A-A+

بايلار خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ ، پۇرسەت يارىتىشقا جۇرئەت قىلىدۇ

2015-يىل 4-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 251 قېتىم

نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ

( ئىككىنچى كىتاپ )

s27185139

7-باپ 6-پاراگىراپ

بۆرە خاراكتېرلىك بايلار خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ، پۇرسەت يارىتىشقا جۇرئەت قىلىدۇ

پۇرسەت دىگەن نىمە؟ پۇرسەت كىشلەرنىڭ ئۆزىنىڭ سايىسىگە ئوخشايدۇ. ھەر ۋاقىت ئەگىشىپ يۈرىيدۇ. كىشلەر ئۆزىنى ھەقىقى تۇنىغاندا، ئاندىن پۇرسەتنىڭ ئەمىليەتتە ئۆزىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. شۇڭىلاشقا پۇرسەتنى تەڭرى ياراتقان ئەمەس، بەلكى ئۆزى ياراتقان. پۇرسەت ھەممە ئادەمگە بارۋەر.

پۇرسەت ھەم جەريان ھەم نەتىنجە. پۇرسەت بىلەن ئۈتۈشۈپ كىتىش بولسا مەڭگۇ يىتىشكىلى بولمايدىغان جەريان. چۈنكى پۇرسەت بايلىق، نامراتلىق، ياخشى مۇھىت، ناچار مۇھىت بىلەن مۇناسۋەتسىز. پۇرسەت تاساددىپىيلىق ئەمەس، ئۇ كونكىرىت مەۋجۇت. پۇرسەت بىر ئادەمنىڭ پۇرسەتنى بايقىشى، تۇنىشى، تىزگىنلىشىنىڭ يىغىندىسى. لىكىن كىشىلەردە پۇرسەتنى يارتىش بىلەن بىرگە يەنە بىر خىل خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش روھى بۇلۇش كېرەك.

20 - ئەسىردە غەرىپتە كېلەيلىن ئىسىملىك بىرى بۇلۇپ، ئۇ مەخسۇس شاكىلات ساتىدىغان بىر دۇكان ئاچقان ئىدى. لىكىن ياز كەلسىلا ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا، شاكىلاتلار ئېرىپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتەتتى. شۇڭا ياز كەلسىلا ئۇنىڭ دۇكىننىڭ شاكىلات سېتىش مىقدارى تۆۋەنلەپ كېتەتتى.

بۇ مەسلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۇ باشقا كەمپۇتلەرنى سېتىشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال ھەركەتلەندى. ئۆزى قول سېلىپ ، يازدا سېتىشقا ماس كېلىدىغان يۇمىلاق شەكىللىك يالپۇز كەمپۇتنى لاھىيلەپ چىقتى. لىكىن زاۋۇتنىڭ ئۇسكۈنىسى بۇزىلىپ قېلىپ كەمپۇتنى ئوتتۇرىسىدا تۈشۈك بار  كىىچىكىنىە سۇ ئۇزۇش چەمبىركىگە ئوخشۇتۇپ قويغان ئىدى.

ئۇ خوشاللىق بىلەن بۇ خىل سۇ ئۈزۈش چەمبىركىگە ئۇخشاش كەمپۇتنى قۇبۇل قىلدى. ھەمدە ئۇنىڭغا «ھاياتنى قۇتقۇزۇش چەمبىركى يالپۇز كەمپۇتى»دەپ ئىسىم قويدى. 1912-يىلى ئۇنىڭ بۇ مەھسۇلاتى بازاردا سېتىلىشقا باشلىدى. يەپ باققان كىشلەر ئۇنىڭ تەمىنى ياقتۇرغانلىقتىن، ھەمدە شەكلى ئالاھىدە قىزىقارلىق بولغاچقا ئۇزاق ئۆتمەيلا بازىرى ئىتتىك كەمپۇتكە ئايلاندى. ئۇ مۇشۇ ياراتقان يېڭىلىقى بىلەن بېيىپ كەتتى.

كېلەيلىننىڭ مۇۋاپىقيىتى مۇنداق بىر قائىدىنى چۈشەندۈردۇ. كىشلەر نامرات ۋاقىتىدىمۇ  پۇرسەت تاپالايدۇ. مانا بۇ نامراتلارنىڭ بايغا ئايلىنىشىدىكى سەۋەب. بايلار خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشقا جۇرئەت قىلىدۇ. خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ پۇرسەت يارتىدۇ. بايلاردا بايلىق ۋە غەلبە قىلىش ئۈچۈن بۆرىگە ئوخشاش ئىنتىلىش ۋە ئىرادە بار. ئۇلار جاپاغا چىدايدۇ. خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار غەلبە يولىنىڭ تەكشى بولمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. پەقەت خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشقا جۇرئەت قىلسا ھەم خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشقا ياخشى تەييارلىق قىلسىلا، پۇرسەت يارتالايدۇ. شاكىلات يازدا ئېرىپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كىتىدۇ. شۇڭا كېلەيلىن خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ پۇرسەت يارتىپ، يالپۇز كەمپۇتنى ياسىدى. مانا بۇ بايلارنىڭ تەپەككۇرى. بۇلارنىڭ ئۆتەلمەيدىغان قىينچىلىقى يوق. ھەل قىلالمايدىغان مەسلىىسى تېخىمۇ يوق. كىرزىسقا يۇلۇققان تەغدىردىمۇ ئەقىلگە ۋە كەسكىنلىككە تايىنىپ، كىرزىسنى سودا پۇرسىتىگە ئۆزگەرتەلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالا-قازا بەخىت-ئامەتكە ئايلىنىدۇ.

بۇ بايلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ، خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشى، بۆرىگە ئوخشاش روھى. ئەگەر بۆرىنىڭ ئولجىسىنى دۈشمەن ئېلىۋالسا بۆرە قانداق قىلىدۇ؟ بۆرىنىڭ ۋۇجۇدىدا ئۆتكۈر كوزىتىش ئىقتىدارى ،مەخسۇس نىشانغا ماسلىشىش قابىلىيىتى، ئىنچىكە ھالقىلارغا دىققەت قىلىدىغان سەزگۈرلۈك قاتارلىقلار بار بۇلۇپ، بۇلار بۆرىنى ھەمىشە غەلبىگە ئېرىشتۈرىدۇ. خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشقا جۇرئەت قىلدىغان ئادەم دەل بۆرىگە ئوخشايدۇ. ئۇلار ئىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۈرىدۇ. توختىماي تىرىشىدۇ. ئۆزىنىڭ ئالاھىدە كۆزىتىش ئىقتىدارى ،قىزىقىشى ،جاسارىتى ئارقىلىق ناچار ئەھۋالدىمۇ پۇرسەت يارتىدۇ.

بايلىقنىڭ بايانى:

پۇرسەت ساقلىغانغا كەلمەيدۇ. ئەگەر پۇرسەتنى كۆرەلمىسەك، تۇتۇلمىساق ئۇ چۇقۇم پۇرسەتنىڭ مەسلىسى ئەمەس بەلكى بىزدىكى مەسلە. پۇرسەتنى كۆرەلمەسلىكىڭىز پۇرسەتنى بايقىيالايدىغان كۆزىڭىزنىڭ يوقلىقى؛ پۇرسەتنى بايقاپ، تۇتالمىسىڭىز بۇ سىزنىڭ پۇرسەتنى تۇتالايدىغان ئىقتىدارىڭىزنىڭ يوقلىقىدىندۇر. خاتالىق ھامان ئۆزىڭىزدە. پەقەت ئۆزىڭىزدىكى ساقلانغان مەسىللەرنى كۆرەلىسىڭىز ھەمدە ھەل قىلالىسىڭىز ئاندىن غەلبە قىلىسىز.

******************

مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى-ئويغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام

2014-يىلى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ