سۇجۇ ئاق قاشتېشى مېھمانسارىيى (جۇڭگۇدىكى چوڭ بازارلار 2)
خوتەن زىرە قاشلىرى جەمگاھى _________ سۇجۇ ئاق قاشتېشى مېھمانسارىيى
ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم يازمىسى
خوتەن قاشلىرى-جۇڭگۇنىڭ << دۆلەت گۈھىرى >> بۇلۇپ،خوتەن قاشگەرلىك مەدەنىيىتى 10000 يىللىق شانلىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتكەن.
جوڭگۇ مەدەنىيىتىنى قاشتېشى مەدەنىيىتىدىن ئايرىپ تەسەۋۋۇر قىلىش مۈمكىن ئەمەس.جۇڭگۇ قاشتېشى مەدەنىيىتىنى بېيىتىش ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قۇشۇپ كېلىۋاتقان سۇجۇ شەھىرى مەيلى تارىخىي دەۋىرلەردە بولسۇن،مەيلى ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قۇيۇلۇپ قاشتېشى مەدەنىيىتى ئۈچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بولسۇن يەنىلا جۇڭگۇ قاشتېشى مەدەنىيىتىنىڭ پاراۋۇزى بۇلۇپ كېلىۋاتىدۇ.
ئەقىل-پاراسەتلىك ئەجدادلىرىمىز تاش قوراللار دەۋرىدىن باشلاپلا خوتەن قاشلىرىنى بايقىغان ۋە ئۇنىڭدىن تۈرلۈك ئۇسۇلدا پايدىلانغان .سودا كارۋانلىرىمىز مۇندىن 6000 يىل بۇرۇنلا تارىختىكى <<قاشتېشى يولى>> ئارقىلىق ئىسىلخوتەن قاشلىرى ۋە نازۇك،سىپتا قاش ئويمىلارنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ئېلىپ كىرگەن ھەم جۇڭخۇا قاشتېشى مەدەنىيىتىنى بېيىتىش ئۈچۈن تىگىشلىك تۆھپە قوشقان.ئەجداد ئىزىنى باسقان سەزگۈر كارخانچىلىرىمىز بۈگۈنكى كۈندىمۇ خوتەن قاشگەرلىك مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تۇنۇتۇش ئۈچۈن توختاۋسىز ئىزدىنىۋاتىدۇ.ئىسىل خوتەن زىرە قاشلىرى جەمگاھى -سۇجۇ <<خوتەن ئاق قاشتېشى مېھمان سارىيى>>نىڭ خوجايىنى ئالىمجان ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر.
سىز قەدىمىي شەھەر سۇجۇنىڭ گۇچېڭ رايۇنىغا قەدەم بېسىپ خۇچىڭ دەرياسىنى بويلاپ ئىلگىرلىگىنىڭىزدە ئويغۇر ئۇسلۇبىدا ئۆزگىچە رەڭ-بېزەكلەر بىلەن بېزەلگەن، كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدىغان ئاق قاشتېشى مېھمان سارىيىنى كۆرىسىز. ئۇيغۇرئاشخانىسى،كىتاپخانا،ئازادە ياتاق رايۇنى ۋە تاللا بازىرى بىر گەۋدە قىلىنغان بۇ ساراي ئاددىي بىر مېھمانخانىلا ئەمەس بەلكى ئىسمى-جىسمىغا لايىق ھەقىقىي خۇتەن زىرە قاشلىرى سودىسى جەمگاھىدۇر.
2005-يىلى سۇجۇ ئۇنۋىرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن ئالىمجان 1980-يىلى قەشقەردە ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن . كىچىكىدىنلا سودىغا قىزىقىدىغان ئالىمجان ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدىلا ئۆزىنىڭ قوش تىل بىلىش ۋە سۇجۇنىڭ شارائىتىنى تۇلۇق بىلىشتەك ئارتۇقچىلىقى بىلەن شۇ مەزگىللەردە سۇجۇدا تىجارەت قىلىۋاتقان قاشگەرلەر بىلەن يېقىن ئۆتۈپ بىر تەرەپتىن ئۇلارغا ياردەملەشسە،يەنە بىر تەرەپتىن قېتىرقىنىپ خوتەن قاشگەرلىك كەسپىنى ئۆگەنگەن ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بۇ شەھەردە تۇرۇپ قېلىپ خوتەن قاش سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان.
ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئۇيغۇر قاشگەرلەرنىڭ قىيىنچىلىقى-تىل ۋە شارائىت بىلمەسلىك بولۇپلا قالماي ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق يەنىلا ياتاق،تاماق،بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئىدى.<<قاشگەرلىرىمىزنىڭ بۇ قىيىنچىلىقلىرى ھەل قىلىنسا،ئۇلار ئۆز ئۆيىدە تۇرىۋاتقاندەك خاتىرجەم ھالدا پۈتۈن زېھنى بىلەن تىجارىتىنى قىلىدىغان كۆلەملەشكەن،شارائىتى تولۇق بىر خوتەن زىرە قاشلىرى بازىرى قۇرۇلسا نېمە دىگەن ياخشى بۇلاتتى-ھە؟>>شۇ ئىستەك خىيالىدىن زادىلا كەتمەيدىغان ئالىمجان كۆزگە كۆرۈنگەن،ئىقتىدارلىق قاشگەر ئەكبەر ھاجىم بىلەن تەكرار پىكىرلىشىش ئارقىلىق ھەمكارلىشىپ ئون نەچچە مىليون مەبلەغ سېلىپ بۇ زامانىۋىي زىرە قاش بازىرىنى قۇرۇپ چىقتى ھەم ئىچكىرىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تارقاق سودا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قاشگەرلەرنىڭ سەرخىللىرىنى بۇ بازارغا توپلىدى.2012-يىلنىڭ ئاخىرىدا ئەكبەر ھاجىم<<ئەرقال كاپىتالى>> بىلەن ھەمكارلاشقاندىن كېيىن ئالىمجان بۇ مېھمانساراينىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ئۆزى مۇستەققىل ئۆتكۈزىۋالدى.
<<خوتەن قاش مەستانىلىرىنى <ئاق قاشتېشى مېھمانسارىيىغا ئەڭ ئېسىل،سەرخىل خوتەن زىرە قاشلىرى جەم بولغان،بۇ جايدىن مال سېتىۋالساق ئىشەنچىلىك بولۇپ سۈپىتىدىن مۇتلەق مەسىلە چىقمايدۇ>دېگەن قاراشقا ئىگە قىلالىساق،بۇ مېھمانسارىيىمىزنىڭ جۈملىدىن دىيارىمىز خوتەن قاش سودىسىنىڭ غەلبىسى ھېسابلىنىدۇ>>دېگەن ئىدىيەنى تىجارەت پىرىنسىپى قىلغان ئالىمجان مېھمانسارايدىن يىللىق ياتاق ئېلىپ سودا قىلىدىغان قاشگەرلەرنىڭ مېلىنىڭ سۈپىتىگىمۇ ئالاھىدە قاتتىق تەلەپ قويدى.نەتىجىدە جەمىئىي 132 ياتاقلىق بۇ ساراينىڭ 120 يۈرۈش ياتىقىغا دىيارىمىزدىن كەلگەن پىشقان،تەجرىبىلىك،بەلگىلىك ئەمەلىي كۈچكە ئىگە قاشگەرلەر ۋە خوتەننىڭ ئېسىل زىرە قاشلىرى ماكانلاشتى.
بۇ سارايغا كەلگەن ھەر بىر كىشى-مەيلى ئۇ تىجارەتچى،ساياھەتچى ياكى ئۇقۇغۇچىلار بولسۇن مېھمانساراينىڭ- ماتىرياللىرى دىيارىمىزدىن مەخسۇس كەلتۈرۈلۈپ،تۈجۈبىلەپ تەييارلانغان ئېسىل ئۇيغۇرچە تائاملار،يەرلىك مەھسۇلاتلار،ئازادە ياتاقلاردىكى كەسىپلەشكەن ئەلا مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بۇلۇش بىلەن بىرگە يەنە ساراينىڭ ھەقسىز ئارىيەتكە بېرىلىدىغان ئانا تىلىمىزدىكى كىتاب-ژۇرناللىرىدىن،تېلىۋىزىيە،تور،تەرجىمە ۋە قاتناش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
مېھمانساراي رەھبەرلىك كوللىكتىپىنىڭ توختاۋسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ،مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشى،قاشگەرلىرىمىزنىڭ يېقىندىن ماسلىشىشى،سۇجۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى،بازار شارائىتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىشى بىلەن بۇ بازارنىڭ نامى يىراق-يېقىنغا تارىلىپ جوڭگۇنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خوتەن قاش ئويمىچىلىرى،يېغىپ ساقلىغۇچىلار،مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە قاشتېشى ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىغان،كۆلەملەشكەن داڭلىق زىرە قاش بازىرىغا ئايلاندى.
ھازىر بۇ مېھمانساراينىڭ جەمىئىي 40 نەپەر خىزمەتچىسى بولۇپ .ئالىي مەلۇماتلىق باشقۇرغىچىلار كوللىكتىپى بۇ مېھمانساراينى نۇقۇل تاماق،ياتاق سېتىپ پۇل تاپىدىغان جايلا ئەمەس بەلكى ئېسىل خوتەن زىرە قاشلىرى سودىسى ئارقىلىق ئىناۋەت تىكلەيدىغان مەخسۇس بازارغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇھىمى خوتەن قاش مەدەنىيىتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈپ ،قاشگەرلىك تىجارىتىنى كەسىپلەشتۈرۈش،كۆلەملەشتۈرۈش،ئىلمىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن توختىماي ئىلگىرلىمەكتە.
مېھمانساراينىڭ ئادرېسى:سۇجۇ شەھىرى مويې يولى 1010-نۇمۇر
苏州市古城区莫邪路1010号
مۇلازىمەت تېلىفۇن:0512-67580808
بىز بۇ زىرە قاش بازىرىنىڭ دىيارىمىزنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى جۈملىدىن خوتەن قاشگەرلىك مەدەنىيىتىنى ۋە تائام مەدەنىيىتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈپ داڭلىق ماركا ،داڭلىق شىركەت يارىتىش يولىدا توختاۋسىز يېڭى نەتىجىلەرگە
ئېرىشىشگە تىلەكداشىمىز!
WWW.UYHQT.CN