A-A+

نامراتلار ئۆزىگە كەڭ قورساق كېلىدۇ، بايلار باشقىلارغا كەڭ قورساق كېلىدۇ

2015-يىل 4-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 237 قېتىم

نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ

( بىرىنچى كىتاپ )

29781515515736

5-باپ 8-پارىگىراپ

نامراتلار ئۆزىگە كەڭ قورساق كېلىدۇ، بايلار باشقىلارغا

كەڭ قورساق كېلىدۇ

 كەڭ قورساقلىق بىر خىل ئېسىل پەزىلەت، يەنە كېلىپ كىشىلىك مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى پاراسەت.

   داڭلىق يازغۇچى فاڭلوڭ ئىلگىرى ئۇنىڭ ئەسىرى «كەڭ قورساقلىق» تا «بۈيۈك بېرىتانىيە قامۇسى» دىكى كەڭ قورساقلىققا بېرىلگەن تەبىرنى نەقىل كەلتۈرۈپ شۇنداق دەيدۇ: «كەڭ قورساقلىق -باشقىلارنىڭ ئەركىن ھالدا ھەرىكەتلىنىش ۋە شەيئىلەرگە نىسبەتەن پىكىرىنى بايان قىلىشقا يول قويۇش، سەۋىرچانلىق ۋە قىلچە يەكلىمەسلىك ھالىتىدە ئۆزى بىلەن ئوخشاش بولمىغان كۆز – قاراشلارغا چىداشنى كۆرسىتىدۇ >>.

  ئەمەلىيەتتە، كەڭ قورساقلىقمۇ نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ پەرقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيىتقاندا، نامراتلار ئۆزىگە نىسبەتەن كەڭ قورساق بولۇشنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، بايلار ھەمىشە باشقىلارغا نىسبەتەن كەڭ قورساق بولىدۇ.

   بايلارنىڭ باشقىلارغا كەڭ قورساق بولۇشى ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە نىسبەتەن كەڭ قورساق بولۇشتۇر. چۈنكى باشقىلارغا نىسبەتەن كۆپرەك كەڭ قورساق بولغاندا، ئۆزىنىڭ ھايات يولىدىكى بوشلۇقمۇ كەڭرى بولىدۇ. ھاياتلىقتا دوستلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشى بولىدۇ، ھەرگىزمۇ دوستلارنىڭ كەمچىل بولۇشى بىلەن يالغۇز قېلىشقا بولمايدۇ. بايلار دائىم قىيىنچىلىققا يولۇققاندا باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلەيدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئادەتتە باشقىلارغا نىسبەتەن كەڭ قورساق بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

  سوڭشىياشىڭجىجۇ سوڭشىيا ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «تىجارەت پىرى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇ «ئۆزىگە قاتتىق، باشقىلارغا كەڭ قورساق بولۇش» نى ھاياتلىقنىڭ قىبىلنامىسى قىلغان. كارخانا تۇرمۇشىدىمۇ ئۇ مۇشۇ بۇيىچە قىلغان.

   1918 – يىلى سوڭشىياشىڭجىجۇ تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا كوللىكتىپ ياتاقتا تۇراتتى.مەكتەپنىڭ بەلگىلمىسى بۇيىچە، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ئۆيىنىڭ تازلىقىغا سوڭشىياشىڭجىجۇ بىلەن بىر نەچچە ساۋاقداش مەسئۇل ئىدى، ھالبۇكى باشقا ساۋاقداشلار ناھايىتى ھورۇن بولۇپ، كۈندىلىك دەرسخانا تازلىقىنى سوڭشىياشىڭجىجۇ ئۆزى يالغۇز قىلاتتى.سوڭشىياشىڭجىجۇنىڭ بۇنىڭغا ئاچچىقى كېلىپ، بۇ ئىشنى بىر يۇرتداش مەكتەپدېشىغا ئېيتىپتۇ، مەكتەپدېشى بۇنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمەي، پەقەتلا ئاددى قىلىپ: «سەن ئۆزۈڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى قىلدىڭ، ئۇنداقتا يەنە نېمىشقا باشقىلاردىن ئاغرىنىسەن؟» دەپتۇ.

   يۇرتدېشىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، سوڭشىياشىڭجىجۇ ئويلانغىنىچە كېتىپ قاپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ، شوڭشىياشىڭجىجۇ ھەرقانداق ئادەمگە ھېچقانداق چوڭ – كىچىك دوكلات قىلماي باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپتۇ، باشقا ساۋاقداشلارنىڭ ياردەم قىلىش – قىلماسلىقى بىلەن كارى بولماپتۇ. ئىلگىرى ھورۇنلۇق قىلغان ساۋاقداشلارمۇ سوڭشىياشىڭجىجۇنىڭ بۇنداق جاپا تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە ناھايىتى خىجىل بوپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارمۇ سوڭشىياشىڭجىجۇنىڭ تازلىق قىلىشىغا ياردەم قىلدىغان بوپتۇ.

  سوڭشىياشىڭجىجۇنىڭ باشقىلاردىن ئاغرىنماي، ئۆزىگە قاتتىق بولۇشى كۆپچىلىكنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپتۇ. كىيىنكى كۈنلەردە ئۇ ئاۋۋالقىدەكلا بۇخىل ئىش قىلىش ئۇسۇلىنى ساقلاپ كەپتۇ. ھەتتا سوڭشىيا گورۇھىنىڭ باش لېدىرى بولغان ۋاقىتلاردىمۇ ئۆزگەرتمەپتۇ.

   بىرقېتىم سوڭشىياشىڭجىجۇنىڭ قول ئاستىدىكى بىر خادىم خىزمەت تەجىرىبىسى كەمچىل بولۇش سەۋەبلىك، بىر قىسىم قەرزلەرنى يىغالمىغان. ئۇ ئاچچىقلىنىپ چوڭ يىغىندىلا بۇخىزمەتچىنى قاتتىق تىللىغان. ئىش ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن، سوڭشىياشىڭجىجۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن قاتتىق پۇشايمان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇ قەرز ھۆججىتىگە ئىمزا قويمىغانلىقىنى، خىزمەتچىنىڭ پەقەت تەستىقتىن ئۆتكۈزمىگەنلىكىنى ئويلاپتۇ، ئاندىن ئاساسلىق مەسئۇليەتنىڭ ئۆزىدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىپتۇ.

   ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ھېس قىلغاندىن كىيىن، سوڭشىياشىڭجىجۇ ئاكتىپلىق بىلەن ئۇ خىزمەتچىگە تېلفۇن بېرىپ سەمىمىيلىك بىلەن كەچۈرۈم سوراپتۇ. ئۇ كۈنى دەل خىزمەتچىنىڭ يېڭى ئۆيگە كۆچكەن ۋاقتى بولۇپ، سوڭشىياشىڭجىجۇ گۈل ئېلىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تەبرىكلەپتۇ، ھەمدە تەرگە چۆمۈلگىنىچە ئۆز قولى بىلەن ئۇنىڭغا ئائىلە جابدۇقلىرىنى يۆتكىشىپ بېرىپتۇ. خىزمەتچى ئۆز خوجايىنىنىڭ بۇنچىلىك سەمىمىيلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى تەسىرلىنىپتۇ، شۇىڭدىن باشلاپ خىزمەتتە تېخىمۇ تىرىشىپ، ئۆزىنىڭ بىخەستىلىك قىلىدىغان ئادىتىنى ئۆزگەرتىپتۇ.

   بۇ ئىش  كارخانىدا ئېغىزدىن – ئېغىزغا تارقىلىپتۇ، بىر چوڭ شىركەتنىڭ خوجايىنىنىڭ ئۆزىنىڭ سۆلىتىدىن چۈشۈپ بىر ئادەتتىكى خىزمەتچىدىن كەچۈرۈم سورىشى ھەقىقەتەن ناھايىتى تەس ئىدى.

   باشقىلارخاتالىق ئۆتكۈزگەندە، بايلار سوڭشىياشىڭجىجۇغا ئوخشاش ئۆزىنى تىنچلاندۇرۋالىدۇ، ئۆزىنىڭ مەسئۇليىتى توغرۇلۇق  قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلىنىدۇ، بۇنداقتا ئاچچىقلىنىش بىردەمدىلا يوقىلىپ كېتىدۇ.

   كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ راۋان بولۇشى، مەڭگۈ باشقىلار بىلەن سۈركىلىش بولۇپ قالماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. باشقىلار بىلەن توقۇنۇش پەيدا بولغاندا، ئەگەر كەڭ قورساق بولالماي «ئوتنىڭ ئۈستىگە ياغ چاچساق،» ئۆزىمىزنىڭ يولىنى تېخىمۇ تارايتىپ قويىمىز. نۇرغۇنلىغان نامراتلارنىڭ ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك، بىراق ئۇلار كەڭ قورساق بولۇشنى بىلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنىمۇ جارى قىلدۇرالمايدۇ،بۇ ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋال.

   بايلارنىڭ ئەگرى – توقاي سەرگۈزەشتىسى بىزگە ھەربىر ئادەمدە ئازاب – ئوقۇبەت بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. پەقەت كەڭ قورساق بولغاندىلا، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قىلغان ئەسكىلىكىنى ئۇنتۇغاندىلا ئاندىن تېخىمۇ ئىگىزگە قاراپ ئۇچقىلى بولىدۇ. ئەگەرھەمىشە ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلىدىغان ئادەملەرگە نىسبەتەن گۇمانلىنىش پوزىتسىيىسىدە بولغاندا، ئۆزىگە غايەت زور پىسخىكىلىق بېسىم ھاسىل قىلىۋالىدۇ، ھەمدەئۆزىنىڭ ساغلاملىقىغىمۇ تەسىر يەتكۈزۈپ قويىدۇ.

   كۈتۈنۈش نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، بىر ئادەمدە ھەمىشە قىساسكارلىق پىسخىكىسى بولسا،ئۆزى ئۇچرايدىغان زىيان قارىشى تەرەپنىڭكىدىنمۇ چوڭ بولىدۇ. بۇ خىلدىكى ئوزۇن مەزگىللىك قىساسكارلىق پىسخىكىسى ئادەمنى يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارغا گىرىپتار قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قەدىمكىلەر ھەمىشە كەڭ قورساق ھالەتنى ساقلاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. كۇڭزىنىڭ ئوقۇغۇچىسى زىگوڭ ئىلگىرى ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:«ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئەقىدىسى قىلىشقا ئەرزىيدىغان سۆز بارمۇ؟» كۇڭزى مۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ: «بار، بۇ سۆز دەل <كۆكسى-قارنى كەڭ بولۇش> تۇر».

   بايلار بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ، ئەلۋەتتە بۇنىڭ كۆرسىتىدىغىنى باشقىلارغا نىسبەتەن كەڭ قورساق بولۇش، ھەرگىزمۇ ئۆزىگە نىسبەتەن ئەمەس. بايلارنىڭ ئۆزىگە قويغان تەلپى ناھايىتى قاتتىق بولۇپ، ئۇلار بۇ جەمئىيەتتە رىقابەتنىڭ ھەممىلاجايدا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، سودا مەيدانىنىڭ جەڭ مەيدانىغا ئوخشايدىغانلىقىنى،ئۆزىنىڭ ھەربىر سۆز-ھەرىكىتىنىڭ ئۆزىنىڭ كەسپىي ئىشلىرىغا تەسىر قىلدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بايلار ئۆزىگە ناھايىتى قاتتىق مۇئامىلە قىلىدۇ، بۇ خىل مۇئامىلىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى ئازايتىشقا، ئەگرى يولنى ئاز مېڭىشقا پايدىسى بولىدۇ.

   دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، نامراتلار ئۆزىگە نىسبەتەن ناھايىتى كەڭ قورساق بولۇپ، ھەمىشە ھەرخىل باھانىلەرنى تېپىپ ئۆزىنى كەچۈرىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرى ۋەزىپىنى ئورۇنلىيالمىغان بولسا، مەسئۇليەتنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويىدۇ، ھەمىشە ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى كەچۈرۋەتكىلى بولىدۇ دەپ ھېس قىلىدۇ.

   ئوزۇن مەزگىل مۇشۇنداق بولغاچقا، نامراتلار پەقەت نامراتلىق ئىلكىدە جان تالىشىپ يۈرىدۇ،مەڭگۈ بايلىق كېمىسىگە چىقالىشى ناتايىن.

بايلىقنىڭ بايانى:

   كەڭ قورساقلىقنى بىلىدىغان ئادەم ئىشلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈردىغان، ئائىلىسىنى ئەمىن قىلىدىغان سىرنى بىلگەن بولىدۇ. خىزمەتداشلارنىڭ تەنقىدى، رەھبەرلەرنىڭ ئاھانىتى ۋە دوستلارنىڭ خاتا چۈشىنىپ قېلىشىدىن تۇرمۇشتا قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. ھەددىدىن ئارتۇق تالىشىش ۋە زەربە ئىشنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۋېتىدۇ،ئەكسىچە كەڭ قورساقلىق ئىشلارنى بىردەمدىلا ئىزىغا چۈشۈرەلەيدۇ. ئەلۋەتتە، كەڭ قورساقلىق بىر خىل كۈچ ھەرگىزمۇ ئاجىزلىق ئەمەس، يول قويۇش چوقۇم نىشانلىق ۋەپىلانلىق بولىدۇ، بۇنىڭدا ئاكتىپلىق ھوقۇقىنى قولغا ئالغىلى بولىدۇ، ئامالسىزلىق ۋە ئىلاجسىزلىق ھەرگىزمۇ كەڭ قورساقلىق ئەمەس.

    كۆڭلى –كۆكسى تار، كەڭ قورساقلىقنى چۈشەنمەيدىغان ئادەم ھەرگىزمۇ بايلىق يولىدا ئوزۇنغا ماڭالمايدۇ، ئەكسىچە ئۆزىگە قاتتىق بولغان، باشقىلارغا كەڭ قورساق بولغان ئادەم چوقۇم جامائەتنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، بۇ ئارقىلىق زور بايلىققا ئېرىشەلەيدۇ.

*****************************************

مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى -ئويغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام

2014-يىلى .جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ