A-A+

ياخشى مەھسۇلاتنىمۇ باشقىلار بىلمىسە بېكار

2015-يىل 8-ئىيۇل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 269 قېتىم

ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى

4 - باب 5 - پارگىراف 

w0200707133487108540484

بېيىش تەپەككۇرى:

   نامراتلار: پەقەت مەھسۇلات ياخشى بولسىلا چوقۇم پۇل تاپقىلى بولىدۇ، ئېلان-تەشۋىقات پۇلى بارغانسېرى ئۆسۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، پەقەت مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتساقلا، ئېلان-تەشۋىقاتقا چىقىم قىلماي تۇرۇپمۇ پۇل تاپقىلى بولىدۇ.

  ۋېنجۇلۇقلار«جاندىن كەچمىگۈچە جانانغا يەتكىلى بولماس»، پايدا ئېلىش ئۈچۈن ئاۋال يېتەرلىك مەبلەغ سېلىش كېرەك. ياخشى مەھسۇلاتنىمۇ باشقىلار بىلمىسە بېكار، مەھسۇلاتنى تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم ئېلان-تەشۋىقات ئىشلىرىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.


   نۇرغۇنلىغان كىشىلەر مەھسۇلات ياخشى بولسىلا بولدى، ئېلان-تەشۋىقات ئۈچۈن پۇل خەجلەشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراش خاتا. ئۇچۇر دەۋرىدىكى ئىقتىسادتا ‹ دېققەت قىلىش، بىلىش ›ناھايىتى مۇھىم، كىشىلەر ياخشى مەھسۇلاتقا دېققەت قىلمىسا، چۈشەنمىسە ھەرگىزمۇ سېتىۋالمايدۇ. خۇددى «پادىشاھنىڭ قىزىغىمۇ ئەل بىلمىسە ئەر چىقماس» دېگەندەك، ئېلان-تەشۋىقات مەھسۇلاتنى باشقىلارغا بىلدۈرۈشتىكى ئاچقۇچ، مەھسۇلات ياخشى بولسىمۇ، ئېلان-تەشۋىقات ئارقىلىق جەمئىيەتتە ئوبراز تىكلىمىگەندە يەنىلا ئىقتىسادىي رىقابەتتە پۇت تىرەپ تۇرغىلى بولمايدۇ.

   ۋېنجۇلۇقلار ئېلان-تەشۋىقاتقا ناھايىتى ئېتىبار بېرىدۇ. بىز تېلېۋېزوردا ئېلانى بىرىلىۋاتقان  نۇرغۇنلىغان مەھسۇلاتلارنىڭ ۋېنجۇنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.  بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئېلان سۆزلىرىمۇ ئىنتايىن دەبدەبىلىك ۋە ھەر تۈرلۈك قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ،مىسال ئۈچۈن بىز بىرقانچىنى كۈرۈپ باقايلى:

   جۇاڭجى غەربچە كىيىم-كېچەكلىرى: «يۈرۈش-تۇرۇش بولسا دۇرۇس ھەرقاچان ، بەخت كېلىپ  ئىزدەر سىزنى ھەرزامان .»

   فاپەي غەربچە كىيىم-كېچەكلىرى: «ھەقىقىي سۆيگۈنى مەندىن ئىزدەڭ.»

   باۋشىنياۋ كىيىم-كېچەكلىرى: «بىز ئارقىلىق ئالەم خۇشاللىققا تولار.»

   مېيتىس باڭۋېي: «ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ سەھنىسىدە رول ئالىمىز.»

   قىزىل يىڭناغۇچ خۇرۇم ئاياغلىرى: «تۆت پەسلدە بىزنى كىيىڭ، ھەممە جايدىن شاتلىق تېپىڭ.»

   ئاۋكاڭ خۇرۇم ئاياغلىرى: «ئاۋكاڭنى كىيىپ ئالەمنى كېزىڭ.»...

   1993-يىلى جۇاڭجى كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتى ئەڭ بالدۇر     CCTV غا كىرىپ، شيې يۈەن، ما شياۋچىڭ قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ 15 سىكۇنتلۇق ئېلان ئىشلەتكەن، ھەمدە مەركىزى تېلېۋېزىيە ئىستانىسسىنىڭ 1-قانىلىدىكى «شەرق ئېقىم مەسىلىرى» پىروگراممىسىدا بىر ئاي قويغان. جۇاڭجى شىركىتى بۇنىڭ ئۈچۈن 300 مىڭ يۈەن ئېلان ھەققى تۆلىگەن.

   1996-يىلى ئاۋكاڭ گۇرۇھىدىكى ۋاڭ جېنداۋ مەركىزى تېلېۋېزىيە ئىستانىسسىدىكى جاۋ چۇڭشياڭ ۋە ۋاڭ گاڭ قاتارلىقلار بىلەن تونۇشۇپ قالغان. ئۇلار ۋاڭ جېنداۋدىن نېمىشقا مەركىزى تېلېۋېزىيە ئىستانىسسىدا ئېلان بەرمەيدىغانلىقىنى سورىغان.

   شۇنداق قىلىپ، ۋاڭ جېنداۋ مەركىزى تېلېۋېزىيە ئىستانىسسى ئارقىلىق مەھسۇلاتىنى تەشۋىق قىلماقچى بولغان. شۇ يىلى ئاۋكاڭنىڭ «ئاۋكاڭنى كىيىپ ئالەمنى كېزىڭ» تېمىسىدىكى ئېلانى مەركىزى تېلېۋېزىيە ئىستانىسسىدا قويۇلغان، ئاۋكاڭ گۇرۇھى بۇنىڭ ئۈچۈن 8 مىليون يۈەن ئېلان ھەققى خەجلىگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئاۋكاڭ گۇرۇھىنىڭ ھەر يىلى مەركىزى تېلېۋېزىيە ئىستانىسسىغا بېرىدىغان ئېلان ھەققى بۇنىڭدىن چۈشۈپ باقمىغان.

   2001-يىلى ۋېنجۇنىڭ ئاياغچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك كەسپىدىكى كارخانىلارنىڭ مەركىزى تېلېۋېزىيە ئىستانىسسىغا بېرىدىغان يىللىق ئېلان خىراجىتى 100 مىليون يۈەن بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە جۇاڭجى ۋە باۋشىنياۋنىڭ ئېلان خىراجىتى 10 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن، مېيتىس.باڭۋېينىڭ 20 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، مەركىزى تېلېۋېزىيە ئىستانىسسىنىڭ مۇھىم خېرىدارلىرىغا ئايلانغان.

   2002-يىلى مەركىزى تېلېۋېزىيە ئىستانىسسى ۋېنجۇ رايونىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، مەخسۇس ئۆمەك تەشكىللەپ ۋېنجۇغا كېلىپ بىر قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، خېرىدارلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

   بۈگۈنكى كۈندە ۋېنجۇلۇقلار ئېلان بېرىشتە تېخىمۇ سەزگۈرلەشتى، قايسى پىروگراممىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولسا ئۇلار شۇ پىروگراممىغا ئېلان بېرىدۇ؛ ئېلاننى قانداق بەرسە ئۈنۈملۈك بولسا، ئۇلار شۇ بويىچە ئېلان بېرىدۇ.

   مەسىلەن: مەركىزى تېلېۋېزىيە ئىستانىسسىنىڭ 2-قانىلىدا قويۇلىدىغان «خۇشاللىق لۇغىتى» پىروگراممىسىنى جوردان غەربچە كىيىملىرى ھەر يىلى 8 مىليون يۈەن بىلەن قوللايدۇ. مېيتىس.باڭۋېي مەركىزى تېلېۋېزىيە ئىستانىسسىنىڭ 8-قانىلىدا قويۇلىدىغان ھەر بىر پىروگرامما ۋە تېلېۋېزىيە تىياتىرى باشلىنىش ئالدىدا «مېيتىس.باڭۋېي سىزنى ئەسكەرتىدۇ، سەرخىل نومۇرلار ھازىرلا باشلىنىدۇ.» دېگەن ئېلان سۆزى قويۇلىدۇ.

   ۋېنجۇلۇقلارنىڭ قارىشىچە، ئېلان-تەشۋىقات خىراجىتى باسقۇچلۇق بولىدۇ، ئەمما پۇل تېپىش ئۇزۇن مەزگىللىك بولىدۇ، پەقەت يولىڭىزنى ئېچىۋالسىڭىزلا سىز پۇل تېپىشتىن قورقمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

   بىز جۇاڭجى كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ ئېلان خىراجىتى ۋە سېتىش كىرىم سېلىشتۇرمىسىغا قاراپ باقايلى:

2001 2000 1999 1998 1997 1996 يىل
52 مىليون 340 مىڭ يۈەن 43 مىليون 250 مىڭ يۈەن 32 مىليون 160 مىڭ يۈەن 16 مىليون 520 مىڭ يۈەن 9 مىليون 650 مىڭ يۈەن 6 مىليون 220 مىڭ يۈەن ئېلان خىراجىتى
683 مىليون يۈەن 446 مىليون يۈەن 356 مىليون يۈەن 201 مىليون يۈەن 155 مىليون يۈەن 123 مىليون يۈەن سېتىش كىرىمى

جەدۋەلدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئېلان-تەشۋىقات خىراجىتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ جۇاڭجى كىيىملىرىنىڭ سېتىش سوممىسىمۇ ئېشىپ بارغان، ماركا قىممىتىمۇ ئىزچىل ئاشقان. نۆۋەتتە جۇڭجى كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ ماركا قىممىتى ئاللىقاچان 100 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.

   ۋېنجۇنىڭ باشقا كارخانىلىرى، مەسىلەن: باۋشىنياۋ، فاپەي، مېيتىس.باڭۋېي، سىنما، شيامېڭ قاتارلىق ماركىلىرىنىڭ ئېلانغا سالغان مەبلىغىمۇ ناھايىتى كۆپ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئۆزلىرىنىڭ ماركا قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، ماركا ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت.

   شاڭخەيلىك سودىگەر خۇاڭ چۇجيۇ مۇنداق دېگەن: «مەن تىجارەت قىلىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشتا ئېلانغا تايىنىمەن؛ ئېلان-تەشۋىقات يېتەرلىك بولسا سېتىش سوممىسىمۇ ئاشىدۇ، بۇ ياخشى خاراكتېرلىك ئايلىنىش. بۇ جەھەتتە چوقۇم نەزىرىمىزنى يىراقلارغا تىكىشىمىز، قولىمىزنى يىراقلارغا سۇنۇشىمىز كېرەك.»

   ئەلۋەتتە، مەھسۇلات ئېلانى ساختا بولسا خېرىدارىمىزدىن تېزلا ئايرىلىپ قالىمىز. سۈپەت-داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ تۈپ كاپالىتى. بىر مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى ياخشى بولمىسا، قانچىلىك ئېلان خىراجىتى سەرپ قىلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر سېتىپ چىقىرالمايمىز. خېرىدار ئەڭ ياخشى «سۈپەت تەكشۈرگۈچى»، مەھسۇلاتىڭىز ياخشى بولسا، ئۇلار سىزنى «بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرىدۇ»، مەھسۇلاتىڭىزدا مەسىلە بولسا، ئۇلار سىزنى ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ.

ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:

   مەھسۇلات ياخشى بولسىمۇ تەشۋىق قىلمىساق، باشقىلار مەھسۇلاتىمىزنى چۈشىنەلمەيدۇ؛ مەھسۇلاتىمىز ناچار بولۇپ، بىز ئۇنى ياخشى دەپ تەشۋىق قىلساق پەقەتلا پاسسىپ رول ئوينايدۇ.

-مېيتىس.باڭۋېي گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى قوشۇمچە لېدىرى جۇ چېڭجيەن


مەنبە: 时事出版社   نەشىر قىلغان

<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب

2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى 

 ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى 

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ