مىجىت لېتىپ : (2) يېڭى ئىقتىسادى دەۋرىدىكى ھەمكارلىق توغرىسىدا
2016-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى . << بايبول بايلىق بۇلىقى >> ئۈندىدار توپىدا سۆزلەنگەن لىكسىيە
( مىجىت لېتىپ ئەپەندىنىڭ ماقۇللىقى بىلەن ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تارقاتتى )
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بايبول بايلىق بۇلىقىدىكى بارلىق قېرىنداشلار !
ئەتىگەنلىكىڭلار خەيرىلىك بولسۇن ، مەن ئالدىنقى كۈندىكى ۋەدەمگە ئاساسەن ھازىر لىكسىيەمنى باشلايمەن .
قەيسەر مىجىت ، قەيسەر ھاجى ئۇكام مەن ئالدىنقى كۈنى سۆزلىگەن لىكسىيەمگە بەرگەن باھايىڭلارغا ۋە رىغبەت سۆزلىرىڭلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت.
بۈگۈن سۆزلىمەكچى بولغان تېمام يەنىلا ھەمكارلىق ھەققىدە بولىدۇ.ھەمكارلىق __________ بۇ بىرەر مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا بىردىن ئارتۇق ئادەم ، ئورۇن ،تەشكىلات ھەتتاكى دۆلەتلەر ئارا ماسلىشىپ تۇرۇپ ئېلىپ بارىدىغان ھەرىكەتتىن ئىبارەت . مەن بۈگۈنكى لېكسىيەمدە دىيارىمىزدىكى كارخانىلار ئىچىدە تەرەققىي قىلىش جەريانىدا ياخشى بىر ئەندىزە ياراتقان ئىككى كارخاننى مىسال قىلغان ئاساستا ئۆزەمنىڭ ھەمكارلىق ھەققىدە پىكرىمنى ئىلگىرى سۈرىمەن . بۇلارنىڭ بىرسى قاراشەھەر قايدۇ زاۋۇتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ھەمكارلىق.قايدۇ شىركىتى ئەسلىدە يەككە ئائىلىۋى ئىگىلىكتىكى ، تەم مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان شىركەت ئىدى. كېيىن بازار ئېھتىياجىنى ئاساس قىلىپ جەمىيەتتىن پاي قۇبۇل قىلىپ بۇ شىركەت قىسقىغىنە ئىككى - ئۈچ يىل ئىچىدە ئەسلىدىكى قالاق ئائىلە ئىگىلىكىدىكى بىر زاۋۇتتىن زامانىۋى كارخانىغا ئايلاندى.
ھازىر قايدۇنىڭ مۈلىكى نەچچە ئون مىليۇندىن ئاشىدۇ . يىللىق ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارىمۇ خېلە سالماقنى ئىگەللەيدۇ.قايدۇنىڭ بۇ تەرەققىياتىنى بىرلا سۆزگە يىغىنچاقلىساق قايدۇ شىركىتى كېڭىيىش ۋە زورىيىش ئۈچۈن جەمىيەتتىن پاي قۇبۇل قىلدى ( يەنى مەبلەغ جەلپ قىلدى ) شۇ قىسقىغىنە مەبلەغ جەلپ قىلىش جەريانىدا قايدۇ شىركىتى ئون ئالتە پايچىكتىن تەركىب تاپقان كارخانا ئەندىزىسىنى ياراتتى . ئون ئالتە پايچىكنىڭ سالغان مەبلىغى نەچچە ئون مىليۇن بولۇپ شۇ ئارقىلىق قايدۇ شىركىتى زامانىۋى سېخ ۋە ئەسلىھەلەرنى ، ئۈسكىنەلەرنى تۇلۇقلاش بىلەن بىرگە ئىشلەپچىقىرىشقا زۆرۈر بولغان ھەممە ئىمكانىيەتلەرنى ياراتتى.شۇنىڭ بىلەن قايدۇ شىركىتى ئۆتكەن يىلى 2-ئايدا زامانىۋى ئۈسكىنىلەر تېخى قۇراشتۇرۇلۇش ھالىتىدە تۇرىۋاتقاندىلا نەچچە مىليونلۇق سودا قىممىتىنى ياراتتى.
بۇ تەرەققىياتلارنىڭ ھەممىسى قايدۇ شىركىتىنىڭ ھازىرقى زامان تەرەققىياتىدا بولۇپمۇ كارخانىچىلىق تەرەققىياتىدا ھەمكارلىقنىڭ كام بولسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىدا . كام بولسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقتىن ئۆزىدىكى ئاجىزلىق بولىۋاتقان مەبلەغ يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلغان ۋاقىتتا قايدۇنىڭ بازار تېپىۋاتقان مەھسۇلاتىنىڭ تېخىمۇ بازارلىق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىدا .شۇڭا قايدۇ شىركىتى ئون ئالتە پايچىكنى جەلپ قىلغاندىن كېيىن بۇرۇنقى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 60 ھەسسە ئاشتى.
قايدۇ شىركىتىنىڭ بۇ خىل ئىسلاھات يەنى كارخاننى كېڭەيتىش ئۈچۈن جەمىيەتتىن مەبلەغ جەلپ قىلىشى ناھايىتى توغرا بىر تاللاش بولغان.قايدۇ شىركىتى ئۆتكەن يىللاردىن بايىنغۇلۇن ئوبلاستى بويىچە باشلامچى كارخانا بولغان بولسا بۇ يىل ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى ئاشۇرسىلا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز بويىچە باشلامچى كارخانىغا ئايلىنالايدۇ.ئىقتىسادىي ئۈنىمىنىمۇ زور دەرىجىدىلا ئاشۇرالايدۇ.
قايدۇ شىركىتى 300 نەپەر دىھقاننى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى دېھقان ئىگىلىكىدىن ئىشچىلىق ئىگىلىكىگە ئۆتىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى.بۇمۇ قايدۇ شىركىتىنىڭ زور ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنىمىدۇر.
ئەگەرچەندە ئاقسىلنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى ھەمكارلاشماي تاشقىن شىركىتى ئۆزى قىلىمەن دېگەن بولسا زور مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق سېخ سېلىشى ، ئۈسكىنىلەرنى سېتىۋېلىشى ۋە باشقۇرغۇچىلارنى ، تېخنىك ۋە ئىشچىلارنى تەكلىپ قىلىشى كېرەك ئىدى. بۇنىڭغا ناھايىتى زور مەبلەغ ، سېلىنما ئەڭ مۇھىمى نۇرغۇن ۋاقىت كېتەتتى. بىراق تاشقىن شىركىتى ئىپار شىركىتىدەك تەرەققىي قىلغان ، زامانىۋى كارخانا بىلەن ھەمكارلىق توختامى تۈزۈش ئارقىلىق ھاۋالىلىك مال ئىشلەپ بېرىش شەكلى بىلەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلدى.بۇ بىزنىڭ كارخانىچىلىقىمىزدىكى بىر ياخشى ھەمكارلىق ئەندىزىسىدۇر.
تاشقىن شىركىتى بىلەن يېشىل شىركىتى ھەمكارلىق ئورناتتى.بۇ كېلىشىمدە تاشقىن شىركىتى مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىشنى يېشىل شىركىتىگە تاپشۇردى. تاشقىن شىركىتى يېشىل شىركىتىنىڭ ئىقتىساس ئىگىلىرى ۋە ئىقتىسادى تېخنىك ئۈستۈنلىكىدىن پايدىلىنىپ يېڭى مەھسۇلات يارىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرىشنى مەقسەت قىلغان بولسا ، يېشىل شىركىتىمۇ ئۆزىنىڭ تەتقىق قىلىپ بازارغا سالغان مەھسۇلاتلىرىنى تاشقىن شىركىتىنىڭ بازاردىكى ئىناۋىتى ، سېتىش تورى ۋە تەجرىبىلىرى ئارقىلىق تېزلىكتە بازارغا كىرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ ، تەنەرقىنى تۆۋەنلىتىپ ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىشتا ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم قازاندى.بۇ خىل ھەمكارلىق ھەر ئىككىلى شىركەتكە زور ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ.
بىز ئۆز ئالدىمىزغا شىركەت قۇرىمىز دېسەك ئۇچرايدىغان قىيىنچىلىقىمىز كۆپ.ئەگەر بىز ھەمكارلاشماي ئۆز ئالدىمىزغا ، ئۆز كارخانىمىز بىلەنلا بولساق تەرەققىيات سۈرئىتىمىز بەكلا ئاستا بولۇپ قالىدۇ. بىزدىكى << ئىككى ئۆيدىكى قۇرغۇن ( قۇرۇق ئۇن ) بىر ئۆيگە ئاش بوپتۇ >> دىگەن ماقالنىڭ ھەقىقەتەن توغرىلىقى ئەمەلىي ئىسپات بىلەن ئىسپاتلاپ بېرەلەيمىز.
تاشقىن شىركىتى يەنە بايرام شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق توختامى تۈزدى.بايرام شىركىتى ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئەڭ ياش دوكتۇر ئابدۇراخمان ئىنىمىز تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ ئالاھىدىلىكى تور سودىسىنى ئېلىپ بېرىش . ھەممىمىزگە مەلۇم تور سودىسى زامانىمىزدىكى بىر يېڭى شەيئى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەنئەنىۋى سودىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ يەرشارىشىلىشىپ كەتتى. ئىنىمىز ئابدىراخمان ئۆزى مۇشۇ كەسىپنى ئۇقىغانلىق ۋە ئۆزىنىڭ مۇشۇ كەسپىتىكى ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن بايرام شىركىتىنى قۇردى.
تاشقىن شىركىتى بايرام شىركىتىدەك بىر سەھنىنى ھاسىل قىلىمەن دېسە قىيىنچىلىق ئەلۋەتتە زور. تاشقىن شىركىتى بايرام شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئۆزىدىكى قىيىنچىلىقىنى ئۈستىنلىككە ئايلاندۇردى.تاشقىن شىركىتىنىڭ كارخانىچىلاردا بولىدىغان سەزگۈرلىكى بىلەن بۇ يېڭى شەيئىنى بايقىشىنىڭ ئۆزى بىز ھەممىمىز دىققەت قىلىدىغان نۇقتا. بىز ھەر ۋاقىت كارخانىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرىمەن دەيدىكەنمىز مۇشۇنداق يېڭىلىقلارغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.مىللى كارخانىچىلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق ھەمكارلىشىشى بىز ھەممىمىز ئۆرنەك قىلىدىغان نۇقتا.
تاشقىن شىركىتى يەنە ئۆزتۈرك كارخانا مەسلىھەتچىلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتى. ئۆز تۈرۈك كارخانا مەسلىھەتچىلىك شىركىتى بولسا ئەنگىلىيەدە ئىلىم تەھسىل قىلىپ قايتىپ كەلگەن دوكتۇر مۇھەممەت ياسىننىڭ دىيارىمىز كارخانىچىلىقىدىكى ئاجىزلاقلارنى بايقاپ كارخانىچىلىرىمىزغا ياردەم قىلىش مەقسىتىدە قۇرغان شىركەت . تاشقىن شىركىتى ئۆز تۈرك شىركىتىنى ئۆز كارخانىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىستىراتىگىيەلىك پىلان تۈزۈش مەسلىھەت بېرىش ئىشلىرىغا تەكلىپ قىلدى.
ئەمدى ھازىر دۆلىتىمىزدە يولداش شى جىنپىڭ رەھپەرلىكىدە ئۈچۈنچى باسقۇچلۇق يېڭى بىر دەۋر باشلىنىۋاتىدۇ دەپ قارايمەن . ئۇ بولسىمۇ دۆلىتىمىزدىكى ئومۇميۈزۈك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش مەركەز تەرىپىدىن يولغا قۇيۇلىۋاتىدۇ.دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ پېيىنى خۇسىسىي ئىگىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ سېتىۋېلىشىغا تامامەن مۇمكىن بولىدىغان بولدى.مۇشۇنداق چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولىۋاتقان پەيتتە مىللىي كارخانىلىرىمىز بۇ سىياسەتلەردىن قانداق پايدىلىنالايدۇ؟ بۇمۇ بىز جىددى ئويلىشىدىغان مەسىلە .
جەمىئەتتە ئۇيغۇرلار ھەمكارلىشالمايدۇ ، شېرىكلىشەلمەيدۇ دىگەن گەپلەر كۆپ . مېنىڭچە بۇ ناھايىتى ئاساسىز ، ناچار بىر قاراش. بىز چۇقۇم ھەمكارلىشىشىمىز ، ھەمكارلىق ھەققىدە ئىزدىنىشىمىز كېرەك. بىز ھەمكارلىشىشىنىڭ ياخشى ئەندىزىسىنى چۇقۇم بەرپا قىلالايمىز . ھەمكارلاشساقلا ھەر خىل كىرزىس ۋە قىيىنچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ كارخانىچىلىقىمىزدا پارلاق مەنزىللەرنى كۈتىۋالالايمىز.
بۈگۈنكى لېكسىيەم تۈگىدى . ئەتە كاماندۇرۇپكىغا چىقىمەن . كاماندۇرۇپكىدىن قايتىپ كەلگەندە ھەمكارلىقنىڭ شەكلى ھەققىدە لېكىسيە سۆزلەپ بېرىمەن.كۆپچىلىكنىڭ ئاڭلاپ بەرگىنىگە رەھمەت.
2016-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى