A-A+

نامراتلار ئادەتلەنگەن تەپەككۇرى بۇيىچە ئىش قىلىدۇ، بايلار ئۆزىنىڭ قىزىقىش -ھەۋىسىنى ساقلايدۇ

2015-يىل 4-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 206 قېتىم

نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ

( بىرىنچى كىتاپ )

29781515515736

4-باپ 5-پارىگىراپ

نامراتلار ئادەتلەنگەن تەپەككۇرى بۇيىچە ئىش قىلىدۇ،

بايلار ئۆزىنىڭ قىزىقىش -ھەۋىسىنى ساقلايدۇ

قىزىقىش ۋە ھەۋەس بىر ئادەمنىڭ ئەڭ ياخشى سۈپەتلىرىدىن بىرى.

ئالما پىشقاندىن كىيىن دەرەختىن پەسكە چۈشىدۇ، بۇ كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم كۆرۈلىدىغان ھادىسە، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇنىڭغا دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ. بىراق نىيوتۇن دەل مۇشۇ ھادىسىگە قىزىقىش سەۋەبلىك ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنىنى بايقىغان. سۇ قاينىغاندا ھور قازان تۇۋىقىنى كۆتۈرۈپ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلىدۇ، بۇمۇ تۇرمۇشتىكى دائىم كۆرۈلىدىغان ھادىسە، بىراق ئەنگىليەلىك نوكماندا بۇنىڭغا نىسبەتەن قىزىقىش تۇغۇلۇپ ئاخىرىدا پار ماشىنىسىنى ئىجاد قىلغان، بۇ ئارقىلىق ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈردىغان سانائەت ئىنقىلابى قوزغالغان.

ئىلىم پەندىكى بايقاشمۇ قىزىقىش، ھەيران قېلىشقا مۇھتاج، پۇل تېپىپ باي بولۇشمۇ شۇنداق.

ئامېرىكا شېۋ ئېلېكتىر ئېقىمى شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جورج. شېۋ  كۈچلۈك قىزىقىشى بارئادەم. ئەگەر ئۇ بىرەر ئىشنى چۈشەنمەكچى بولسا،  دەرھال ناھايىتى كۈچلۈك «تېگى –تەكتىدىن بايقايدىغان» قىزىقىش ھېسىياتى بۇيىچە تەتقىق قىلىدۇ.

بىر قېتىم ئۇ پويىزغا ئولتۇرۇپ كاماندىروپكىغا چىقماقچى بولىدۇ. پويىز بەش سائەت كېچىكىپ قالغانلىق سەۋەبلىك، نۇرغۇنلىغان يولۇچىلار بەس – بەستە ئاغرىنىپ، پويىز خادىمىدىن پويىزنىڭ كېچىكىش سەۋەبىنى سورايدۇ. پويىز خادىمى چۈشەندۈرۈپ: «پويىز يېرىم يولدا يەنە بىر پويىز بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن قاتناشنىڭ توسۇلۇشى كېلىپ چىققان.» دەيدۇ. يولۇچىلار ئاغرىنىپ بولغاندىن كىيىن ماشىنىغا ئولتۇرماقچى بوپتۇ.جورج. شېۋ ئازراقمۇ جىددىيلەشمەپتۇ، قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇ بېرىپ بېكەت باشلىقىدىن سوراپتۇ: «پويىز نېمىشقا سوقۇلۇپ كېتىپتۇ؟» «پويىزنىڭ تورمۇزى كونتروللۇقىنى يوقىتىپتۇ.» دەپتۇ بېكەت باشلىقى. جورج. شېۋ قانائەتلەنمەستىن داۋاملىق سوراپتۇ: «نېمىشقا پويىز تورمۇزلانغاندا كونتروللۇقىنى يوقىتىدۇ؟» قايتا –قايتا سوراش ئارقىلىق جورج. شېۋ ئاخىرى پويىز تورمۇزلانغاندا كونتروللۇقىنى يوقىتىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىپتۇ. ئەسلىدە ھەربىر ۋاگونغا ئايرىم – ئايرىم تورمۇز سەپلەنگەن بولۇپ، ھەر قېتىم پويىز توختىغان ۋاقىتتا ھەربىر ۋاگوندىكى تورمۇزنى تەڭلا تارتىش لازىم ئىكەن، شۇندىلا پويىز ئاستا – ئاستا توختىيالايدىكەن. ھالبۇكى تورمۇز تارتقۇچىلارنىڭ ئىنكاسى ئوخشاش بولمىغاچقا، ھەربىر ۋاگوندىكى تورمۇزنى تەڭلا تارتىش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن ۋاگون بىلەن ۋاگون ئارلىقىداسوقۇلۇش يۈز بېرىپ، ئېغىر بولغاندا ئىككى قاتار پويىزنىڭ سوقۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

جورج. شېۋ بۇ ئىشقا قارىتا قايتا – قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق شۇنداق قاراپتۇ: ئەگەر پويىزنىڭ تورمۇز سىستېمىسى ياخشىلانسا، ئۇنداقتا پويىز سوقۇلۇش ۋەقەلىرىنى ئازايىتقىلى بولىدۇ، ئۆزىمۇ پۇل تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

مۇتەخەسسىس ۋە پويىز خادىملىرى بىلەن قايتا – قايتا مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق، جورج. شېۋ ئاخىرى پويىزنى تورمۇزلاش تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئويلاپ چىقىپتۇ. ئۇ پويىزنىڭ شوپۇر بۆلۈمچىسىگە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن تورمۇزلاش ئۈسكۈنىسىنى ئورنىتىپ، بۇ ئۈسكۈنە ئارقىلىق تورمۇزلاشنى ئادەم ئارقىلىق تورمۇزلاشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپتۇ. بۇنى ئەمەلىيەتتە قوللانغاندىن كىيىن ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئاخىرىدا ئامېرىكىدىكى پويىزلارنىڭ ھەممىسى جورج. شېۋ كەشىپ قىلغان تورمۇز سىستېمىسىنى قوللىنىپتۇ.

جورج.شېۋنىڭ تورمۇز سىستېمىسىغا بولغان ئىزدىنىشى ھەرگىزمۇ بۇ قېتىمقى نەتىجە بىلەن توختاپ قالماپتۇ. ئوزۇن ئۆتمەستىن، ئۇ ھاۋا بېسىمى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىنغان،ئىقتىدارى تېخىمۇ ياخشى بولغان ھاۋا بېسىمى تورمۇز ئۈسكۈنىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپتۇ. بۇنىڭدا پەقەت ھاۋا ئېغىزى كونۇپكىسىنى بىرلا بېسىپ قويسا، پويىزنى ناھايىتى ئاسانلا توختاتقىلى بولاتتى. ھاۋا بېسىمى تورمۇز ئۈسكۈنىسى 19 –ئەسىردىكى ئۇلۇغ كەشپىياتلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان، ھەمدە جورج. شېۋنىڭ ئەڭ پەخىرلىنىدىغان كەشپىياتىغا ئايلانغان. بۇ كەشپىيات ئۇنىڭ شېۋ ئېلېكتىر ئېقىمى شىركىتى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئېلىپ كەلگەن.

بۇنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ قىزىقىش ۋە ھەۋىسىدىن كەلگەن.

جورج.  شېۋنىڭ سەرگۈزەشتىسى بىزگە شۇنى ئېيتىپ بەردىكى، ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا بايلىق يولىنى تاپالايدىغان كىشىلەر دەل قىزىقىشى ناھايىتى كۈچلۈك كىشىلەردۇر. ھەرقانداق ئىشقا قارىتا تەۋەككۈل قىلمايدىغان،ئۆزىنىڭ ئادەتلەنگەن تەپەككۇرىدا تۇرۇپ قالغان كىشىلەر دەل نامراتلار بولۇپ، ئۇلاركۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە ئۆتۈپ كېتىدىغان بايلىق پۇرسىتىنى تۇتالمىغاچقا داۋاملىق نامرات تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.

بىريىللىقچى پومشىچىك ئۈچۈن 10 نەچچە يىل خىزمەت قىپتۇ، گەرچە ئۇ خىزمەتتە ناھايىتى تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق يىل بويى غۇربەتچىلىك ئىچىدە ئۆتىدىكەن. پومشىچىكمۇ ئەسكى ئادەم ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىپ ئۇنىڭ ئۆز ھالىتىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم قىلىشنى ئويلايىتتى. شۇنىڭ بىلەن پومشىچىك ئۇنىڭغا كەنت ئېغىزىغا بىرتۈگمەن قۇرۇش تەكلىپىنى بېرىپتۇ، ھەمدە ئۇنى دەسمايە بىلەن تەمىنلمەكچى بوپتۇ.

پومشىچىك ئەسلىدە بۇنى يىللىقچىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىدىغان ناھايىتى ياخشى پۇرسەت دەپ ئويلاپ، ئۇنى چوقۇم قوشۇلىدۇ دەپ قارىغان ئىكەن. ھالبۇكى پومشىچىكنى ھەيران قالدۇرغىنى، يىللىقچى ئۇنىڭ تەكلىپىنى رەت قىپتۇ. يىللىقچىنىڭ قارىشىچە، پومشىچىك ئۈچۈن خىزمەت قىلغاندا گەرچە جاپالىق بولسىمۇ، تۇرمۇشى يەنىلا كاپالەتكە ئىگە ئىدى. ئەگەر پومشىچىكنىڭ ئويلىغىنىدەك كەنت ئېغىزىغا تۈگمەن قۇرسا، ھەريىللىق ئالۋان – ياساقلارنى ئۆزى تۆلىشى لازىم ئىدى.

ئاخىرىدا يىللىقچى پومشىچىكنىڭ ياخشى كۆڭلىنى پۈتۈنلەي رەت قىلىپ، ئاۋۋالقى ئىشنى قىلىپ تۇرمۇشىنى داۋاملىق غۇربەتچىلىك ئىچىدە ئۆتكۈزۈپتۇ.

ئوزۇن مەزگىللىك غۇربەتچىلىك بۇ نامرات ئادەمدە بولۇشقا تىگىشلىك قىزغىنلىق ۋە شىجائەتنى يوقاتقان ئىدى. نامراتلار بارلىق خەتەرنى ئۈستىگە ئېلىشتىن قورقۇپ، پەقەت ئۆزىنىڭ ئادەتلەنگەن تەپەككۇرى بۇيىچە مەسىلىلەرگە قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئادەم ھاياتلا بولىدىكەن، ھەرخىل خەتەرلەر بولۇپ تۇرىدۇ، ئىگىلىك يارىتىپ پۇل تېپىشتىمۇ بەزىدە قاقسەنەم بولۇپ قالىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ، ھالبۇكى بىر ئۆمۈر كەپە ئۆيدە ياشىساقمۇ، تەبىئەتتىكى قار – يامغۇرلاردىن ئۆزىمىزنى قاچۇرالمايمىز.

شەھەرلەرىدىكى نۇرغۇنلىغان خىزمەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۆزىنىڭ پۇرژىنىلىق قوڭغۇراق سائەت بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق، پەقەت توختىماستىن مېڭىشقىلا بولىدۇ،توختاپلا قالسا ئاچ قېلىش خەۋپى بار، ئۇلار توي قىلىشقا، ئۆي سېتىۋېلىشقا، ھەتتا ئاغرىپ قېلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ، بۇ خىلدىكى تراگىدىيىلىك ئەھۋالغا سېلىشتۇرغاندا، ئىگىلىك يارىتىپ پۇل تېپىشنىڭ خەتىرى ھېچنىمە ئەمەس.

نامراتلارنىڭ ئادەتلەنگەن تەپەككۇرى دەل ئۇلارنىڭ بايلاردىن بولۇشىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ، بىر ئادەم نامراتلىقتا ئوزۇن تۇرسىلا، تۇرمۇشتىكى بىر قىسىم كىچىك خۇشاللىقلار ئارقىلىق ئۆزىنى بەزلەشكە، ئۆزىنى گۆللەشكە ئادەتلىنىپ قالىدۇ.باشقىلار گۆش يىسە ئۇ ئۇماچ ئىچىدۇ، ئەگەر مەلۇم بىر كۈنى ئۇنىڭ ئۇمىچىغا بىرقوشۇق قىزىل شېكەر قوشۇلۇپ قالسا ئۇ پادىشاھ بولغاندىنمۇ ئارتۇق خۇشاللىققا چۆمۈلىدۇ.

ئۆزىنىڭ ئادەتلەنگەن تەپەككۇرىغا بوغۇلۇپ قالغان نامراتلارغا ئوخشىمايدىغىنى، بايلارباشلىنىشتىلا ئادەتلەنگەن تەپەككۇرنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلۇپ نامراتلىقتىن «چوڭ سەكرەپ» بايلىقنىڭ «سەكرەش تاختىسى» غا چىقىدۇ. نۇرغۇنلىغان بايلارنىڭ ئىشلارنى نۆلدىن باشلىيالىشى، كىچىك ئىشلار ئارقىلىق چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالىشىدىكى سەۋەب، ئۇلار ھەر دائىم ئۆزىدىكى قىزىقىش ۋە ھەۋەسنى ساقلايدۇ.

نامراتلار ئۆزىنىڭ نامرات ھالىتىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا، ئۇنداقتا بايلارغا ئوخشاش قىزىقىش –ھەۋەسلىرىنى ساقلىشى كېرەك. ئامېرىكىلىق پىسخولوگ ئىلگىرى نەچچە يۈزلىگەن كارخانىچىلارغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بۇ كارخانىچىلارنىڭ ھەممىسىدە كۈچلۈك قىزىقىشنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. ئۇلار مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىشنى، ئىشلارنىڭ ھەممە تەرىپىنى چۈشىنىشنى، ھەمدە ئەڭ مۇۋاپىق پەيتتە ھەركەت قوللىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

قىزىقىش بولسا پۇل تېپىپ باي بولۇشتىكى ئۈنۈملۈك قورال، ئەگەر سىز باي بولماقچى بولسىڭىز،ئۇنداقتا سىز ئۆزىڭىزنىڭ تەغدىرىنى ئۆزگەرتىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ھەرقانداق ئىشقا قارىتا قىزىقىشىڭىزنى ساقلىشىڭىز كېرەك!

بايلىقنىڭ بايانى:

مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئاشۇ كىشىلەر ھەرگىزمۇ ئاغزىدا ئالتۇن چىشلەپ دۇنياغا كەلمىگەن، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا نۇرغۇنلىرىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى تۇرمۇشى ئانچە ياخشى ئەمەس. بەزىلىرى ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقى سەۋەبلىك،باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپلا شاگرىت، بالا ئىشچى بولغان، ھالبۇكى ئۇلاردا بىر ئورتاقلىق بار،ئۇ بولسىمۇ -كۈچلۈك قىزىقىشقا ئىگە بولۇش. ئۇلار ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ئارقىلىق بوران –چاپقۇنلاردىن ئۆتۈپ، ئاخىرىدا مەلۇم ساھەدىكى سەردارلاردىن بولۇپ يىتىشىپ چىققان.

***********************************

مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى-ئويغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام

2014-يىلى .جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ