دۆلەت دەرجىلىك خوتەن قاش پىريومچىسى-توختى ئابدۇۋايىت
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى
دۆلەت دەرجىلىك خوتەن قاش پىريومچىسى - توختى ئابدۇۋايىت ، ئۇيغۇر ، 1967-يىلى 4-ئايدا خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسىدە تۇغۇلغان . 1990-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ سانائەت ئىنىستۇتى ( ھازىرقى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى ) قېزىلما بايلىقلارنى قېدىرىپ تەكشۈرۈش كەسپىنى پۈتتۈرگەن . 1990-يىلى 8-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق قېزىلما بايلىقلار قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى خوتەن ۋىلايىتى 10-چوڭ ئەترىتىگە خىزمەتكە ئۇرۇنلاشقان.
1991-يىلى 4-ئايدىن 1994-يىلى 6-ئايغىچە خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسى تەۋەسىدىكى شىنجاڭ-شىزاڭ تاش يولى سەيدۇللا-كانچىۋا بۆلىكىدە خوتەن قاشلىرىنى قېدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشقان ۋە رىياسەتچىلىك قىلغان. بۇ جەرياندا ئىككى قاش كان ۋە بەش كان رايۇنىنى بايقىغان.بىر كاننى بىر تەرەپتىن قېزىپ بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلىگەن.
1994-يىلى 7-ئايدىن 1995-يىلى 8-ئايغىچە خوتەن كېرىيە ناھىيەسى تەۋەلىكىدىكى ئالماس-خان ئېرىق بۆلەكلىرىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ بىر قاش كاننى بايقىغان ھەم قېزىشقا قوماندانلىق قىلغان.
1996-يىلى 1-ئايدىن 1996-يىلى 10-ئايغىچە بولغان ئارلىقتا خېنەن ئۆلكىسى جېنپىڭ ناھىيەسى(شىفوسى بازىرى)،جىياڭسۇ ئۆلكىسى سۇجۇ شەھىرىدە كوھكەنلىك (ئويمىچىلىق) جەھەتتە تەكشۈرۈش ۋە ئۆگىنىشتە بولغان.
1997-يىلى 5-ئايدىن 98-يىلى 10-ئايغىچە چوڭ يۇلغۇنلۇق(خوتەن) كان رايۇنىنى تەكشۈرۈشكە قوماندانلىق قىلغان.
1999-يىلى 5-ئايدىن 2000-يىلى 9-ئايغىچە خۇبېي ئۆلكىسى قېزىلما بايلىقلارنى تەكشۈرۈش ئىدارىسىدىكىلەر بىلەن بىللە خوتەن رايۇنىدىكى قېزىلما بايلىقلارنى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان.
2001-يىلى 1-ئايدىن 2004-يىلى 5-ئايغىچە خوتەن ۋىلايىتىدىكى گۆھەر تاشلار بايلىقى زاپىسىنى مۆلچەرلەش، ئېنىقلاش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلغان.بۇ ئارلىقتا (يەنى 2002-يىلى 4-ئايدىن 2004-يىلى 7-ئايغىچە) جىلىن سانائەت ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ قېزىلما بايلىقلارنى قېدىرىپ تەكشۈرۈش كەسپىدە ئاسپىراتلىقتا (تەتقىقاتچى ئۇقۇغۇچى)ئۇقۇغان.
2004-يىلى 5-ئايدا خوتەن ۋىلايەتلىك تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسى گۆھەر تاشلارنىڭ سۈپىتىنى بېكىتىش ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان ھەم ھەر خىل خوتەن قاش ئەۋرىشكىلىرىنى رەتلەپ ،خوتەن قاشلىرىنىڭ سۈپىتىنى پەرقلەندۈرۈش،تۈرلەرگە ئايرىش ،قاش تۈرلىرىنىڭ ئىلمىي نەزىريەسىنى تۇرغۇزۇش جەھەتلەردە نۇرغۇن ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.
مەزكۇر ئورۇنغا سۈپىتىنى بېكىتىشكە خېرىدارلار ئېلىپ كەلگەن تۈرلۈك گۆھەر تاشلارنىڭ سۈپىتىنى خاتاسىز بېكىتىپ كەسپىي خىزمەتلەرنىڭ يۈرۈشلىشىشى ئۈچۈن كۆرىنەرلىك تۆھپە قوشقان.
ئۆزىنىڭ ئەمىلىي خىزمەت ئىقتىدارى ۋە توختاۋسىز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق 2006-يىلى 11-ئايدا <<دۆلەت دەرىجىلىك خوتەن قاش پىريومچىسى >> لىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.
ئۇ ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرگە خوتەن قاشلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرغان ھەم نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلەرنى يازغان.ئۇنىڭ <<چۆل قېشى بىلەن تەقلىدىي چۆل قېشىنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى>> ۋە << زىرە قاش بىلەن تەقلىدىي زىرە قاشنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى >> دېگەن ئىككى پارچە ئىلمىي ماقالىسى جۇڭگۇدىكى نۇپۇزلۇق ژۇرنال <<جۇڭگۇ گۆھەر تاشلار >> ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.
ئۇ ھازىر تاش قاپلىق خوتەن قاشلىرى (شىباۋيۈ ) نى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى ،خوتەن قاشلىرى بىلەن چىڭخەي قاشتېشى،روسىيە قاشتېشىنى ئاددىي كۆز بىلەن پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى،شەربەت چاپانلىق زىرە قاش بىلەن تەقلىدىي شەربەت چاپانلىق زىرە قاشنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى قاتارلىق قېيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان تەتقىقات تۈرى بىلەن شۇغۇللانماقتا.
بىز دۆلەت دەرجىلىك خوتەن قاش پىريومچىسى -توختى ئابدۇۋايىتنىڭ بۇندىن كېيىن يۇرتمىزنىڭ قاشگەرلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خەلقىمىزگە ئەمەلىي نەپ بېرىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئېرىشىشىگە تىلەكداشىمىز .