12 – نۆۋەتلىك خوتەن قاش بايرىمى داغدۇغىلىق باشلاندى
ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى
28 - چىسلا چۈشتىن بۇرۇن ، داقا - دۇمباغ ، ناغرا سۇنايلار چېلىنىپ مىللىيچە ئۇسۇل ، سېرىك ، ھەزىلكەشلىك قاتارلىق سەنئەت نۇمۇرلىرى ئورۇندىلىپ يۈرۈڭقاش دەرياسى بويىدا 12 - نۆۋەتلىك خوتەن قاش مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى رەسمىي باشلاندى .
بۇ قېتىمقى بايرام << دۇنيا قاش شەھەرچىسى ، يىپەك يولىدىكى داڭلىق شەھەر >> دىگەن تېمىنى ئاساس قىلىپ ئۆتكۈزىلىۋاتقان بولۇپ خوتەن قاشلىرىنىڭ سېھرى كۈچى جۇڭگۇنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قاش سودىگەر ، مۇتەخەسىس ، ئويمىچى ۋە ھەۋەسكارلىرىنى خوتەنگە يىغقان ئىدى .
بۇ قېتىمقى بايرامغا يەنە نۇرغۇن كارخانىچىلار ، 100 دىن ئارتۇق ساياھەت شىركىتى قاتناشقان بولۇپ خوتەن قاشلىرىدىن باشقا ئەتلەس ، يىپەك ، ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى ، ئۆزگىچە يىمەكلىكلەر ، ساياھەت بايلىقلىرى ، قولدا تۇقۇلغان ساپ يۇڭ گىلەم ..... مۇ قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ بۇلار بايرامغا ئۆزگىچە ھۆسۈن قوشتى .
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىمىز بۇ قېتىمىقى قاش بايرىمىنىڭ داغدۇغۇلۇق ، ئۈنۈملۈك ، مەزمۇنلۇق ئۆتكۈزۈلۈپ خەلقىمىزگە ئامەت ئېلىپ كېلىشىگە تىلەكتاشىمىز .
2015 - يىلى 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى