100 مىليۇن دوللارلىق تويدىكى جاۋاھىراتلار
11 كۈن ئۆتكۈزۈلگەن، 100 مىليون دوللار سەرپ قىلىنغان ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 3-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بىرۇنىي خام نېفىت ۋە تەبىئىي گازنى ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈۋرۈك قىلغان، دۇنيا بويىچە ئەڭ باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىرۇنىي شاھزادىسىنىڭ تويىدا بۇ دۆلەتنىڭ بايلىقى تولۇق نامايەن قىلىنغان. بۇ ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى بىرۇنىيلىقلارنىڭ قەلبىدىكى مۇقەددەس ئورۇن بولغان خان ئوردىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ ئوردىنىڭ 1788 ئېغىز ئۆيى بار، كۆلىمى ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھىنىڭ بۇككىنخام ئوردىسىنىڭ 4 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.
31 ياشلىق شاھزادە ئابدۇل مەلىك 22 ياشلىق يېڭى كېلىنچەكنىڭ تاجىنى سىيلىغان. بۇ تويى بولغان يىگىت يېڭى كېلىن ئۈچۈن توي مۇراسىمىدا ئورۇنلايدىغان بىر تىلاۋەت مۇراسىمى.
بۇ يېڭى كېلىنچەكنىڭ خىرۇستال ئايىغى. بۇ بىر جۈپ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغقا سىۋاروسكى خىرۇستالى قويۇلغان.
بۇ توي مۇراسىمىدا ھەممە يەرنى ئالتۇن ۋە ياقۇتلار قاپلىغان. سۈرەتتە، تويى بولغان شاھزادە ئابدۇل مەلىك ئەر-ئايال ھەشەمەتلىك تەختتە ئولتۇرماقتا. بۇ تەختلەرگە ساپ ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن.
توي مۇراسىمىدا شاھزادە بىلەن مەلىكە خان جەمەتى ۋەكىللىرى بىلەن سۈرەتكە چۈشىدۇ. يېڭى كېلىن چىرايلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مەكتەپتىمۇ ئەلاچى ئوقۇغان. ئۇ تويى بولۇشتىن ئىلگىرى بىرۇنىيدىكى بىر تور شىركىتىدە سانلىق مەلۇمات ئانالىزچىسى بولۇپ خىزمەت قىلغان.
توي مۇراسىم نەق مەيدانى. مۇراسىمدا، يىگىت بىلەن كېلىن تەختتە ئولتۇرغان، تۆۋەن تەرەپتە 2 رەت ھەربىي رەتلىك تىزىلىپ ھۆرمەتتە تۇرغان. ھەربىيلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا خان جەمەتىنىڭ ئەزالىرى تۇرغاندىن باشقا، يەنە بىرۇنىي ئىچكى كابېنتىنىڭ ئەمەلدارلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى ۋەكىللىرى بار.
سۈرەتتە، بىرۇنىي شاھزادىسىنىڭ دادىسى يەنى بىرۇنىي سۇلتانى. ئۇ توي مۇراسىمى ئاخىرلاشقۇچە تەمكىنلىكنى ساقلىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، توي ئىنتايىن مۇقەددەس ئىش بولغاچقا ئوغلىنىڭ قىلچە خاتالىق سادىر قىلىشىغا يول قويۇشقا بولمايدىكەن.
سۈرەتتە، قولىغا قالقان ۋە نەيزە ئالغان خان جەمەتى مۇھاپىزەتچىلىرى. ئۇلار توي مۇراسىمى مەيدانىنىڭ تەرتىپى ۋە تاسادىپىي ھادىسە يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مەسئۇل.
شاھزادىنىڭ ھەربىي فورمىسىنىڭ پاگونى ۋە ياقىسىغا ئالماس قويۇلغان. ئايالىنىڭ بېشىدىكى تاجغىمۇ قىزىل ئالماس قويۇلغان، ئۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ ئالماس كۆزلۈك زەنجىر ۋە بۇلاپكا تاقىغان.
سۈرەتتە، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كېلىپ توي مۇراسىمىغا قاتنىشىۋاتقان لاگارد كۇردى بىلەن شاھزادە مۇھەممەد بىن ئابدۇل ئەزىز.
توي مۇراسىمىنىڭ 8-كۈنى خان ئوردىسىدا چوڭ زىياپەت بېرىلگەن. بۇ توي مۇراسىمى 11 كۈن داۋاملاشقان بولۇپ، يېڭى كېلىننىڭ قولىدىكى گۈلگىمۇ ئالماس قويۇلغان. ئىستاستىكا قىلىنىشىچە، بۇ توي مۇراسىمىغا ئاز دېگەندە 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىنغان.