتا ھېچكىم قىلىپ باقمىغان پوچتىدىن سېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. ئۇ تارقىلىش مىقدارى كۆپ بولغان «بۇ جاي پارىژ» ناملىق ژورنالغا  ئېلان بېرىدۇ، ھەمدە ئۈستىگە پوچتا ئېتىبار كارتوچىكىسىنى باسىدۇ، نەتىجىدە %40 ئېتىبار كارتىلىرى قايتىپ كېلىدۇ.

بۇ خىلدىكى ئۆزگىچە پوچتىدا سېتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئېۋاننىڭ سودىسى بارغانسىرى ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 700 مىڭ قۇتىدىن ئارتۇق گۈل بەرگى مايلىرى سېتىلىپ تۈگەيدۇ، ھەمدە پوچتا ئارقىلىق سېتىش ئېۋاننىڭ ئومۇمىي تىجارىتىنىڭ %50 نى ئىگەللەيدۇ.

1969 –يىلى، ئېۋان ئۆزىنىڭ بىرىنچى زاۋۇتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ھەمدە پارىژنىڭ ئوسمان كوچىسىغا ئۆزىنىڭ تۇنجى سودا دۇكىنىنى قۇرۇپ، كۆپ مىقداردا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشقا ۋە سېتىشقا باشلايدۇ. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئېۋاننىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى تارماق دۇكانلىرى 1000غا يىتىپ، مەھسۇلاتلىرى دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدۇ. نەتىجىدە ئۇنىڭ سودىسى بارغانسىرى ياخشىلانغان. ئۇنىڭ كارخانىسىمۇ فرانسىيەدىكى ئەڭ چوڭ گىرىم بۇيۇملىرى كارخانىسى «لاۋلېر» بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان كارخانىغا ئايلانغان.

يۇقىرىدىكى مىسالدىن بىز كۆرۈۋالالايمىزكى، ئېۋاننىڭ شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك بولغانلىقىدا. ئەگەر گۈل بەرگىسى ۋە ئۆسۈملۈكلەردىن پايدىلىنىپ گىرىم بويۇملىرى ياساشنى ئۇنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى بىرىنچى قەدىمى دېسەك؛ ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ھېچكىم قوللانمىغان پوچتا ئارقىلىق  سېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى ئىگىلىك يارىتىشتىكى يەنە بىر بۈيۈك نەتىجە.

بىرقېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئېۋان ھاياجانلانغان ھالدا: «بۈگۈنكى كۈنۈمنىڭ بولۇشىدا، مەن ھەرگىزمۇ كارنىگ ئەپەندىمنى ئۇنتۇپ قالمايمەن، ئۇنىڭ دەرسى ماڭا ئىلگىرى ئۆزۈم بايقىيالمىغان بىر سىرنى يەتكۈزدى. مەن بۇ سىر بىلەن دائىم ئۇچرىشىپ تۇرساممۇ ئىلگىرى ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىگەن ئىكەنمەن، ھەمدە ئۇنىڭغا  بىر ئىش قاتارىدامۇئامىلە قىلماپتىكەنمەن. ھازىر مەن يېڭىلىق يارىتىشنى بىر گۈزەل مۆجىزە دەيمەن.»دىگەن.

شۇنداق،ئەگەر كونا قائىدىلەردىن غالىپ كېلىدىغان جاسارىتى بولمىسا، ئېۋان. لول گۈل بەرگىدىن پايدىلىنىپ گىرىم بويۇملىرى ياساپ، كەسپتىكى پۇرسەتنى ئىگەللىيەلمىگەن بولاتتى؛ ئەگەر يېڭىلىق يارىتىدىغان تەپەككۇرى بولمىغان بولسا، ئېۋاننىڭ ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان پوچتا ئارقىلىق سېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

ئوخشاشلا،رىقابەت كەسكىن بولغان بۈگۈنكى جەمئىيەتتە، ئەگەر بايلىققا ئېرىشىشنى ئويلايدىكەنمىز، چوقۇم ئىدىيىنى ئازاد قىلىشىمىز، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرىنى يىتىلدۈرۈشىمىز، كونا قائىدىلەردىن ھالقىشقا جۈرئەت قىلىشىمىز كېرەك.

سىز بۇنىڭغا تەييارلىنىپ بولدىڭىزمۇ؟

بايلىقنىڭ بايانى :

ھەر بىر باي بىر يېڭىلىق ياراتقۇچى، ئۇلار باشقىلار ئىلگىرى مېڭىپ باقمىغان يوللاردا يىقىلىشقا رازىكى، باشقىلار قىستىلىشىپ قالغان يوللاردا مېڭىشنى خالىمايدۇ.رىقابەت كەسكىن بولغان ھازىرقى جەمئىيەتتە، پەقەت ئاشۇ كونا قائىدىلەرگە جەڭ ئېلان قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، ئۆزگىچە يېڭىلىق يارىتىش روھى بار كىشىلەرلا يۈكسەك پەللىگە يىتىپ، بايلاردىن بولالايدۇ.

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 1-قىىمىدىن ئېلىندى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ