A-A+

بىر نەچچە كېمىگە تەڭ دەسسەش كېرەك

2015-يىل 15-ئىيۇل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 508 قېتىم

ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى

 4 - باب 12 - پارگىراف

w0200707133487108540484

بېيىش تەپەككۇرى:

   نامراتلار: ئىش قىلىشتا چوقۇم مەلۇم بىر ئىشقا پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن بېرىلىشىمىز كېرەك، زېھنىمىزنى باشقا ئىشلارغا سەرپ قىلساق چوقۇم ياخشى قىلالمايمىز.

   ۋېنجۇلۇقلار: ئوخشىمىغان باسقۇچلاردا ئوخشىمىغان پىلان بولىدۇ، كارخانىنىڭ بارغانسېرى چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ خەتەرمۇ بارغانسېرى چوڭىيىدۇ، پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان خەتەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن چوقۇم مەبلەغنى كۆپ خىللاشتۇرۇش كېرەك، مەلۇم بىر ساھەگە سالغان مەبلەغ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىمۇ يەنە باشقا تەرەپلەردىن ئۆزىمىزنى ئوڭشىۋالغىلى بولىدۇ.


   سودىگەرلەر تىجارەتتە خەتەرگە يولۇقۇشتىن قورقىدۇ، تىجارەتنىڭ بارغانسېرى چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ھەر بىر ۋېنجۇلۇق سودىگەر بۇنى چوڭقۇر ھېس قىلغان.

  پەقەت مەلۇم بىر ساھەدىلا تەرەققىي قىلىپ تاسادىپىي قىيىنچىلىققا ئۇچرىساق، ئەسلىگە كەلمىكىمىز تەسكە توختايدۇ. ئاسىيادىكى بىرىنچى باي لى جياچېڭ مۇنداق دېگەن: «مەبلەغ سېلىش قائىدىسى بويىچە، بارلىق مەبلەغنى پەقەت بىر ساھەگىلا مەركەزلەشتۈرۈشكە بولمايدۇ» .«پۈتكۈل سەپ بويىچە مەغلۇب بولۇش» خەتىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، چوقۇم مەبلەغنى ئوخشىمىغان ساھەلەرگە سېلىشىمىز كېرەك، بۇنداقتا تاسادىبىي بىر تەرەپتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىساقمۇ يەنە ئەمەلىي كۈچىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز.

 ۋېنجۇلۇق بىر سودىگەر مۇنداق دېگەن: «كارخانا چوڭايغانسېرى خەتەرمۇ چوڭىيىپ ماڭىدۇ؛ بىلگەنلىرىڭىز كۆپەيگەنسېرى ئۆزىڭىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ بەرسىلەرنى بىلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز؛ كارخانا ئىشلىرى ماڭا نۇرغۇنلىغان خۇشاللىقلارنى ئاتا قىلدى، يەنە مېنى ناھايىتى بېسىم ھېس قىلدۇردى. مەغلۇبىيەت-غەلبىنىڭ ئانىسى، تېخىمۇ مۇھىمى غەلبە-مەغلۇبىيەتنىڭ دادىسى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، بۇ خىل كىرىزىس ئېڭى مەندىن يىراقلىغىنى يوق. پەقەت مەنلا ھايات بولسام، مەن مەڭگۈ مۇۋەپپەقىيەتتىن گەپ ئاچمايمەن.» نۆۋەتتە، ۋېنجۇدىكى نۇرغۇنلىغان سودىگەرلەر كىرىزىسنى ھېس قىلىپ، خەتەردىن ئۆزىنى قوغداشقا باشلىدى.

بەزى كارخانىلار ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي كەسپىنى تۈۋرۈك قىلىپ تۇرۇپ، باشقا ساھەلەرگىمۇ سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى، مەسىلەن: كاڭنەي ئىلگىرى-كېيىن كىيىم-كېچەك شىركىتى، ئىچ كىيىم شىركىتى ۋە ئاياغ ماتېرىياللىرى شىركىتى قۇردى؛ ئاۋكاڭمۇ «مىچى» ئاياغ ماتېرىياللىرى شىركىتىنى قۇردى.

بەزى كارخانىلار بىر داڭلىق ماركا ۋە كۆپ ماركا ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ماركا خاراكتېرلىك خەتەرنىڭ شىركەتنىڭ جان ساقلاش ۋە تەرەققىياتىغا تەھدىت سېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. بىر داڭلىق ماركا ۋە كۆپ ماركا-داڭلىق ماركىنى يېتەكچى، باشقا ماركىلارنى ئەگەشكۈچى قىلغان ئاساستا بازارغا كىرىش، ھەمدە ئوخشىمىغان مەھسۇلات ئۇقۇملىرى ئارقىلىق بازارنى ئايرىپ، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ بازار ئۈلۈشىگە ئىگە بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: كاڭنەينىڭ خۇڭشىڭ، لاۋيېچې؛ ئاۋكاڭنىڭ كاڭلۇڭ، مېيلىجيارېن؛ قىزىل يىڭناغۇچنىڭ تۇڭشيې، خۇلالا، جيېلۇ قاتارلىقلار.

   ۋېنجۇدىكى بەزى كارخانىلار مەبلەغ چىقىرىپ دۆلەت سىرتىدىكى داڭلىق ماركىلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تىجارەت ھوقۇقىنى سېتىۋالغان. مەسىلەن: جىنلىلەي، كادەنلۇ، مېيتېي، پلېي بوي، ۋارلۈن، دۇشېن قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ۋېنجۇلۇق سودىگەرلەر تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان.

 بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋېنجۇ سودىگەرلىرىنىڭ كۆپ خىللاشقان تىجارەتكە قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇرۇشتا مۇقىم قېلىپ، سۇدىدا مۇقىم شەكىل يوق. بازار رىقابىتى كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، كۆپ خىللىشىش كارخانا تىجارىتىدىكى بىر يۆنىلىشكە ئايلاندى. نەن سۈنخۇينىڭ قارىشىچە، كۆپ خىللىشىش-كارخانىنىڭ خەتەردىن ساقلىنىش، بىرلا يولدا ۋەيران بولۇش خەۋپىدىن ساقلىنىشتىكى بىر تاللاش؛ كەسپلەرنى يۈكسەلدۈرۈش-كارخانا، بولۇپمۇ خەلق ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئۆتكەللەردىن ئۆتۈشىدىكى مۇقەررەر تاللاش.

كۆپ خىللىشىشنى چوقۇم ھەر تەرەپتىن ئويلىشىش كېرەك. 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا، دەسلەپتە كۆلەملەشكەن جېڭتەي گۇرۇھىمۇ كۆپ خىللىشىشنىڭ تەمىنى تېتىپ باققان. ئۇلار ئىلگىرى كىيىم-كېچەك، ئىچىملىك سۇ قاتارلىق جېڭتەينىڭ ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرىدىن ئىبارەت ئاساسىي كەسپى بىلەن پۈتۈنلەي مۇناسىۋىتى بولمىغان كەسپلەرگە كىرىپ باققان،بىراق نەچچە مىليونلۇق مەبلەغنى سەرپ قىلغاندىن كېيىن ئاخىرىدا يەنىلا مەغلۇب بولغان.

   بۇ خىل كۆپ خىللىشىش نەن سۈنخۇيغا مۇنداق قائىدىنى ھېس قىلدۇرغان :‹‹كۆپ خىللىشىشنى چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئەمەلىي كۈچىگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىشىمىز، ئەمەلىيەتتىكى كۆپ خىللىشىشقا كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، قارىغۇلارچە كۆپ خىللىشىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن نەتىجىدە ياخشى قىلالمايلا قالماستىن، ئۆزىمىزنىڭ ئاساسىي كەسپلىرىنىمۇ ۋەيران قىلىۋېتىشىمىز مۇمكىن!» جېڭتەي بۇنىڭدىن مۇنداق ساۋاق ئالغان: «تونۇشلۇق بولمىغاننى قىلماسلىق، كەسپ كېڭىيىشى چەكتىن ئېشىپ كەتكەننى قىلماسلىق، كۆپ خىللىشىشتا چوقۇم ‹بىر كەسپ بىلەن كۆپ خىللىشىش›كېرەك ».

  شۇنىڭدىن كېيىن نەن سۈنخۇي ئىستىراتېگىيەلىك پىلانىنى ئۆزگەرتكەن، ئۇلار كەسپىنى «ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرىنى ياساش» تىن ئىبارەت ئاساسىي كەسپكە تەڭشىگەن، ھەمدە كەسكىن قارار چىقىرىپ «ئېلېكتىر بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھەر قانداق كەسپ بىلەن چەك-چېگرىنى ئاجرىتىش ››نى قارار قىلغان.

نەن سۈنخۇي مۇنداق دېگەن: «بىرلا كەسپ بىلەن كۆپ خىللىشىش دېگىنىمىز، ئاساسلىقى سىزنىڭ كارخانىڭىزنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇشىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكا ھەممىباب ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى قۇرۇلغىلى 100 يىلغا يېقىن بولدى، ئۇلار ئۆز كەسپىدىكى ھەر بىر مەھسۇلاتنى ناھايىتى ياخشى قىلالايدۇ، ئۇلار تەرەققىي قىلغاندىن كېيىن مەبلەغ ۋە مۇلازىمەت ئارقىلىق مۇكەممەل قۇرۇلما ھاسىل قىلغان. جېڭتەي گۇرۇھى مۇكەممەل كەسپلەر زەنجىرى ھاسىل قىلىشقا كۈچەيدۇ، يۈرۈشلەشكەن مۇلازىمەت بەرپا قىلىشقا ئېتىبار بېرىدۇ، پېيىمىزنى بازارغا سېلىشتىمۇ چوقۇم ئاساسىي كەسپىمىزنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىمىز.»

   2001-يىلى جېڭتەي ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى پاي چەكلىك شىركىتى ۋېنجۇ داچياڭ يۇقىرى تېخنىكا سانائەت باغچا رايونىنى قۇرۇپ، تۇتاشتۇرۇش ئۈسكۈنىلىرى، قىزىتىش ئۈسكۈنىلىرى، توك قېچىشنى ئۈزگۈچ، كىچىك تىپتىكى ئۈزگۈچ، بېسىم تۇراقلاشتۇرغۇچ، تۆۋەن بېسىملىق توك ئۆزگەرتكۈچ قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كەسپلەشكەن شىركەت قۇرۇپ چىققان.

  2002-يىلى جېڭتەي ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى پاي چەكلىك شىركىتى قايتىدىن رەتلىنىپ، كونترول ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى بىرىنچى شىركىتى، ئىككىنچى شىركىتى، ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى زاپچاسلىرى بىرىنچى شىركىتى، ئىككىنچى شىركىتى، ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى تېرمىنال مەھسۇلاتلىرى شىركىتى، بېسىم تۇراقلاشتۇرغۇچ شىركىتى قاتارلىقلارنى قۇرۇش بىلەن بىر ۋاقتتا، يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەپشەرلەش، ئېلېكترونلۇق زاپچاسلار، سۇلياۋ، مودىل سايمانلىرىنى ياساش، يېڭى مەھسۇلاتلارنى قوراشتۇرۇش قاتارلىق پارچە زاپچاسلار كەسپىگە كىرىشكەن.

   2004-يىلى جېڭتەي گۇرۇھى يەنە بىر قېتىم قايتا تەشكىللىنىپ، يۇقىرى بېسىملىق مەھسۇلات ۋە تۆۋەن بېسىملىق مەھسۇلاتتىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىي ئېقىمنى شەكىللەندۈرگەن، ھەمدە يۇقىرى بېسىملىق كوندېنساتور، يۇقىرى بېسىملىق ئىندۇكتور ۋە باشقا كاپىتاللىرىنى شاڭخەي «جېڭتەي ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى پاي چەكلىك شىركىتى» گە يۆتكىگەن.

   بۈگۈنكى كۈندە، جېڭتەي ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى پاي چەكلىك شىركىتىنى كەسپ يادروسى، ۋېنجۇ ۋە شاڭخەينى ئاساسىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەتقىقات بازىسى قىلغان جېڭتەي گۇرۇھى ئاللىقاچان شەكىللەندى.

   بەزى كىىشلەرنىڭ قارىشىچە، جېڭتەي گۇرۇھى كۆپ خىللىشىش جەھەتتە ۋەيران بولغان، بەزى تاراتقۇلار ھەتتا جېڭتەي «ۋېنجۇدىكى بىردىنبىر كۆپ خىللىشىش يولىغا ماڭمايدىغان كارخانا» دېگەن. ئەمەلىيەتتە، جېڭتەي ھەرگىز ئۇنداق قارىمايدۇ. جېڭتەي گۇرۇھىنىڭ قارىشىچە، كۆپ خىللىشىش ۋە كەسپلىشىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل تەرەققىيات شەكلى ياخشى-يامان دەپ ئايرىلمايدۇ، مەسىلە كارخانىغا ماس كېلىش-كەلمەسلىكتە.»

   جېڭتەي گۇرۇھىنىڭ كۆرسىتىشىچە، جېڭتەي گۇرۇھىنىڭ ئەينى ۋاقتتىكى كەسپ ئۇقۇمى «تۆۋەن بېسىملىق ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق تۆۋەن بېسىملىق ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىدىن ھالقىش» بولغان، بۇ بىر خىل كەسپ ئىچىدىكى كۆپ خىللىشىش، ھەمدە كەسپىي ساھەدىكى كېڭىيىش. جېڭتەينىڭ ئىلگىرى كۆپ خىللىشىش ئېلىپ بارماسلىقى ئۇلارنىڭ مەڭگۈ كۆپ خىللاشماسلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ؛ نەن سۈنخۇيمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئەڭ ياخشى قىلىشقا تىرىشىدۇ.

ۋېنجۇلۇقلار خەتەرلىك پەيتتىمۇ سوغۇققان بولالايدۇ، كارخانا مەيلى قانچىلىك چوڭىيىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار ھەر دائىم «نۆلدىن باشلىيالايدۇ»، «دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇش» نىيتىدە مۇستەھكەم تۇرالايدۇ. ئاۋكاڭ گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ جېنداۋنىڭ كىشىلىك ھايات نىشانى-«بۈگۈننى ئاساس قىلىپ ئەتىدىن باشلاش» تۇر. ۋاڭ جېنداۋ مۇنداق قارايدۇ: «ئاياغچىلىق كەسپىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، مەخسۇس سېتىش دۇكىنى شەكلىدىكى زەنجىرسىمان تىجارەت ئەندىزىسىنىڭ ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتەي دېدى، بۇنىڭدىن كېيىن كۆپ خىللاشقان مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ماركىلاشقان مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ، بۇنى ئاۋكاڭنىڭ بىر قېتىملىق كەسپ تەڭشەش ئىنقىلابى دەپ قاراشقا بولىدۇ.» شۇ سەۋەبتىن ئۇ ئىككىلەنمەستىن كۆپ خىللاشقان مەخسۇس سېتىش يولىنى تاللىدى، ھەمدە بۇنىڭغا قاراپ قەدەم ئالدى. ۋاڭ جېنداۋ قىلىدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ ئىدى، ئۇ ئاۋكاڭنى ھازىرقى زامان كارخانا قۇرۇلمىسىغا ئىگە دۆلەت ھالىغان، كەسپ ھالقىغان، كۆپ خىللاشقان ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك گۇرۇھقا ئايلاندۇرماقچى، ئاۋكاڭنى دۇنياۋى خاراكتېرلىك ماركىغا ۋە مىللەتنىڭ ئىپتىخارىغا ئايلاندۇرماقچى ئىدى.

   شاڭخەي ئەنشىن تاختاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لۈ ۋېيگۇاڭ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر مەبلىغىمىز كۆپ بولسا، بىز تېخىمۇ كۆپ تۈرلەرنى ئويلىشىمىز. چۈنكى پەقەت كۆپلىگەن تۈرلەرنى ئويلىغاندىلا ئاندىن خەتەرنى تارقاقلاشتۇرغىلى بولىدۇ. تىجارەتتە كەسپلىشىش ۋە كۆپ خىللىشىش مەڭگۈ بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، بۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشتا كارخانىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تەرەققىيات باسقۇچىغا قاراش كېرەك.

ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:

ئەگەر مەبلىغىمىز كۆپ بولسا، بىز تېخىمۇ كۆپ تۈرلەرنى ئويلىشىمىز.

-شاڭخەي ئەنشىن تاختاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لۈ ۋېيگۇاڭ


مەنبە: 时事出版社   نەشىر قىلغان

<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب

2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى

 ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى 

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ