A-A+

بايرىمىڭ بۈگۈن-خوتەن قاشتېشىم

2016-يىل 27-ئاۋغۇست ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 349 قېتىم

ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن رەيھانگۈل نىزام يازمىسى

605_meitu_11

مۇبارەڭ ئون يىللىق تويۇڭغا بۈگۈن،
يۈرۈڭقاش ياسىنىپ سېلىپتۇ ساما.
خوتەندە ياڭرىغان شادىيەنە كۈي،
ياڭرىسۇن تارىلىپ ئالەملەر ئارا.

**********

شۆھرىتىڭ مەشھۇردۇر جاھانغا سېنىڭ،
بارچە ئەل كۆزلىرى ساڭا تىكىلگەن.
چۈنكى سەن ۋەتەندە ئەجدادلىرىمنىڭ،
روھىدىن ئۆرنەڭ ئېپ پىشىپ يېتىلگەن.

**********

ئەجدادلار روھىنىڭ جۇلاسى سەندە
بولغاچقا مېھرىڭدىن يانىدۇ ئاتەش.
بەردىڭ سەن دىللارغا تۈمەنمىڭ سۆيگۈ،
مېھىرلىك تۇپراقتىن ئالغاچ ھارارەت.

**********

مۇبارەك ئون يىللىق تويۇڭغا بۈگۈن،
سۆيۈندى دىللىرىم مېھمانلىرىڭدىن.
ئون مىڭ يىل مۇقەددەم باسقان ئىزىمىز،
كۆرۈندى سەن ياققان گۈلخانلىرىڭدىن.

**********

يۇرتۇمنىڭ غۇرۇرى،ئۈمۈدى سەن قاش،
خەلقىمنىڭ شۆھرىتى،شاتلىقى سەن قاش.
چۆل ئەمەس بوستانغا ئايلانسۇن ئەبەت،
سەن بىلەن قاراڭغۇ،چەرچەن،قاراقاش.......

**********

مۇبارەڭ ئون يىللىق بايرام كۈنىڭگە،
يىغىپسەن ئەللەردىن مېھمان تۈمەنمىڭ.
ئۈمۈدۈم-تەڭرىتاغ،تارىممۇ تۈگەل،
ئويغانسۇن سەن سالغان شاۋقۇن سۈرەندىن.

**********

مۇبارەڭ ئون يىللىق بايرام كۈنىڭگە،
شۆھرەتلىك قەدىمىڭ باسسۇن جاھاننى.
سۆزلەپ بار بارغانلار يېرىڭدە ھارماي،
تارىمغا كۆمۈلگەن گۈزەل ئارماننى.

**********

يول ئۇچۇق سەن ئۈچۈن زېمىن باغرىدا،
جىسمىڭغا مۇجەسسەم چۈنكى يول خېتىڭ.
شۆھرەت تاپ جاھاندا يەنە ئون مىڭ يىل،
ئەي گۈزەل ،نۇرانە خوتەن قاشتېشىم.

2013-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ