A-A+

نامراتلا ئۆزىگە كەڭ قورساق، باشقىلارغا ئىچى تار؛ بايلار ئۆزىگە ئىچى تار، باشقىلارغا كەڭ قورساق

2015-يىل 4-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 217 قېتىم

نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ

( ئىككىنچى كىتاپ )

s27185139

6-باپ 2-پاراگىراپ

نامراتلا ئۆزىگىلا كەڭ قورساق بولۇپ، باشقىلارغا ئىچى

تارلىق قىلىدۇ؛ بايلار ئۆزىگە ئىچى تارلىق قىلىپ،

باشقىلارغا كەڭ قورساق بولىدۇ

بەلكىم ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە بىر مۇھىم ئۇرۇن بۇلۇشى مۇمكىن. بۇ ئۇرۇندا تۇرىدىغان ئادەم شەرتسىز ھالدا كەچۈرۈمگە ئېرىشىدۇ. بىز ئۇ ئادەمگە كەڭچىلىك قىلىمىز. ئۇنىڭ بارلىق ئۇرۇنسىز تەلەپلىرىنى ئۇرۇنلايمىز. لىكىن ھەر بىر ئادەمنىڭ كوڭۈلدىكى ئادەم ئوخشاش ئەمەس.

نامراتلار بۇ ئۇرۇنغا ئۆزىنى كىرگۈزۋېتىدۇ. «ۋەزىپە شۇنچە قىيىن تۇرسا، ئۇرۇنلىيالماسلىق نورمال ئىش!»، «شۇنچە ئۇزۇن چىدىدىم. ئازىراق ئارام ئالسام نىمە بوپتۇ؟» ئۇلار شۇنداق دەپ قايتا-قايتا ئۆزىنى كەچۈرىدۇ تاكى مۇشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغىچە شۇنداق قىلىدۇ،ئاندىن كىيىن غەزەپلەنگەن ھالدا جەمئىيەتنىڭ ئادىل ئەمەسلىكىدىن نارازى بولىدۇ. بايلار قەلبىدىكى بۇ ئۇرۇنغا باشقىلارنى تۇرغۇزىدۇ. «مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تەلپىم بەك قاتتىق بۇلۇپ كەتتى. ئۇ كۈچىدى، تاماملاپ بولالمىسا ئۇنىڭدىن ئاغرىنغۇلۇق ئەمەس.»، «ئۇ قەستەن قىلمىدى. كىينكى قېتىم ئۇ چۇقۇم دىققەت قىلىدۇ» ...مانا بۇ بايلارنىڭ مەۋقەسى.

كۆپ ساندىكى كىشلەر ھەمىشە باشقىلارنى كەچۈرۋېتىش ئاجىزلىق دەپ قارايدۇ. لىكىن ئۆزىنى كەچۈرۈشنىڭ تېخىمۇ ئاجىزلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.

ئەتياز، كۈز ۋاقىتلىرىدا فۇ بەگلىكىدىكى شىڭ خوۋ بىلەن يۇڭ زى ئارىسىدا دائىم تېرىلغۇ يەر چىگرسى توغرىسىدا تالاش-تارتىش يۈز بېرىدىكەن. بۇ جېدەل ئۇزۇنغىچە ھەل قىلىنماي زىدىيەت كەسكىنلىشىپ كەتكەچكە، باش ئەمەلدار شۇيۈگە دىلونى تىز ئايدىڭلاشتۇرۇشقا بۇيرۇق قىلىپتۇ. شۇيۈ ئەھۋالنى تەكشۈرگەندىن كىيىن  خاتالىقنىڭ يۇڭزىدا ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ. بۇ ۋاقىتتا يۇڭزى ئۆزىنىڭ قىزىنى شۇيۈگە تەقدىم قىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شۇيۈ خاتالىقنى شىڭ خوۋغا ئارتىپ قۇيۇپتۇ. شىڭ خوۋ ناھايىتى ئاچچىقلاپ، شۇيۈ بىلەن يۇڭزىنى ئۆلتۈرۋېتىپتۇ. ۋەقەدىن كىيىن باش ئەمەلدار ئەھۋالنى ئېنىقلىپ شىڭ خوۋنى ئولتۈرۈپ شۇيۇ ۋە يۇڭزى بىلەن بىرلىكتە سازايى قىلشقا بۇيرۇپتۇ.

ئۆلگەن ئۇچ ئادەم بىرلىكتە سازايى قىلىنىپتۇ. سەۋەبى بۇ ئۇچ ئادەمنىڭ ئۆتكۈزگەن جىنايىتى ئوخشاش بۇلۇپ، ئۆزىگە بەك كەڭچىلىك قىلىپ كەتكەن .شىڭ خوۋ ئۆزىنىڭ ئاچچىقىنى تىزگىنلىيەلمىگەن. شۇيۈ ئۆزىنىڭ شەھۋەتپەرەز نەپسىنى تىزگىنلىيەلمىگەن. يۇڭزى ئاچكۆزلىكىنى تىزگىنلىيەلمىگەن.

ھەر قېتىلىق ئۆزىگە كەڭچىلىك قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. چۈنكى ئۆزىنى بوش قۇيۋېتىشنىڭ ئەكەلگەن تەسرى ناھايتى يامان بولۇپ، زىيانلانغۇچى ھەممە ئىشقا بىرخىل كەمستىلىش كەيپياتى بىلەن قارايدۇ. بۇ ھال كىشلىك ئالاقە دائىرسىنى كېڭەيتىشنى ئويلايدىغان ئادەم ئۈچۈن بىر بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك زەربە بولۇپ، بۇ كىچىكىنى دەپ چوڭىنى قۇربان قىلغانلىق ھىساپلىنىدۇ.

بۇنىڭدىن شۇنى ئېنىق كۈرىۋېلىشقا بۇلىدۇكى، نامراتلار بەلگىلىك ئەۋزەللىككە ئىگە بولسىمۇ،( مەسلەن: ھۇقۇق، پۇل قاتارلىق ) ئاخىرى يەنىلا نامىرات. ئۇلار ئۆزىگە قاتتىق بۇلۇشنى، پۇرسەتنى قەدىرلەشنى بىلمەيدۇ. ئۇلاردا يېتەرلىك پۇل بولغان تەغدىردىمۇ، ئىسراپ قىلۋېتىدۇ. قولىدا چوڭ ھۇقۇق بولسىمۇ قالايمىقان ئىشلىتىدۇ.

سىز ھازىر نامرات بولسىڭىزمۇ لىكىن بايلارغا خاس  روھى ھالەتكە ئىگە بولسىڭىز، ھامان بىر كۈنى غەلبە قازانغان بايغا ئايلىنىسز. ئەگەر سىز ئادەم پەقەت بايغا ئايلانغاندىلا  ئاندىن بايلارنىڭكىدەك روھى ھالەت بولىدۇ دىسىڭىز باي بۇلۇش پەقەتلا چۈش. تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئادەملەر بار. ئۇلار گەرچە خىزمەتتىن ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ، تىزلا باشقا پۇل تېپىش ئۇسۇلىنى تاپالايدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ يېڭى خىزمىتى ئۆزى تۇنۇش بولمىغان ساھە بولسىمۇ، لىكىن ناھايىتى تىزلا ئۆگىنۋالالايدۇ. ئۇلاردىكى ئاشۇنداق كىشلەر ھەۋەس قىلىدىغان ھالەتنى ساقلاتقۇزغىنى زادى نېمە؟ بۇ خىل ھالەتنى ساقلاتقۇزغىنى تىپىك بولغان بايلارغا خاس  پىسخىكا! مۇنداق پىسخىك ساپانى ھازىرلىغانلار ناھايىتى ئاسانلا ئۆزىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ ھەم نەتىنجە قازىنالايدۇ. بايلار ئاۋال ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيىدۇ،بۇ باي بولۇشتىكى ئاساسى شەرت. شان-شەرەپنىڭ كەينىدە كىشلەر بىلمەيدىغان تىرىشچانلىق بار. ئەگەر ئازاپقا بەرداشلىق بېرەلمىسە تەبىئىيلا بەخىتكە ئېرشكىلى بولمايدۇ.

سوڭشىيا ئىلكتىر ئۈسكۈنلىرىنىڭ ئۇلىنى سالغان سۇڭشىيا شىڭ جىجۇنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرا دەۋىرى ئۇنىڭ نامرات ۋاقىتلىرى ئىدى. لىكىن ئۇنىڭدا شۇ چاغلاردىلا بايلارغا خاس روھى ھالەت شەكىللىنىپ بولغان. بۇ ۋاقىتتا ئۇ ياتاقلىق مەكتەپتە تۇرىدىغان بۇلۇپ، مەكتەپ ئۇ ۋە ئۇنىڭ بىر قانچە ساۋاغداشلىرىنى ياتاقلارنىڭ تازلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلغان.يامان بولغىنى ئۇنىڭ ساۋاغداشلىرى دەرىستىن چۈشۈپلا قېچىپ كەتكەن. ئۇ دائىم تازلىق ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى يالغۇز قىلغان. نەچچە ئادەمنىڭ ۋەزىپىسىنى بىر ئادەم قىلسا، ئەگەر نامراتلارنىڭ پىسخىك ھالىتىدە بولسا، چۇقۇم جەمىيەتنى تىللاپ، ساۋاغداشلىرى بىلەن ئۇرۇشاتتى ياكى مۇئەللىمنى ئىزدەپ بېرىپ ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرۋېتەتتى. لىكىن ئۇ ھىچنىمە دىمەي ئۆزى يالغۇز تازلىق قىلىۋەرگەن. كىين ساۋاغداشلىرى ئۇنىڭ ئەمگىكىنى كۈرۈپ ئۇنىڭدېن تەسىرلەنگەن ھەمدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا  ياردەملىشىشكە باشلىغان.

بۇ  ئۇنىڭدا رەھبەرلەرگە خاس ئىچكى كۈچنڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ؛ باشقىلارغا كەڭچىلك قىلىش ئادەمنڭ كىشلىك ھايات يۇلىنى كېڭەيتىدۇ؛ بىر ئادەمنىڭ كەڭ ئالاقە تورى بولسا، ئۇ ئادەتتىكى ئادەم كۆرەلمەيدىغان پۇرسەتنى كۆرەلەيدۇ. ئادەتتىكى ئادەم ئېرەشەلمەيدىغان ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيدۇ.

ئادەم دۇنيادا ياشايدىكەن ئەگەر  ھىقچانداق ئادەم بىلەن سۈركىلىش بولمىسا، دۇنيا بەك زېرىكىشلىك بۇلۇپ قالىدۇ. تۇرمۇشتىكى ئىنتايىن كىچىك بىرەر مەسىلىمۇ كىشلەرنىڭ كەيپىياتىنى كونتىرول قىلىۋېلىشى، ئۇلارنى خاتىرجەم خىزمەت قىلدۇرماسلىقى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ مەھرۇم قالىدىغىنى دائىم ئۇلار مەھرۇم قالدۇرغاندىن كۆپ. بايلار بۇنداق خاتالىقنى ئۆتكۈزمەيدۇ. ئۇلار باشقىلار ئۈچۈن كۆپ ئويلايدۇ. ئاكتىپ ،تەشەببۇسكار  بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئۆزىنىڭ يولى بارغانسېرى كەڭرىيدۇ. ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ، بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردىغان ئاشۇ نوقتىغا تىكىلىۋېلىش ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ كەڭ بولغان ئاسماننى كۈرۈش.

بەلكىم باشقىلارنى كەچۈرۋېتىش باشلىنىشتا تەس بۇلۇشى مۇمكىن، لىكىن ئۆزىڭىزنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قۇيۇپ، نەچچە مىنۇت ئويلانسىڭىز ناھايىتى تىزلا باشقلارنىڭ ئامالسىز ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالايسىز. باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىش، كەڭ قورساق بۇلۇشنى سىزمۇ قىلالايسز. ھەر قانداق قارىماققا تەس ئىشمۇ، پەقەت قىلىشنى ئويلىسىڭىزلا ئەمىليەتتە تەس ئەمەس. داۋاملاشتۇرۇپ قىلسىڭىز سىز ئاستا-ئاستا نامراتتىن بايغا ئۆزگىرىسىز. ئاخىرىدا ھەقىقى بايغا ئايلىنىسىز.

بارلىق پەيلاسوپلار مۇنداق ئورتاق تۇنۇشقا ئىگە: بەخىتنى قوغلىشىش ئادەمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى .باشقىلارغا كەڭ قورساق بۇلۇش ئېنىقكى ،سىزگە بىر خىل ياخشى كەيپىيات ئاتا قىلىدۇ. ياخشى كەيپىيات ساغلام بەدەن ، ئىناق ئائىلىنى ئەكىلىدۇ. ئىشلىرىڭىزنى ئوڭ قىلىدۇ. مۇنداق بولغاندا بارلىق كىشىلەر ھەۋەس قىلىدىغان بايلىق ئاسان قولغا كىلىدۇ.

بايلىقنىڭ بايانى:

باشقىلارغا كەڭ قورساق بۇلۇش بىلەن بىرگە، ئۆزىڭىزنى كەچۈرىشىڭىز، ئۇرۇنسىز ئاچچىقلاپ ئۆزىڭىزنى قىينىماسلىقىڭىز كېرەك. مەيلى قانداقلا ئەھۋالدا بۇلۇڭ ھامان قۇياش نۇر چېچىپ تۇرغان  ئاكتىپ يولىنىشكە قاراڭ. ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشىلاڭ. ئىنساننىڭ ۋاقىتى ئازاپ چىكىش ئۈچۈن ئەمەس،خوشال بۇلۇش ئۈچۈن بىرىلگەن. شۇڭا بىز كەڭ قورساق باي بۇلۇشنى بىلىشىمىز ،يىپىدىن يىڭنىسىغىچە زىغىرلايدىغان نامرات بولماسلىقىمىز لازىم.

***************

مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى-ئويغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام

2014-يىلى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ