بايلار تۇرمۇشتىن بىلىمگە ئېرىشىدۇ
سۈرەتتە : بېيجىڭ مۇسابىقە ئاپتومبۇلى كۇلۇبىنىڭ قۇرغۇچىسى مەي لاڭ
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
نامراتلار كىتابتىن بىلىمگە ئېرىشىدۇ، بايلار تۇرمۇشتىن بىلىمگە ئېرىشىدۇ
بىلىم توغرىسىدا سۆزلىسەك كىشلەر دائىم كىتابنى، مەكتەپنى ئويلايدۇ. ئەمىليەتتە بىلىمنىڭ تېخىمۇ كەڭ مەنىسى بار. كىتاپتىكى بىلىمنى كىشلەر جەمئىيەت ئەمىليىتىدىن خولاسىلىغان بولۇپ ، ئۇ باشقىلارنىڭ تەجىربىسىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن.شۇڭا كىتاپتىكى بىلىمنى ئۆگۇنۇش ماھىيەتتە باشقىلارنىڭ تەجىربىسىنى ئۆگەنگە ئوخشاش. كىتابى بىلىملەرنى ئۆگۈنۈش دەرۋەقە مۇھىم لىكىن، شەيئىلەر ھەر ۋاقىت ئۆزگۈرۈپ تۈرىدۇ. بىز تۇرىۋاتقان مۇھىتمۇ ئۆزلىكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. كىتابتىكى بەزى بىلىملەرنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن. ھامان شاللنىپ كىتىدۇ. ئەگەر دائىم كىتابقىلا ئىشىنىپ ئەمىليەتتىن بىلىم ئۆگۇنۇشنى بىلمىسەك، مەڭگۇ ئىلگىرلىيەلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.
نامراتلارنىڭ نامرات، بايلارنىڭ باي بۇلۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئۇلارنىڭ بىلىمگە بولغان تۇنۇشى ئوخشاش ئەمەس. نامراتلارنىڭ بىلىم ئېلىش ئۇسۇلى پەقەت كىتابقىلا تايىنىش. ئۇقۇغان كىتابى كونا،ۋاقتى ئۆتكەن بولسا، ئۆگەنگەن بىلىمى ھەر قانچە كۆپ بولسىمۇ، نىمە پايدىسى بار؟ كىشلەر «كىتاب خالتىسى» دىيىش ئارقىلىق پەقەت كىتاب ئۇقۇشنىلا بىلىدىغان كىشلەرنى مەسخىرە قىلىدۇ. ئاشۇ بىلىمى كۆپ نامراتلارنىڭ بىلىمگە ئېرىشىش يولى يەككە بولغانلىقتىن، ئۆگەنگەن بىلىمىنى ئەمىليەتتە ئىشلىيەلمەيدۇ. ئەمىليەتتىن ئايرىلىپ قالغان بىلىم بايلىق يارتالمايدۇ.
ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئونمىڭ پارچە كىتاب ئۇقۇشتىن كەلگەن ھاسىلات، 10مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈپ قولغا كەلتۈرگەن ھاسىلاتقا يەتمەيدۇ. يولدا ئۆزىنىڭ ئەمىليىتى ئارقىلىق نۇرغۇن بىلىم ۋە تەجىربە ئۆگۇنۋالغىلى بولىدۇ. دەل مۇشۇ بىلىم ۋە تەجىربە سىزنىڭ بايلىق يارتىشىڭىزدا كەم بولسا بولمايدۇ. ئەمىليەتتىن ئايرىلىپ قالغان بىلىم -يىلتىزى كىسۋېتىلگەن دەرەخكە ئوخشايدۇ. ئۇ دەرەخ ھەر قانچە باراقسان بولسىمۇ ھامان قۇرۇپ كېتىدۇ.
20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ دەسلىپىدە، تېز تاماق ماگىناتى رېي.كروك تېخى بىر سۈت ئارلاشتۈرۇش ئۈسكۈنىسى سېتىش ئورنىنىڭ ساتقۇچىسى ئىدى. بىر قېتىم ئۇ كالفورنىيە شىتاتىدىكى بىر تاماقخانىغا 10 دانە سۈت ئارلاشتۇرغۇچ ساتتى. بىر تاماقخانا قانداقسىگە 10 دانە سۈت ئارلاشتۇرغۇچقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ؟بۇنىڭدىن ھەيرانلىق ھىس قىلغان كروك بۇ تاماقخانىنى سۈرۈشتۈردى. ھەم ئاكا – ئۇكا مەكدولاندلار باشقۇرىۋاتقان بۇ تاماقخانىنىڭ تىجارىتىدە باشقا تاماقخانىلارغا ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچىلىك بارلىقىنى بايقىدى. ئۇلارنىڭ تاماقخانىسى ياسىغان يىمەكلىك قولايلىق، تېز ھەم باھاسى ئەرزان بۇلۇپ، بۇنداق تىجارەت شەكلى تاماقخانىنىڭ سودىسىنى ئىنتايىن جانلاندۈرۋەتكەن ئىدى. رېي.كروك مەكدونالد ئاكا - ئۇكىلارنىڭ بۇ ئۇسۇلى ئېنقىلاپ خاركتېرلىك كېڭەيتىشكە ئەرزىيدىكەن دەپ قارىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ چىكاكودا تۇنجى مەكدونالد تاماقخانىسىنى ئاچقان. 1961-يىلى ئۇ 2 مىليۇن 700 مىڭ ئامېركا دوللىرىغا مەكدونالد ئاكا - ئۇكىلارنڭ قولىدىن مەكدونالد تامانخانىسىنىڭ ئېگىلىك ھۇقۇقىنى سېتىۋالغان ھەمدە مەكدونالد تاماقخانىسىنى زەنجىرسىمان شەكىلدە پۈتۈن ئامېركىغا كېڭەيتكەن. 1968 - يىلى مەكدونالد چەتئەل بازارلىرىغا كىرىشكە باشلىغان. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مەكدونالد ئاللىقاچان پۈتۈن دۇنيادا ئەڭ كۆپ تارماق دۇكانلىرى بولغان تېز تاماقخانا سەردارىغا ئايلاندى.
ھازىر مەكدونالدنىڭ پۈتۈن دۇنيادا 30مىڭدىن ئارتۇق تارماق دۇكىنى بار بولۇپ،ھەر كۈنى 46 مىليۇن خېرىدار غىزالىنىدۇ. ئۇنىڭ پايدىسى ھەر يىلى %12 تىن %15كىچە سۈرئەت بىلەن ئېشىۋاتىدۇ. مەكدونالد ئاكا - ئۇكىلار پەقەت ئىگلىك يارتىشنى بىلگەن. لىكىن سودا پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۋالالمىغان. رېي.كروك ئەمىليەت داۋامىدا باشقىلارنىڭ تىجارەت ئىدىيىسىنى ئۆگىنىپ كىيىن ئۇنى كەڭ جارى قىلدۇرغان. مەكدونالدنى پۈتۈن دۇنياغا تارقاتقان. بۇ ئۇنىڭغا غايەت زۆر بايلىق ئېلىپ كەلگەن.
مەكدونالد ئاكا-ئۇكىلارنىڭ كەمچىلىكى بىلىمنى بىلىپ ئىشلىتىشنى بىلمىگەنلىكىدە، كۈرۈۋېلىشقا بۇلىدۇكى، بايلىقنىڭ يارتىلىشى ئەمىليەتتىن ئايرىلالمايدۇ. نامراتلارنىڭ مول بىلىمى بولسىمۇ، تەجىربىسى مول بايلار تەرپىدىن ئىشلتىلىپ، بۇلار ئۈچۈن بايلىق يارتىدۇ.
ھەر بىر ئىگلىك تىكلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان ياكى ئىگلىك تىكلەش يولىدىكى كىشلەرنىڭ ھەممىسى بۇ قائىدىنى چۈشنىش كېرەك. بىلىم چەكسىز، ئۇنىڭ ئىپادىلەيدىغان شەكلى ھەر خىل. كىشلىك ئالاقىدىكى ناتىقلىق، جەمئىيەت تەجىربىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ غەلبە قىلىشىڭىزغا ياردەم قىلالايدىغان بىلىم. پەقەت سىز دىققەت قىلىپ كۈزەتسىڭىزلا تۇرمۇشىڭىزنىڭ ھەممە يېرى بىلىمگە تولغان.
سىز بايلىق يارتىشنىڭ بارلىق شارائىتلىرىنى ھازىرلاپ بولغاندىن كىيىن، بايلىق جىمجىتلا سىزنىڭ يېنىڭىزغا كېلىدۇ. نامراتلىق قورقۇنۇشلۇق ئەمەس. قورقۇنۇشلىقى سىزدە بايلىقنى قوغلىشىدىلغان ئىرادە يوق. ھەر بىر باي نامراتلىق ئىچىدىن كەلگەن. سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئۇلاردىن ناچار ئەمەسلىكىڭىزگە ئىشىنىڭ. سىزنىڭ ئېھتىياجلىق بولغىنىڭىز ۋاقىت ۋە بىلىم خالاس. لىكىن بۇ ئىككى خىل نەرسە باشقا يەردە ئەمەس، دەل سىزنىڭ يېنىڭىزدا. پەقەت بىلىمنى تۇرمۇشتا ئىشلەتسىڭىزلا بايلىق سىزگە ئىنتايىن يېقىن.
بايلىقنىڭ بايانى:
بايلىق يانچۇقتىكى پۇل ئەمەس. بەلكى كاللىدىكى بىلىم. يانچۇقتىكى پۇلنى ھامان خەجلىسە تۈگەيدۇ. كاللىدىكى بىلىم شەمشەرگە ئوخشاش ئىشلەتكەنسېرى ئۆتكۈرلىشىدۇ ھەمدە ئۇ ياراتقان بايلىق چەكسىز بولىدۇ.
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 2-قىسمىدىن ئېلىندى