A-A+

نامراتلار خوجايىن ئۈچۈن ئىشلەيدۇ، بايلار ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەيدۇ

2015-يىل 4-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 1,340 قېتىم

نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ

( بىرىنچى كىتاپ )

ئالتىنچى باپ

تەپەككۇردىكى پەرقى: نامراتلار يەككە – يىگانە تىرىشىدۇ، بايلارئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىدۇ

29781515515736

6-باپ 1-پارىگىراپ 

نامراتلار خوجايىن ئۈچۈن ئىشلەيدۇ، بايلار ئۆزى ئۈچۈن

ئىشلەيدۇ

 ھەربىر ئادەمنىڭ دىگۈدەك ئىشلەپ باققان تارىخى بولىدۇ، بىراق كىشىلەرنىڭ خىزمەتكە تۇتقان پوزىتسىيىسىدە پەرق چوڭ. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا، نامراتلار ئۆزىنى خوجايىن ئۈچۈن ئىشلەۋاتىمەن دەپ ئويلايدۇ، بىراق بايلار ئۆزۈم ئۈچۈن ئىشلەۋاتىمەن دەپ قارايدۇ.

   نامراتلاركۆڭلىدە خوجايىنىدىن رازى بولمايدۇ، ئۇلار ھەمىشە خوجايىنىنىڭ ئۆزىگە قىلغان بېسىمىدىن ۋە زۇلۇمىدىن ئاغرىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەتتە ھېچقانداق ئاكتىپلىقى يوق، ھەمىشە ئىشلارنى بۇزۇپ تۇرىدۇ، ئىپادىسى ناچار. ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا،خىزمەت قىلىش پەقەتلا جاننى بېقىش ئۈچۈن، ئەگەر تۇرمۇش مەجبۇرلىمىغان بولسا ئۇلارھەرگىزمۇ خوجايىن ئۈچۈن ئىشلىمىگەن بولاتتى. بۇنداق كەيپىيات ۋە ئويلاردا بولۇش ئارقىلىق ئۇلارغا كۈن ئۆتسىلا ھېساب، «بولسا بولار، بولمىسا ئىز پۇلى بولار» دىگەن بۇخىل ئىدىيە ۋە ھەرىكەت ئۇلارنىڭ بىر ئۆمۈر باشقىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىنى،باشقىلار تەرىپىدىن پايدىلىنىشىنى بەلگىلىگەن.

   بايلارنىڭ ئۆزىگە خاس يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە ئىدىيىسى بار، گەرچە باشلىنىشتا باشقىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلسىمۇ نىشانلىق قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇزاق مەزگىللىك نىشانى ۋەپىلانى بار. ئۇلارنىڭ نەزىرى نامراتلارغا ئوخشاش ئازغىنە ھەقتە توختاپ قالمايدۇ،بەلكى ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتىغا قارىتىلىدۇ. يۈزەكى قارىغاندا، ئۇلارخوجايىن ئۈچۈن ئىشلەۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار خىزمەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۋاتقان، ئۆزىنى نامايان قىلۋاتقان، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتى ئۈچۈن كەڭرى يول ئېچىۋاتقان، يەنە كەلگۈسىدە باشقىلارنى ئىشلىتىش ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سېلىۋاتقان بولىدۇ.

   مەكدونالد شىركىتىنىڭ ئىلگىرىكى باش لېدىرى، ئەڭ ياش باشقۇرغۇچى چارلىس.بېل دەل ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى.

   چارلېس.بېل1960 – يىلى ئاۋىستىرالىيەدىكى بىر نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن، ئائىلە شارائىتى ناچار بولغاچقا، ئەمدىلا 15 ياشقا كىرگەن چارلېس.بېل ئوقۇشتىن چېكىنىپ ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىنى باشلىغان.

   چارلېس.بېل ئاۋىستىرالىيەنىڭ سېدنىي شەھىرىدىكى بىر مەكدونالد تىز تاماقخانىسىغا كېلىپ خىزمەت قىلغان، ئۇنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى تاماقخانا تازلىق ئۆيىنىڭ تازلىق خىزمىتى ئىدى.

   چارلېس.بېل باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى ھەم پاسكىنا ھەم ھېرىقچىلىق بولغان بۇ خىزمەتنى ناھايىتى ئەستايىدىل قىلىدۇ، ئازراقمۇ ۋايسىمايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كىيىن، خىزمەتداشلىرىغا ياردەملىشىپ ئاشخانىنى تازلىشىپ بېرىدۇ، ھەتتا بەزىدە مەشغۇلاتخانىغا بېرىپ ئاشپەزنىڭ بولكا پىشۇرۇشىغا ياردەم قىلىدۇ.

  چارلېس.بېلنىڭ خىزمەتتىكى ئىپادىسى خوجايىننىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولىدۇ،ھەمدە كەسپىي تەربىيلىنىشكە ئەۋەتىلىدۇ. كەسپىي تەربىيىلىنىش ئاياغلاشقاندىن كىيىن، يەنە دۇكاندىكى ھەر قايسى ئورۇنلاردا پراكتىكا قىلدۇرۇلىدۇ.

   چارلېس.بېل خىزمەت قىلىش جەريانىدا ئاڭلىق ھالدا ئۆزىنىڭ كەسپىي بىلىمىنى، باشقۇرۇش بىلىملىرىنى تولۇقلاپ، ئىقتىدارىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. ئىككى يىلدىن كىيىن،ئۇ شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇش خىزمەتلىرىگە پىشىپ كېتىدۇ. 19ياش ۋاقتىدا، ئۇ ئاۋىستىرالىيەدىكى مەكدونالد تاماقخانىسىنىڭ ئەڭ ياش لېدىرىغا ئايلىنىدۇ.

   دۇكان خوجايىنىغا ئايلانغان چارلېس.بېل ئۆزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن قانائەتلەنمەيدۇ، بەلكى توختاپ قالماستىن، تېخىمۇ تىرىشچانلىق بىلەن خىزمەت قىلىدۇ. «قىيىن ئىش يوق ئالەمدە،كۆڭۈل قويغان ئادەمگە» دىگەندەك، چارلېس.بېل 27 ياش ۋاقتىدا شىركەتنىڭ مۇئاۋىن لېدىرلىقىغا ئۆستۈرۈلىدۇ، 29 ياش ۋاقتىدا مۇدىرىيەت ئەزاسىغا ئايلىنىدۇ.

  چارلېس.بېلنىڭ ئىشلىرى كۈنسىرى ياخشىلىنىدۇ. 1983 – يىلىدىن 1985 –يىلىغىچە، ئۇ گېرمانىيەنىڭ فرانكفورتتىكى مەكدونالد ياۋروپا تەرەققىيات شىركىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، ھەمدە شىۋېتسىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە ۋە بېلگىيەدىكى مەبلەغ ھەمكارلاشقۇچىلىرى ۋە ئالاھىدە رۇخسەتلىك سودىگەرلەر بىلەن تىجارەت قىلىدۇ.ئۇ ئىزچىل تىجارەت مەسئۇلى ۋە رايون لېدىرى بولىدۇ، 1990 – يىلى مۇئاۋىن بازارلېدىرى بولىدۇ. 1993 – يىلى، خىزمەتتىكى ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولغان چارلېس.بېل مەكدونالدنىڭ ئاۋىستىرالىيەدىكى شىركىتىدە دائىملىق ھەيئەت بولىدۇ.

   ئارقىدىنلا،چارلېس.بېل مەكدونالدنىڭ ئامېرىكىدىكى باش شىركىتىگە يۆتكىلىپ، ئىلگىرى – كىيىن بولۇپ ئاسىيا – تىنچ ئوكيان، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا رايونىنىڭ باش لېدىرى، ياۋروپا رايونى باش لېدىرى ۋە مەكدونالدنىڭ چىكاگودىكى باش شىتابىنىڭ مەسئۇلى بولىدۇ. 2002– يىلىنىڭ ئاخىرىدا، چارلېس.بېل باش نازارەتچىلىككە تەيىنلىنىپ، مەكدونالد شىركىتىنىڭ 118 دۆلەتتىكى 30 مىڭدىن ئاتۇق تاماقخانىسىنىڭ باشقۇرۇش ۋە تىجارەت ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ. 2003 – يىلىنىڭ بېشىدا، چارلېس.بېل مۇدىرىيەتكە كىرىدۇ.

   2004 – يىلى مەكدونالد شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى ۋە باش ئىجرائىيە مېنىستىرى جىم.كانتېل تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتكەچكە، ھەمدە خىزمەت ئىپادىسى ياخشى بولغانلىق سەۋەبلىك،چارلېس.بېل مۇدىرىيەت تەرىپىدىن مەكدونالد شىركىتىنىىڭ باش لېدىرلىقىغا قوشۇمچە باشقۇرغۇچىلىققا تەيىنلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئۇ مەكدونالد شىركىتىنىڭ تۇنجى چەتئەللىك باشقۇرغۇچىسى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە مەكدونالدنىڭ ئەڭ ياش لېدىرى بولۇپ قالىدۇ.

  ئاۋىستىرالىيەدىكى مەلۇم بىر مەكدونالد دۇكىنىنىڭ تازلىق ئىشچىسىدىن مەكدونالد شىركىتىنىڭ باش لېدىرى قوشۇمچە باشقۇرغۇچىسى بولۇشقىچە؛ باشقىلارتەرىپىدىن پايدىلىنىشتىن باشقىلاردىن پايدىلىنىشقىچە، چارلېس.بېلنىڭ سەرگۈزەشتىسى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردىغان نۇرغۇن مۆجىزىلەرگە تويۇنغان. بېلنىڭ بۇنداق زورنەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى سەۋەبنى ئۇنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلىشى ۋە ئىزچىل تۈردە ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەش ئىدىيىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. دەل ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرغاچقا، چارلېس.بېل ئۆزىنىڭ خىزمەت پوزىتسىيىسىنى توغرىلاپ،ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلغان؛ دەل ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرغاچقا،چارلېس.بېل ئىزچىل ئالغا ئىلگىرىلەپ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان، ھەمدە غايەت زور بايلىققا ئېرىشكەن.

   ئويلاپ باقايلى، ئەگەر چارلېس.بېل پەقەت جان بېقىش ئۈچۈنلا ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ھېچقانداق پىلان تۈزمىسە، ئۇ يەنە كىيىنكى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەمدۇ؟ بۇئېنىقلا مۇمكىن ئەمەس. پەقەت خوجايىن ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، ئۆزىنى نامايان قىلىشنى چۈشەنمەيدىغان (باشقىلاردىن پايدىلنىشنىغۇ دىمەيلا قويايلى)، باشقىلارتەرىپىدىن پايدىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ئادەم، مەڭگۈ نامراتلىقتىن قۇتۇلالمايدۇ.

   قەدىمدىن –ھازىرغىچە جۇڭگو ۋە چەتئەللەرنىڭ تارىخىدا ئۆتكەن ھەرقانداق باي پەقەت خوجايىن ئۈچۈنلا ئىشلىمىگەن، باشقىلار تەرىپىدىن پايدىلىنىشنى تېخىمۇ ياختۇرمىغان. بېيجىڭ خۇاۋېي ئائىلە جابدۇقلىرى ياساش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ خۇڭكېن دەل شۇنداق خوجايىن بولۇشنى نىيەت قىلغان، باشقىلاردىن پايدىلىنىشقا ماھىر ئادەم.

   ئائىلە شارائىتى ياخشى بولمىغاچقا، چوڭ ئوغۇل بولغان جاڭ خۇڭكېن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تېخى پۈتتۈرمەستىلا يۇرتىدىن ئايرىلىپ ۋۇخەندىكى بىر ئائىلە جابدۇقلىرى زاۋۇتىغا كېلىپ سىرچى شاگىرت بولغان، جاڭ خۇڭكېن ھۈنەرنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئۈچ ئايدىلا مۇستەقىل خىزمەت قىلالايدىغان بولغان.

   1992 –يىلى، جاڭ خۇڭكېن ئۆزىدە بار بولغان 72 يۈەن پۇلنى ئېلىپ بېيجىڭغا بېرىپ خىزمەت ئىزدەپ، بىر ئائىلە جابدۇقلىرى شىركىتىنىڭ ئادەتتىكى سىرچىسىغا ئايلانغان.جاڭ خۇڭكېن خىزمەتتە ناھايىتى ئەستايىدىل بولۇپ، ئىش قىلىشتا جاپادىن قورقمايلا قالماستىن، يەنە كاللا ئىشلىتىشكە ناھايىتى ماھىر ئىدى. ئۇ ئۆزى ئىشلەۋاتقان بۇ شىركەتنىڭ ئايلىق تۈزۈمدە ئىش ھەققىنى ھېسابلايدىغانلىقىنى،تەننەرخنىڭ يۇقىرى ئۈنۈمنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بايقىغاندىن كىيىن، خوجايىنغا ئىشلىگەن ئىشىغا قاراپ ئىش ھەققى ھېسابلاش تەكلىپىنى بەرگەن.

  جاڭ خۇڭكېننىڭ تەكلىپى خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپلا قالماستىن،يەنە شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن، بۇنىڭ بىلەن ئۇخوجايىننىڭ ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولغان.

   ئارقىدىنلا،ئۇ ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزىنىڭ سېخىنى كۆتۈرە ئېلىپ، سۈپەت نازارەتچىلىكى ۋە تېخنىكا يىتەكچىلىك خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان. مۇشۇ تەرىقىدە بىر يىل ئۆتۈپ، جاڭ خۇڭكېن ئۆزىنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى چوڭ كىرىمى 20 مىڭ يۈەننى تاپقان.

   بۇ ۋاقىتتا،جاڭ خۇڭكېن بىلەن بىرلىكتە شەھەرگە كىرىپ خىزمەت قىلغان يۇرتداشلار تاپقان پۇلىنى ئېلىپ  ئۆي سېلىپ خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن يۇرتىغا قايتقان. بىراق جاڭ خۇڭكېن بۇنداق قىلمىغان، ئۇ ئىگىلىك يارىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نامراتلىقىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش خىيالىغا كەلگەن.

   شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئىشلەپ كىرىم قىلغان 30 مىڭ يۈەن پۇلغا  ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئائىلە جابدۇقلىرى زاۋۇتى ئاچقان، ھەمدە ئۆزى خوجايىن بولغان. ئەينى ۋاقىتتىكى ئىشلىگەن چاغدا توپلىغان تەجىرىبە ۋە ماھارەتلىرىگە تايانغان جاڭ خۇڭكېننىڭ سودىسى بارغانسىرى ياخشى بولغان، ئۆزىمۇ ناھايىتى تىزلا مىليادېرغا ئايلانغان.

   دەل تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ ئىزچىل ئۆزى ئۈچۈن ئىشلىگەچكە، جاڭ خۇڭكېن ئەڭ دەسلەپتىكى 75 يۈەن پۇلى بار ئىشچىدىن مىليادېرغا ئايلىنالىغان. ئەگەر ھەمىشە ئۆزىنى خوجايىن ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىمەن دەپ ئويلىغان بولسا، جاڭ خۇڭكېننىڭ ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەت قىلىشى ناتايىن ئىدى؛ ئەگەر ھەمىشە ئۆزىنى خوجايىن ئۈچۈن ئىشلەۋاتىمەن دەپ ئويلىغان بولسا، جاڭ خۇڭكېن ھەرگىزمۇ خوجايىنغا ئىشلىگەن ئىشىغا قاراپ ھەق بېرىش تەكلىپىنى بەرمىگەن بولاتتى؛ ئەگەر ھەمىشە ئۆزىنى خوجايىن ئۈچۈن ئىشلەۋاتىمەن دەپ ئويلىغان بولسا، جاڭ خۇڭكېننىڭ خوجايىن بولۇپ باشقىلاردىن پايدىلىنالىشى ۋە بايلىققا ئېرىشەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

   بۇنىڭدىن كۆرۈالغىلى بولىدۇكى، ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش خوجايىن ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا قارىغاندا تېخىمۇ قىممەتلىك. ھەمدە ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى بىلىدىغان، ئۆزىدىن ۋە باشقىلاردىن پايدىلىنىشنى بىلىدىغان ئادەم چوقۇم بايلىق يولىدا ئوزۇنغا بارالايدۇ.

   شۇنىڭ ئۈچۈن، خىزمەت قىلىپ باي بولماقچى بولغان دوستۇم، ئۆزىڭىزنىڭ كىم ئۈچۈن ئىشلەۋاتقانلىقىڭىزنى ئويلىنىپ كۆرۈڭ. ئەگەر يەنىلا خوجايىن ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان بولسىڭىز، تىزراق ئۆزىڭىزنىڭ قارىشىنى ئۆزگەرتىپ ئۆزىڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى باشلاڭ!

بايلىقنىڭ بايانى:

   نامراتلارخوجايىن ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، شۇڭا ئۇلاردا ئازراقمۇ ئاكتىپلىق يوق، ئۇلار خۇددى تۈگمەندە چۆگىلەۋاتقان ئېشەككە ئوخشايدۇ، كۈندە تارتسىمۇ پەقەت ئەسلىدىكى ئورۇندا چۆگىلەيدۇ.نامراتلارغا سېلىشتۇرغاندا، بايلاردا مۇستەھكەم ئەقىدە بولىدۇ. ئۇلارخوجايىن ئۈچۈن ياكى باشقا ھەرقانداق ئادەم ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ، يەنە چەكلىك ئىش ھەققى ئۈچۈنمۇ خىزمەت قىلمايدۇ، بەلكى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، ئېنىق قىلىپ ئېيىتقاندا، ئۆزىنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

***************************************

مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى -ئويغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام

2014-يىلى .جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ