ئالتۇن-كۈمۈش نېمىشقا قىممەت؟
ئالتۇن-كۈمۈش نېمىشقا قىممەت؟ بۇنىڭ جاۋابى سامانيولى سىستېمىسىدا
بۈگۈنكى باش تېما تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
كائىناتتا ھەر ۋاقىت ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزنىڭ پارتلاش ھادىسىسى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.
ئالتۇن-كۈمۈش نېمىشقا قىممەت؟ ئەسلىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسى دەرىجىدىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز پارتلاش جەريانىدا پەيدا بولغان.
چوڭ-كىچىكلىكى ۋە يېشى سامانيولى سىستېمىسىغا ئوخشاش ھەر بىر يۇلتۇزلار سىستېمىسىدا ئوتتۇرا ھىساب بىلەن ھەر 25 يىلدىن 50 يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا بىر قېتىم ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزنىڭ پارتلىشى يۈز بېرىدۇ. لېكىن بىز بىرەر قېتىممۇ بۇنى كۆزىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدۇق.
ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزنىڭ پارتلىشىنى كۆزەتكىلى بولىدۇ؟ مىليونلىغان تۇرغۇن يۇلتۇز بىزگە ناھايىتى يېقىن، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ پارتلاش جەريانىدىكى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان جەرياندىكى ئۆزگىرىشنى كۆزىتىشكە يېتىدۇ. تۆۋەندىكىسى كۈمۈش لوڭقا يۇلتۇزى پارتلىغاندىكى ھەيۋەتلىك مەنزىرە.
ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزنىڭ پارتلىشىنى كۆزىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى دۇربۇن تەييارلاپ، ئەڭ مۇۋاپىق پەيتتە ئەڭ توغرا نىشانغا توغرىلاپ، پارتلاش پەيتىدىكى ئەڭ توغرا سانلىق مەلۇمات ئېرىشىش. لېكىن بۇنداق ئېھتىماللىق بەك تۆۋەن. لېكىن ئەگەر بىز تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ يورۇقلۇقى يەر شارىغا يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزنىڭ پارتلىشىنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلىسەكچۇ؟
بىراق بۇ مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى نۆۋەتتە ھېچقانداق نەرسىنىڭ سۈرئىتى يورۇقلۇق تېزلىكىدىن تېز ئەمەس.
دەرىجىدىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزنىڭ پارتلىشىدىن غايەت زور مىقداردىكى ئېنېرگىيە ۋە نۇرغۇن ماددىلار ئېتىلىپ چىقىدۇ.
ئەمەلىيەتتە نىكېلدىن ئېغىر ئاتوم، مەسىلەن ئالتۇن ۋە كۈمۈش قاتارلىقلار پەقەت دەرىجىدىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز پارتلاش جەريانىدىلا پەيدا بولىدۇ.
ئىككىنچى خىل ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزنىڭ پارتلىشى پەيدا قىلغان ئېنىرگىيە تەخمىنەن %1 فوتوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مانا بۇ بىزگە تونۇشلۇق بولغان نۇر. ئېشىپ قالغان %99ى بولسا نېيترون شەكلى ئارقىلىق رادىئاتسىيە چىقىرىپ، نېيترون باشقا ماددىلار بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەسىرلەشمەيدۇ. پارتلاشنىڭ تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئىچكى يادروسىدىن بۆسۈپ چىقىشى ئۈچۈن نەچچە ئون مىنۇت ياكى نەچچە ئون سائەت كېتىدۇ، بەزىدە ھەتتا بىر نەچچە كۈن ۋاقىتتىن كېيىن ئاندىن تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ سىرتقى يۈزىگە يېتەلەيدۇ. لېكىن نېيترون بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. نېيترون بىۋاسىتە تۈز لىنيە بويىچە ئۇچۇپ چىقىدۇ. تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ سىرتقى يۈزىدە بەزى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ئالامەت بايقالغاندىن كېيىن نېيترون فوتوندىن نەچچە سائەت ئالدىغا چىقىپ كېتىدۇ. مانا بۇ ئاسترونومىيە ۋە فىزىكا ئالىملىرىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزنىڭ پارتلىشىدىن ئالدىن سىگنال بېرىدىغان SNEWS سېستىمىسى قۇرۇش سەۋەبى.
پۈتۈن دۇنياغا تارالغان تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرى نېيتروننىڭ پارتلىغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن بۇ ئۇچۇرنى نىيويوركتىكى مەركىزىي كومپيۇتېرغا يەتكۈزىدۇ. ئەگەر بىر نەچچە تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئون سېكۇنت ئىچىدە ئوخشاش سىگنال بايقىيالىسا ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسى سىگنال بېرىدۇ. ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز پارتلاش ئالدىدا تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئارىلىق ۋە بۇلۇڭ ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىدۇ، ئاندىن بۇ ئۇچۇرلارنى ئالىملار ۋە ئىشتىن سىرتقى ئاسترونومىيە ھەۋەسكارلىرى بىلەن ئورتاقلىشىدۇ. ئۇلار دۇنيادىكى ئاساسلىق تېلېسكوپنى بۇ رايونغا توغرىلاپ بۇ قېتىمقى ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز پارتلاش ھادىسىسىنى كۆزىتىشكە تەييارلىنىدۇ.
نېيتروننىڭ يەرشارىغا يېتىپ كەلگەنلىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بايقالغان ۋاقىت 1987-يىلى. بۇ قېتىملىق پارتلاش چوڭ ماگېللان تۇمانلىقى ئىچىدىكى ئۆمۈچۈك تۇمانلىقى چېتىدە يۈز بەرگەن. ئۇنىڭ نېيترونى كۆرۈنمە نۇردىن ئۈچ سائەت بۇرۇن يەر شارىغا يىتىپ كەلگەن. بىز ھازىر يەنە بىر پارتلاشنى بۇنىڭغا چېتىۋېلىشىمىز مۇمكىن.
ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزدىن ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەت بىزنى ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزلارنى پارتلاشنى كۆزەتكەن تۇنجى ئىنسانلار توپىغا ئايلاندۇرۇشى مۇمكىن.