شامالدا تەۋرەيدىغان تاشنىڭ سىرى
دۇڭشەن ئارىلى-جۇڭگۇ فۇجىيەن ئۆلكىسىنىڭ شەرقى جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، قەدىمقى زاماندا تۇڭشەن تېغى-دەپ ئاتالغان . بۇ يەر داڭلىق دېڭىز بويى مەنزىرە رايونى ھىساپلىنىدۇ.
دوڭشەن ئارىلىدا بىرخىل غەلىتە تاش بولۇپ، شامالدا تەۋرەيدۇ.كىشىلەر ئۇنى‹‹ئالەمدىكى غەلىتە تاش››دەپ ئاتىشىدۇ.
شامالدا تەۋرەيدىغان تاش تۇڭشەن قەدىمقى شەھرىنىڭ شەرقى قۇۋۇقىدىكى دېڭىز ساھىلىدا قەد كۆتىرىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئىگىزلىكى 4.73مىتىر، كەڭلىكى 4.57مىتىر،ئۇزۇنلىقى4.69مىتىر ، ئېغىرلىقى200توننا ئەتراپىدا كېلىدۇ.تاشقى شەكلى توشىانغا ئوخشاش بولۇپ،بىر پارچە قورام تاشنىڭ ئۈستىدە يانتۇ ھالەتتە تۇرىدۇ.
ئىككى تاشنىڭ تۇتاشقان يېرى ئاران بىر قانچە سانتىمىتىر كېلىدۇ. تەيۋەن بوغىزىدىن كەلگەن تەيفىڭ بورىنى كۈچەيگەندە ، شامالدا تەۋرەيدىغان تاش سۇس تەۋرەيدۇ، ۋە ھېلىلا چۈشۈپ كېتىدىغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.
بوران توختىغاندىن كىيىن شامالدا تەۋرەيدىغان تاش يەنە ئەسلىدىكىدەك جىمجىت تۇرىدۇ.
شامالدا تەۋرەيدىغان تاشنى ئادەم كۈچى بىلەنمۇ تەۋرەتكىلى بولىدۇ. ئەگەر بىر ئادەم بىرقانچە كاھىش پارچىسىنى تېپىپ كېلىپ تاشنىڭ ئاستىغا قويغاندىن كىيىن ئۆزى مۇۋاپىق ئورۇننى تاللاپ ئىتەرسىمۇ تاشنى تەۋرىتەلەيدۇ. بۇ چاغدا كاھىش پارچىلىرى قاراس-قۇرۇس قىلىپ ئاۋاز چىقىرىپ ئېزىلىپ كېتىدۇ.
شامالدا تەۋرەيدىغان تاش نۇرغۇن-بوران چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئىلگىركىدەك مەزمۇت ھالەتتە تۇرماقتا.
شامالدا تەۋرەيدىغان بۇ تاش قانداق شەكىللەنگەن؟
بۇ ھازىرغىچە يېشىلمىگەن سىر.
مەنبە:جاھاننامە تورى