A-A+

ئەينەك (1)

2015-يىل 1-ئاپرېل ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 363 قېتىم

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى

66bOOOPICc4مۆمىنجاننىڭ بۇ شەھەرگە كىلىپ تاش دۇكان ئاچقىنىغىمۇ يېرىم يىل بۇلاي دىگەن ئىدى. لىكىن چوڭراق سودا قىلمىدى. ئۇنى غەم باستى،سودا پۇرسىتى ئىزدىدى،پۇل سانىغۇسى كەلدى. دەل شۇ كۈنلەردە باشقىلار ئارقىلىق تۇنۇشۇپ قالغان ھەم تۈرلى ئۇسۇل بىلەن  تېلىپۇن نۇمۇرىنى قولغا كەلتۈرگەن خەن خوجايىننىڭ ئىزدەپ كىلىشى ئۇنى خوش قىلىۋەتتى.چۈنكى،مۆمىنجان  بۇندىن بۇرۇن بۇ خوجايىن بىلەن بىر قانچە قېتىم كىچىك سودا قىلغان ھەم ئۆيىگىمۇ بارغان بولغاچقا ئۇنى ئىشەنچىلىك  خېرىدار دەپ قارايتى. ‹‹ تاشنى ئاپارساملا پۇل ئەكىلىمەن، سەن مەن بىلەن بارساڭ قولايسىز. ماڭا ئىشەنمەمسەن؟.... ›› دىگەندەك گەپلەرگە ئىشەنگەن مۆمىنجان تاپمىغان پايدىنىڭ ۋەسۋەسىسى بىلەن  دىرى 300000 يۈئەنلىك سېتىپ بىرىش ئۈچۈن باشقىلاردىن ئالغان بىر دانە تاشنى خوشنا شەھەردىن كەلگەن بۇ خوجايىنغا 450000 يۈئەنگە ھۆججەت ئېلىپ بەردى ھەم تاپماقچى بولغان 150000 يۈئەننى خاتىرجەم خەجلەشنىڭ تاتلىق خىيالىغا چۈشتى.

ھۆججەتتە بەلگۈلەنگەن بىر ئاي ۋاقىت تۇشۇپ ھەپتىمۇ ئۆتتى.خوجايىننىڭ ئۈزىنى كۈرۈش تۈگۈل تېلىپۇندا پاراڭلىشىشمۇ تەسكە توختاۋاتاتتى. بىرئاز ئەنسىزچىلىككە چۈشكەن مۆمىنجان ئۇنى ئىزدەپ بارغان ئىدى خوجايىننىڭ ‹‹ بىر-ئىككى كۈن ساقلا،شىرىكىم شەندوڭدا،ئۇ كەلسىلا پۇلۇڭنى بىرىمەن. ›› دىگەن جاۋابىغا ئىرىشتى. شۇ جاۋاپ بىلەن خوجايىننىڭ ئۈيىگە تولا قاتراپ كۈنلەر ئۈتىۋەردى.

‹‹ يا تېشىمىزنى ،يا پۇلىمىزنى بەر ›› دەپ ئالدىراتقىلى تۇرغان تاش ئىگىللىرىنىڭ ئالدىدا خىجالەتتە قالغان مۆمىنجان كەسكىن تەدبىر قوللىنىشقا باشلىدى. ئادەم ئۇرۇشقا بولمايتى. چۈنكى ئادەم ئۇرۇپ قويسا ئىشنىڭ خارەكتىرى ئۆزگۈرۈپ كېتەتتى.شۇنىڭ بىلەن مۆمىنجان باشقا قاتتىق-يۇمشاق ۋاستىلارنى قوللىنىشقا باشلىدى. يېلىنىپ يالۋۇرۇش،قائىدە سۆزلەش،ئۈيىگە بېرىپ يېتىۋېلىش،ھەيدەۋاتقان ماشىنىسىنى ئەكىۋېلىش،تىللاش،تەھدىت سېلىشلارنىڭ ئۈنىمى بۇلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.(خوجايىن ‹‹مەندە پۇل يوق،شېرىكىم كەلمىسە مەندە ئامال يوق،ساقلاپ تۇر››دەپ كۆكىرىپ،تۈگىلىپلا  تۇرىۋالغان ئىدى ) كونا تاشچىلاردىن،ئادۋۇكاتلاردىن مەسلىھەت سوراش ئارقىلىق  مۆمىنجان ئاخىر قانۇنى يول ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش قارارىغا كەلدى ھەم ئۈزى تۇرۇشلۇق رايۇندىكى ساقچىئخانىغا  دىلو مەلۇم قىلدى.ساقچىلار ئەھۋال ئىگىلىگەندىن كىيىن دىلو توختىتىپ  بۇ دىلونىڭ خارەكتىرىنى ‹‹ ئالدامچىلىق جىنايىتى ( زاپىيەنزۈي-诈骗罪) ›› دەپ بېكىتتى ۋە بۇ خوجايىننى تۇتۇپ  تاشنى قايتۇرۇپ كەلدى.چوڭ زىيان ئەسلىگە كەلدى،لىكىن تۆت ئاي ۋاقىت،چەككەن رىيازەت ۋە تۈرلۈك چىقىملار مۆمىنجانغا ئاچچىق ئەسلىمە بۇلۇپ قالدى.

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ