نامراتلار باشقىلارنىڭ كۆز – قارىشى ئارقىلىق ئۆزىگە ھۆكۈم قىلىدۇ، بايلار نەتىجىسى ئارقىلىق ئۆزىنى ئىسپاتلايدۇ
نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ
( بىرىنچى كىتاپ )
4-باپ 2-پارىگىراپ
نامراتلار باشقىلارنىڭ كۆز – قارىشى ئارقىلىق ئۆزىگە ھۆكۈم قىلىدۇ، بايلار نەتىجىسى ئارقىلىق ئۆزىنى ئىسپاتلايدۇ
نامراتلاردا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ يوق، ھەمىشە باشقىلارنىڭ كۆز – قارىشىنى ئۆزىگە ھۆكۈم قىلىشتىكى ئۆلچەم قىلىدۇ، باشقىلار ئۆزىنى ماختىغان ۋاقىتتا ھەممىنى ئۇنتۇپ ئۆزىنى ھەر قانداق ئادەمدىن كۈچلۈك چاغلايدۇ. باشقىلارنىڭ ئىنكار قىلىشى، تەنقىدى ياكى كەمسىتىش نەزىرىگە يولۇققاندا، نامراتلاردا ئۆزىنى كەمسىتىش ئىدىيىسى پەيدا بولىدۇ،بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇلاردا ئۆزىدىن گۇمانلىنىش، ھەتتا بۇ سەۋەبلىك ھېچنىمىگە جۈرئەت قىلالمايدىغان «ئاسانلا چېقىلىپ كېتىدىغان» پاسسىپ پىسخىكا پەيدا بولىدۇ.
سېلىشتۇرۇپ قارايدىغان بولساق، بايلارنىڭ روھى دۇنياسى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى تولۇپ – تاشقان، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان گۇمانلىنىشى ۋە قارىغۇلارچە ئىنكار قىلىشى سەۋەبلىك ئۆزىنى كەمسىتمەيدۇ، باشقىلارنىڭ بىرەرقېتىملىق نەزىرى ياكى بىر جۈملە سۆزى ئارقىلىق ئۆزىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدىغان ئىشنى تېخىمۇ قىلمايدۇ. بۇ خىلدىكى سىرتقى ئامىللار ئۇلارغا پاسسىپ كەيپىيات ئېلىپ كىلەلمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ كۆرەش ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى ئارقىلىق باشقىلارغا ئۆزىنى ئىسپاتلايدۇ.
ياپونىيەنىڭ داڭلىق دۆلەت ھالقىغان شىركىتى «سوڭشىيا ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرى» نىڭ قۇرغۇچىسى،«تىجارەت پىرى» دەپ تەرىپلەنگەن سوڭشىيا شىڭجىجۇ دەل باشقىلارنىڭ كۆز – قارىشى ئارقىلىق ئۆزىگە ھۆكۈم قىلمايدىغان، ئەمەلىي نەتىجىسى ئارقىلىق باشقىلارغا ئۆزىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان بايلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى.
سوڭشىيا شىڭجىجۇ دافەن ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىدە خىزمەت قىلغاندا، خىزمەتتە ناھايىتى ئەستايىدىل بولۇپ، ئىش قىلىشتا باشقىلارغا قارىغاندا ناھايىتى تۈجۈبىلەپ قىلاتتى. شۇ سەۋەبتىن، قىسقىغىنا ئىككى يىلدىلا سوڭشىيا شىڭجىجۇ سۈپەت تەكشۈرگۈچىلىككە ئۆستۈرۈلگەن.
ئەينى ۋاقىتتا سۈپەت تەكشۈرگۈچىلىك خىزمىتى باشقىلارنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدىغان خىزمەت بولۇپ، خىزمەت مىقتارى ئاز، ۋەزىپە يىنىك، مائاش تەمىناتىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىدى. سوڭشىيا شىڭجىجۇ بۇ خىزمەتنى ئەستايىدىل ئورۇنلاپلا قالماستىن، يەنەخىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتتا ئېلېكتىر چىرىقى روزېتكىسىنى ياخشىلاش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
نۇرغۇنلىغان ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلغاندىن كىيىن، سوڭشىيا شىڭجىجۇ ئاخىرى بىر تەجىرىبىنى تاماملاپتۇ، ئۇ بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولۇپ ئۆزىنىڭ ئۆزگەرتكەن لايىھەسىنى خوجايىنغا كۆرسىتىپ، بۇ ئارقىلىق شىركەت روزېتكىلىرىنىڭ ھەممىسىنى بۇ خىلدىكى يېڭى روزېتكىغا ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىشنى ئۈمىد قىپتۇ.
بىر كۈنى، ئۇ ئۆزى ئۆزگەرتىپ لايىھەلىگەن ئېلېكتىر چىرىقى روزېتكىسىنى ئېلىپ ئىشەنچكە تولغان ھالدا خوجايىنغا: «خوجايىن، مەن سىزگە ئۆزۈم ئۆزگەرتىپ لايىھەلىگەن ئېلېكتىر چىرىقى روزېتكىسىنى كۆرسەتمەكچى، ئۇ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئىشلىتىشكە تېخىمۇ قولايلىق.»دەپتۇ. خوجايىن ئېلېكتىر چىرىقى روزېتكىسىنى ئۆرۈپ – چۆرۈپ كۆرۈشكە باشلاپتۇ،سوڭشىيا شىڭجىجۇ ياندا تۇرۇپ چىراقنىڭ ئەۋزەللىكىنى تونۇشتۇرۇپتۇ. ئۇ زوق – شوق بىلەن سۆزلەۋاتقاندا خوجايىن ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈپ: «سوڭشىيا جانابلىرى، سىزئۆزگەرتكەن بۇ روزېتكىنىڭ ھېچقانداق ئالاھىدە تەرىپى يوق ئىكەن، بۇ خىلدىكى نەرسىلەرنى ئىشلەپچىقىرىشتىن ھېچقانداق ئۈمىد يوق، بۇنىڭ تىلغا ئالغۇدەك ھېچقانداق يېرى يوق ئىكەن.» دەپتۇ.
خوجايىننىڭ كەمسىتىش پوزىتسىيىسى ۋە روزېتكىغا بولغان پۈتۈنلەي ئىنكارى سوڭشىيا شىڭجىجۇنى ئازراق ئۈمىدسىزلەندۈرۈپتۇ، بىراق ئۇ ھەرگىزمۇ بۇ سەۋەبتىن ۋاز كەچمەپتۇ، ئەكسىچە ئىرادىسى تېخىمۇ چىڭىيىپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسى ئارقىلىق ئۆزگەرتىپ لايىھەلىگەن روزېتكىنىڭ ھەرگىزمۇ كارغا كەلمەس نەرسە ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بوپتۇ.
چوڭقۇرئويلىنىش ئارقىلىق، سوڭشىيا شىڭجىجۇ باشقىلار ھەۋەس قىلىدىغان سۈپەت تەكشۈرگۈچىلىك خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، ئىگىلىك يارىتىشنى قارار قىپتۇ. 1918 – يىلى دافەندە «سوڭشىيا ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرى ياساش ئورنى» نى قۇرۇپ، مەخسۇس ئېلېىكتىر چىرىقى روزېتكىسى ۋە ھەرخىل ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرى ياساش بىلەن شۇغۇللىنىپتۇ. بۇ قېتىمقى قارار سوڭشىيا شىڭجىجۇنىڭ ھاياتىدىكى مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قاپتۇ.
«روزېتكا ياساپ باشقىلارغا كۆرسىتىش» قارارىنىڭ تۈرتكىسىدە، سوڭشىيا شىڭجىجۇ ئۆزى قۇرۇپ چىققان ئورۇننى جاپا – مۇشەققەت بىلەن باشقۇرۇپتۇ. ئۇ خادىملار بىلەن بىرلىكتە تىرىشىش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىپ، سۈپىتى ناھايىتى ياخشى بولغان «قوش چىراقلىق روزېتكا» نى لايىھەلەپ چىقىپتۇ، ھەمدە سەپلىمە سىملىق ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرى،يۇمىلاق شەكىللىك باتارىيەلىك چىراق، ئېلېكتىر دەزمال، توسالغۇسىز رادىئو،ئېلېكتىر تورۇبا ۋە ۋاكوئوملۇق تورۇبا قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرىپتۇ.
يەتتە يىلدىن كىيىن ئارانلا 31 ياشقا كىرگەن سوڭشىيا شىڭجىجۇ ياپونىيەدىكى ئەڭ باي شەخسكە ئايلىنىپتۇ. 1988 – يىلغىچە بولغان 63 يىل مابەينىدە، سوڭشىيا شىڭجىجۇنىڭ كىرىمى 10يىل ياپونىيە بۇيىچە بىرىنچى ئورۇندا، ئالتە يىل ياپونىيە بۇيىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. سوڭشىيا شىركىتىمۇ دۇنياغا داڭلىق دۆلەت ھالقىغان شىركەتكە ئايلىنىپ، پۈتۈن دۇنيادا 230 دىن كۆپرەك شىركەت، 250 مىڭدىن كۆپرەك خىزمەتچىگە ئىگە بولغان. 2007 –يىلى شىركەتنىڭ يىللىق سېتىش مىقدارى 700 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، پۈتۈن دۇنيا ياساش كەسپىدىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ ئىچىدە 59 – ئورۇندا تۇرغان.
سوڭشىيا شىڭجىجۇ ھەرگىزمۇ خوجايىننىڭ ئىنكار قىلىشى سەۋەبلىك ۋاز كەچمىگەن،ئەكسىچە ئاكتىپ ھالدا ئاخىرقى نەتىجە ئارقىلىق ئۆزىنى ئىسپاتلىغان. باشقىلارنىڭ كۆز – قارىشى ئارقىلىق ئۆزىگە ھۆكۈم قىلماي، نەتىجە ئارقىلىق ئۆزىنى ئىسپاتلاشقا ماھىر بولغانلىق سەۋەبلىك، سوڭشىيا شىڭجىجۇ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ ئىگىلىك يارىتىش مۇساپىسىنى باشلىغان؛ باشقىلارنىڭ كۆز – قارىشى ئارقىلىق ئۆزىگە ھۆكۈم قىلماي، نەتىجە ئارقىلىق ئۆزىنى ئىسپاتلاشقا ماھىر بولغانلىق سەۋەبلىك،سوڭشىيا شىڭجىجۇ رەت قىلىنغاندىن كىيىنمۇ روزېتكىنى ياخشىلاشتىن ۋاز كەچمىگەن؛باشقىلارنىڭ كۆز – قارىشى ئارقىلىق ئۆزىگە ھۆكۈم قىلماي، نەتىجە ئارقىلىق ئۆزىنى ئىسپاتلاشقا ماھىر بولغانلىق سەۋەبلىك، سوڭشىيا شىڭجىجۇ كىيىنكى نەتىجىلەرنى قازىنىپ ياپونىيەدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى بايغا، دۇنياغا داڭلىق كارخانىچىغا ئايلانغان.
سوڭشىيا شىڭجىجۇدەك بايلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، نامراتلار تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. نامراتلار ئۆزىدىن باشقا بارلىق نەرسىلەرگە ئاساسەن ئىشىنىدۇ. ئۇلارباشقىلارنىڭ كۆز – قارىشى ئارقىلىق ئۆزىگە ھۆكۈم قىلىدۇ، باشقىلارغا قارىغۇلارچە ئىشىنىپ ئەگىشىدۇ، باشقىلار ئۆزىنى قىلالايدىكەن دىسە قىلىدۇ، قىلالمايدىكەن دىسەقىلمايدۇ، بۇ خىلدىكى ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك پىسخىكىسى ۋە پاسسىپ پوزىتسىيە مەڭگۈ ئۇلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئارقىدىن مېڭىشىنى بەلگىلىگەن، بۇنداقتا بايلىق قوغلىشىش يولىدىمۇ پۇرسەتنى ئالدىن ئىگەللەش مۇمكىن ئەمەس.
قەدىمدىن –ھازىرغىچە جۇڭگو ۋە چەتئەللەرنىڭ تارىخىغا نەزەر سالساق، سوڭشىيا شىڭجىجۇدەك بايلارنىڭ كۆپلىكىنى بايقايمىز، مەسىلەن: ئامېرىكا تارىخىدىكى كاتتا زەردار، دۇنيائېتىراپ قىلغان «نىفىت پادىشاھى» روكفېللېرمۇ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئەمەلىي نەتىجىسى ئارقىلىق ئۆزىنى ئىسپاتلاشقا ماھىر ئادەم.
روكفېللېر ياش ۋاقتىدا بىر نىفىت شىركىتىدە خىزمەت قىلغان، ئۇنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسى نىفىت تورۇبىلىرىنىڭ ياخشى ئۇلانغان – ئۇلانمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش ئىدى. بۇ خىزمەت پۈتكۈل شىركەتتىكى ئەڭ ئاددى، زېرىكىشلىك خىزمەت بولۇپ، پەقەت ئازراقلا دىتى بار ئادەم بولسىلا قىلىشنى خالىمايىتتى.
ئوخشاشلا ئۆزىگە خاس ئويلىرى بولغان روكفېللېرمۇ باشقىلاردەك ئويلاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ باشقۇرغۇچىنى تېپىپ ئۆزىنىڭ خىزمەت ئالماشتۇرماقچى بولغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ھالبۇكى باشقۇرغۇچى خۇشياقمىغان تەلەپپۇزدا: «سىز مۇشۇ خىزمەتنىمۇ ياخشى قىلالمىسىڭىز،باشقا ئىشلارنى قانداقمۇ قىلالايسىز؟» دەپتۇ.
باشقۇرغۇچىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، خاراكتېرى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان روكفېللېر قايىل بولماي، بۇ زېرىكىشلىك خىزمەتنى ئەڭ ياخشى قىلىپ ئۆزىنى باشقۇرغۇچىغا ئىسپاتلاپ كۆرسىتىپ قويماقچى بوپتۇ.
شۇنىڭدىن باشلاپ روكفېللېر كۆڭلىنى توختىتىپ خىزمەتكە كىرىشىپتۇ، ئۇ تورۇبا ئۇلانمىلىرىنىڭ ھەربىر ھالقىسىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىپ، ھەربىر ئۇششاق ھالقىغىچە دىققەت قىپتۇ. خىزمەت جەريانىدا روكفېللېر بىر تال نىفىت باكىنى ئۇلاش ئۈچۈن 39 تامچەكەپشەرلەش سۇيۇقلۇقى لازىم بولىدىغانلىقىنى بايقاپتۇ.
نېمىشقا 39تامچە بولىدۇ؟ بىرەر تېمىم ئاز ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟ روكفېللېر بۇ گۇمانلىرى بۇيىچەھېسابلاپ، تەتقىق قىلىشنى باشلاپتۇ. نەتىجىدە بىر نىفىت باكىنى ئۇلاش ئۈچۈن 38تامچە كەپشەرلەش سۇيۇقلۇقىنىڭ يىتىدىغانلىقىنى بايقاپتۇ. روكفېللېر ناھايىتى خۇشال بوپتۇ، بىراق يەنە بىر مەسىلە ئۇنىڭ ئالدىغا قويۇلۇپتۇ: ئەسلىدىكى ئاپتوماتىك كەپشەرلىگۈچ ھەر باك ئۈچۈن 39 تامچە چۈشىدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن، ئەگەر كونا تىپتىكى كەپشەرلىگۈچنى داۋاملىق ئىشلەتكەندە، ئۇنداقتا سۇيۇقلۇقنى تىجەش مەخسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ.
چوڭقۇرئويلىنىش ئارقىلىق، روكفېللېر ئۆزى قول سېلىپ يېڭى تىپتىكى كەپشەرلىگۈچ تەتقىق قىلىپ چىقىشنى قارار قىپتۇ. كۆپ قېتىملىق سىناق ئارقىلىق، روكفېللېر ئاخىرى «38تامچە سۇيۇقلۇق تىپىدىكى كەپشەرلىگۈچ >>نى تەتقىق قىلىپ چىقىپتۇ. بۇ خىل كەپشەرلىگۈچنى ئىشلەتكەندە، ھەر بىر باكتا بىر تامچە كەپشەرلەش سۇيۇقلۇقى تېجىگىلى بولىدىغان بولۇپ، روكفېللېر بىر يىلدا شىركەت ئۈچۈن 50 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى چىقىمنى تىجەپ بېرىپتۇ. روكفېلللېرنىڭ خىزمەت ئىپادىسى ۋە تۆھپىسى ئەينى ۋاقىتتا ئۇنى كەمسىتكەن باشقۇرغۇچىنى ھەيران قالدۇرۇپتۇ، ھەمدە روكفېللېرنىڭمۇ خىزمەتتىكى ئورنى ئۆسۈپتۇ.
روكفېللېرنىڭ تۇنجى مۇۋەپپەقىيەت قەدىمى بۇ جايدىن باشلىنىپتۇ، كۆپ يىللاردىن كىيىن روكفېللېر دۇنياغا داڭلىق نىفىت پادىشاھىغا ئايلىنىپ، نۇرغۇن بايلىققا ئېرىشىپتۇ.
ئەگەر ئەينى ۋاقىتتىكى ياش روكفېللېر باشقۇرغۇچىنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ، باشقىلارنىڭ كۆز – قارىشى بۇيىچە ئۆزىگە ھۆكۈم قىلىپ ئۆزىنى ئەڭ ئاددى خىزمەتنىمۇ قىلالمايدىكەنمەن دەپ قارىغان بولسا، چوقۇم ئۆزىنى كەمسىتىش پاتقىقىغا پېتىپ قالاتتى، ئۇنداقتا روكفېللېر «قانداق قىلىپ بىر تامچە كەپشەرلەش سۇيۇقلۇقىنى تىجەپ قېلىش» تەك ئىنچىكە مەسلىنىمۇ تەھلىل قىلمايىتتى – دە، ئۆز قولى بىلەن يېڭى تىپتىكى كەپشەرلىگۈچنىمۇ تەتقىق قىلمايىتتى، ئارقا – ئارقىدىن يۇقىرى ئۆرلەپ، ئاخىرىدا دۇنياغا داڭلىق نىفىت پادىشاھىغا ئايلىنىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
سوڭشىيا شىڭجىجۇ ۋە روكفېللېردىن ئىبارەت بۇ ئىككى باينىڭ كەچۈرمىشلىرىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، بايلىق يولىدا ئۆزىگە ئىشىنىش، باشقىلارنىڭ كۆز – قارىشى ۋەئويلىرى تەرىپىدىن ئېغىشىپ كەتمەسلىك، ئۆزىنى ئىسپاتلاشقا ماھىر بولۇش قاتارلىقلار بايلاردىن بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ھەربىر ئادەم ھازىرلاشقا تىگىشلىك ساپا.
شۇنىڭ ئۈچۈن، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولۇشنى ئويلاۋاتقان دوستلار، باشقىلارنىڭ كۆز –قارىشىنىڭ سىزگە بولغان چەكلىمىسىدىن تىزراق قۇتۇلۇپ چىقىڭ، ئەمەلىي نەتىجىڭىزئارقىلىق ئۆزىڭىزنى ئىسپاتلاڭ!
بايلىقنىڭ بايانى:
نامراتلارناھايىتى سەزگۈر، ئىرادىسى ناھايىتى ئاجىز بولىدۇ، باشقىلارنىڭ مۇنداقلا بىرنەزىرى ۋە خالىغانچە ئېيتىپ قويغان گىپىمۇ ئۇلاردا ھەرخىل خۇدۇكسىنىشلارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ: مەن بىر ئىشنى خاتا قىلدىممۇ؟ مەن ھەقىقەتەن كارغا كەلمەس بولۇپ، ھېچنىمىگە كېرىكىم يوقمۇ؟
بايلارئەزەلدىن بۇنداق ئويلاردا بولمايدۇ، ئۇلار باشقىلارنىڭ قارشى تۇرۇشى ياكى مەسخىرىسى سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ قارارىدىن ۋاز كەچمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار تەقدىرىنىڭ ئۆز قولىدا ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ كۆز –قارىشىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇ، بىراق ئۇ ھېچنىمىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ، پەقەت ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىلا ئادەمنى ئالدىمايدۇ.
*****************************************
مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى -ئويغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام
2014-يىلى .جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى