A-A+

خېرىدارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىماق زۆرۈر

2015-يىل 8-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 201 قېتىم

مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى

48cb3cfd-6653-4408-ab50-887c34a234ec

10-دەرس 6-پارىگىراپ

خېرىدارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىماق زۆرۈر

ھازىرقى نۇرغۇنلىغان كارخانىلار ئىنتېرنېتتا «سىناق ئىشلىتىدىغان مەھسۇلات» لارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، بۇلار سىناق كىتابخانا، سىناق يۇمشاق دېتال، سىناق كىنو قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇناسىۋەتلىك خادىملار بۇنىڭغا مۇنداق چۈشەنچە بەرگەن: «سىناپ ئىشلىتىش خېرىدارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش، خېرىدارنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشتىن ئىبارەت. ئىنتېرنېتتا بۇ خىل سىناق مەھسۇلاتلار چىقىرىلغاندىن كېيىن، خېرىدارلارنىڭ ئۇنى ئىشلەتكەنلىكى ئۇلارنىڭ قىزىققانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ.» بىر كارخانىغا نىسبەتەن، ئۇ چىقارغان مەھسۇلاتلا پەقەت خېرىدارلارنى قىزىقتۇرالىسا ئاندىن بازار تاپقىلى بولىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، بۇنداق سىناپ ئىشلىتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئەنئەنىۋى تەشۋىقات ئۇسۇللىرىدىنمۇ تاپقىلى بولىدۇ. مەسىلەن: بىز دائىم تاللا بازىرىدىكى گىرىم بۇيۇملىرى پەشتاختىسىدىكى سىناپ ئىشلىتىلدىغان گىرىم بۇيۇملىرىنى، سودا مەيدانلىرىغا جايلاشقان كىيىم-كېچەك دۇكانلىرىنىڭ سىناپ كىيىپ بېقىشقا بولىدىغان كىيىملىرىنى، مېھمانساراي ۋە مەلۇم يېمەكلىك كەسپى چىقارغان تېتىپ بېقىشقا بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆرەلەيمىز. سودىگەرلەرنىڭ بۇنداق قىلىشى نېمە ئۈچۈن؟ ئەلۋەتتە خېرىدارلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ بېقىش ئۈچۈندۇر. بىر مەھسۇلات بازارغا چىققاندا ئەگەر خېرىدارلارنىڭ قوللىشى بولمىسا، ئۇ خىل مەھسۇلات چوقۇم ھالاكەتكە قاراپ يۈزلىنىدۇ. شۇڭا، سودىگەرلەر ھەر تۈرلۈك ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ خېرىدارلارغا مەھسۇلاتنىڭ ياخشى ياكى ناچار ئىكەنلىكىگە باھا بەرگۈزىدۇ، بۇ ئارقىلىق زور كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىش ياكى ئىشلەپچىقارماسلىقنى بەلگىلەيدۇ.

خېرىدارلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش ھەر تۈرلۈك مەھسۇلاتلار توشۇپ كەتكەن بۈگۈنكى سودا بازىرىغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم.

2010-يىلى، جۇڭگو (لىنجى) بازار سودىسى كۆرگەزمىسىنىڭ ئالتىنچى نۆۋەتلىك جۇڭگو (لىنجى) تاۋار بازىرى باشلىقلار ئۇچرىشىش يىغىنىدا، مايۈن بىر جانلىق مىسال ئارقىلىق 21-ئەسىر بازىرىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دېگەن: «20 يىل بۇرۇن، بىر قىزچاق لىنجى سودا بازىرىغا بېرىپ كىيىم سېتىۋالماقچى بولسا، ساتقۇچى چوقۇم بۇ كىيىمنىڭ سېتىلىشى ناھايىتى ياخشى، تۈنۈگۈن 500 قۇر سېتىلدى دەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا قىزچاق چوقۇم بۇ كىيىمنى سېتىۋالىدۇ؛ ئەگەر ھازىرقى ساتقۇچىلار بۇنداق دېسە، قىزچاق چوقۇم: كەچۈرۈڭ، مەن لىنجى بازىرىدا بۇنداق كىيىمدىن پەقەت بىرسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتىم دېيىشى مۇمكىن.» مايۈن كەلتۈرگەن بۇ مىسال بىزگە شۇنى ئېيتىپ بېرىدۇ: 21-ئەسىردىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر چوقۇم خېرىدارنىڭ ئېھتىياجىنى بىلىشى كېرەك.

مايۈن ئىنتېرنېتنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىغا نىسبەتەن مۇنداق دەيدۇ: «مەۋھۇم بازار ئېلىپ كەلگەن تەسىر ناھايىتى چوڭ بولىدۇ، بىر خىل يېڭىچە تىجارەت ۋە سېتىش ئەندىزىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى كارخانىلارنى ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە ۋە ۋەزىيەتكە ماسلىشىشقا يېتەكلەيدۇ. ئىنتېرنېتنىڭ ئۇچۇر، ئاخباراتقا بولغان سەزگۈرلۈك دەرىجىسى ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاستىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ. شۇ سەۋەبتىن لىنجىدىكى ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار، بولۇپمۇ توپ تارقىتىش سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلار چوقۇم ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنى تېز سۈرئەتتە چۈشىنىشى، نىشانلىق خېرىدارلار توپىنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىنى چۈشىنىشى كېرەك.» ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئىلگىرى زاۋۇتلار ھەر خىل مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ بولغاندىن كېيىن خېرىدار ئىزدەيىتتى، ھازىر زاۋۇتلار خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان بولدى.»

كارخانا تەرەققىي قىلماقچى بولىدىكەن، چوقۇم يېڭىلىق يارىتىشى لازىم. يېڭىلىق يارىتىش كارخانا تەرەققىياتىنىڭ ئۇل تېشى، كارخانا يېڭىلىق ياراتقاندا ئاندىن ئىلگىرىلىيەلەيدۇ. بىراق يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلى: ئىستېمالچىلارنىڭ يېڭىچە مەھسۇلاتقا بولغان پىسخىكىلىق ئىنكاسىنى چۈشىنىش كېرەك، بۇنىڭغا ئاساسەن پىلان تۈزگەندە يېڭىچە مەھسۇلات ئاندىن بازارغا توسالغۇسىز كىرەلەيدۇ، ھەر قانداق تۈردىكى مەلۇم بىر خىل ئېھتىماللىق كەم بولغان ئويلىنىش مەغلۇبىيەت بىلەن تۈگەللىنىشى، يېڭىچە مەھسۇلاتنىڭ سەپىرىنى ئۈزۈپ قويۇشى مۇمكىن.

«جۇڭگودىكى غەلبە» پىروگراممىسىغا قاتناشقان ماھىر دۇڭ ئەپەندىم 1987-يىلى دوستى لىن ئەپەندىم بىلەن ھەمكارلىشىپ گۇاڭدۇڭنىڭ فۇشەن شەھىرىدە بىر كىرئالغۇ شىركىتى قۇرغان ئىدى. 1988-يىلى، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتى بازارغا چىققاندىن كېيىن ئېھتىياجنى قاندۇرالماي قالغان بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋاستىچى سودىگەرلەر زاكاس قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئۆچرەتتە تۇرۇپ كەتكەن. 1989-يىلىغا كەلگەندە، 2000-يىلى ئىشلەپچىقىرىش پىلانلانغان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى زاكاس قىلىنىپ بولغان. دۇڭ ئەپەندىم ئۆزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى توختىماستىن كېڭەيتكەن. 1996-يىلى، شىركەتنىڭ پېيى شياڭگاڭ ئاكسىيە بېرژىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بازارغا سېلىنغان.

بىراق ياخشى كۈنلەر ئۇزۇنغا بارماي، ئۇلارنىڭ رىقابەتچىلىرى كۆپلەپ يېتىشىپ چىققان. كەسكىن بازار رىقابىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، 1997-يىلى شىركەت تەتقىقات بۆلۈمى تەسىس قىلىپ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكتۇر ئاشتى ليۇ خانىمنى كوللىكتىپقا يېتەكچىلىك قىلىپ بىر خىل ناھايىتى نېپىز بولغان كىرئالغۇ ئىشلەپچىقىرىشقا تەكلىپ قىلغان، ئۇلار بۇ ئارقىلىق مەھسۇلاتنىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرماقچى بولغان. 2000-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، يېڭىچە مەھسۇلات پىلان بويىچە ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، بۇ خىل كىرئالغۇ تېخىمۇ كىچىك، تېخىمۇ يېنىك ۋە تېخىمۇ سۇ تېجەشلىك ئىدى، بىراق ئۇنىڭغا قۇرۇق يۇيۇش ئىقتىدارى قوشۇلغاچقا، ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلارغا سېلىشتۇرغاندا %25 قىممەت ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ۋاستىچى سودىگەرلەر ۋە پارچە سېتىش سودىگەرلىرى بۇ خىل كىرئالغۇنى سېتىشنى خالىمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2000-يىلى 2-ئايدا شىركەتنىڭ رىقابەتچىلىرىدىن بىرى ئوخشاش تىپتىكى كىرئالغۇنى بازارغا سالغان، ئۇلار بۇ كىرئالغۇنىڭ قۇرۇق يۇيۇش سىستېمىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەنلىكىنى، باھاسىنىڭ تېخىمۇ ئەرزان ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلغان.

يېڭى مەھسۇلاتنىڭ سېتىلماسلىقى شىركەتنىڭ بازار ئۈلۈشىنى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەتكەن. نۆۋەتتە شىركەتنىڭ %75 مەھسۇلاتى ۋاستىچى سودىگەرلەر ئارقىلىق سېتىلدىغان بولۇپ، ئەگەر ۋاستىچى سودىگەرلەر رىقابەتچىلەر تەرەپكە ئۆتۈۋالسا ئەھۋال تېخىمۇ خەتەرلىك بولاتتى. يەنە بىر جەھەتتىن، دۇڭ ئەپەندىم بىلەن بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلىگەن لىن ئەپەندىم سېتىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، ئۇ سېتىش قوشۇنىنىڭ مۇقىملىقىدىن ناھايىتى ئەنسىرەيىتتى، چۈنكى شىركەت بازار ئېچىش جەھەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاچقا، ئىش ھەققى زور نىسبەتتە تۆۋەنلەپ، بىر قىسىم ئۆلكە دەرىجىلىك بازار مەسئۇللىرى شىركەتتىن ئايرىلىشنى ئويلىشىۋاتاتتى. سېتىش بۆلۈمىدىكى كىشىلەر تەتقىقات بۆلۈمىدىكىلەردىن ئاغرىنىشقا باشلىغان بولۇپ، تەتقىقات بۆلۈمىدىكىلەرنىڭ ئەزەلدىن ئۆزلىرىدىن پىكىر ئالمىغانلىقىدىن رەنجىگەن ئىدى، ئۇلار كىرئالغۇ سىرتقى قېپىنىڭ ھەددىدىن زىيادە نېپىز بولۇشى خېرىدارلارنى كىرئالغۇنىڭ سۈپىتىدىن خاتىرجەم قىلالمايدۇ دەپ قارايىتتى.

تەتقىقات بۆلۈمىدىكى ليۇ خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، خېرىدارلارغا «نېپىز» بولۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى چۈشەندۈرۈش سېتىش بۆلۈمىدىكىلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئىدى. «نېپىز» بولۇش تەننەرخنى ئازايتىپلا قالماستىن، كىرئالغۇ تېخىمۇ يېنىك بولاتتى، يەنە «قېلىن» بولغان كىرئالغۇلاردەكلا چىداملىق ئىدى. بىراق لىن ئەپەندىم ليۇ خانىمنىڭ ئويىنى قوللىمىغان، ئۇ خېرىدارلارنىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، خېرىدارلار سىرتقى قېپى قېلىن بولغان كىرئالغۇنى ياخشى كۆرگەن ئىكەن، چوقۇم شۇ خىل تىپتىكى كىرئالغۇنى ئىشلەپچىقىرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەيىتتى.

تەتقىقات بۆلۈمى بىلەن سېتىش بۆلۈمىدىكىلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئۆز-ئارا ئىشەنمەيدىغان دەرىجىگە يەتكەن. ليۇ خانىم لىن ئەپەندىمدىن بازارغا ئائىت تەپسىلىي ماتېرىياللارنى بېرىشنى تەلەپ قىلغان، بىراق لىن ئەپەندىم ئىككىلىنىپ قالغان. چۈنكى ئۇ تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى نۇرغۇنلىغان مەسئۇللارنىڭ مەخپىيەتلىك دەرىجىسى بۇنداق يۇقىرى ھۆججەتلەرگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بايقىغان، ئۇ ھەتتا شىركەتنىڭ يېڭىچە مەھسۇلاتىنىڭ بەزى لايىھەلىرىنى رىقابەتچىلەر ئوغرىلاپ كەتتى دەپ پەرەز قىلغان.

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، مايۈن مۇنداق باھالاش ئېلىپ بارغان:

ئەمەلىيەتتە شىركەتتىكى ئەڭ يادرولۇق مەسىلە بازارغا ئاساسەن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ خېرىدارلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاشتۇر. بازار ئېچىلىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندىن كېيىن چوقۇم خېرىدارلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش كېرەك. بارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا چوقۇم خېرىدارلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش، خېرىدارلارنىڭ زادى نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىش كېرەك، شۇندىلا بىز ئاندىن مەھسۇلاتنى قانداق ئىشلەپچىقىرىشنى ۋە خېرىدارنىڭ ئېھتىياجىنى قانداق قاندۇرۇشنى بىلەلەيمىز. نۇرغۇنلىغان كارخانىلارنىڭ ئالدىنقى مەزگىلدىكى مۇۋەپپەقىيىتى ئۇلارنىڭ كېيىنلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ مەغلۇبىيەتلەرنى كۆمۈپ قويغان بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمىشقا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى بىلمەيدۇ. خۇددى قىمارغا ئوخشاش، تۇنجى قېتىم يەڭگەندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىمدا يەنە ئالدىنقى ئۇسۇلنى قوللىنىدۇ، بىراق بازار ۋە ئەتراپتىكى مۇھىت ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئەمما ئۇلار خېرىدار ۋە بازار ئېھتىياجىنىڭ ئۆزگىرىشىنى چۈشەنمىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا نېمە ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىغانلىقىنى بىلىش كېرەك؛ مەغلۇب بولغاندىمۇ نېمە ئۈچۈن مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنگەنلىكىنى بىلىش كېرەك.

خېرىدارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى چۈشىنىش بىر كارخانىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل. ئەگەر بىز ئەتراپقا نەزەر سالساق شۇنى بايقايمىزكى، مەھسۇلات كۆپ مىقداردا بازارغا كىرمىگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ مەھسۇلاتنى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بازار تەكشۈرۈشى ناھايىتى كۆپ بولغان بولىدۇ. ئومۇمەن ئېيىتقاندا، بۇ خىل بازار تەكشۈرۈشىنى ئېلىپ بارغان كارخانىلارنىڭ كۆپىنچىسى بىر قەدەر پىشىپ يېتىلگەن كارخانىلار بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار خېرىدار ئېھتىياجلىق مەھسۇلاتنىڭلا ھەقىقىي تۈردە ئىشلەپچىقىرىلسا بولىدىغان مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ.

******************

مەنبە : چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى

<< مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى >> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى– ئۇيغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ