A-A+

2013-يىلىدىكى خوتەن ئاق زىرە قاشلىرىنىڭ باھاسى(1)

2015-يىل 31-مارت ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 312 قېتىم

 ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى 

1

2

(2013-يىلى 1-2-3-ئايلىق)

تۈرلۈك ئىجتىمائى،تارىخى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن خوتەن قاشلىرىنىڭ ھازىرغىچە ئېنىق بېكىتىلگەن باھاسى بولمىدى.شۇڭا قاش بازىرى  ھامان <ئالتۇندا بار باھا،خوتەن قاشلىرى بىباھا>دىگەن <قانۇنىيەت> بۇيىچە تەرەققىي قىلدى.ئۇنداقتا خوتەن قاشلىرىنىڭ راستىنلا باھاسى يوقمۇ؟

خوتەن قاشتېشى بازار مۇتەخەسىسلىرى بۇ مەسىلىگە جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن ئۇزۇندىن بۇيان ئەتراپلىق بازار كۈزىتىش،باھا ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ يىتەكچى باھاسى بىلەن بازار ئەمەلىيىتىنى بىرلەشتۈرۈپ دەسلەپكى قەدەمدە خوتەن ئاق زىرە قاشلىرىنىڭ ھازىرقى بازار باھاسىنى بېكىتىپ چىقتى.

سىلەر كۈرىۋاتقان بۇ باھا كۆرسەتكۈچى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خوتەن قاشتېشى بازار ئۇچۇرى بىرلەشمە مەركىزى، شىنجاڭ ئۈنچە-مەرۋايىت جەمىيىتى،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مەسھۇلات سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش  نازارىتى ۋە شىنجاڭ كان مەسھۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئورنى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئوتتۇرغا قويغان بازار تەكشۈرۈش نەتىجىسى بولۇپ،ھازىرقى جانلىق بازار باھاسى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە.

بۇ تەكشۇرۈش نەتىجىسى پەقەت بىر گىرامدىن ئىككى كىلوگىرامغىچە بولغان ئارلىقتىكى ئاق خوتەن زىرە قاشلىرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ،جەدىۋەلدىكى پۇل سوممىسى ھەر بىر گىرام ئاق زىرە قاشنىڭ باھاسىنى كۆرسىتىدۇ.مەسىلەن:كەم تېپىلىدىغان AAA دەرجىلىك 20 گىرىملىق ئاق زىرە قاشنىڭ باھاسى يۈزمىڭ سومدىن ئىككى يۈز مىڭ سومغىچە دىگەندەك

مەزكۇر جەدۋەل <<中国和田玉>> ناملىق ژۇرنالنىڭ ئومۇمىي 7-سانىدىن ئېلىندى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ